مېكرافون ئالدىدا: تۇنساگۈل بارات ئەلقىزى
مۇزىكا كىرىشتۈرگۈچى: ئەزىز ئىمىر يانغىن
نازارەتچى: ئەيبو ياقۇپ
چۈشۈرۈش ئادرېسى : mp3/abdu.mp3
(ئادرېس): forum.php?mod=viewthread&tid=897&extra=page%3D3
ئەسلى تېكىست:
ئاۋاز ئارتىسى ئابدۇقېيۇم ئىمىن تەرىپىدە غەزەل
ئاپتورى ــــ بارخان
كەلدى گويا مۇڭ ئىلە سۈبھى ئەزەن فەشتاقىدىن،
قۇببىدا ئايۇ- ھىلال كۈلگەي نەفىز ئاۋازىدىن.
ئىتىكاب خۇتبىغا جۈر بولماققا دىل ماھىل ئەجەپ،
روھ سۈيىدە تەن يۇيۇنغاي خۇش ئېغىز مىسۋاكىدىن.
شاھ ئىرۇر ئاۋازىدا شانى ئەنىڭ پەرۋازىدا،
قۇت نەفىز ئىمكانىدا ئەجرىكى ئول ئىقبالىدىن.
گاھ «غېرىپ»كە چارى باغ سۆيگۈ قارارىن ئەيلىسە،
گاھ غەزەل مەشرەپىدەك تۈزگەي ئاۋام ئەسرارىدىن.
رەنجى-فۇرقەت نارى- دەۋزەخ قەتلەئىي جاندىن بەتەر،
ھەر نىدا ئاھىدەكىم خىتابى ئوت پەريادىدىن.
ئەكسى ئاۋازى يانار گەر كۈلسە تەڭرىتاغىدىن،
ئەلگە «مەكتۇب» ئول «ئوغۇز» تەققاسى شول پەرمانىدىن.
مىڭ چىمەن باھارىدا زەپ تەختى گۈل شاھانىدا،
سۈرەتى ئاۋازىدا قەھ! قەھ! سالار خەندانىدىن.
قايسى بىر بۇلبۇل يەنە رەشكى- رىقابەت ئەيلىگەي؟
كەركىدان، بۆرە، ھىلال، ئۇد تۇغ- ئەلەم جەۋلانىدىن.
ئۇشبۇ دەم باغرىنى كەڭ ئاچتى دەۋر ئەلگە بېقىپ،
بىر تەسەننا... خەيرىيەتكى فىر-ئاۋاز سەردارىدىن.
مەنبە: مۇھەممەد(بارخان) ئىلھامى