جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 2092 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 157|ئىنكاس: 9

يىگىتمەن(ساتېرا) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  85
يازما سانى: 58
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 375
تۆھپە : 0
توردا: 56
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-6-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-19 11:50:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
                    يىگىتمەن
                    (ساتېرا)
     (بىر ۋاپاسىز ئۇغۇلنىڭ ئىقرارى )
       ئابلىكىم مۇھەممەت ۋارىسى

كىچىك قېلىپ دادامدىن ،ئانام باققان يىگىتمەن،
ياغ ئىچىدە بۆرەكتەك،ئۆسكەن پاقلان يىگىتمەن،
ئۇيۇن دىسە پەمى بار،بەكمۇ چاققان يىگىتمەن،
ھىلىھەممۇ يانماستىن،ئويناۋاتقان يىگىتمەن،
كۆرسەم جاپا-مۇشەققەت،بەدەر قاچقان يىگىتمەن.

كىرگىنىمدە ئون بەشكە دادام كەتتى دۇنيادىن،
(بارغىنىدا ھاشارغا يىقىلغانمىش تىك ياردىن،)
ئىشقا چۈشتى ئورنىغا ئانام قالماي قاتاردىن،
يارىمايتتىم ئۆزگىگە ئۇقۇش،ئويناش،ياتاردىن،
شۇنچە دەرتنى ئانامغا توپلا ساتقان يىگىتمەن.

ياخشى ئۇقۇ دىسىمۇ قېچىپ يۈردۈم مەكتەپتىن،
بىزار ئىدىم تۇلىمۇ كىتاپ دىگەن‹‹ئەخلەت››تىن،
كىلەر ئىدىم مەكتەپكە قورقۇپ ئانام ئەخمەقتىن،
خۇشۇم كەتكەن ئىدى ھەم مۇئەللىمىم-ئەبلەختىن،
بىلىم دىگەن نىمەئۇ؟ئىچىم قاسقان يىگىتمەن.

ئويناپ يۈرۈپ ئاشۇنداق تىپىۋالدىم نۇرغۇن دوست،
تاماكىغا ئۇگەندىم،رۇمكا سۇقۇپ ئېيتتىم خوش...،
دەپمۇ كەتمەس بوپقالدىم ئانامنىمۇ ئەمدى پوش،
‹‹جاۋىلدىسا››گاھىدا يەپ قالىدۇ مەندىن مۇش،
نوچىلىقتا توختىماي داۋان ئاشقان يىگىتمەن.

قىمارغىمۇ ئۈگەندىم خېلى چوڭنى ئاتىمەن،
بەشيۈز يۈۋەن ئۇتتۇرسام ،يەنە مىڭنى قاتىمەن،
پۇل تۇگىسە ئۈيدىكى بارۇ-يوقنى ساتىمەن،
ئادەممىكىن دىمەڭلا بىر كىرەكسىز لاتىمەن،
ۋىجدانىنى كىر-قاسماق چىرماپ باسقان يىگىتمەن.

ئۆتمەكتە بۇ ياشلىقىم ئۇيۇن -ھەۋەس كەينىدە،
كىچىللىرى قاۋاقتا،سەھەر-كەچتە سەيلىدە،
پەس ھەۋەسكە مەجنۇنمەن،ئارزۇلۇرۇم لەيلىدە!
يەنەنىمە بولماقچى مەندەكلەرنىڭ مەيلىدە،
رەزىللىكنىڭ كەينىدىن ئىتتەك چاپقان يىگىتمەن.

ئۆيلەپ قويسام تۈزۈلۈپ قالارمىكىن دەپ ئانام،
ماڭا لايىق ئىزدەشكە چېپىپ يۈردى ھەر تامان،
بولغاچ مىنىڭ ئەھۋالىم جامائەتكە بەك ئايان،
ئوتتۇز ئۆيگە دۇقۇرۇپ بىر قىز تاپتى ئۇئاران،
ئۇيۇن بىلىپ بۇنىمۇ ئۇزۇم ئاتقان يىگىتمەن.

تويمۇ بولدى كۆپ ئۆتمەي مىجەزىمىز قاملاشتى،
خوتۇن بولدى خۇجايىن ئۆيدە ئىشلار ئالماشتى،
ئانام چاپار ھەممىگە ئارام ئېلىش ياتلاشتى،
(ئانامدىغۇ غىڭ-پىڭ يوق،خۇلۇم-خوشنا قاقشاشتى)،
خوتۇنىنى مەن شۇنداق ياخشى باققان يىگىتمەن.

ئانام تۇرۇپ سەھەردە ھويلا-ئارام سۈپۈرەر،
تاماق ئىتىپ، نان يېقىپ ئالدىمىزغا ئىپ كىرەر،
ئاندىن كىيىن ئەمگەككە-ئېتىزلىققا يۈگۈرەر،
بەس سالسا گەر خوتۇنغا ئاۋازىم شاش گۆكىرەر،
شۇ خۇيۇمدىن خوتۇنغا بەكمۇ ياققان يىگىتمەن.

ۋاپاسىز دەپ ئات قۇيۇپ ماڭا كايىپ يۈرمەڭلار،
ئادەممۇ سەن؟.. دەپ سۇئال قۇيۇپ قاپاق تۈرمەڭلار،
گۇمان قىلىپ ئەقلىمدىن مەسخىرىلك كۈلمەڭلار،
بۇلار يېرىم شۇنچىلىك ،ماڭا كۆڭۈل بۆلمەڭلار،
ئادىمىيلىك خۇلقۇمنى دارغا ئاسقان يىگىتمەن.

2011-يىل18-ئاۋغۇست.يەكەن

  

   


Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  287
يازما سانى: 55
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 190
تۆھپە : 0
توردا: 28
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-6-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-19 12:19:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇخەممەس چىرايلىق چىقىپتۇ.ئاپتورنىڭ ئىجادىيىتىگە بەرىكەت تىلەيمەن.

تۆۋەندىكى 3 مىسرانى«كۆك رەڭدە بويالغان»ھالەتتە ئوقۇپ باقتىم.

شۇنچە دەرتنى ئانامغا توپلا ساتقان يىگىتمەن.
____________________________
شۇنچە دەرتنى ئانامغا پۈتۈن ساتقان يىگىتمەن.
خۇشۇم كەتكەن ئىدى ھەم مۇئەللىمىم-ئەبلەختىن،
_______________________________
خۇشۇم كەتكەن ئىدى ھەم ئۇستاز سۆرۈن تەلەتتىن،
بەس سالسا گەر خوتۇنغا ئاۋازىم شاش گۆكىرەر،
_____________________________
سەپە سالسا  خوتۇنغا، ئاۋازىم شاش گۆركىرەر، بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   huxhuy تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-19 12:21  


Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  85
يازما سانى: 58
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 375
تۆھپە : 0
توردا: 56
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-6-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-19 12:44:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خۇشخۇي ئاكىنىڭ تەلىمىگە رەھمەت

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  475
يازما سانى: 71
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 175
تۆھپە : 8
توردا: 20
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-6-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-19 12:51:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ مۇخەممەس بەك ياخشى چىقىپتۇ. ھازىرقى جەمىيتىمىزدىكى بىر قىسىم ‹‹يىگىت›› لەرگە تازا باپ كېلىدىكەن. ئىجادىيتىڭىزگە بەركەت تىلەيمەن.


























Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  72
يازما سانى: 233
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 589
تۆھپە : 4
توردا: 101
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-6-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-19 13:18:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ئەسەر تۇرمۇشقا يېقىن چىقىپتۇ.

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  416
يازما سانى: 425
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 603
تۆھپە : 16
توردا: 70
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-6-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-19 15:55:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ئەسەر تۇرمۇش چىنلىقىغا ئەھمىيەت بېرىلىپتۇ. ياىشى چىقىپتۇ.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  363
يازما سانى: 203
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 388
تۆھپە : 5
توردا: 45
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-6-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-19 16:46:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جەمىيىتىمىزدىكى بەزى يىگىتلەرگە «ئىلان» تەشۋىق ۋارىقى تەرىقىسىدە تارقاتقىلى بولسىدى بۇ مۇخەممەسنى... .
ياخشى چىقىپتۇ بۇ ئەسەر . ئىجادىيىتىڭىزگە بەرىكەت تىلەيمەن!

Rank: 12Rank: 12Rank: 12

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  112
يازما سانى: 148
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 375
تۆھپە : 4
توردا: 111
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-6-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-19 17:14:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ساتىرانىڭ ئىجتىمائىي رولى ۋە  مەنىۋىي كۈچىنى سەل چاغلىغى بولمايدۇ ،ئەپسۇس ، بۇ ژانىر سەل يىتىمسىراپ قېلىۋاتامدۇ نېمە ؟....

شىئېر جېنىمدۇر ، شىئېر  ۋىجدانىم،شىئېر قېنىمدۇر ، شىئېر گۈلخانىم.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  85
يازما سانى: 58
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 375
تۆھپە : 0
توردا: 56
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-6-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-19 17:37:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەھەدى ئۇستازنىڭ ئويلىغانلىرى تۇلىمۇ ئەتراپلق بوپتۇ.شئېر يىتىمىزدە شىئىرى ئەسەرلەرنىڭ سۈز پاساھىتىگە يۈرۈش قىلىش قەدىمى تىزلەشكەندىن بىرى ساتېرا ژانىرىدەك بىر قەدەر ئاچچىق كىنايەيۇرۇتۇلغان،مەزمۇن ئۇچۇق بايان قىلىنغان ئەسەرلەر  بەدئىلىگى تۈۋەن دەپ قارىلىپ مەتبۇئاتلار ئانچە قارشى ئالمىغاچقا بۇ ساھەدىكى ئىجادىيەت ئېلىپ بارىدىغانلار يازغان ئەسىرىنى يۇرۇقلۇق كۆرسىتەلمەي يىتىمسىرەپ قېلىۋاتىدۇ.جۇڭگۇ مىللەتلىرى بىلەن كىرورە زۇرنىلىلا ئاز بولسىمۇ سەھىپە ئاجىرتىپ چىقىش يۇلى ھازىرلاپ بىرىۋاتىدۇ.ساتىرا ژانىرىغا يول مۇشۇنداق تار بۇلىۋەرسەبۇ ژانىر يۇقىلىش خەۋىپىگە دۈچ كىلىشى مۇمكىن. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ۋارىس تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-19 17:40  


Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  93
يازما سانى: 62
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 139
تۆھپە : 9
توردا: 28
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-6-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-19 17:54:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
‹‹يىگىت دىگەن شۇنداق بولسا›› ھە!!!

شىنجاڭ يەكەندىن: تۇراپ نۇر
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


يازغۇچىلار تورىمىزنىڭ يېڭى بېتى ئېچىۋىتىلگىنىگە:
ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش