يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 3275|ئىنكاس: 43

مەردان: رابىيە شېئىرلىرىدىن ئۈچ پارچە

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
496ad9d0ta377b70c2b8f&690.jpg

ئۇلۇغ سوفىست، شائىر: رابىيە ئەل ئاداۋىيا
(713~801، ئىراق)



روھىمدا

روھىمدا
بىر بۇتخانا، بىر ئىبادەتخانا، بىر مەسچىت، بىر چىركاۋ بار
ئاشۇ يەردە ئىبادەتتىمەن

دۇئا بىزگە بىر نەزىر سۇپىسى ئېلىپ كېلىدۇ
ئۇنىڭ ئىسمى يوق، ھەمدە تامسىز

قېنى قايسى بىر سۆيگۈنىڭ ئولتۇراقىدا
بۈيۈك يوقلۇق خاقان ئەمەسكەن؟

ئۇيەردە، توي گويا قارايامغۇردەك
ئۆزىنى ھۆلدەر
ھەمدە يوقىتار

قېنى قايسى بىر سۆيگۈنىڭ ئولتۇراقى
قاناتلىرى كۈچكە تولغان ھەمدە
تەنسىز ياكى باشسىز ئەمەسكەن؟

روھىمدا
بىر بۇتخانا، بىر ئىبادەتخانا، بىر مەسچىت، بىر چىركاۋ بار

ئۇلار ئاللاھنىڭ قوينىدا
ئىرەر، ئىرەر...







بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-9-18 19:06  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2013-9-16 18:09:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەرجىمە ياخشى چىقىپتۇ ،كېيىنكىلىرىگە قاراپ قالدىم ... بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   سەۋدام تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-9-16 18:13  


ۋاقتى: 2013-9-16 18:14:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ شائىرەتەسەۋۋۇپ پەلسەپىسىگە ئاساس سالغۇچىلارنىڭ ئەڭ دەسلەپكى ۋەكىللىرىدىن  بىرى ،رابىيە دېگەن ئايال  شۇ ئوخشىمامدۇ؟

باھا سۆز

شۇنداق، كۈلپىتى.  ۋاقتى: 2013-9-17 07:08 PM
ۋاقتى: 2013-9-16 23:00:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەردان بۇ بۈيۈك مۇتەسەۋۋۇپ ئايالنىڭ باشقا شېئىرلىرىمۇ بارمۇ؟ بولسا جىق_جىق يوللىماپسىز...ئۇسسىزلىقىمىز قانسۇن!

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-9-17 20:08:30 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پەلەكنىڭ ئەمچىكى


مەشھۇر شەخىسلەرنى ۋە
ئوخشىمىغان شەھەرلەرنى ئاڭلىغانمەن
ھەتتا ئەڭ پىنھان سىرلارنىڭمۇ
ئۇۋىسىدۇر قۇلىقىم

نۇرغۇن بۇتخانىلارنى، مەسچىتلەرنى ۋە ئەۋلىيالارنى
كىشىلەر سۆزلىيەلەيدىغاننىڭ ھەممىسىنىلا ئاڭلىغانمەن
ھەمدە
كۆرگەنمەن كىشىلەر ئارزۇلىغاننىڭ ھەممىسىنى
بىراق
بۇ دۇنياغا بولغان ھەۋىسىم
ئۆچكەن پۈتۈنلەي

ئۈمۈدسىزلىكىمدىن ئەمەستۇر زىنھار
ئاۋۋالدا، يېشىنسىز كۆلدىكى بېلىق ئىدىم
لاتقا ئىدى ئوزۇقۇم

بىراق بۈگۈن، ئەممەكتىمەن ئەمچىكىدىن پەلەكنىڭ


  



بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مەردان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-9-18 14:56  


باھا سۆز

شېئىرنىڭ نىمىلكىنى ئۈگىتىدىغان شېئىر! بەختىيار ۋەسالامەت بولۇڭ!  ۋاقتى: 2013-9-17 10:04 PM
نادىر شېئىر! مەردانغا سالام بولسۇن...  ۋاقتى: 2013-9-17 09:57 PM
ۋاقتى: 2013-9-17 22:58:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەردان بولسا رابىيە ئەل ئاداۋىيانىڭ شېئىر ئىجادىيىتى خۇسۇسىدىكى ئوخشىمىغان مۇلاھىزە ۋە ماقالىلەر بىلەنمۇ بىزنى تەمىن ئېتىشىڭىزنى ئۆمىد قىلىمەن. ئەجرىڭىزگە تەشەككۈر
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەرك تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-9-17 22:58  


باھا سۆز

رەھمەت، ئەلۋەتتە!  ۋاقتى: 2013-9-18 05:01 PM
ۋاقتى: 2013-9-17 23:20:11 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رابىيەنى ئۆلدى دېگەن كىم ؟ ئۇ ھېلىھەم ياشاۋاتىدۇ .

ۋاقتى: 2013-9-18 10:10:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەردان، تەسەۋۋۇپ شائىرەسى رابىيەنىڭ شېئىرلىرى بىلەن بىزنى ئۇچراشتۇرغىنىڭىزغا كۆپ رەھمەت.ئەگەر مۇمكىن بولسا، بۇ ئايالنىڭ شېئرلىرىنى داۋاملىق تونۇشتۇرۇش بىلەن بىرگە، تەسەۋۋۇپ پەلسەپىسى ۋە تەسەۋۋۇپ ئەدەبىياتى ھەققىدىكى تېخىمۇ ياخشى ماقالە، ئەسەرلەر بىلەن تەمىنلسىڭىز، ھۆرمەتجان فېكرەتنىڭ« قالپاق» كىيش ئۈچۈن يازغان «تەسەۋۋۇپ پەلسەپىسى»دىن كۆڭلۈم قالدى... قىسقىسى، مەن ئارزۇ قىلغان ھېچنىمىنى تاپالمىدىم...تەسسەۋۋۇپ پەلسەپەسى ۋە تەسسەۋۋۇپ ئەدەبىيات ھەققىدە يەنىمۇ ئەتراپلىق چۈشەنچىلەرگەئېرىشىش مۇمكىن بولارمۇ؟

ۋاقتى: 2013-9-18 12:22:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شائىر "روھىمدا" دېگەندە، شائىر ئەمەس بەلكى، شۇ روھ سۆزلەۋاتقان بولىدۇ. شائىرمۇ ئۇنىڭ بىر تىڭشىغۇچىسىدۇر. بۇ روھ مەنگە خاس بولغان ئىبادەتخانىمۇ، ياكى ئىبادەتنىڭ ئوبيېكتىمۇ؟
...

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   پاسئان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-9-18 12:43  


ۋاقتى: 2013-9-18 12:25:28 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
          روھىمدا
          بىر بۇتخانا، بىر ئىبادەتخانا، بىر مەسچىت، بىر چىركاۋ بار
          ئاشۇ يەردە ئىبادەتتىمەن


مەننىڭ روھىدا بىر بۇتخانا، بىر مەسچىت، بىر چىركاۋ، يەنە بىر ئىبادەتخانا باركەن. مەن شۇ يەردە ئىبادەتتە ئىكەن. ئۇنداقتا مەن ئۇلارنىڭ قايسىسىدا ئىبادەت قىلىدۇ؟ نېمىگە ئىبادەت قىلىدۇ؟
بۇ ھەرقانداق تۇيغۇن ئوقورمەنگە ئايان بولغان جاۋاپتۇر. مەننىڭ روھى بۇتپەرەسنىمۇ، مۇسۇلماننىمۇ، خىرىستىياننىمۇ، باشقا غەيرى دىندىكى ھەرقانداق بىر ئېتىقاد ئىگىسىنىمۇ ئۆزىگە سىغدۇرالايدىغان، ھەممىدىن قۇرۇغدالغان كاۋاك روھتۇر. دېمەك مەننىڭ ئىبادەتخانىسى ئۇلارنىڭ ھېچقايسىسى ئەمەس، ھەم ئۇلارنىڭ ھەممىسىدىن يۇغۇرۇلغان ئارىلاش لايدىن قوپۇرۇلغان. ھالبۇكى ئۇنىڭ ئىبادەت قىلىدىغىنى زادى نېمە؟
قۇرئان كەرىمنىڭ سۈرە تەغابۇن، بىرىنچى ئايىتىدە مۇنداق دېيىلىدۇ: "يۇسەببىھۇلىللاھى مافىسسەمەۋاتى ۋەمەفىلئەرزى لەھۇلمۇلكۇ ۋەلەھۇلھەمدۇ ۋەھۇۋەئەلاكۇللىيشەيئىن قەدىر." يەنى، "ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى بارلىق شەيئىي ئاللاھقا تەسبىھ ئېيتىدۇ. پادىشاھلىق ئاللاھنىڭدۇر، بارلىق ھەمدۇسانا ئاللاھقا خاستۇر، ئاللاھ ھەممىگە قادىردۇر" يەنە، ئىنجىلنىڭ ۋەھىلەر توپلىمى - "يۇھاننانىڭ يەتتە ئېتىقادچىلار جامائىتىگە سالام يوللىشى" دا مۇنداق دېيىلىدۇ: "خۇدا دەيدۇكى: باش ۋە ئاخىر ئۆزۈمدۇرمەن. ھازىر ۋە ئەزەلدىن بار بولغان ھەم مەڭگۈ بار بولغۇچىمەن، شۇنداقلا ھەممىگە قادىردۇرمەن."

داۋامى بار...

ۋاقتى: 2013-9-18 13:00:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
         دۇئا بىزگە بىر نەزىر سۇپىسى ئېلىپ كېلىدۇ
        ئۇنىڭ ئىسمى يوق، ھەمدە تامسىز

دۇئا - ئىبادەت قىلغۇچىنىڭ ئىبادەت ئوبيېكتىغا يوللىغان سالىمىدۇر! بۇ سالام ئىبادەت قىلغۇچىغا بىر نەزىر سۇپىسى ئېلىپ كەلدى.
-نەزىر قىل!
مەن نېمىنى نەزىر قىلىدۇ؟ بۇ نەزىرگاھنىڭ ئىسمى يوق، ھەمدە تامسىز. دېمەك ئۇ «يوق»تۇر. مەن روھىدىكى بارلىقنى بۇ «يوق»لۇققا نەزىر قىلىدۇ. مەن دۇئادىن قۇرۇقدىلىدۇ. مەن ئىبادەت ئوبيېكتىدىن قۇرۇقدىلىدۇ. بۇ ئۇشتۇمتۇتلا «ئۆلۈۋېلىش سەنئىتى» رومانىدىكى «لەۋلىرى خېلىلا ئوماقكەن، شۇڭا سۆيۈپ قويدۇم» دېيىلگەن بىر دېئالوگنى ئېسىمىزگە سالىدۇ. سۆيۈشنىڭ سەۋەبى لەۋنىڭ ئوماقلىقى. سۆيۈشنىڭ بولۇشى لەۋنىڭ مەۋجۇتلۇقىدىن. ئەگەر لەۋ بولمىسا سۆيۈش نە قىلسۇن؟! بۇ يەنە مەندە روھنىڭمۇ بولمايدىغانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىدۇ.

...

ۋاقتى: 2013-9-18 13:04:15 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇڭا مەن شېئىرنى داۋاملىق خاتىرىلەيدۇ:

         قېنى قايسى بىر سۆيگۈنىڭ ئولتۇراقىدا
         بۈيۈك يوقلۇق خاقان ئەمەسكەن؟


ۋاقتى: 2013-9-18 13:26:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سوفىزىمنى ئەسلى مەنىسىگە قايتۇرغۇچىلار ئۇنىڭ «ئەبەدىيلىككە ئۇلىشىش» ئىكەنلىكىنى قەيت قىلىشىدۇ. بۇ خىل ئالاھىدىلىككە قارىغاندا ئۇ ھەرقانداق ئېتىقاد شەكلىدىن تېپىلىدىغان جەۋھەردۇر. بۇ شەكىلدە ئىنساننىڭ ئىنسانلىق تۈسى بارا-بارا تۇيغۇغا ئورۇن بوشىتىدۇ-دە، دىنلار ئوتتۇرىسىدىكى پەرق، شۇنداقلا ئىنسانىي پەگالىق يوقايدۇ.

      ئۇيەردە، توي گويا قارايامغۇردەك
      ئۆزىنى ھۆلدەر
      ھەمدە يوقىتار

مەن يېزىققا ئالغان «ئۇ يەر» دەل سوفىزىمدىكى ھەق بىلەن بىرلىشىش ئىستىكى ئەمەلگە ئاشىدىغان، شائىرلار ئەقىل بىلەن ھېسسىياتنى بېرىكتۈرۈپ تۇيغۇلاشتۇرىدىغان، يەنە  بىر قىسىم سەنئەتكارلارنىڭ مودا بولۇۋاتقان (迷幻后摇) مۇزىكىلىرى ياكى  (DMT) ئۇسلۇبىدىكى مۇزىكىلاردا قوغلىشىلغان روھىي زىلزىلە يۈز بېرىدىغان ۋاقىتسىز (مېتافىزىك) نۇقتىدۇر!
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   پاسئان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-9-18 15:41  


ۋاقتى: 2013-9-18 13:29:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دەل مۇشۇ نۇقتا (جاي) رابىيە ئەل ئاداۋىيە بىراۋلارنىڭ "ھەقنى سۆيەمسەن، شەيتاننى ئۆچ كۆرەمسەن؟" دەپ سورىغان سوئالىغا، "ئاللاھ سۆيگۈسى ئىچىمگە شۇنچىلىك توشۇپ كەتتىكى، شەيتانغا ئۆچمەنلىك قىلىش ئۇنىڭغا سىغمايدۇ" دەپ جاۋاب بەرگەن جايدۇر. بۇ نۇقتا يەنە مەشرەپنى "جەننەتۇ كەۋسەرمەنەم، ھەم دەۋزەخۇ سەقەرمەنەم، بىر ئۆزۈمدۇرمەن بۇدەم، ھەفت ئاسمانغە سىغمادىم" دېگۈزگەن جايدۇر.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   پاسئان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-9-18 13:42  


ۋاقتى: 2013-9-18 13:47:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇڭا، مەننىڭ سۆيگۈسىنىڭ ئولتۇرىقى ھامان تەنسىز، باشسىز  (يوق) بولىدۇ.

      قېنى قايسى بىر سۆيگۈنىڭ ئولتۇراقى
      قاناتلىرى كۈچكە تولغان ھەمدە
      تەنسىز ياكى باشسىز ئەمەسكەن؟

دېمەك، ھەرقانداق سۆيگۈ (ئىبادەت، قاراش، ئىستەك) ۋىسال (يوق)غا سوزۇلىدۇ.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش