ئۇلۇغ سوفىست، شائىر: رابىيە ئەل ئاداۋىيا
(713~801، ئىراق)
روھىمدا
روھىمدا
بىر بۇتخانا، بىر ئىبادەتخانا، بىر مەسچىت، بىر چىركاۋ بار
ئاشۇ يەردە ئىبادەتتىمەن
دۇئا بىزگە بىر نەزىر سۇپىسى ئېلىپ كېلىدۇ
ئۇنىڭ ئىسمى يوق، ھەمدە تامسىز
قېنى قايسى بىر سۆيگۈنىڭ ئولتۇراقىدا
بۈيۈك يوقلۇق خاقان ئەمەسكەن؟
ئۇيەردە، توي گويا قارايامغۇردەك
ئۆزىنى ھۆلدەر
ھەمدە يوقىتار
قېنى قايسى بىر سۆيگۈنىڭ ئولتۇراقى
قاناتلىرى كۈچكە تولغان ھەمدە
تەنسىز ياكى باشسىز ئەمەسكەن؟
روھىمدا
بىر بۇتخانا، بىر ئىبادەتخانا، بىر مەسچىت، بىر چىركاۋ بار
ئۇلار ئاللاھنىڭ قوينىدا
ئىرەر، ئىرەر...
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-9-18 19:06