بىر ئوبدان پىكىر بولۇۋاتسا ، قىسمەن تورداشلىرىمىزنىڭ تەتۈر ئېقىم ھاسىل قىلىشقا ئۇرۇنۇشلىرى كىشىنى ئەپسۇسلاندۇرىدۇ . ئۇيغۇر تىلى _ ئىپادىلەش كۈچى كۈچلۈك ، يېقىملىق بىر تىل . ھەممىمىزگە مەلۇم بولغىنىدەك ، ئۇيغۇر تىلى _ « ئېغىز تىلى » ۋە « يېزىق تىلى » دەپ ئايرىلىدۇ . قېرىنداشلىرىمىز ياشاۋاتقان جۇغراپىيىلىك ئورۇننىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن ، ئېغىز تىلىمىز يەنە ھەر خىل شىۋىلەرگە ئايرىلىدۇ . ئوخشاش بىر سۆز ئوخشىمىغان رايوندا چوڭ بولغان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ تىلىدا ئوخشىمىغان تەلەپپۇزدا ئىپادە قىلىدۇ . شۇڭا ئېغىز تىلىدىكى خاتالىقنى زىغىرلىغىلى بولمايدۇ . بىراق ، يېزىق تىلىمىز ھەرگىز ئۇنداق ئايرىلمايدۇ . دۇنيانىڭ ھەر قانداق بىر يېرىدە ئوخشاش سۆز ئوخشاش ئىملا بىلەن يېزىلىدۇ ھەم مۇتلەق شۇنداق بولۇشى كېرەك .
تىل _ بىر مىللەتنىڭ كىملىكى . تىل - يېزىقنىڭ مەۋجۇتلۇقى _ مىللەتنىڭ مەۋجۇتلۇقىدۇر . بىر مىللەتنى زاماندىن زامانغا ئۇلايدىغان شۇ كىملىكنىڭ نوپۇزى بىزگە كەلگەندە خۈنۈكلىشىپ كەتمىسۇن ! پۈتكۈل ئۇيغۇر تىلىنى بىراقلا تۈزەپ ساپلاشتۇرۇش قولىمىزدىن كەلمىسىمۇ ، ئۆز ئىملايىمىزنى توغرىلاش ، راۋان ئىملايىمىز ئارقىلىق ئەتراپىمىزدىكىلەرگە تۈرتكە بولۇش قولىمىزدىن كېلىدۇ . قېنى ، ھەممىمىز بىرلىكتە ئۇيغۇر تىلىنىڭ گۈزەل ئەتىسىنى بەرپا قىلىش ئۈچۈن تىرىشايلى !
( قېنى كىم مۇشۇ ئىنكاستىن ئەڭ كۆپ ئىملا خاتالىقىنى تېپىپ چىقالايدۇ ؟
)
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا xahriyar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-4-18 23:36