كۆرۈش: 562|ئىنكاس: 9

بىر تۈپ ئاپتەپپەرەسنىڭ ھېكايىسى _ زۇلتاپ (6) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11
يازما سانى: 480
نادىر تېمىسى: 3
تېللا: 1363
تۆھپە : 151
توردا: 422
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-1-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-19 18:29:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


ئابدۇراخمان ئابدۇكېرىم زۇلتاپنىڭ ئۆزى ھەققىدە ئېيتقانلىرى: 1988-يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى تۇغۇلغانلىقىمىنى بىلگۈدەك بولغۇچە قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيىسى ياپچان بازىرىنىڭ كەڭرى سەھراسىدا ئىشتىنمىنى تىزىمغىچە تۈرۈپ قۇيۇپ بۇ قوينى ئىللىق تەبىئەتكە قېتىلىپ ياشاپ كەلدىم. مېنىڭ بالىلىق دەۋرىم شورلۇق جاڭگالدا پادا بېقىش بىلەن ئۆتتى. 1994-يىلى باشلانغۇچ مەكتەپكە قەدەم باستىم . شۇنىڭ بىلەن ھاياتىم ئۈزلۈكسىز تۈردە غۇۋا داۋاملىشىپ كەلدى. 2003-يىلى ياپچان بازارلىق ئوتتۇرا مەكتەپنى، 2006-يىلى يېڭىشەھەر ناھىيىلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ قەشقەر پېداگوگىكا ئىنىستىتوتىنىڭ فىللوگىيە فاكۇلتىتى ئۇيغۇر-تىل ئەدەبىيات كەسپى 2006-يىللىق 3-سىنىپىغا قۇبۇل قىلىندىم.بۇ يىل ئوقۇش پۈتتۈرۈش ئالدىدا تۇرىۋاتىمەن.
راست گەپ قىلسام شېئىر يېزىشنى ئويلاپمۇ باقمىغان ئىدىم. بەلكىم مەن بىلەن بىمەزگىل خوشلاشقان بالىلىقم ئۈچۈن يېزىۋاتقاندىمەن، ۋە بەلكىم سىلەر دەۋاتقان ھېچكىم ئۈچۈن يېزىۋاتقاندىمەن...! ئىشقىلىپ شېئىر بۇ جەرياندا ماڭا ھەمرا بولۇپ كەلدى، جىمجىتلىق، تۇنجى قېتىمقى مۇھەببەتنىڭ يوقلۇققا سوزۇلغان ھىجرانى، يالغۇزلۇق، زېرىكىشلىك ۋە يەنە ناگان –ناگاندا ئۆلېۋېلىش خىيالى، نېمىنىدۇر تۇيۇقسىز تۇيۇپ قېلىش ...قاتارلىقلار بىلەن گىرەلىشىپ كەتكەن ئالىي مەكتەپ ھاياتىمغا مەنە ئاتا قىلدى. «قەشقەر» ژۇرنىلىنىڭ 2009-يىللىق 6-سانىدا ئېلان قىلىنغان «شېئىردىكى قىز» ناملىق شېئىرىم بىلەن مەتبۇئاتقا ھۇجۇم قىلدىم. ھازىرغا كەلگۈچە «كۈسەن مەدىنيىتى» ، «ئىشچىلار ۋاقىت گېزىتى» ...قاتارلىق نەشىرى ئەپكارلاردا  «سەھرالىق بالا» ،«ئۆلۈم ئەتىرگۈلى» « سۆيۈملۈكۈم باغرىڭنى ئاچ تۇپراقتەك»...دېگەندەك 12پارچىغا يېقىن شېئىر ئىلان قىلدۇردۇم. «ھەۋەسكار تورى» ،«سۇمرۇغ» ، «ئەنقا»، «شىنجاڭ يازغۇچىلار تورى»...قاتارلىق  ئەدەبىيات مۇنبەرلىرىدە 200 پارچىدىن كۆپرەك شېئىرىم قالدى.
شېئىر يېزىلمىغان ھەم لەھزىلىككە سۇزۇلغان مەۋجۇتلۇق، ئۇ بايانچىدىن ئۈزلۈكسىز يېڭىلىنىشنى ۋە ئاسىيلىقنى ئىستەيدۇ.


سۇ

سۇ-پۇشايمان
مەن دۈم يېتىپ پۇشايمان قىلدىم

قانمدىم...!
سۇ مۇساپىر

-سۇ...
-سۇ، سۇ ئىچىمەن سۇ
نۇرغۇن زامان ئىلگىرى ئۇسسۇزلۇقتىن ئۆلۈپ كەتكەن
مەن بىر جەسەتنىڭ شەكلى...



يېرىمى كېچە

دەريالارنى باشلاپ بارىمەن
ئۇ سۇ يوق دەريالارنى
شولىسىنى مەجھۇل يۇلتۇزلارنىڭ
ساڭا قالدۇرىمەن
گۇمان تەرىپىدىن يۇرۇتىلىدىغان ھىلال ئايدەك
كۈتۈشنى داۋاملاشتۇرىمەن
تاكى
ئۇ تەرەپتىكى قۇياش تىكلەنگەنگە قەدەر
باشلاپ بارىمەن...!



كۈنگە يېقىن

مەلۇم بىر كۈنى ئۇچراشمايمىز
ئۇ ئاۋازلار سۇس ۋە ھارغىن قايتىپ كېلەر
ئۇ بىر ئايدىكى ئىتنىڭ تاشلاندۇق كېچىسى
تەسكەيدىكى سايىسى كۈنگە ئايلىنىۋاتقان
يۇرۇق ۋە مەن بىلەن چۇقۇم ئۇچرىشىدىغان
ھەم مەڭگۈ قارايمايدىغان
ھەم مەڭگۈ تاغلاردىكى پۇشايمان بىلەن بىللە بۇلىدىغان
ئۇ كېچە-مېنىڭ كېچەم...!



تەن بېكىتى

ئاغىنەمدىن زېرىكىمەن!
ئۇ قارلىرىنى ئۈستۈمگە تۆكمەكچى بۇلار
ئاندىن بىر قۇچقاچتەك ئۇچۇپ كېتەر

رەسىمگە چۈشەمدۇق
ئەي قانىتى ئاسماننى يەكلەۋاتقان ئاغىنەم
بىز ئەمدى بىر-بىرىمزىدىن ئايرىلالمايمىز

قىشقا ئۆچلۈكۈمنى تېخى ساڭا دېمىدىم
شارپىسى كۆكسىگە ساڭگىلاپ تۇرغان ئۇ ئايال
بىزگە تېخىچە قاراپ تۇرىۋاتىدۇ

كېتەمدۇق؟
بىز مەڭگۈ كەتكۈچىلەرگە مەنسۇپ!
ئۇ چەكسىز چوڭقۇر ھەم
يەنە ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلايدىغان
ئاشۇ يەرگە كېتەيلى...!



ئەتىرگۈل

قۇبۇل قىل!
مېنىڭ ساڭا بېغىشلىنىشتىن باشقا ئامالىم يوق
ھەمدە بۇ مېنىڭ خۇشاللىقم
ۋە ئەڭ ئاخىرقى بېكىتىم ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشىدىغان
قۇبۇل قىل!
باھار بىزگە ئاسىيلىق قىلىشنىڭ ئالدىدا
جىمجىتلىق جىمجىتلىق بۇلۇپ قېلىشنىڭ ئالدىدا
قۇبۇل قىل!
مەن سېنى تىكەنلىرىم بىلەن خۇشپۇراقىلىققا تولدۇرىمەن...!


ئۈچىنجى شەخىس

ئەگەر سەن ئايال بولغان بولساڭ گۈزەل بىر ئايال
تاڭلارنى كېچىلەرگە ھەدىيە قىل!
ۋە شاماللاردەك قايتىشنى ئىستىمە
ئەگەر سەن بىر ئەر بولغان بولساڭ قەبىھ بىر ئەر
بىز دوسىت بۇلايلى
چۈنكى ئۇلار گۇمانلانمايدۇ
گۇمان-تۇماندۇر
بىز تۇمانلىرىمىز ئارقىلىق ئۇلارنى قورشايلى
يامغۇرلىرىمىز ئارقىلىق ئۇلارنى نەمدەيلى
ھەم ئۇلارنى خىجىل قىلايلى
مېنىڭ ئۇلار دېگىنم
بىز ئىنتىزار بۇلىۋاتقان ئىللىق شاماللاردۇر...!



ئاخىرقىسى ۋە تۇنجىسى

لەۋلىرىڭ ئالدىغا ئۈمچەيگەندە مەن پېئىل
كۆزلىرىڭ يېرىم يۇمۇلغاندا مەن ئېنىقلىغۇچى
نەقەدەر سۇغۇق تاملاردەك جۈملە بۇ
مەنىسىزلىكىمنى تېنىم بىلەن يازىمەن
ئاۋازلارغا ئىشەنمەيمەن
چاچلىرىڭنىڭ قاراڭغۇلىقىغا ئايدەك يۇشۇرۇنىمەن
بىر جۈپ زىنىقىڭنىڭ چوڭقۇرلىقىدىن قايرىلىمەن
ماڭا سېنىڭ روھىڭ لازىم ئەمەس!
ھەم جىسمىڭ!
مەن ئېنىقلايمەن
سەن تاكى پئېل بولغۇچە
سەن تاكى يۇشۇرۇن بولغۇچە
ھەممىسى مەندىن خاراپلىشىشقا يۈزلەنگۈسى!



سۇدا لەيلەۋاتقان  

ئەگەر سۇدا لەيلەۋاتقىنى تاش بولمىسا  
ياكى ئېغىر بولمىسا ئاشۇ سۇلاردىن  
ئۇ ھېچنەرسە ئەمەس  
ئىشەن!  
ئىشەن! سۇ ئۆزىنىمۇ كۆتۈرەلمەيدۇ...  

بىز چۇقۇم ئارقىمىزغا قارايمىز  
چۇقۇم ناخشا ئېيتىمىز  
ئۆيمىز بارغانسىرى يىراقلاشقان  
ئۆيىمىزنىڭ ياغاچلىرى كەينىمىزدە قالغان  
يالغان!  
يوللاردىن بۇرۇن ئۇخلىغان دەرەخلەر  

ئەگەر مەن دەريا بولغان بولسام  
ئارقامغا ئاقاتتىم  
ئادەم بۇلۇپ  
كەلدىم يەنە سېنىڭ ئالدىڭغا  

دېرىزىدىك ئېچىلغان ئىشىكلەردىن چىقىپ  
كۆردۈم  
كۆردۈم سۇدا لەيلەۋاتقان  
بۇ مىسرادىكى قان  
يولدا ياتقان  
يىلان ئەمەس  

قۇياش  
ئۆلۈك ئادەمگە ئوخشاش  
بىزنى تەشۋىشكە سېلىۋاتقان  

سۇ  
سۇدا لەيلەۋاتقان




ئىچىمدىكى قاراڭغۇلۇقلار

1

گۈللىرىڭنى ماڭا سوۋغا قىلامسەن ؟
ئەي كۆمۈش ئاينىڭ نۇرلىرىدا خازان بۇلۇشنى ئىستىگۈچى!
لەۋلىرىڭگە ئايلىنىش ئالدىدىكى ئاشۇ گۈللەرنى
ماڭا راستىنلا سوۋغا قىلامسەن؟
بۈگۈن سەن يەنە مېنىڭ چۈشۈم
مەن كېچىلەرنى كېچىلەرگە ئويغىتىمەن ئاۋازىڭدا...
مەن بۇ گۈزەل تەبىئەتنىڭ غۇۋا مەنزىرلىرىدىن
سېنى ئېلىپ بارىمەن مەۋجۇتلۇقنىڭ تالالىرىغا
ھەم بۇ تالانىڭ يوق بولىشى ئۈچۈ ن
سەندىن  ئاستا -ئاستا چىقىپ كېتىمەن ئاستا-ئاستا
ئىشەن! سېنىڭ مەندىن باشقا ھېچ نەرسەڭ قالمايدۇ...

2

رومان ئۇقۇۋاتامسەن؟
شام نۇرى باغرىدىكى بۇ پەرىشان كېچىلەردە
مەن سېنى تام دەپ قىياس قىلىۋاتىمەن
مېنى قىستاۋاتقان ئاق رەڭلىك بىر تام
بىراق يارىلانغان قۇشنىڭ دېرىزىگە ئۆزىنى ئۇرۇشلىرى
سەن سوۋغا قىلغان گۈللەرنى تۇزۇتماقچى بۇلىدۇ
ئەڭ لەززەتلىك ناخشىللىرىڭ قايتا بىر قېتىم ياڭرايدۇ
نېچۈن ئۆزۈڭنى ئەيىپلەيسەن؟
قارا بۇ تەسۋىردىكى 22-نۇمۇرلۇق مەھپۇسنىڭ
ساڭا ئايلىنىپ كېتىۋاتقان لەھزىلەردىكى مەنىسىزلىكىگە
ئەرلەر مەڭگۈ مەنىسىزدۇر!
قارا! ئۇ ئۆلۈپ كېتىپتۇ..



3

يەنە ئورمانلىقلار تەسۋىرلنىۋاتىدۇ
بۇ چىغىر يول بىلەن سېنىڭ ئۆيۈڭگە بارىمەن
ئەي قۇشقا ئايلنىپ مەن تامان ئۇچىۋاتقۇچى
مېنى كۆرگەن ھامان قاناتلىرىڭنى سۇندۇرۋەتكىن!

ئۆلۈپ كېتىۋاتامسەن؟
داۋاملاشتۇر ئۆلۈپ كېتىشنى
سەن مېنىلا قىياس قىلغىن
ئۇنىڭ يېشىللىقى ئاللىبۇرۇن سىموۋۇللۇقىنى يۇقاتقان
ئىسمىمىنىڭ رەڭگى سېرىق
ئىسمىم ئاخىرقى نەپەسلىرى بىلەن كۈزنى چاقىرماقتا

ئەي بىر كەتسە قايتا كەلمەيدىغان شاماللار
ئەي تامنىڭ كۆكسىنى سىلاۋاتقان ئاپتاپلار
ئەي يۇشۇرۇن سۆيۈشۈۋاتقان قىرغاقلار
مەن خەتلىرىمنى يىرتىۋېتىشنى ئويلاۋاتىمەن...
4
قەلبىم فونتان
ئۇنتۇش -ئۆلۈم دېمەكتۇر
گۈللەر ئېچىلىپ نېمىگە ئېرىشتى؟
سەن باھار ھەققىدىكى خىياللىرىڭنى داۋاملاشتۇرىۋەر

مەن پەقەتلا بىر قارلىغاچمەن
يىقىلىۋاتقان ئاۋۇ ئۆيلەر مېنىڭ ماكانىم
ھەسرەتلىك، مۇڭلۇق، ئېچىنىشلىق
يەنە ئاشۇ ئىككى تال چېچىڭدا تۈنەرمەنمۇ؟
ھەئە، مېنىڭ قانتىم يوق...

بوينۇمغا ئايدەك يۆگىشىشنى ئارزۇ قىلامسەن؟
يامغۇردەك تۆكۈلۈشنى ئىستەمسەن؟
مەيىن شاماللار ياۋا ئوت چۆپلەرنى باش ئەگدۈرەلمەيدۇ!
مەن ساڭا ئۇۋامنى چۇۋۇپ بەردىم

لېۋىمنى قاناتقان يۇپۇرماق ئالدىڭدا لەيلىمەكتە
سەن ئۇنىڭغا دەسسەپ ئۆتۈپ كەتكىن!
نېمىدىگەن گۈزەل كۆرۈنۈشلەر-بۇ، ھە-نېمىدىگەن گۈزەل
يەنە سېنى سېغىنىۋاتىمەن...

5

مېنىڭ چۈشكۈنلۈكۈمنى تۇپراقتىن سورىغىن
بارغانسىرى يۇمشاپ كېتىپ بارغان ئۇ تۇپراقتىن
قايغۇلىرىمنى ئۇچۇملاپ ئالغىن
ئاندىن ئەسلىمىلەر بىلەن قۇشۇپ لاي قىلغىن
خالىساڭ بىز بىرلىكتە يىغلايلى...

سېنىڭ ئۇ يۇچۇن شەھىرىڭگە بارالمايمەن
ئېگىز-ئېگىز بىنالار مېنىڭ دۈشمىنىم
ئاسىي پويىزلار، ئاسىيى يوللار
ماڭا ئۈزلۈكسىز يېقىنلىماقتا
خارابىيلىقىمنى قاچانلىققا زىيارەت قىلغىلى كېلىسەن؟

تەكچىدىكى سۇس يېنىۋاتقان بىر تال شامغا مەندىن سالام-دە
ئۇ ھېلىلا قىزغىن كۆيۈشلەرنى ئاخىرلاشتۇرىدۇ
ئاڭلاۋاتامسەن؟!
مەن بىر تال پەرۋانە بۇلۇپ ئۆيۈڭگە كىردىم...

6
مەن ئامراق ئاق كەپتەر ئۆگزىدە جان ئۈزدى
يەنە سەندىن خەۋەر يوق!
تۈڭلۈكتىن سۇزۇلۇپ كىرگەن ئايغا نېمە دەيمەن؟
ئەي مەن بىر قېتىممۇ كۆرۈپ باقمىغان گۈزەل مەلىكەم!

كاشكى، قويلىرىمنى بېقىۋەرگەن بولسامچۇ!
ئاھ بۇ پايانسىز سۆيگۈ جاڭگىلىدا
نۇرغۇن بۆرىلەر بار بۇ جاڭگالدا
مېنى باغرىغا ئالغان ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى

يالغۇز جىگدىنىڭ يېنىدا يېتىپ پادىشاھ بولۇپ چۈش كۆرەتتىم
چاراقلاپ يېنىپ تۇرغان يۇلتۇزلار ئوغۇللىرىمنى سانايتى
مېنى ئويغاتقان قاغا سەنمۇ؟
ئەمدى بۇ كۆپكۈك قۇمۇشلۇقلارغا ئوت قويغىن!


بىر تۈپ ئاپتاپپەرەسنىڭ ھىكايىسى

قۇمنىڭ چەكسىز ئىككى پۇتى ئارىسىدىكى
غايىپ بۇلۇش ئالدىدىكى توغراقلاردەك
كېچە، ئاي ۋە بىر توپ خەلق

قەشقەر بىر ئۇغۇل بالىنىڭ تارىخى
ئىشتىنىنىڭ ئالدى ئېچىلىپ قالغان
مۇشۇ سۆزدىكى قان
قۇياشنىڭ رەسىمىنى سىزىۋاتقان
قاراڭغۇلۇقتىن تامغان

ھەممىسى مۇشۇ يەردىن باشلانغان
ئالدىمىزدا يول قالمىغان
ياشاش يالغان
تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كېتىشمۇ ھەم

ئوتتەك كۆيۈپ قاتقان ئەي ئايال!
ھايات بىلەن ياتقان ئەي ئايال!
چۈش كارىۋاتتىن ئېسىل بوينۇمغا
سۆي لېۋىمگە! ئايلان دەرياغا!

كەينىگە ئېقىۋاتقان دەريالار بىلەن
ئۈستۈڭدە مەن، ئاستىمدا سەن
چىقتىم غەم تاغلىرىنىڭ ئەڭ ئۈستىگە...


شاراب كەلتۈر قان شارابى  

ئورمانلىقلار مېنىڭ شېرىن چۈشۈم  
ئاي يوق كېچىلەرنى تەبرىكلەيلى  
يۆلىنىپ ئەي دەرەخلەرگە سەن  
شاراب كەلتۈر قان شارابى...  

دەريالاردا سۇ ئاقمىسۇن  
تاغلاردا تاغ ياتمىسۇن  
پۇتىمىز تەگمىگەن يەرلەر قالمىسۇن  
بىز كۆرمىگەن ئاسمان قالمىسۇن  
شاراب كەلتۈر قان شارابى  

كۈن ئالدىمىزدا، تۈن ئالدىمىزدا  
ئارام ئالايلى كۆلنىڭ بۇيىدا  
ئولتۇرايلى دەرەخ كاۋىكىدا  
شاراب كەلتۈر قان شارابى  

ساي قاراڭغۇلىقدا سۆيمەكتە شامال  
تەن جۇدالىقىدا كۆيمەكتە شامال  
ئەمچەكلىرى تاشتەك قاتتىق ئەي ئايال!  
شاراب كەلتۈر قان شارابى  

مەن ئاتقا ئايلاندىم كۆزلىرىم ئات  
سۆزلىرىم ئات، ھاياتىم بەرپات  
چاچلىرىڭنى قامچا قىلغىن چاپسۇن ئات  
ئات ئۈستىدە يېگانىمەن ئەي دىلبەر  
شاراب كەلتۈر قان شارابى  

تۆگىلەر چۆللەردە ئالمىسۇن ھاردۇق  
بىز قۇملۇقتىن ئايرىلىپ قالدۇق  
ئىدىش-ئىدىش، ساندۇق-ساندۇق  
شاراب كەلتۈر قان شارابى...



بىرىنجى قاغا  

كېچىلەرنى ئۇزارتىۋاتقان ئاۋازىڭنىڭ ئاستىدا  
غېرىپلىقى قۇرۇپ كەتكەن دەرەخلەر  
كېچىلەرنى ئۇزارتىۋاتقان كېچىلەرنىڭ ئالدىدا  
تەشۋىش ئىچىدىكى ئىككىمىزنىڭ چىرايى  
كېچىلەرنى ئۇزارتىۋاتقان ئاۋازىڭنىڭ ئاستىدا  

جىمجىت يېيىلىۋاتقان كۆزلىرىڭنىڭ ئىچىدە  
گۇگۇم ساڭا يازغان خېتىمدۇر  
جىمجىت ئايرىلىۋاتقان قانىتىڭنىڭ تېگىدە  
نۇرغۇن يۇلتۇز يېتىمدۇر  
جىمجىت يېيىلىۋاتقان كۆزلىرىڭنىڭ ئىچىدە  

قارا-قارا بۇلۇتلارنىڭ ئۈستىدە  
ئوتتۇرىسىدا  
ئېغىر-ئېغىر كېچىلەرنىڭ يارىسىدا  
توزۇپ كەتكەن ئاۋازىمنىڭ ئاستىدا  
قارا-قارا بۇلۇتلارنىڭ ئۈستىدە...

خەير-خوش، خەير-خوش گۈزەل ئامرىقىم

ئاستا يېيىلماقتا گۇگۇم پەردىسى،
پەرىشان يامغۇرلار چۈشمەكتە سىم-سىم.
بىز ئەمدى يوللاردەك كۆرۈشەلمەيمىز،
خەير-خوش، خەير-خوش گۈزەل ئامرىقىم.

مۇڭلارغا چۆمۈلگەن ناماز شام گۈلى،
يازماقتا ئىسمىمنى يۇچۇن كېچىلەرگە.
سەن مېنى بىر قېتىممۇ سۆيۈپ باقمىغان،
ئەسلىمە، ئەرزىمەسمەن ئەسلىشىڭگە.

خەير-خوش، خەير-خوش گۈزەل ئامرىقىم،
يۈرەكنىڭ پايانسىز بۇ دالاسىدا.
چاچلىرىڭ شامالغا ئايلانغان بىلەن،
بىر تال تاش سېسىماقتا، يېرىلماقتا...


قۇمۇش

ئۇنتۇپ كېتەرسەن ئىسمىمىنى بىر كۈن،
ياش تۆكەرسەن بەلكىم دالدا.
ئۇنتۇپ كېتەرمەن سېنىمۇ بىر كۈن،
بەلكىم ئۆلەرمەن سېنىڭ ئالدىڭدا.

ئايرىلماقتا سايلاردىن تاشلار،
چاك-چاك يېرىلىپ، كېچىدە نىدا.
تۇغۇلمىغان بولساڭ سەن ياكى،
ياشىغان بولساق ئىككى دۇنيادا.

توي قىلارسەن ئاھ توي قىلارسەن،
بەلكىم بەخىت تىلىمەسمەن ساڭا.
توي قىلارسەن ئاھ توي قىلارسەن،
بەلكىم ئۆلەرمەن سېنىڭ ئالدىڭدا.

ياق! يۈرەكتىن سۆيسگەنلا بولساڭ،
ئەسلىمىگىن ئەمدى سەن مېنى.
يېنىڭدىكى ھېلقى ئادەمگە،
ئوقۇپ بەرمە شئېرلىرىمنى...


قىشقا كىرىش
   
شارپاڭ سېنىڭ ساڭگىلاپ تۇرار،   
ۋىچىرلىدىم شۇنچە ئەسەبى.     
شائىر ئەمەس قار ياغقان ۋاقت،     
بىر تال قۇچقاچ ئىدىم مەن ئەسلى.     
   
ھۇزۇرلانغىن سەن بۇ سۇغۇقتىن،     
ياش تۆكەرسەن كېيىن ئەسلىسەڭ.     
نازۇك بارماقلىرىڭنى ئىسسىتىپ قۇياي،     
سەن سۇندۇرغان پەيلىرىم بىلەن.   

نەپرەت نېمە، مۇھەببەت نېمە،     
مېنىڭ يۈرىكىم سەن چۈشكەن كاچكۇل.   
كەل يېنىمغا، كەتكىن ئۆزۈڭگە،   
مەيلى سۆيگۈمنى قىلمىساڭ قۇبۇل.     

بىلىمەن ئاۋازىمنى ئاڭلىيالمايسەن،   
مۇزلىدىم كاككۇكتەك قۇلاق تۈۋىڭدە.   
چاراسلاپ كۆيمەكتە قارنىڭ ئاۋازى،  
ھېس قىلدىم سەن ئۆتۈپ كەتتىڭ جىممىدە.  



زاۋال ئاستا-ئاستا يۇمشاق ۋە ئاپئاق

زاۋال ئاستا-ئاستا يۇمشاق ۋە ئاپئاق،
قەلبىم قىشتەك ئاخىرلاشماقتا.
شۇنچە غەمكىن ئايلانماقتىمەن،
بەلكىم ئۆلەرمەن ئۇ كوچىلاردا.

ئۇزۇن بولدى يۈردۈم غەرق مەسىت،
سۆيدۈم يەنە نۇرغۇن قىزلارنى.
زاۋال ئاستا-ئاستا يۇمشاق ۋە ئاپئاق،
پەقەت ساڭىلا بەردىم سۆيگۈمنى.

ئۆرلەر لېۋىمدىن نەشە پۇرىقى،
نېچۈن بۇنچە ھېسىياتچاندۇرمەن؟!
زاۋال ئاستا-ئاستا يۇمشاق ۋە ئاپئاق،
ئىشىك ئېچىلسا چىدىيالمايمەن...

زاۋال ئاستا-ئاستا يۇمشاق ۋە ئاپئاق،
سىلىدىم پەرىشتىنىڭ ئالقانلىرىنى.
بۇ تۇيغۇ ئەبەدىيلىك ئازاپ بولسىمۇ،
ئامرىقىم! سەن ئەمدى ئۇنتۇپ كەت مېنى...!



ئامرىقىم، مەن سېنى سۆيۈپ ئۆلىمەن...!

سېرىق قۇچقاچتەك ئۆتتى ياشلىقىم،
بۇ ئاي دالاسىدا ماڭىمەن، ئۆرتىنىمەن.
بولدى سۆز چۆچەك ھاراقكەشلىكىم،
ئامرىقىم، مەن سېنى سۆيۈپ ئۆلىمەن...!

يوللار دەلدەڭشىپ كەتتى يىراققا،
جىمجىت ئاسمان، مەسىتخۇش ئاي نۇرى.
كۆڭۈل دېگەن ئوخشايدۇ باغقا،
مەن مۇھەببەتنىڭ ھارماس بۇلبۇلى.

رەزىل ھايات –بۇ، شۇنچىلىك رەزىل،
بەلكىم ئۇنى قىلدىم مەن ئادا!
ئۇنتالمايمەن، ياشىدىم بىر مەزگىل،
ئۇنتالمايمەن، ياشىدىم نۇمۇستا.

تەلپۈنىمەن، سەھرا كېچىسى،
نېمە ئارمان؟ ياتسام ئۆگزىدە.
ئىتلار مەھەلىمىزنىڭ مۇڭلۇق ناخشىسى،
نېمە ئارمان؟ ئۆلسەم جىممىدە...

بىر تېرە، بىر سۆڭەك بولدۇم بۇ كۈنلەر،
ئاي دالاسىدا ماڭىمەن، ئۆرتىنىمەن.
ئېچىلغۇچە كۆكسۈمدە گۈللەر،
ئامرىقىم مەن سېنى سۆيۈپ ئۆلىمەن...!


idraksoft

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  314
يازما سانى: 253
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 485
تۆھپە : 10
توردا: 82
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-1-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-19 19:22:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىچكىردىكى كۈنلەر مەنىلىك ئۆتكەي

توپۇدا ياتسا گۆھەر،
بولماس باھاسىغا زىيان.
شۇ ئاقار ئاققان ئېرىقتىن،
سايدا ھەم تاشقىن قىيان.

Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  524
يازما سانى: 4
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 18
تۆھپە : 0
توردا: 2
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-20 15:53:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قېرىندىشىم ئۈزلۈكسىز ئالغا!!!

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  517
يازما سانى: 45
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 280
تۆھپە : 0
توردا: 39
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-1-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-29 14:07:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   ئامرىقىم مەن سېنى سۆيۈپ ئۈلىمەن ناملىق شېئىرىڭىزدىكى ئۆزگىچە تىل، ئۆزگىچە ئىپادىلەنگەن ھېس-تويغۇ يۈرەك تارىمنى چېكىپ ئۆتتى...ئىجادىيەت سەپىرىڭىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن!...

ئەي دونيا، ماڭا باغرىڭنى ئاچ! سەندە ئىككى قېتىم ياشاشقا پۇرسەت يوق!...

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  159
يازما سانى: 264
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 802
تۆھپە : 1
توردا: 111
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-1-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-12 14:19:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
زۇلتاپقا قۇت تىلەيمەن .تىرىش ،ئاداش !

سۇ ئېچىپ ئەمدى ئۇسساۋاتقاندەك!

Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  523
يازما سانى: 4
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 18
تۆھپە : 0
توردا: 3
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-6-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-5 19:20:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قولۇڭغا دەرت كەلمىسۇن، قەلىمىڭدىن بەركەت كەتمىسۇن، ئاغىنەم.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  562
يازما سانى: 89
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 190
تۆھپە : 0
توردا: 17
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-1-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-9 22:42:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    ئابدۇراخمانغا خۇشاللىق يار بولسۇن!

تاشتىن قاتتىقمەن گاھى، ناۋاتتىن تاتلىقمەن گاھى!

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  269
يازما سانى: 19
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 129
تۆھپە : 1
توردا: 32
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-1-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-9 23:15:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
زۇلتاپ،ئۇشبۇ شېئىرلىرىڭىزنى«ئىلى دەرياسى» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىشىڭزنى تەۋسىيە قىلىمەن.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1166
يازما سانى: 37
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 180
تۆھپە : 0
توردا: 9
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-1-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-11 21:31:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
راستىنى ئېيتقاندا مەن شېئىر ئۇقۇغۇنىمنى ھېس قىلالمىدىم.

سىنىڭ تىلىڭدا،ئىسىمىنى چاقىردىم ئاستا.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  355
يازما سانى: 48
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 100
تۆھپە : 0
توردا: 10
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-1-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-8 18:59:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇرادەر !  يەنىمۇ تىرشقىن.ئىچكىردىكى كۇنلىرىڭ مەنىلىك ئۆتكەي!

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


يازغۇچىلار تورىمىزنىڭ يېڭى بېتى ئېچىۋىتىلگىنىگە:
ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش