يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 2439|ئىنكاس: 19

ئارۇز گۈلىستانىدىكى _ ئەراپات ئابدۇرۇسۇل(9)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەراپات ئابدۇرۇسۇل.1986-يىلى 12-ئاينىڭ26 -كۈنى چاپچال ناھيەسىنىڭ قاينۇق يېزىسىدا تۇغۇلغان.باشلانغۇچ،ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى ئۆز يېزىسىدا تاماملىغان.2010-يىلى7-ئايدا شىنجاڭ ئونىۋېرسىتېتىنىڭ قانۇن پەنلىرى كەسپىنى پۈتتۈرۈپ،چاپچال ناھىيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە خىزمەتكە ئورۇنلاشقان.2011-يىلى 3-ئايدىن بىرى شىنجاڭ مالىيە-ئىقتىساد ئونىۋېرستېتىنىڭ سىياسي-قانۇن كادىرلىرىنى يېتىشتۈرۈش بازىسىدا داۋاملىق تەربىيەلىنۋاتىدۇ.      
ئۇ «ئىلى دەرياسى» ژۇرنىلىنىڭ 2006-يىللىق5-سانىدا ئېلان قىلىنغان «ئارمانلىرىم» سەرلەۋھىلىك شېئىرى بىلەن رەسمىي ئىجادىيەت سىپىگە كىرگەن. ھازىرغىچە ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك گېزىت-ژۇرناللاردا 50 پارچىدىن ئاتۇق شېئىرى ۋە قانۇنغا ئائىت ئىلمىي ماقالىلىرى ئېلان قىلىنغان. «مۇۋەششەھلەر» تېمىسىدىكى بىر تۈ*ركۈم شېئىرى «باغداش» تورى تەرىپىدىن 2-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. «ناۋاي قىز»، «يۈرىكىم بىر ئىتتۇر كەتكەن ئېچىرقاپ» قاتارلىق شېئىرلىرى «سۇنىڭ سايىسى» ناملىق بىرلەشمە توپلامغا تاللاپ كىرگۈزۈلگەن.
ئەراپات ئابدۇرۇسۇلنىڭ ئارۇز ۋەزنىدە ئېلىپ بارغان دادىل سىناقلىرى ۋە قولغا كەلتۈرگەن ئۆزگىچە مۇۋەپپەقىيەتلىرى دىققىتىمىزنى ئالاھىدە تارتىدۇ. بىز ئەراپاتنىڭ بۇندىن كېيىنكى ئىجادىيىتىگە ئۇتۇق تىلەپ بىر تۈ*ركۈم غەزەللىرىنى ھۇزۇرۇڭلارغا سۇندۇق.  
___ مەسئۇل مۇھەررىردىن   
                                       
مېنى زەررەتلەيدىغان مەنىۋى كۈچلەر ئىچىدە شېئىر موھىم ئورۇن تۇتىدۇ. گەرچە شېئىر يىزىش ۋە ئوقۇش مەۋجۇتلىقىمدىكى مەجھۇل تەرەپلەرنى تەلتۆكۈس يورىتىپ بىرەلمىسىمۇ،ئۇ زاھىرىم بىلەن باتىنىمنى تۇتاشتۇرۇپ تۇرغۇچى تونىل. كېلاسسسىك ئېتىقاتتا يېڭىلىققا ئېنتىلىش مېنىڭ ئىجادىيەت مىزانىم.ئىچمدىكى بارلىق ۋە تېشىمدىكى يوقلۇق مېنىڭ ئىلھام مەنبەيىم.مەن  مەنىۋىيىتىمگە شېئىر ئارقىلىق ئىستېلا ئىلىپ بېرىشقا ئۇرىنىمەن. مەغلۇبىيەت مېنى ئېتىراپ قىلمىغۇچە،مەنزىل تاماسىدىن ۋاز كەچمەيمەن.
___ ئاپتوردىن

جۇنۇن بەھرى
1
نالىسى ئول نامىلەرگە پاتمىغان پەيۋەندە كىم؟
ئىشقى ئۆچكەن لالىلەرگە ئالجىغان شەرمەندە كىم؟
ياندى بىسلار،بۇ جاراھەت پەنجىدىن قان توختىماي،
ئىنتىھاسىز زارىلەرگە چاڭقىغان بەخشەندە كىم؟
رەھمى يۈتكەن رەزگىلەرمۇ بەردى ئوتقا رەغدىنى  ،
سەللە ئوراپ،سەدرىلەرنى ئەيلىگەن دەپسەندە كىم؟
غەمزى ھىسلار ئارمىغان ئۆز تۇغمىدا جان غەزنىگە،
روھ ئوتىغا قوشمايىن رەڭ كەلدى ساقلاپ تەندە كىم؟
يايدى ئىشقىم جۇيلىشىنى بۇ جۇنۇنلۇق كۈللىگە،
شاھ بېشىنى شامغا ئۆرتەپ،جانغا كىيدى جەندە كىم؟
چۈش سىياقتا خانىلەرگە چۈشتى ئەنقا سايىسى،
قالمىغان رىزقى ئۈچۈن ھىچ قالدىلەر يوق  غەمدە كىم؟
بەرگىلى بەلكىم بىشارەت يوق ئەمەس ئالەم ئارا،
مەنزىلىن تاپماق ئۈچۈن  مەنزۇرغا بۇ مەرتەمدە كىم؟
2
كەل،ئېشىق توقماقلىرىڭدا ئۆكسىگەن ئاۋازنى چاق!
ئوت سونۇپ چاقماقلىرىڭدا  ئاسقىغان پەرۋازنى چاق!
بۇرجى يوق روھلار تېنىمدىن تاپقۇسى تۈڭلۇك دىبان،
قىسمىتى ئۆزلۈك ئېڭىدىن ئۈركىگەن  ئەندازنى چاق!
خار بەخت بەھرىڭ كۈيىگە قىلمىساڭ جەھلىڭنى جەم،
جېسمىدىن تانغان جېنى جەسسەتسىمان ئەلپازنى چاق!
ئەرـ ئوغۇز جەڭلەردە شەمشەر ئۇرمىغان سۈڭرە ۋەتەن،
يارغا ياۋ ھۆرسە،يېڭىنى تۈرمىگەن سەرۋازنى چاق!
جانى تەق كۆرمەككە ئاشىق ئول سەنەم سايىسىنى،
ئەھدى بار ،ئەمما ئەمەلگە رەغدى يوق رەڭۋازنى چاق!
بىر سىقىم تۇپراقتا ئەكسىن تاپقۇسى ئاخىر زامان،
ئالتە كۈن ئاھىڭنى ئۇتقان بىۋاپا تەننازنى چاق!
قازىلىق بەش كۈن نېسىپ بۇ پەللىدە مەنزۇر ساڭا،
كۆپنى كۈن كۆرمەككە ھەم ئىبرىتىگە ئاز-ئازنى چاق!
3
دەرتنى قىل زىيادە ،غەم بالالەرنى سەنەمدىن كۆر.
روھنى قىل ئازادە،ھەم داۋالەرنى سەنەمدىن كۆر.
لەھزە ئەبغانسىز يۈرەشنى چاغلىماس ئاشىق ۋىسال،
تاغنى تىترەتكەن ئۇلۇغ ناۋالەرنى سەنەمدىن كۆر.
چاڭغىغان زاھىرلىقىمدا چايقىلار ۋەھدەت سۇيى،
روھ تامان پەر قاققىلى سامالەرنى سەنەمدىن كۆر.
ئىپتىدا بۇلدى ئازاپتا ئىنتىھا  بولغاي يەنە،
قان يۇتۇپ قالساڭ سەۋر سالالەرنى سەنەمدىن كۆر.
تاج كېيىپ تەنھالىقىغا تاپتى بەرھەم قايسى شاھ،
مەشرەبى تاپقان بۈيۈك باھالەرنى سەنەمدىن كۆر.
لەڭ ئۇرار ئەرلىك مەقامى بۇ ئىشىق ئەينىكىدە،
تاپقىلى ھەم ھوش دىلى قارالەرنى سەنەمدىن كۆر.
گېن ئالار كىمدىن نەسىبەم بولمىسا گىريان قېنىم،
نەرقىنى تاپقان قەۋىم بازالەرنى سەنەمدىن كۆر.
مەشرىقى-مەغرىبتە يوقمىش دەردى مەنزۇرغا شىپاھ،
تاپقىلى ئاخىر ئارام قازالەرنى سەنەمدىن كۆر.
4
لەيلىدىن ئىزدەپ ئىشىق باردىم ساياق مىڭ بىر كېچە.
رەزگىدىن مىڭ ئالتە يۇز يېدىم تاياق مىڭ بىر كېچە.
كىردى غايىپ بۇ جۇنۇنلۇق تەنگە قاي جادۇ بىلەن؟
جاننى ھەم جانان ئۈچۈن  قىلدىم تالاق مىڭ بىر كېچە.
قەقىنۇس قان قۇستى قەلبىم پارچىسىنىڭ تەپتىدىن،
ياۋغا ئوتتەك ئاھلىرىمنى قىلدىم ياراق مىڭ بىر كېچە.
بىر تىنىق چەكسىزلىكىمنى ئالدى چەكلىك پەنجىگە،
ئەرلىكىمنى ئەركىگە قىلدىم قاماق مىڭ بىر كېچە.
ئاھ،سەمەندەر ھالى چۈشتى بۇ سەپەر قىسمتىدىن،
بىر قەدەم يۈرمەككىمۇ ئالدىم ساۋاق مىڭ بىر كېچە.
كەيپى تۇتسا،تاغلىرىمۇ تۇرمەيىن يەڭ بىئامال،
يەتتە ئىقلىمدىن يەنە ئىزدەپ قاۋاق مىڭ بىر كېچە.
زەربەدەس قەددىم،زەئىپ قەلبىمگە بولدى خام تالاش،
ئۆز يېغىمدا پىشۇرۇپ تۇتتۇم تاۋاق مىڭ بىر كېچە.
نە ئەجەپ مەپتۇنلىقىمدىن تاپسا مەنزۇرلۇق كامال،
مىڭ ئۆلەي باسقانلىرىم چىقسا پالاق مىڭ بىر كېچە.
5
مەنىگە جاي راسلىماي  جاندىن جۇدا  مەزمۇنلىرىم.
لەيلىگە جان سازلىماي كەلدى ئۇدا مەجنۇنلىرىم.
كەيپى تەشنالىق كېسەلگە ئايلىنىپ كەلدى ئەجەل،
ئەگدى باش ئۈكسۈشكە ئاھ،خائىن ئىكەن مەمنۇنلىرىم.
پاتمىغان ئەردىم جاھانغا  پاتسا تېرەمگە سۈڭەك،
داملىغان مەۋجۇتلىقىمنى قىلدا خار مەجھۇللىرىم.
نۇرغا زار كەلدى ئۇزاقتىن بۇ تۇمانلىق چوققىلار،
مىڭ ئەلەم،تۈن بەزمىسىدىن تۇرمىدى مەسئۇللىرىم.
ئەل تىكەن ئۇرسا يارامغا ۋەجى يوق يىرتتىم ياقا،
جەزبىسىز گۈللەرنى ئىشغال ئەيلىدى ئەپسۇنلىرىم.
دادلىماق بولدى نىسىۋە ئالدىدا ئاچماي چېچەك،
ئەتىگە ئاقتى قەلەمدىن قان بولۇپ مەرغۇنلىرىم.
توشتى پەريادقا پەلەكلەر، توشمىدى پەيمانى دىل،
قاي زامان تاپقاي مۇلاقەت مەن بىلەن مەنزۇرلىرىم.
6
ئەلقىسە، ئىنسانلىرىڭنىڭ  ئىشقىغا ئىلاجى يوق.
ئىشقى يوق ئىمكانلىرىڭنىڭ رىزقىغا راۋاجى يوق.
تىك يۈرەر مەجرۇھلىرىڭغا تىغ ئۇرۇپ قىل تەندۇرۇس،
ئەرگە ئۆز تەنھالىقىدىن  ئۆزگە خوپ تىلماچى يوق.
كەلمىدى رەسۋالىقىمدىن باش مۇناسىپ سەللىگە،
شاھ ئېتىم شەرمەندىلىكتۇر ئاسقىلى گۈلتاجى يوق.
سادىغان بەرى بېساتىم ئال،كىشىلىك قەرزىگە،
ۋەسۋەسى ئازغۇن خىيالغا تۇتقىلى خىراجى يوق.
مەن قەلەندەر،شاھقا بىرەي باتىنىمدا بارىنى،
ئالغىلى ئاشىقلىقىمدىن  ئاللاكىمنىڭ باجى يوق.
مەي ئىچىپ مەھزۇن دىلىغا كەتتى مەنزۇر يار تامان،
خۇشناۋا زەرداپلىرىمنىڭ زەرگە ئىھتىياجى يوق.
7
ئال سەدىقە،بۇ جۇنۇندىن جان خالاس بولسۇن مېنۇت.
سال سەلىقە،خانىلەر موڭ ئەۋجىگە تولسۇن مېنۇت.
خۇمسىلار خار قىلدى جوشقۇن كۈيلىرىمنى بىسۇراق،
بەر قارار ئاشىقلىرىڭمۇ ئەنجۇمەن قۇرسۇن مېنۇت.
ئۆتتى ئىرالار تەسەللى تاپمايىن ئوت تەپتىدىن،
قاغجىراق قايناملىرىم ۋەسلىڭگە تەق تۇرسۇن مېنۇت.
زىلزىلە ياندى ،قاچانلار ئەمدى خىلۋەت نە كېرەك؟
خۇش دىدار ئىسيانلىرىڭغا زەردى تىغ ئۇرسۇن مېنۇت.
بۇ ئىجىرقاش تاڭلىرىمنى  قىلدى تۈنگە سۇرگۇناھ،
ئاچ،قەلەندەر ئايۋىنىڭدا دۇرت ئوقۇپ،قونسۇن مېنۇت.
تەر ئىقىپ تەنھالىقىمدىن بولدى پاك كەيپىم ھارام،
نۇش ئېتەي،مەنزۇرغا ساقىي كاسىلەر سۇنسۇن مېنۇت.
8
مەشۇقى مۇشتاق بولۇپتۇر بۇلبۇلى خەندانىغا.
ئاشىقى چىقماق بولۇپتۇر گۈلگۈنى مەيدانىغا.
مەرى يوق،بىھىس ھاياتنىڭ بىر بىگانە پەيتىچە،
كەل يېنىپ ئالغاچ ئوتوڭدىن بۇ جۇنۇن جەريانىغا.
بىر يۇچۇن ئارلىق ئارادۇر بارلىقىڭ ھەم يوقلىقىڭ،
غەم-بالا ئاز-ئاز كىلەرمىش غەيرىتى چەندانىغا.
بىنەزەر، چاۋىمنى چىتقا يېيىسا داغۋازلىقىم،
گەر يېنىپ كەلسەم يۈرەككە كەپتىلەر ھەيرانىغا.
باش ئېگىپ سۈلھىگە ساتقىن بۇلما،باتىن شاھىغا،
تىغ يىسەڭ ياتتىن،يانارسەن ئۆزلۈكۈڭ جەۋلانىغا.
تەس ئىشق ئىزھارلىماقتىن بەرمىكىڭ لايىق ئىزاھ،
قايىت ،ئوسال ئالجىشلىرىڭدىن ھاسىلى ئەبغانىغا.
مەي سوۋۇپ كەتتى نىچاغدا سوغ خۇمار بەرمەي تۇتۇق،
پۈتمىگەي ناخۇش غەزەلمۇ پۈتمىسە پەيمانىغا.
سەن تامان چاچتىم كۈلۈمنى چاچلىرىڭدا ئال يىغىپ،
ئىلتىپات بولسۇن شېھىتلىق مەنزۇرى ــ ۋەيرانىغا.
9
چۆرگىلەر چەرخىم چىقالماي كۈندە دەردى يارىدىن.
ئارمىغان ئەتمەس ئازاپتىن ئۆزگىنى ئۇ بارىدىن.
جان چىقۇر دەپ جىلۋىسىدىن ھەر سەھەر يىرتتىم ياقا،
بىر ئۆلۈم بەرسە،ئۆلۈم بولمايتى زۇلفى دارىدىن.
سۆزگە سۆز بەرداش بىرەلمەس سۆيگۈ دەپ قىلسام نىدا،
ئوت كۆيۈپ ئۆچتى ۋۇجۇدنىڭ ئوتقا تەڭكەش تارىدىن.
بىر غۇلاچ ئۆمرۈمگە چوڭقۇر پاتتى پىغان شەمشىرى،
مىڭ ئەسىر ئۆتتى مېنۇتتەك لەرزى دىدار ئارىدىن.
يىلغلىدىم،بەلكى يىغامدىن كەتتى ئاتەش ئۇلغۇيۇپ،
تاپسا،دەپ داخاننى يىغدىم دىلغا دەرمان چارىدىن.
ئەمدى ئالەم نەغمىسىدىن نە تاپاي نۇسرەتنى مەن،
تەركىي جان بولماققا بىر جاي ئىزلىدىم دىل غارىدىن.
قانچە چىققانچە مېنىڭدىن شۇنچە چۆكتىم مەن ساڭا،
زۇلمىتىڭگە شەمئىي ياققاي مەنزۇرى ئاھ-زارىدىن.
10
غەمگە تەق تۇرغۇزدى قانغا  تارقىلىپ زەرداپلىرىڭ.
قانچە باش ئۇرغۇزدى چاچتەك چايلىقىپ مەيزاپلىرىڭ.
بىناۋا  ھىسلارغا قەلبىم بىمالال بولدى ئوچاق،
يۈتمىدى زارىمنى بىر رەت زەر يۈتەر زەربابلىرىڭ.
يوق قاياش،ھالىم قەلەندەر ھالىدىن ھەسسە ئۆسال،
بىر كۆرۈپ سايەمنى مۆكتى سايىۋەن ئەرباپلىرىڭ.
بۇ نىچۇك:سوقتى شاماللار خەستە روھىم شامىنى،
سۆيگۈسىز كۆزلەرگە سۈتتەك يوپيۇرۇق ئەتراپلىرىڭ.
چۈشمىكىم چىللەڭگە ئەمدى بىر ئۇزۇن چۈشتۇر ماڭا،
موزغا ئوت چاچتى يۈرەكنى ئېرىتىپ ئاپتاپلىرىڭ.
مەن قاچان قىسسەڭگە قالدىم مۇنچە مۇشتاق قۇل بولۇپ،
جاننى ئىپ جاڭگالغا تاشلار  تىڭشىسام ھەر بابلىرىڭ.
مەنزۇرى ئاشىق ئۆيىگە سۈرگۈناھ ئۈشبۈ كېچە،
چەكمىسەڭ ئىشكىمنى چىققاي ئەۋجىگە بەرباتلىرىڭ...
11
سەن جاھاننى نە قىلارسەن ،مەن جاھاننى نە قىلاي؟
زەردۇگۈش ئەتكەن دىلىمنى ئاي جاناننى نە قىلاي؟
ئاھ،مېنىڭ مەزلۇم جېنىمغا جىن بولۇپ چاپلاشتى كىم؟
ياخشىنى يالغۇز يولۇمغا ياكى ياماننى نە قىلاي؟
بۇ ساياق سائىللىقىمدىن سەلتەنەت تاپتىم ئەمەس،
ئاقمايىن ئاستىمدا تەر ئالتۇن خاماننى نە قىلاي؟
نەپرىتى بولسۇن نەسىبەم بولمىسا مىھرى ماڭا،
سۈلكىتى ئىبلىس،سۈرى يۈتكەن قاۋاننى نە قىلاي؟
قۇرق،تىلىم، سۆزلەر قىزارسا ئازمىقىڭ تەھقىق،لېكىن،
ھەقنى جار ئىيتالمىغان  تىلسىز ناداننى نە قىلاي؟
جەسسىتىم قالغان جاھاندا جەننىتىم قىلسۇن نېمە؟
مەنزۇرى تۇرسا ،مۇساپىر قىلغان ماكاننى نە قىلاي؟!
12
ئوت قالاپ ئىستەكلىرىمنى ئۆرتىگەن جانان قېنى؟
چۈش سۈراپ چەكسىزلىكىمدىن ئىزدىگەن ئارمان قېنى؟
ئاقتى قان ئېرىقلىرىمدىن تۈن ئارا كۆزلەپ ئېكىن،
ئارمىغان ئەيلەپ جېنىمنى ئالغىنىم خامان قېنى؟
ئاشتى تەن ئاشىقلىقىدىن، ئۆزگىسى كەتتى نېسى،
ھەممىدىن بەرمىش بىشارەت سۆزى بال، پالۋان قېنى؟
ئازغىنىم ئەيبىم،ئازاپقا پاتمىقىم بىر سىر ئېنىق،
ئايلىنىپ كەزسەم جاھاننى گۈل سىياق ئازغان قېنى؟
ئوخشىماس قىسمەت، ئۇشۇقتۇر غەم ئوتى ئەمما ماڭا،
ئەي مېنى،سۆيگەن چىرايلىق،سۆزلىرى يالغان قېنى؟
مەنزۇرى بولماي ،مۇھەببەت بەھرىگە چۆكمەك قېيىن،
ئالتە كۈن ئۆتمەي يۈرەكتە جەسسىتى قالغان قېنى؟
13
ھاياتىڭ بىر گۈھەر ھەسرەت چېكەرسەن مىسقا ئايلانسا.
غەنىمەت دەملىرىڭ غەپلەت ئوتىدا ئىسقا ئايلانسا.
دىلىڭدا دەۋرىگەن پاكىز تىلەكلەر بەھرىدە ئۈز،خوپ،
كامالەت تاپقۇسى سۆيگۈ سۈڭەكلەر ھىسقا ئايلانسا.
نېچۈكمۇ يار ئۈچۈن ئاققان يېشىمدىن ئاقمىسۇن ھىجران،
تۈنۈگۈن نازىدا غىلمان،بۈگۈن ئىبلىسقا ئايلانسا.
تۈنىدە يالجىغان شامدىن ئەجەپ نۇر بالقىماس تاڭدا،
بولۇر بۇ چەرخى پەرۋاسىز ئۇزۇن ھەم قىسقا،ئايلانسا.
تەپەككۇر كۆزىدە باقسام تېكەنلەر خۇشپۇراق چاچمىش،
تەئەججۇپ يۇتمىقىم نە ھەق كېسەكلەر خىشقا ئايلانسا.
بۇ ھىجران پەيتىدا پىغان چېكەيلى كەلگىنە، مەنزۇر،
بۇلارىم نە ماڭا مەجھۇل باھارىم قىشقا ئايلانسا.

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2012-4-19 18:43:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاراپات ئابدۇرۇسۇل ئىجادىيەت  باغچىسىدا  ئۆزگىچە چېچەككە ئىگە بىر شاخ . ئۇنىڭ مېۋىسى كۈنسايىن پىشىپ يېتىلىپ ئوقۇرمەنلەرنىڭ مەنىۋى تەشنالىقىنى قاندۇرۇپ، يازمىلىرى شېئىرىيەت تېرىتىرىيىسى ئىچىدىكى ئارۇز ئاپتۇنۇمىيىسىنى مىللىي كىملىك بويىچەجۇلالاندۇرغۇسى.

ۋاقتى: 2012-4-19 19:31:49 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
غەزەللىرىڭىز نى ياقتۇرۇپ ئۇقۇۋېتىپ سىزگە قاناتلىق ئىلھام تىلىدىم.

ۋاقتى: 2012-4-19 20:56:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەراپات سىزنىڭ مۇۋاپىقيەتلىرىڭىز ماڭا ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى جەنۇب، شىمال ئەدەبىي ئېقىملىرىنىڭ ۋە شېئىرىيەت ئەنئەنىسنىڭ ئۆتۈشۈش ھادىسىدىن دىرەك بىرىدۇ. ئەسلى ئارۇز ئوچاقلىرىدىن بولغان قەشقەر ۋە خوتەندە سىزنىڭ دىيارىڭىزدىكى ئەنۋەر ناسىرى دىن قالغان چاچما شەكىلنى «ئۆزۈمچىلىك» نەزىرىيىسىگە سىلىپ توختىماي ئىجاد قىلىۋاتقىنىدا ، سىزنىڭ يۈسۈپ خاس ھاجىپ، تەجەللى ، نەۋبەتى ئىجادىيەتلىرىدىن ۋايىغا يەتكەن ئارۇزنى ئوت يالقۇنلىرى بىلەن ئىلى ۋادىسىدا ۋايىغا يەتكۈزىۋاتقانلىقىڭىزدىن بىر ئۇلۇغ ئەقىلگە ئىگە بولغاندەك ھېسياتقا كىلپ قالىمەن. ھەم سىزنىڭ ئارۇزغا بولغان ئىشتىياقىڭىزغا قايىل بولماي تۇرالمايمەن. سىزگە كۆز تەگمىسۇن!...

ئەمدى سىزگە دوستانە تەكلىۋىم. سىز بىز تىخى كىچىك بولغاندىن كېيىن بەلنى سەل مەھكەمراق باغلىساق، (ئەلۋەتتە سىزنىڭ بىلىڭىزنىڭ چىڭ ئىكەنلىكىگە ئىشىنىمەن)، ئارۇزنى تىخىمۇ زور مۇۋاپىقيەتلەرگە ئىرىشىتۇرۇپ، ئۇيغۇردا ھەقىقى ئارۇز يوق، دېگۈچىلەرگە تۈ*ركى ئارۇزنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بېرىش ئۈچۈن بولسىمۇ ئەرەپ، پارس تىلىدا چوڭقۇرلاپ، ئارۇزنى زەمىر مۇئەللىمنىڭ كۆزىدە ئەمەس (زەمىر مۇئەللىمنىڭ بۈگۈنگىچە قىلغان ئەمگەكلىرىگە كۆپ تەشەككۇر)، ئەراپات نىڭ كۆزىدە كۆرۈپ چىقىشىڭىزنى تەكلىپ ئىتىمەن. ئەلۋەتتە بۇ سەپەردە دوستىڭىز ئابدۇسالام سىزگە زور ياردەملەردە بولالايدۇ دەپ ئويلايمەن.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   قوشتاغ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-19 21:00  


ۋاقتى: 2012-4-20 08:49:15 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئېسىل غەزەللىرىڭىز ئۈزۈلمىسۇن!...

ۋاقتى: 2012-4-20 11:32:57 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەدىمى يۇرتنىڭ قايناق بۇلىقىغا يۈرەك تەشنا بولغاندەك ، بۇ غەزەللىرىڭنى نەچچە ئوقۇدۇم . يۇقۇردا قوشتاغ ، ئەكرەم قاتارلىق قەەلەمكەشلەر دېگەندەك سەندىن دوستلار كۆپلەپ ئۈمىد  كۇتىدۇ . مەنمۇ ھەم شۇنداق ...  ئارۇز بولۇپمۇ غەزەل ھەممە ئادەمنىڭ قولىدىن كەلمەيدۇ . دېمەك ، سېنىڭ بۇندىن كېيىن تېخىمۇ تىرىشىڭنى ئۈمىد قىلىمەن . قەلىمىڭ چاپچىپ تۇرسۇن ئىنىم !...

ۋاقتى: 2012-4-20 12:55:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
غەزەللىرىڭىزدىن تولىمۇ سۆيۈنۈپ كېلىۋاتىمەن. مېنىڭچە، سىزگە ئۈمىد بىلەن كۆزلەر ئاز ئەمەس.  
تەپەككۈرىڭىزگە تېخىمۇ تېرەنلىك ۋە سۈزۈكلۈك تىلەيمەن!

ۋاقتى: 2012-4-21 00:22:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


   غەزەل كۆرسە ھەسەل يۇتقاي غەزەلگە ئاشىنا كۆڭلۈم ،
   قىيام بولدى ئاراپاتنىڭ جۇنۇن بەھرى ئارا كۆڭلۈم .
  شىئېر گۈلتاجى ئارۇزنىڭ  فىراقىدا   كۈيەيلى    تەڭ ،
  تىلەيدۇ شائىرىم سەندىن يەنە مول ئىختىرا ، كۆڭلۈم !
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەھەدى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-21 00:30  


ۋاقتى: 2013-3-6 13:34:36 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نالىسى ئول نامىلەرگە پاتمىغان پەيۋەندە كىم؟
ئىشقى ئۆچكەن لالىلەرگە ئالجىغان شەرمەندە كىم؟
ياندى بىسلار،بۇ جاراھەت پەنجىدىن قان توختىماي،
ئىنتىھاسىز زارىلەرگە چاڭقىغان بەخشەندە كىم؟
رەھمى يۈتكەن رەزگىلەرمۇ بەردى ئوتقا رەغدىنى  ،
سەللە ئوراپ،سەدرىلەرنى ئەيلىگەن دەپسەندە كىم؟
غەمزى ھىسلار ئارمىغان ئۆز تۇغمىدا جان غەزنىگە،
روھ ئوتىغا قوشمايىن رەڭ كەلدى ساقلاپ تەندە كىم؟
يايدى ئىشقىم جۇيلىشىنى بۇ جۇنۇنلۇق كۈللىگە،
شاھ بېشىنى شامغا ئۆرتەپ،جانغا كىيدى جەندە كىم؟
چۈش سىياقتا خانىلەرگە چۈشتى ئەنقا سايىسى،
قالمىغان رىزقى ئۈچۈن ھىچ قالدىلەر يوق  غەمدە كىم؟
بەرگىلى بەلكىم بىشارەت يوق ئەمەس ئالەم ئارا،
مەنزىلىن تاپماق ئۈچۈن  مەنزۇرغا بۇ مەرتەمدە كىم؟

ئۇلۇغ ئاتەشنەپەس شائىر مەشرەپنىڭ سايسىنى كۆرگەندەك بولدۇم.يەنىمۇ تىرىشىڭ بۇرادەر.

ۋاقتى: 2013-3-6 14:46:21 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر- بىرىدىن ياخشى يېزىلغان غەزەللەر ئىكەن ،تولىمۇ بېرىلىپ ئوقۇپ چىقتىم . تەپەككۈرىڭىزنىڭ يەنىمۇ يالقۇنجاپ تۇرىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن .

ۋاقتى: 2013-3-6 14:49:15 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەراپات  ئابدۇرۇسۇلنىڭ ئىجادىيەت ئىشلىرىغا ئۇتۇق  تىلەيمەن.

ۋاقتى: 2013-3-6 20:55:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن بۇرۇن ئەراپاتنىڭ غەزەللىرىنىى ئوقۇپ كېلاسسىك ئەسەرلەر( ئارۇز ۋەزنىلىك -غەزەل)   تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان پىشقەدەم  ئوخشايدۇ دەپتىمەن، ئەپسۇس ،

ۋاقتى: 2013-3-6 21:27:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نەچچە ۋاخنىڭ ياغى نەدە يۈرگەندىمەن ئۇكام ئەسەرلىرىڭىزنى ئوقۇپ باخماي.
گۆھەر ياتىدۇ سايدا تونىمىساڭ نىمە پايدا دېگەن مۇشۇدە، يىنىمدىلا يۈرسىڭىز بۇ ئالتۇننى تونىماي يۈرگەن دۆتلىكىمنى قاراڭ!...
بۇ بىر يۈرۈش غەزەللىرىڭىز خۇددى كىلاسىك شائېرلارنىڭ پىشقان غەزەللىرىدەك شۇنداق تېتىملىق چىقىپتۇ.سىزگە قول قويدۇم  يەنىمۇ تىرىشىڭ!

ۋاقتى: 2013-3-11 18:44:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
       ئەراپاتنىڭ ئارۇز تۇپرىقىدىكى ھوسۇللىرىدىن سۆيىنىمەن ھەم ئۇنىڭغا قايىلمەن.

ۋاقتى: 2013-5-31 21:56:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەراپاتنىڭ غەزەللىرىگەقول قويدۇم  يەنىمۇ تىرىشىڭ

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش