ئىگىسى: admin

«يازغۇچىلار تورى»دىكى ئىملا مەسىلىسى

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2013-11-13 14:37:30 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قارايۈز يوللىغان ۋاقتى  2013-11-10 02:48
ئانالىز ئىسىملىك تورداش مەزكۇر تېما ئاستىدىكى ئىنكاسل ...

قارا يۈز ئەپەندى ئۆزىڭىزچە مىنىڭ سۆزلىرىمنى بۇرمىلاپ،نەدىكى ئاقماس مىساللارنى كۆرسىتىپسىز.
مەن مىسالغا ئالغان سۆزلەر توغۇرلۇق بىر نەرسە دىيەلمەپسىز.مەسىلەن شېئىر نى شىر دىسە ئۇنىڭ مەنىسى ئۆزگىرىپ كىتىدۇ.ۋە دەل جايىدىلا رەددىيەگە ئۇچرايدۇ.ئىشت سۆزىنى يامان ئەمەس مىسالغا ئاپسىز.لىكىن بىر تەرەپلىمە...مەن دىمەكچى خەلىق دىگەن سۆزنى ھەممەيلەن ھەتتا يۈزى قارابولغان ئەپەدى سىزمۇ شۇنداق دەيسىز.دوس دىگەن سۆزنىمۇ شۇ.مەن ئۇنداق دېمەيمەن دەپ تۇرىۋالسىڭىزمۇ بولىۋېرىدۇ.چۈنكى سىزنىڭ قوللانغان ئىسمىڭىزغا ھۆرمەت قىلىپ مەنمۇ ھە ماقۇل دەپ قويىمەن.سىزنىڭ بۇ يەردە قويالىغان بىردىنبىر ئاساسلىق پاكىتىڭىز نەشىرىيات ئۆتكىلى خالاس.
مەلۇم ئىلھامنىڭ تۈرتكىسىدە مەلۇم بىر يازمىغا قەلەم تەۋرەتكۈچى نەشىرىياتنى مەقسەت قىلىدىكەن ئۇ چوقۇم سىياھقا سۇ ئارىلاشتۇرۇپ قويغان بولىدۇ.قارا يۈز بولىدۇ.ئەسەرنى يازغۇچى يېزىش ئۈچۈن،قەلبىدە پارتلىغان ئىلھامنى تۆكۈپ تاشلاش ئۈچۈن يازىدۇ دەپ قارايمەن.مەيلى ئۇ نەشىرىيات دەرۋازىسىغا بارالىسۇن بارالمىسۇن خەلىق ۋە تارىخ ئاخىرىدا ئۆز باھالىرىنى بېرىدۇ.ئىشەنمىسىڭىز قاراپ بېقىڭ.سىز دىگەن شۇ ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەسەرلىرىنىڭ يېزىقىمۇ بىزنىڭ ھازىرقى يېزىقىمىزدىن كۆپ پەرقلىنىدۇ.ھەم سىزنىڭ ئىملا كىتابىڭىزغىمۇ چۈشمەيدۇ.دېمەك بۇرۇنقى ئىملا  تەرەققى قىلىپ بىزنىڭ قولىمىزدىكى ئېملا كىتابلىرىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈردى.ئەمما سىزدەك پىكىردىكى بىر مۇنچىلار بۇ ئىملا كىتابى ھازىرقى ئىشلىتىۋاتقان تىلىمىزدىن يىراقلاپ كەتسىمۇ،شۇنى چىڭ قۇچاقلىۋېلىپ جاھىللىق قىلماقتا.سىزنىڭ ماڭا ياققان بىردىنبىر سۆزىڭىز مىنى يېرىم چېلەك سۇغا ئوخشاتقىنىڭىز.مەن مەڭگۈ يېرىم چېلەك سۇدەك شالاقلاپ ئاۋاز چىقىرىپ تۇرۇشنى خالايمەن.ئەمەلىيەتتە سىزمۇ بەزىبىر چېلەكلەرگە سېلىشتۇرغاندا لىق ئەمەس.پەرق پەقەت چېلەكتىكى سۇنىڭ كۆپ ئازلىقىدا.ئەگەر مەن توشاق دەپ قارىسڭىزمۇ قوللانغان ئىسمىڭىز سەۋەبلىك سىزدىن خاپا بولۇپ كەتمەيمەن.ئاخىرىدا بىر گەپ مەن نەشىرىياتتىكىلەرنىڭ ياقىسىغا ئېسىلمايمەن.مەن مۇشۇنداق توردا دەيمەن.چۈنكى نەشىىريات ياقا سىقىشىدىغان يەر ئەمەس.تور سۆزلەيدىغان يەر. نېمە دىسەم ئىختىيارىم.

ۋاقتى: 2013-11-13 19:25:41 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   گېپىمنى چۈشەنمىگەن ئوخشايسىز «ئانالىز» ئەپەندى! سىزنى ھەرگىزمۇ «يېرىم چېلەك سۇغا» ئوخشاتمىدىم. پەقەت «قۇرۇق چېلەك بەك تاراڭلايدۇ» دېدىم. سىزنىڭ «قۇرۇق چېلەك» دېگەن سۆزنى «يېرىم چېلەك سۇ» دېگەن مەنىدە چۈشىنىشىڭىزگە قاراپ، «ھەقىقىي ئىسمى - جىسمىغا لايىق ‹ئانالىز› ئىكەن» دەپ ئويلىدىم. يۇقىرىدىكى بەزى ئىنكاسلاردا سىز ھەتتا باشقىلارغىمۇ شۇنداق «بېشەملىك» قىپتىكەنسىز. توغرا، سىز نەشرىيات ئۆتكىلىنى چوڭ بىلمەيسىز، ئەسەرلىرى پەقەت توردىلا ئېقىپ يۈرىدىغان، نەشر ئۆتكىلىدىن ئۆتكۈدەك ئەسەر يازالمايدىغان ھەم سۇنۇش شەرتىگە توشمايدىغانلارنىڭ بۇ خىل ئاغرىنىشلىرىغا ئەلۋەتتە توغرا مۇئامىلە قىلىش كېرەك. ئەمما توردا بۇنداق قۇرۇق تېرە تاراقشىتىشىىڭىزنىڭ ھېچقانداق ئورنى يوق، ئەلۋەتتە! شۇنىسى ئېنىقكى، تىل - يېزىق كومىتېتى ۋە نەشرىياتتىكىلەرنىڭ ياقىسىغىمۇ ئېسىلالمايسىز، چۈنكى سىز ئۆزىڭىزنىڭ جاھىلانە پىكىرلىرىڭىز بىلەن مەڭگۈ يېتىم قالىسىز، قارىسام، يۇقىرىدىكى ئىنكاسىڭىزدا ئۆزىڭىزمۇ تۇيمىغان ھالدا مېنىڭ سۆزلىرىمنى تەن ئاپسىز، ئەمما جاھىللىقىڭىز ئەقىل كۆزىڭىزنى توسۇۋالغان، «شېئىر» سۆزىنىڭ «شىر» دېيىلسە مەنىسى ئۆزگىرىدىغانلىقىنى، شۇڭا رەددىيە بېرىلىدىغانلىقىنى ئېيتىپسىز، دەل شۇنىڭدەك... ئەمىسە سىزدىن سوراپ باقاي، سىزنىڭچە «دوست» سۆزىنى «دوس» دەپ تەلەپپۇز قىلسىمۇ بولىدىكەن، ئۇنداقتا سىز «دوستۇم» دېگەننى «دوسۇم» دەيدىكەنسىز - دە! «دوسۇم» دېگەن سۆزىنىڭ «دوۋسۇم» سۆزىگە يېقىن كېلىدىغانلىقىنى بىلەمسىزكىن، ئېسىڭىزدە بولسۇن، سىزنى «يېرىم چېلەك سۇغا» ئوخشاتمىدىم، پەقەت «قۇرۇق چېلەك بەك تاراڭلايدۇ» دېدىم. سىزنىڭ ئىنكاسىمغا رەددىيە بېرىشتە خېلى قىينالغانلىقىڭىزنى يۇقىرىقى تۇتۇرۇقسىز گەپلىرىڭىزدىن ۋە ئىككى قېتىم ئىسىمىمنى ئالاھىدە تىلغا ئالغانلىقىڭىزدىن بىلگىلى بولىدۇ. بۇ ماڭا جېدەلخور خوتۇنلارنىڭ گەپ ئېغىر كەلسە «يەتمىش پۇشتىنى چىشلەپ تارتىدىغان» خۇيىنى ئەسلىتىپ قويدى، مەن ئىلگىرىمۇ دېگەن، ھازىرمۇ شۇنداق: نوچى بولسىڭىز، تىل - يېزىق كومىېتېتى بىلەن نەشرىياتقا بېرىپ، شۇلارنىڭ ياقىسىغا ئېسىلىڭ... ئىملانىڭ توغرا بولۇشى يېزىقچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلارغا قويۇلىدىغان ئەقەللى تەلەپ...
توغرا، خېلى ئەقلىڭىز بار ئىكەن، ئەگەر ياقا سىقىشقىلى بارسىڭىز، ئۆزىڭىزنى باشقا يەردە كۆرىسىز... بۇ ئەلۋەتتە ياخشى ئىش ئەمەس!

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   قارايۈز تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-11-13 19:32  


ۋاقتى: 2013-11-14 00:03:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەي بولدى قىلىڭلار  ئەمدى  تالاشمىغان بۇ  ئىش  قالدىمۇ  خاتالىقىمىزنى  كۆرسۈتۈپ بەرسە  بىز  تۈزۈتىۋالساق  ياخشى  ئەمەسمۇ ......بۇل؛ۇمپۇ  ھازىرقىدەك  قوش  تىل  مائارىپى  تەكىتلىنىۋاتقان  ئانا  تىم،ىز  ئاستا  ئاستا  ئۇنتۇلۇش  ئالدىدا  تۇرۇۋاتقان  ۋاقىتتا  ئانا  تىلىمىزنى  قەدىرلەيلى ..ئۆزۈمىزنى  ئۆ

ۋاقتى: 2013-11-20 12:25:57 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تېما ئىنتايىن ياخشى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپتۇ . قەلەم تۇتقان ھەر قانداق بىر ئادەم ئۆزى يازغان يازمىغا مەسئۇل بولۇشى كېرەك ، دەپ ئويلايمەن . يازمىنى يوللاشقا ئالدىرىماي ، بىر قېتىم تەكشۈرۈپ كۆرۈش ئىنتايىن مۇھىم . ئىلگىرى مەنمۇ بىرقانچە ئىنكاسلىرىمدا ئىملا مەسىلىسى ھەققىدە توختالغان ئىدىم . بۇ تېمىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلغىنىغا بەك خوش بولدۇم .  

ۋاقتى: 2013-11-27 22:31:18 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىملاغا چوقۇم دىققەت قىلىش كېرەك . تىل دېگەن بىر مىللەتنىڭ بەلگىسى، مىللەتنىڭ بايلىقى.
تىل - يېزىق خىزمىتىدە  ئەركىنلىكنى تەرغىپ قىلىش  ــ تىل -يېزىق  خىزمىتىدىكى  مەسئۇلىيەتسىزلىك.  باشقىلارنىڭ كۆرسىتىپ بەرگىنى توغرا بولسىلا، ئۇنىڭ كىم بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر ئۇنى قۇبۇل قىلىش، توغرىسىنى ئۆگىنىۋېلىش كېرەك.
ئىملا قائىدىسىدە: «دە، يە، نە » قاتارلىق سۆزلەرگە  قوشۇمچىلار قوشۇلغاندىن كېيىن ، بۇ سۆزلەرنىڭ تەركىبىدىكى « ئە» تاۋۇشى  ئاجىزلىشىپ، «ئې»غا نۆۋەتلىشىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن. شۇڭا ،بۇ سۆزلەر مەتبۇئاتتا « دېگەن» ،«يېگەن» ،«نېمە »  دەپ يېزىلىدۇ .
لېكىن، خېلى كۆپ كىشىلەر بۇ سۆزلەرنى«دىگەن\\دىدى»،«يىگەن\\يىدى»،
« نىمە\\نىمىسى» ... دېگەندەك شەكىلدە يېزىۋاتىدۇ.  يەنە شۇنىڭدەك،«كىتاب»،
«ئىقتىساد » ،«ئاخبارات» ،«ئېلىپ»،«بېرىپ»، ئېتى» ...دېگەندەك سۆزلەرنى «كىتاپ» ،«ئىقتىسات»،«ئاخپارات»،«ئىلىپ»،«بىرىپ»،ئىتى» ... دەپ يېزىۋاتىدۇ.)(بۇنداق مىساللار كۆپ) . ئەگەر بۇنداق ئەھۋال تۈزىتىلمىسە ،يەنى ئېغىز تىلىمىزدا  ئېيتىلغىنى بويىچىلا  يېزىش تەشەببۇس قىلىنىسا ،ياكى  ھەر قانداق بىر سۆزنىڭ ئىملاسىنى  ئۆزىمىز خالىغانچە يېزىۋەرسەك  ، تىلىمىزدا قالايمىقانچىلىق يۈز بېرىدۇ. تىلىمىزدىكى سۆزلەرنىڭ  ئىملاسىدا  ،شۇ سۆزنىڭ تۈرلىنىش ياكى ياسىلىشتىن  بۇرۇنقى ئەسلى ھالىتىنى ،يەنى سۆزنىڭ تومۇرىنى  بىلىپ ئىشلىتىش ــ ئىملا خاتالىقىنى ئازايتىشتىكى مۇھىم بىر ئامىل.  ئىملا مەسىلىسىدە  ،ھەممىمىزنىڭ سوغۇققان بولۇپ
بىلەرمەنلىكتىن كۆرە ، سەمىمىيلىك  بىلەن ئۆگىنىشىمىزنى تەۋسىيە قىلىمەن.

ۋاقتى: 2013-11-29 20:55:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

مىنىڭچە

‹ دەريا-كۆللەر لايدا تۇنۇپ كېتىشى، ›

ئەمەس    ‹ دەريا-كۆللەر لايدا تىنىپ كېتىشى  ›

دېسەك توغرا بولارمىكىن !؟

ۋاقتى: 2013-11-29 20:57:41 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


بۇ مەسىلىدە مەنمۇ قارا يۈزنىڭ پىكىرىگە قوشۇلىمەن.



ۋاقتى: 2014-1-4 12:37:41 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن قارا يۈزنى قوللايمەن ، چۈنكى ، ئېغىزدىن نېمە چىقسا شۇنى  يازغان بىلەن ، ئويغۇر تىلى گىرامماتىكىسىغا ئويغۇن  كەلمەيدۇ، ‹‹ دەرسلىك ››   ‹‹ دەرسلىگىم››  ،ئېغىزدا دەرسلىگىم ›› ، دېيىلگەن  بىلەن يازغاندا،   ‹‹دەرسلىكىم ›› دەپ يېزىلىدۇ.  ئېغېزدا ‹‹كىتاپ  ››دەيمىز  ،  يازغاندا ،   ‹‹كىتاب›› ، دەپ يازىمىز .،بۇئەڭ ئاددى مىسال پايدىسى بۇپ قالار .

ۋاقتى: 2014-1-4 12:37:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن قارا يۈزنى قوللايمەن ، چۈنكى ، ئېغىزدىن نېمە چىقسا شۇنى  يازغان بىلەن ، ئويغۇر تىلى گىرامماتىكىسىغا ئويغۇن  كەلمەيدۇ، ‹‹ دەرسلىك ››   ‹‹ دەرسلىگىم››  ،ئېغىزدا دەرسلىگىم ›› ، دېيىلگەن  بىلەن يازغاندا،   ‹‹دەرسلىكىم ›› دەپ يېزىلىدۇ.  ئېغېزدا ‹‹كىتاپ  ››دەيمىز  ،  يازغاندا ،   ‹‹كىتاب›› ، دەپ يازىمىز .،بۇئەڭ ئاددى مىسال پايدىسى بۇپ قالار .

ۋاقتى: 2014-1-4 12:46:43 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاينۇرى ،سىزنىڭ يازغان  ‹‹تېمۇنى ››،‹‹ تېموسى ›› ئەمەس  ،بۇ   ‹‹تېمىنى  ››،   ‹‹بۇ تېمىسىنى›› دەپ يازسىڭىز توغرا     بولىدۇ . تۈزۈتۈش  بەرگىنىمنى  كەچۈرۈڭ ، ‹‹دوست يىغلىتىپ ئېيتار، دۈشمەن كۈلدۈرۈپ›› مىنىڭ تۈزلۈگىمنى  كەچۈرۈڭ .

ۋاقتى: 2014-1-25 14:52:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىملا مەسىلىسى چوقۇم سەل قاراشقا بولمايدىغان تەخىرسىز مەسىلە.بەزى نەشىرىيات ئورۇنلىرىنىڭ بېسىپ چىقارغان كىتاب-ئەسەرلىرىدىمۇ ئىملا خاتالىقى بار.ئۇيغۇر تىلىدىكى ئەسەرلەرنى يالغۇز  ئۇيغۇرلارلا كۆرۈپ قالماستىن باشقا قېرىنداش مىللەتلەر ۋە چەتئەللىكلەرمۇ كۆرىدۇ ئەمەسمۇ.يەنە بىر مەسىلە تىنىش بەلگىلەردىكى مەسىلە.

ۋاقتى: 2014-3-26 17:22:41 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىملا مەسىلىسى ھەقىقەتەن مۇھىم مەسىلە، ئۇ بىر مىللەت تىلىنىڭ قېلىپلىشىشىدا ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ، بۇ ھەقىقەتەن ئىنچىكە مەسىلە، بۇ ماقالىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان پىكىر ناھايتى ياخشى بوپتۇ. ھەممىمىز ئىملاغا بەك دىققەت قىلايلى، قېرىنداشلىرىم،
ئەمەلىيەتتە، خەتنى توغرا يېزىش ئۇنچىۋالا قىيىن ئىشمۇ ئەمەس، سەل ئەستايىدىل بولساقلا بولىدۇ شۇ.

ۋاقتى: 2014-3-28 00:20:36 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئانالىز يوللىغان ۋاقتى  2013-11-10 00:27
مىنىڭچە ئىملاغا ئارتۇق  ئېسىلىۋېلىپ،ئۇنى زىغىرلاپ كىت ...

تىلنى بۇزۇش-دىلنى بۇزۇشنىڭ مۇقەددىمىسى،تىل دېمەك-غورۇر دېمەكتۇر...

ۋاقتى: 2014-3-28 00:23:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قارايۈز يوللىغان ۋاقتى  2013-11-10 02:48
ئانالىز ئىسىملىك تورداش مەزكۇر تېما ئاستىدىكى ئىنكاسل ...

خې خې،ھازىر جاۋاب

ۋاقتى: 2014-4-16 19:14:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نەۋقۇت311 يوللىغان ۋاقتى  2014-3-28 00:20
تىلنى بۇزۇش-دىلنى بۇزۇشنىڭ مۇقەددىمىسى،تىل دېمەك-غور ...

مەنتىقىڭىز نېمىدىگەن قاملاشمىغان.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش