يازغۇچىلار تورى

ئىگىسى: مەردان

مەردان: رابىيە شېئىرلىرىدىن ئۈچ پارچە

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2013-9-21 14:17:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رابىيە خانىم چاچما شېئىرنىڭ چوڭ ئانىسى ئىكەنغۇ ؟

ۋاقتى: 2013-9-21 23:16:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇلۇغ سوفىست، شائىر: رابىيە ئەل ئاداۋىيا


سوفىست، شائىر: رابىيە ئەل ئاداۋىيا

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-9-22 07:14:43 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رابىيە ئەل ئاداۋىيا  ئەل قەسىييە بىلەن قىسقىچە تۇنۇشۇش

ھاياتى (تەخمىنەن 714~801 يىللار)

ھازىرقى ئىراقنىڭ شەرقى جەنۇبىدىكى  پورت شەھەر باسىرادا  تۇغۇلغان.  ئۇ دادىسىنىڭ تۆتىنچى قىزى ئىدى، شۇڭلاشقا ئىسمى رابىيە قويۇلغان. ئائىلىسى ئىنتايىن نامرات بولغاچقا،  كىچىك رابىيە دادىسىنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن ئاچا-سىڭىللىرىدىن ئايرىلىپ ئاتىك جەمەتىدە دىدەك بولغان. بۇ جەرياندا ئۇ  خۇدا،  دىن،  ئاياللىق،  ئەركىنلىك توغرىسىدا ئويلىنىشقا گىرىپتار بولغان. ئۇ كۈندۈزى ئىشلىسە، كېچىسى ئۇخلىماي ئىبادەت قىلاتتى، پۈتۈن كېچە يىغلاپ چىقاتتى، دائىملا غەمكىن يۈرەتتى. شۇ سەۋەپتىن ئاتىك ئائىلىسىدىمۇ ئۇزاق تۇرالمىغان، ئاتىك ئائىلىسىدىن چىقىپ كەتكەن رابىيە زاھىدلىق يولىغا ماڭغان ۋە ئۆمرىنىڭ ئاخىرغىچە تەنھا ئۆتكەن. تارىخچىلار ئۇنى ئېرۇسالىمدا ۋاپات بولغان ۋە ئاسېنسوندىكى بىر چىركاۋغا دەپنە قىلىنغان دەپ قارىشىدۇ. ئۇ ھايات ۋاقتىدا ھېچقانداق قول يازما قالدۇرمىغان، ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلار ئاساسلىقى ئۆز ۋاقتىدىكى بىر قىسىم دەرۋىش، سوپىلار ۋە كېيىنكى زاماندىكى  پەيلاسوپ، تەسەۋۋۇپچى شائىرلارنىڭ كىتابلىرىدا ۋە خەلق ئارىسىدا تارقىلىپ يۈرگەن رىۋايەتلەردە قەيت قىلىنغان. ئۇنىڭ نامىغا يۈكلەنگەن نۇرغۇن شېئىرلارنىڭمۇ ئېنىق مەنبەسى يوق. ئەل خۇجۋىرى، فەررۇدىن ئەتتار، ئىبىن ھەدىدى، ئىمام قۇشەيرى، ئىمام ئەنسارى قاتارلىقلار ئۆز ئەسەرلىرىدە ئۇنىڭغا يۈكسەك باھالارنى بەرگەن. يېقىنقى زاماندىمۇ مەخسۇس رابىيە تەتقىقاتىدىكى ئىلمىي ئەسەرلەر كۆپلەپ مەيدانغا كەلگەن.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مەردان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-9-22 13:47  


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-9-22 07:15:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پەلسەپىسى

رابىيە ئىسلام زاھىدچىلىقىنىڭ سوفىزىمغا ئۆتۈشىدىكى ئەڭ مۇھىم رول ئوينىغۇچىسى. ئۇنىڭدىن ئاۋۋال زاھىدلارنىڭ ئارىسىدا "ئىشىق" ئاتالغۇسى يوق بولۇپ، رابىيە تۇنجى بولۇپ زاھىدلىققا "ئىشىق" ئاتالمىسىنى ئېلىپ كىرگۈچى، شۇنداقلا سوفىستلىققا يول ئاچقۇچىدۇر. شۇڭلاشقا ئۇ سوفىزىمنىڭ ۋە تەسەۋۋۇپ شېئىرىيتىنىڭ بارلىققا كېلىشىگە بىۋاستە تەسىر كۆرسەتكەن، ئاساس سالغان دەسلەپكى كىشىلەرنىڭ بىرى دەپ سانىلىدۇ.
رابىيە ئىسلام پەلسەپىسى تارىخىدا "ئىشىق"نى ئەڭ يۈكسەك پەللىگە كۆتۈرگەن شائىر ھېسابلىنىدۇ. ئاللاھقا بولغان سۆيگۈ ئۇنىڭ شېئىرلىرىدىكى ۋە شاگىرتلىرى بىلەن قىلىشقان دىئالوگلىرىدىكى ئاساسلىق تېما. ئۇ ھىجرىيەنىڭ ئىككىنچى ئەسىرىدە ئەۋج ئالغان زاھىدلىق ھەركىتىنىڭ "ئىشىق"نى ئاساس قىلغۇچى بىردىنبىر ۋەكىلى، ئۇ ۋاقىتتىكى ئاساسىي ئېقىم زاھىدلىقتا جەبىرنى ۋە ئوقۇبەتنى تەكىتلەيتتى. رابىيە شاگىرىتلىرىغا دائىم: " بارلىق ئىبادەتنىڭ، ھەركەتنىڭ،ھەتتا ھاياتلىقنىڭ ۋە ئاللاھنىڭ مەنىسى پەقەتلا ئاشۇ ئىشىقتىندۇر" دەپ تەلىم بېرەتتى. ئۇنىڭ نۇرغۇن سۆزلىرى كېيىنكى سوفىستلار تەرىپىدىن كەڭ كۆلەمدە ئىشلىتىلگەن.
رابىيە يەنە بەلكىم ئىسلام تارىخىدىكى تۇنجى ئايال زاھىد سانالسا كېرەك، شۇنىڭدىنمۇ بىر قىسىم غەرب تەتقىقاتشۇناسلىرى رابىيەنىڭ بىر ئۆمۈر ياتلىق بولمىغانلىقى ۋە ئۇنىڭ ھەرقانداق شەكىلدىكى قۇللۇقنى رەت قىلغانلىقىدىن ئۇنى فىمىنىزمنىڭ ئەڭ بۇرۇنقى ۋەكىللىرىدىن بىرى دەپ قارىشىدۇ ھەم ئۇنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى تەسىر دائىرىسىنىڭ كەڭلىكىگە ئاساسەن ئۇنى ئىسلام قۇللۇق جەمىئىيىتىنىڭ  تېخىمۇ مۇكەممەل بىر مۇسۇلمان جەمئىيىتىگە ئايلىنىشىدا بەلگىلىك رول ئوينىغان دىيىشىدۇ.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مەردان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-9-22 13:49  


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-9-22 07:15:18 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھېكايەتلەر

بىركۈنى كىشىلەر رابىيەنىڭ بىر قولىدا چۆگۈن، يەنە بىر قولىدا ئوتقاش كۆتۈرۈپ، كوچىلاردا ئالدىراپ يۈرىۋاتقانلىقىنى كۆرۈشىدۇ. ھەممەيلەن ئۇنىڭ بىر ساراڭ خوتۇن ئىكەنلىكىنى بىلىشەتتى، كېلىپ ئۇنىڭدىن سورىشىدۇ:" نېمە بولدۇڭ؟ نېمىشقا بىر قولۇڭدا ئوت، بىر قولۇڭدا سۇ كۆتۈرۈۋالدىڭ؟" رابىيە ئۇلارغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دەيدۇ:" ئوڭ قولۇمدىكى سۇدا دوزاخنى ئۆچۈرىمەن، سول قولۇمدىكى ئوتتا جەننىتىڭلارنى كۆيدۈرۋېتىمەن. مۇشۇ ئىككى نەرسە پۈتۈنلەي يوقالمىغۇچە، كىشىلەر ئىماننىڭ نېمىلىكىنى مەڭگۈ چۈشەنمەيدۇ."

بىر قېتىم ئۇ ئۆزىنىڭ شەيتاندىن قورقمامدىغانلىقى، ئەجىبا ئۇنى ئۆچ كۆرمەمدىغانلىقى توغرىسىدا سورالغاندا، مۇنداق دەپ جاۋاب بېرىدۇ:" ئاللاھ سۆيگۈسى ئىچىمگە شۇنچىلىك توشۇپ كەتتىكى، شەيتانغا ئۆچمەنلىك قىلغۇدەك جاي قالمىدى."

بىركۈنى سوفىيان ساۋلۇر( ئەينى دەۋىردىكى ئوقۇبەت دەرۋىشلىرىنىڭ ۋەكىلى) ئۇنىڭ بىلەن مۇلاقەت بولۇشقا كېلىدۇ. پاراڭ ئارىسىدا ئۇنىڭغا:" سىز ھەددىدىن زىيادە چۈشكۈن." دەيدۇ. رابىيە بولسا :" توغرا دەيسىز، بىراق بۇ چۈشكۈنلۈك ئاللاھقا بولغان چۈشكۈنلۈك بولسا، ئۇنداقتا بۇ تېخى يېتەرلىك ئەمەس!" دەپ جاۋاب بېرىدۇ.

يەنە بىر قېتىم سوفىيان ئۇنىڭدىن:" ھەرقانداق بىر ئېتىقادنىڭ مۇددىئاسى، ھەرقانداق بىر ئىبادەتنىڭ مەقسىدى بولىدۇ، ئۇنداقتا سىزنىڭ ئىبادىتىڭىزنىڭچۇ؟" دەپ سورايدۇ. رابىيە مۇنداق جاۋاب بېرىدۇ:" ئەگەر ئىبادىتىم جەننەتكە كىرىش ئۈچۈن بولسا، ئۇ مېنى جەننەتتىن قوغلىسۇن،  ئەگەر ئىبادىتىم دوزاختىن قورققانلىقىمدىن بولسا، ئۇ مېنى دوزاخقا تاشلىسۇن! مېنىڭ ئىبادىتىم پەقەت ۋە پەقەت ئاللاغا بولغان  چەكسىز سېغىنىشىمدىن ۋە مۇھەببىتىمدىندۇر. ھەرقانداق ئۈمۈد ۋە قورقۇنچ ئاللانىڭ جامالىغا يېتىشىمىزگە توسقۇنلۇق قىلىدۇ."


images.jpg







بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مەردان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-9-22 17:44  


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-9-22 15:30:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


"ھەقىقەتەن، ئۇ ئىشىق ئەھلىنىڭ ئەڭ كاتتىسىدۇر."
                                                                  -- ئىبن خەبباد



rabiya.jpg

روھىمدا
بىر بۇتخانا، بىر ئىبادەتخانا، بىر مەسچىت، بىر چىركاۋ بار...

ۋاقتى: 2013-9-22 17:13:43 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پاسئان يوللىغان ۋاقتى  2013-9-19 14:31
كۆڭۈلدە قالغاننىڭ ھەممىسىنى ئوقۇرمەنگە ئاشكارىلاشمۇ  ...

رەھمەت پاسئان ئەپەندى، مەن ئەلۋەتتە ئۆزەمنىڭ نىمە دەۋاتقان، نمىلەرنى ئويلاۋاتقان، نىمىلەرنى ئىزدەۋاتقىنىنى ئوبدان بىلىمەن،تېخى ئېزىۋاتقىنىم يوق... يول كۆرسەتكىنىڭىزگە كۆپ رەھمەت.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-9-23 22:11:22 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رابىيەنىڭ ئىنگىلىزچە مەنبەلەردىكى بىر قانچە شېئىرى


ھاياتىمدىكى پۈتكۈل ئويۇمنىڭ
سەن باشلىغان يىگانە يول تامان ئاقىدىغانلىقىنى
ھەتتاكى، كۆزۈمنىڭ نۇرلىرىنىڭمۇ
سېنىڭ سورىقىڭ ئۈچۈنلا خىزمەت قىلىدىغانلىقىنى
بىلىسەن، ئەي ئىگەم.





ۋاقتى: 2013-9-24 10:58:44 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەرداننىڭ ئەجرىگە كۆپ تەشەككۈر! مۇشۇ خىل ئەسەرلەر بىلەن كۆپىرەك تونىشىش پۇرسىتى يارتىپ بېرۋاتقان بىر تۈركۈم ياشلارغا ھەۋەس قىلىدۇ كىشى .
پاسئىاننىڭ  شەرھئىيلىرىگە   قايىل بولماي تۇرالمىدىم .

ۋاقتى: 2013-9-24 12:58:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر كۈنى كىشىلەر رەبىئەدىن سوراپتۇ:
-ئېي رەبىئە، شەيتاننى ئۆچ كۆرەمسىز؟
-ياق.
-نېمىشقا؟
-چۈنكى مېنىڭ قەلبىم ئاللاغا بولغان ئىشىق بىلەن توشوپ كەتكەن، قەلبىمدە شەيتاننى ئۆچ كۆرگۈدەك ئورون يوق،_دەپتۇ.

ۋاقتى: 2013-9-25 22:35:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پاسئاننىڭ تەھلىلى شېئىرنىڭ ھۆسنىگە ھۆسىن قېتىپتۇ . رابىيەگىمۇ، پاسئانغىمۇ، مەردانغىمۇ سالام بولسۇن.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-9-26 22:58:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
*   *   *


بۇ تىنچلىق
تەنھالىق كۆلبەمدىن كەلگەن تىنچلىقتۇر، ئەي يارەن.
ھەمدە مېنىڭ سۆيگۈنۈم
ئەنە ئاۋۇ تەنھاسى، ئەنە ئاۋۇ ھامان مەن بىلەن بىرگىسى.
مېنى بۇ ئالەمدىن پەقەت ھېچنېمىگىلا ئېرىشتۈرگەن
بارلىق سەۋەبلەرنىڭ سەۋەبى بولغان بۇ سۆيگۈنى
قۇملۇقۇمنى تىرنايدىغان ئارىدۇر دەيمەن.
ئەگەر ئۆلۈمگە بولغان ئىشتىياقىمدىن
ئانچىكى رازى بولماي قالسا ئۇ
رازىمەن مەڭگۈلۈك چۈشكۈنلۈك ئىچرە ياشاشقا.

ھەممىدىن ۋاز كەچتۈرۈشتۇر ئۇنىڭ ئادىتى،
ھەمدە ئالقىنىمدىكى بەزى ئالامەتلەر
ئۇنىڭ يەنىلا مېنى سۆيىدىغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ.
مانا بۇ مەن ئىزدەيدىغان ئىسىم ھەمدە نىشاندۇر.





بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مەردان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-9-27 10:30  


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-9-27 10:58:18 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
*    *    *

سېنى سۆيۈشنىڭ ئىككى خىل ئۇسۇلى بار:
بىرى شەخسىيەتچى سۆيگۈدۇر
يەنە بىرى ساڭا ئەرزىيدىغىنى.
شەخسىيەتچى سۆيگۈدە
سەن ۋە سېنىڭ تەنھالىقىڭلا ئېسىمدە.
يەنە بىرسىدە، جامالىڭنى ئاشكارە ئەيلەيسەن
ھەمدە مېنى
ئۇندا ياشايدىغان كۆزۈمنىڭ زىياپىتىگە چاقىرىسەن.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-9-27 11:22:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
*    *    *
قەلبىمنىڭ چوڭقۇر قېتىدىن كەلگەن بۇ ئازاپ ۋە تەنھالىق بىر كېسەلدۇركى،
ھېچقانداق بىر تىۋىپ داۋا تاپالماس.
پەقەتلا
يار بىلەن بىرلىشىش مەلھەمدۇر ئاڭا.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مەردان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-9-27 11:29  


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-9-27 12:10:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنبە: http://www.onelittleangel.com/wisdom/quotes/saint.asp?mc=51 بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مەردان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-9-27 12:11  


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش