ximal
ئىگىسى: eybuyaqup

ئارۇز گۈلىستانىدىكى _ ئەراپات ئابدۇرۇسۇل(9) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  536
يازما سانى: 45
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 141
تۆھپە : 0
توردا: 1
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-20 20:03:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
     ئىنىمىز ئاراپات ئۆزىنىڭ تارتىمىلىق غەزەللىرى بىلەن بىزگە ئۆزىنىڭ تالانتى ۋە ئۇيغۇر شىېئرىيىتىدىكى ئورنىنى بىلدۈرۈپ قويدى.  

Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1901
يازما سانى: 20
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 77
تۆھپە : 0
توردا: 8
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-21 01:17:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   
    ئابدۇسالام، پىكرىڭنى ئويلىنىش كېرەك.  بىزدە كىلاسسىك ئەدەبىيات تەتقىقاتىنىڭ ئىنتايىن تۆۋەن سەۋىيەدە بولۇشى، تەتقىقاتتا بىرىنچى قول مەنبەلەردىن پايدىلانماسلىق، نەزەرىيەۋى ئىنچىكە نۇقتىلارغا كۆڭۈل بۆلمەسلىك تۈپەيلى كىلاسسىك نەزەرىيەلەردىن يىراقتا قېلىۋاتىمىز! بۈگۈنكى دەۋر ئۇيغۇر ئارۇزى نەزەرىيەسىمۇ ئەلۋەتتە كىلاسسىك نەزەرىيەمىز ئاساسىدا بولىدۇ. كىلاسسىك ئۇيغۇر ئارۇزىدا بوغۇملارنىڭ سۈپىتىگە ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىلگەن. يەنى ئۇزۇن قىسقا بوغۇملار پەرقى ئېنىق ئايرىلغان. مەسىلەن «شېرىن» دېگەن سۆز كىلاسسىك ئارۇزدا چوقۇم ۋە چوقۇم ئىككى ئۇزۇن بوغۇم قىلىپ ئايرىلىدۇ. سەبەبى ئۇنىڭ تەركىبىدىكى ئىككى سوزۇق تاۋۇشنىڭ ھەممىسى ئۇزۇن سوزۇق تاۋۇش! ئەمدى بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇر ئارۇزىدا ئۇنىڭغا قانداق مۇئامىلە قىلىش كېرەك؟ كىلاسسىك ئارۇزنىڭ قائىدىسى بويىچە مۇئامىلە قىلىش كېرەكمۇ ياكى قانداق بوغۇم قىلساق بولىۋېرىدۇ، ئىنتوناتسىيەگە قاراپ پەرقلەندۈرىمىز دېيىش كېرەكمۇ؟ مۇنبەردىمۇ كۆرىۋاتىسەن، يوللىنىۋاتقان غەزەللەردە «نىگار» بىلەن «دىدار» سۆزىنى قاپىيە قىلىپ ئىشلىتىش بار، كىلاسسىك ئارۇزغا قارىساق بۇلار  قىسمەن ئالاھىدە ۋەزنلەرنى مۇستەسنا قىلغاندا، باشقا ۋەزنلەردە ھەرگىز قاپىيە قىلىنمايدۇ! چۈنكى بۇ ئىككى سۆزنىڭ ۋەزنى قەتئىي ئوخشىمايدۇ.  شۇڭا بۇ ئەھۋاللارغا قانداق مۇئامىلە قىلىش كېرەك؟ بىزدە ئارۇز نەزەرىيەسى، بولۇپمۇ شائىرلار، ئوقۇغۇچىلارغا دەرسلىك ئارۇز كىتابلىرى يوق، بۇنداق ئەھۋالدا كىمدىن رەنجىگىلى بولىدۇ؟ ئەگەر كىلاسسىك ئارۇزنى ئۆلچەم قىلساق، ئۇچاغدا شائىرلارغا ئارۇزنى ئۆگىتىش كېرەك، ئەلۋەتتە بۇ مۇمكىن بولمايدۇ. پەقەت شۇ كىلاسسىك ئارۇزغا قىسمەن ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈپ، ئېنىقىنى ئېيتقاندا ئۇنىڭ قائىدىلىرىنى سەل بوشۇتۇپ، بۈگۈنگە لايىق ئارۇز سىستېمىسى ئىشلەش كېرەك.
        ئاندىن، رۇبائىي توغرىسىدا شۇنچە گەپلەر بولدى،لېكىن يەنىلا پىسەنت قىلىنمىدى. شۇنچە ئۇلۇغلاپ بېشىمىزغا ئېلىۋالغان نەۋايى بوۋىمىز بىلەن بابۇر بوۋىمىزنىڭ رۇبائىي توغرىسىدىكى پىكىرلىرىمۇ ئېنىق كۆرسىتىلدى. كىلاسسىك شائىرلىرىمىز ئەمەل قىلدى، يېڭى نەرسە ئىجاد قىلغۇسى كەلسە ھەم يېڭى نام قويدىيۇ ساختا تاۋار ياسىمىدى! لېكىن بىز ساختا ئادىداس، ساختا نايكلارغا يانداش قىلىپ ساختا رۇبائىيلارنى ياسىدۇق! نامى رۇبائىي ئەمەلىيەتتە ئۇنداق ئەمەس. ئاشۇلاردىن سورىغۇم كېلىدۇ، بۇرۇن نېمىشقا تۆت مىسرالىق ھەممە شېئىرنىلا رۇبائىي دەپ ئاتىماي، تۆتلۈك، رۇبائىي، دۇبەيتى، قىتئە دەپ ئايرىم ئايرىم نام بىلەن ئاتالغاندۇ؟ نېمە سەۋەبى باردۇ؟
       ئەھۋال شۇنداق، ئارۇز بىر ئىلىم، يېڭى نەزەرىيە يارىتىلىپ قالسا كىممۇ پىسەنت قىلا؟
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەرافات.م تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-8-21 01:34  

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  248
يازما سانى: 218
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 725
تۆھپە : 0
توردا: 148
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-21 18:46:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
          ئەرەفات، راست دەيسەن، كىلاسسىك تۈركىي ئارۇزدىن ئۆتمەي تۇرۇپ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئارۇزىنى بەرپا قىلغىلى بولمايدۇ. لېكىن مېنىڭ تىل- يېزىق ئىشلىرىدا ھارۋىنىڭ شوتىسىغا كىرىۋالغان چوڭاملىرىمىزدىن سوراپ باققۇم كېلىدۇ. بىرەر سۆزنى بېكىتىشتە شەكىلدە باشلىق سايلىغاندەك ئاۋازغا قويۇپ شۇ سۆزنى بېكىتىش - بېكىتمەستە چۈشكەن ئاۋازلارنى ساناپ يۈرگىچە ئاتا - بوۋىلىرىمىز شۇ سۆزنى قانداق ئىشلەتكەن بولغىيتى، دەپ ئىزدىنىپ باقسا بولمامدىغاندۇ؟ كىلاسسىك ئۇيغۇر (چاغاتاي) تىلىدىكى «دەۋزەخ» نىڭ «دوزاخ»، «دەۋلەت» نىڭ «دۆلەت»، «شەمئ» نىڭ «شام»، «مەئرىفەت» نىڭ «مەرىپەت» بولۇپ ئۆزگىرىشى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا يېزىلغان غەزەللەر بىلەن كىلاسسىك ئۇيغۇر ئارۇزى ئوتتۇرىسىدا بوشلۇق پەيدا قىلىپ قويماقتا. مەن بۇ سۆزلەرنى ئەسلىگە قايتۇرۇشنى تەرغىپ قىلمايمەن، لېكىن ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئارۇزى بىلەن كىلاسسىك ئۇيغۇر ئارۇزىنى ئېنىق ئايرىپ بېقىشنى سىناپ باقساق دەيمەن. ئەلۋەتتە بۇسىناقتىن ئەڭ ئاۋۋال كىلاسسىك ئۇيغۇر ئارۇزى ۋە ئەرەپ، پارس، تاجىك ئارۇزىدىن خەۋەردار بولماي تۇرۇپ ئۆتكىلى بولمايدۇ، دەپ ئىشەنگىنىم ئۈچۈن سېنىڭ كىلاسسىك  ئارۇزنى ئۆگىنىشكە قىلغان دەۋىتىڭنى قوللايمەن ۋە بۇ ھەقتىكى ئىچىنىشلىرىڭغا شىرىكمەن. خۇدا سېنى بىزدىن، ئارۇزنى سەندىن ئايرىمىسۇن!...

          رۇبائىي ھەققىدە تىركىشىۋاتقان ۋە شۇ نامدا بىر نىمىلەرنى جىجاپ يۈرگەنلەرمۇ ئۆز بىگىنىنى قىلىپ يۈرىۋەرسۇن. چۈنكى ئۆز ئىسىملىرىنىڭ مەنىسىنى بىلمىگەندەك يېزىۋاتقانلىرىنىڭمۇ نېمىىكىنى بىلمەيدىغانلار بار. لېكىن ھەر ھالدا ئۇلارنىڭ ئىقتىدارى ھامان بىر كۈنى كارغا كەپ قېلىشى مۇمكىن دەپ ئويلايمەن. بىر كۈنلەر كەلگەندە ئەنە ئاشۇلارنىڭ ئىقتىدارى بىلەن ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئارۇزىنى شەكىللەنمەيدۇ دەپ كىم ئىيتالايدۇ؟

           ئاۋۋال سەن ئىشنى باشلا، ئاندىن نېمە گەپ بولسا دېيىشىمىز...

يا بىر گەپ ئېيتىمەن، يا بىر گەپ ئىشتىمەن...

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش