كۆرۈش: 5766|ئىنكاس: 65

«يازغۇچىلار تورى»دىكى ئىملا مەسىلىسى

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
«يازغۇچىلار تورى»دىكى ئىملا مەسىلىسى



ياسىنجان ئوسمان ئەركزات



يازغۇچىلار تورى- تورغا چىقىپ، ئۆز ئەسەرلىرىنى تور ئارقىلىق ئېلان قىلىپ كېلىۋاتقان يازغۇچى-شائىر (قەلەمكەشلەر) لىرىمىزنىڭ پائالىيەت سورۇنى. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، يازغۇچىلار تورىدىكىلەر ئاساسەن يازارمەنلەردۇر. يازارمەنلەرنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىكى باشقا ھەرقانداق كىشىلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئۆز تىل-يېزىقىمىزغا نىسبەتەن مەسئۇلىيەت ۋە مەجبۇرىيەت تۇيغۇسى خېلىلا كۈچلۈك كىشىلەردىن بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. شۇڭىمۇ، يازغۇچىلار تورىنى مەيلى ئۆز سەھىپىلىرى ئارقىلىق ئېلان قىلىپ كېلىۋاتقان يازما، ئىنكاسلارنىڭ سانى، مەزمۇنى، بەدئىيلىكى، تەربىيەۋىي ئەھمىيتى ۋە ئىجتىمائىي قىممىتى قاتارلىق جەھەتلەردىن بولسۇن، ياكى ئېلان قىلىنىۋاتقان ماقالە-ئەسەرلەرنىڭ ئىملاسى قاتارلىق جەھەتلەردىن بولمىسۇن، نۆۋەتتە خېلى ئالدىدا تۇرۇپ كېلىۋاتقان تور بەتلەرنىڭ بىرى دەپ مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە بولىدۇ. ئەمما شۇنىمۇ ئېتراپ قىلماي ئەسلا بولمايدۇكى، بۇ مۇنبەر ئاپتونۇم رايونلۇق يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇنبىرى بولغىنىغا يارىشا، بەزى نۇقسانلاردىنمۇ خالىي ئەمەس. مەن بۇ مۇنبەرنىڭ دائىمىيلىق ئىخلاسمەن ئەزاسى بولۇش سالاھىيتىم بىلەن مۇنبىرىمىزنىڭ بۇندىن كېيىنكى تەرەققىياتىغا بەلگىلىك دەرىجىدە پايدىسى بولۇپ قالسا ئەجەپ ئەمەس، دېگەن مۇددىئا بىلەن مۇنبىرىمىزدىكى ئەنە شۇ قىسمەن نۇقسانلارنى قىسقىچە ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتمەكچىمەن.

مۇنبەر سەھىپىسىدىكى سۆز-ئىبارىلەردە ساقلىنىۋاتقان  ئىملا  خاتالىقلىرى توغرىسىدا

مەن مۇنبىرىمىز ئەزالىرىنىڭ مەدەنىيەت سەۋىيەسىنى نەزەردە تۇتۇپ، ئىملا ۋە ئۇنىڭ رولى ھەققىدىكى نەزەرىيەۋىي بايانلار ھەققىدە توختىلىشنى ئارتۇقچە كۆرگەچكە، گېپىمنى ئۇدۇللا ئوتتۇرىغا قوياي:

مۇنبەر كۆزنەكلىرى، ئىستون ۋە بەزى سەھىپە ناملىرىدا مۇنداق خاتالىقلارغا يول قويۇلغان:



1.چىكىنىش (چېكىنىش دەپ يېزىلسا توغرا بولاتتى)

2.كەسپى ھەقسىز رەسىم يوللاش بوشلۇقىدىن پايدىلنىڭ

   بۇ باياندا ھەم ئىملا خاتالىقى ھەم ئوي-پىكىر مەنتىقىسىزلىقى يۈزبەرگەن. يەنى، «كەسپى» دېگەن سۆز «كەسپىي» دەپ يېزىلسا توغرا بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، بۇ جۈملىدە ئۇقۇم ئېنىق ئەمەس. يەنى بۇ بوشلۇق كەسپىي رەسىم يوللاش بوشلۇقىمۇ ياكى ھەقسىزلا رەسىم يوللاش بوشلۇقىمۇ؟ شۇڭا، مېنىڭچە، بۇنى «رەسىملەرنى ھەقسىز يوللاش بوشلۇقى» ياكى «رەسىم يوللاش ھەقسىز بوشلۇقى»   دەپلا ئالغان تۈزۈك.

    سەھىپە ناملىرىدا كۆرۈلگەن ئىملا خاتالىقلىرى

تەكلىپلىك يازغۇچىلىرىمىز سالۇنى (سالونى دەپ يېزىلىدۇ)

كىلاسسىك ئەدەبىيات (كلاسسىك ئەدەبىيات دەپ يېزىلىدۇ)

ئۇ دېڭىز، غەۋۋاس بولۇپ شۇڭغىسام ئاڭا........

(ئۇ- دېڭىز، غەۋۋاس بولۇپ شۇڭغىسام ئاڭا........ دېيىلسە توغرا بولاتتى)

غەرپ ئەدەبىياتى (غەرب  دەپ يېزىلىدۇ)

لاتىن ئامىرىكىسى ئەدەبىياتى

(لاتىن ئامېرىكىسى ئەدەبىياتى دەپ يېزىلىدۇ )

تۇر*كى مىللەتلەر ئەدەبىياتى( تۈ*ركىي دەپ يېزىلىدۇ)

مەشھۇر ئەسەر، بازارلىق كىتاپلار (كىتاب دەپ يېزىلىدۇ)

تەرجىمە ۋە ئەسلى ئەسەر (ئەسلىي دەپ يېزىلىدۇ)

يىڭى كىتاپلار ( يېڭى كىتابلار دەپ يېزىلىدۇ)

ئەلبۇم-سۈرەتلەر (  ئالبۇم دەپ يېزىلىدۇ)

توھپىكار ئەزا ( تۆھپىكار دەپ يېزىلىدۇ)

ئالى ئەزا( ئالىي دەپ يېزىلىدۇ)

    يۇقىرىقىلار مەن بۇ مۇنبىرىمىزدە دەسلەپكى قەدەمدە بايقىغان ئىملا ھەققىدىكى بەزى خاتالىقلاردۇر. تولۇن ئاينىڭمۇ يۈزىدە دېغى بولىدۇ. ھەتتا ئالتۇنمۇ ساپ بولمايدۇ. مەخسۇس تەھرىر، مۇھەررىر، كوررېكتورلار دائىمىيلىق خىزمىتى سۈپتىدە ئۆزى بىۋاستە مەسئۇل بولۇپ چىقىرىۋاتقان خېلى نوپۇزلۇق گېزىت- ژۇرناللاردىمۇ  بۇ خىل نۇقسانلاردىن خالىي بولماق قىيىن. بەلكىم، مەنمۇ بۇ يازمامدا ئىملا خاتالىقى سادىر قىلدىم.  ئەمما شۇنى تولۇقى بىلەن ئىتراپ قىلماي، ۋاقتىدا تۈزىتىپ توغرىلىماي قەتئىي بولمايدۇكى، رايونىمىزدىكى يازغۇچىلار ئۈچۈن مەخسۇس تەھسىس قىلىنغان مۇشۇنداق تەۋەرۈك بىرلا تور بېتى(مۇنبىرى)دە بۇنداق نۇقسانلارنىڭ يەنىلا مەۋجۇت بولۇپ تۇرىۋېرىشىگە يەنە سۈكۈت قىلىپ ساقلاۋېرىشكە  ئەسلا بولمايدۇ.

   تورىمىزنىڭ نامى گەرچە «يازغۇچىلار تورى» بولسىمۇ، ئەمما بۇ مۇنبەرگە كىرگەنلەرنىڭ ھەممىسى يازغۇچى (شائىر) ئەمەس، ئوخشاشلا، خېلى قاملاشتۇرۇپ يازىدىغانلارنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىكىمۇ مۇنبىرىمىزگە ئەزا ئەمەس. ئەمما مۇنبىرىمىزنىڭ نامى نېمىلا بولمىسۇن، «يازغۇچىلار تورى» بولغانىكەن، چوقۇم «قىرغىزغا چۇشلۇق قالپاق بولۇشى»، يازغۇچى- قەلەمكەشلەر پائالىيەت ئېلىپ بارىدىغان بۇ «سورۇن»- مۇنبەردە بىزنىڭ تەپەككۇرىمىز ئۈچۈن خالىس خىزمەتتە بولىۋاتقان بار-يوقى 32 ھەرىپىمىزنى گەرچە ئۆز قول يازمىلىرىمىزدا ھەر خىل بانايى-سەۋەبلەر بىلەن توغرا ئىشلىتەلمەيۋاتقان بولساقمۇ، ھېچ بولمىغاندا، مۇنبەر سەھىپە- بەت يۈزلىرىدە بولسىمۇ، توغرا ئىشلىتىشكە ئانا تىلىمىزغا بولغان ھۆرمەت، مەسئۇلىيەت ۋە مەجبۇرىيەت يۈزىسىدىن بولسىمۇ، يەنە بىر قېتىم كۈچەپ قويايلى، قېرىنداشلار! چۈنكى بۇ-ھەممىمىز ئۈچۈن ئېيتقاندا، تامامەن ئەرزىيدىغان خاسىيەتلىك ئەمگەك!

    خۇلاسە كالام شۇكى، مۇنبەر سەھىپە ناملىرى ۋە مۇناسىۋەتلىك باشقا ئۇچۇرلاردىكى ئىملا توغرا بولسا، ئەزالارمۇ ئۆز يازما، ئىنكاسلىرىنى خاتا ئىملادا يوللاشتىن ئەيمىنىدۇ. شۇنى ئىتىراپ قىلماي يەنە بولمايدۇكى، باشقا مۇنبەرلەردە ئازدۇر- كۆپتۈر ئىملا خاتالىقلىرىنىڭ بولۇشى، ھەتتا تور نامىنىڭ توغرا ئاتالماسلىقىمۇ بەلكىم  ئانچە چوڭ نۇقسان  ھېسابلانماسلىقى مۇمكىن، ئەمما  يازغۇچى- قەلەمكەشلەر توپلاشقان  مۇشۇنداق نوپۇزلۇق مۇنبەردە يۇقىرىقىدەك نۇقسانلارغا يول قويۇلۇپ تۇرىۋېرىشىنى يەنە سۈكۈتتە چىدام-غەيرەت بىلەن كۈتۈپ تۇرىۋېرىشىمىزگە ئەمدى قەتئىي بولمايدۇ! سۇ بېشىدىن لاي كەلسە، دەريا-كۆللەر لايدا تۇنۇپ كېتىشى، سۇ بېشىدىن لاي بولسا،  ئاياغدىكى سۇنىڭمۇ ئۇنچە  سۈزۈك  بولۇپ كېتىشى ناتايىن! سۆزۈمنى بۈيۈك تىلشۇناسىمىز نەۋائىينىڭ مۇنۇ ھېكمىتى بىلەن ئاخىرلاشتۇراي:

ئۆتمەيدۇ بالىغا ئاتىنىڭ سۆزى،

بال يېمە! دېسە گەر يەپ تۇرۇپ ئۆزى!


ۋاقتى: 2013-10-20 11:55:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىنكاس ياخشى بولۇپتۇ ئەمدى شۇ .. تۈزۈرۇش قاپتۇ..

ۋاقتى: 2013-10-20 15:47:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى دەرس بولدى بىزگە...!مۇشۇنداق يىتەكلەشمۇ كەڭ تورداشلارنى مول بىلىمگە ئىگە
قىلىدۇ...بەكمۇ سۆيۈندۈم...تەشەككۈر...!

ۋاقتى: 2013-10-20 18:42:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«يازغۇچىلار تورى»دىكى ئىملا مەسىلىسى



ياسىنجان ئوسمان ئەركزات



يازغۇچىلار تورى- تورغا چىقىپ، ئۆز ئەسەرلىرىنى تور ئارقىلىق ئېلان قىلىپ كېلىۋاتقان يازغۇچى-شائىر (قەلەمكەشلەر) لىرىمىزنىڭ پائالىيەت سورۇنى. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، يازغۇچىلار تورىدىكىلەر ئاساسەن يازارمەنلەردۇر. يازارمەنلەرنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىكى باشقا ھەرقانداق كىشىلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئۆز تىل-يېزىقىمىزغا نىسبەتەن مەسئۇلىيەت ۋە مەجبۇرىيەت تۇيغۇسى خېلىلا كۈچلۈك كىشىلەردىن بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. شۇڭىمۇ، يازغۇچىلار تورىنى مەيلى ئۆز سەھىپىلىرى ئارقىلىق ئېلان قىلىپ كېلىۋاتقان يازما، ئىنكاسلارنىڭ سانى، مەزمۇنى، بەدئىيلىكى (بەدىئىيلىكى)، تەربىيەۋىي(تەربىيەۋى) ئەھمىيتى ۋە ئىجتىمائىي قىممىتى قاتارلىق جەھەتلەردىن بولسۇن، ياكى ئېلان قىلىنىۋاتقان ماقالە-ئەسەرلەرنىڭ ئىملاسى قاتارلىق جەھەتلەردىن بولمىسۇن، نۆۋەتتە خېلى ئالدىدا تۇرۇپ كېلىۋاتقان تور بەتلەرنىڭ بىرى دەپ مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە بولىدۇ. ئەمما شۇنىمۇ ئېتراپ (ئېتىراپ) قىلماي ئەسلا بولمايدۇكى، بۇ مۇنبەر ئاپتونۇم (ئاپتونوم)رايونلۇق يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇنبىرى بولغىنىغا يارىشا، بەزى نۇقسانلاردىنمۇ خالىي ئەمەس. مەن بۇ مۇنبەرنىڭ دائىمىيلىق ئىخلاسمەن ئەزاسى بولۇش سالاھىيتىم بىلەن مۇنبىرىمىزنىڭ بۇندىن كېيىنكى تەرەققىياتىغا بەلگىلىك دەرىجىدە پايدىسى بولۇپ قالسا ئەجەپ(ئەجەب) ئەمەس، دېگەن مۇددىئا بىلەن مۇنبىرىمىزدىكى ئەنە شۇ قىسمەن نۇقسانلارنى قىسقىچە ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتمەكچىمەن.

مۇنبەر سەھىپىسىدىكى سۆز-ئىبارىلەردە ساقلىنىۋاتقان  ئىملا  خاتالىقلىرى توغرىسىدا

مەن مۇنبىرىمىز ئەزالىرىنىڭ مەدەنىيەت سەۋىيەسىنى نەزەردە تۇتۇپ، ئىملا ۋە ئۇنىڭ رولى ھەققىدىكى نەزەرىيەۋىي(نەزەرىيەۋى) بايانلار ھەققىدە توختىلىشنى ئارتۇقچە كۆرگەچكە، گېپىمنى ئۇدۇللا ئوتتۇرىغا قوياي:

مۇنبەر كۆزنەكلىرى، ئىستون ۋە بەزى سەھىپە ناملىرىدا مۇنداق خاتالىقلارغا يول قويۇلغان:



1.چىكىنىش (چېكىنىش دەپ يېزىلسا توغرا بولاتتى)

2.كەسپى ھەقسىز رەسىم يوللاش بوشلۇقىدىن پايدىلنىڭ (پايدىلىنىڭ)

   بۇ باياندا ھەم ئىملا خاتالىقى ھەم ئوي-پىكىر مەنتىقىسىزلىقى يۈزبەرگەن. يەنى، «كەسپى» دېگەن سۆز «كەسپىي» دەپ يېزىلسا توغرا بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، بۇ جۈملىدە ئۇقۇم ئېنىق ئەمەس. يەنى بۇ بوشلۇق كەسپىي رەسىم يوللاش بوشلۇقىمۇ ياكى ھەقسىزلا رەسىم يوللاش بوشلۇقىمۇ؟ شۇڭا، مېنىڭچە، بۇنى «رەسىملەرنى ھەقسىز يوللاش بوشلۇقى» ياكى «رەسىم يوللاش ھەقسىز بوشلۇقى»   دەپلا ئالغان تۈزۈك.

    سەھىپە ناملىرىدا كۆرۈلگەن ئىملا خاتالىقلىرى

تەكلىپلىك يازغۇچىلىرىمىز سالۇنى (سالونى دەپ يېزىلىدۇ)

كىلاسسىك ئەدەبىيات (كلاسسىك (كىلاسسىك) (كونا ئىملا قائىدىسىدە كلاسسىك دەپ ئېلىنغان)ئەدەبىيات دەپ يېزىلىدۇ)

ئۇ دېڭىز، غەۋۋاس بولۇپ شۇڭغىسام ئاڭا........ (شۇڭغۇسام)

(ئۇ- دېڭىز، غەۋۋاس بولۇپ شۇڭغىسام ئاڭا........ دېيىلسە توغرا بولاتتى)

غەرپ ئەدەبىياتى (غەرب  دەپ يېزىلىدۇ)

لاتىن ئامىرىكىسى ئەدەبىياتى

(لاتىن ئامېرىكىسى ئەدەبىياتى دەپ يېزىلىدۇ )

تۇر*كى مىللەتلەر ئەدەبىياتى( تۈ*ركىي دەپ يېزىلىدۇ)

مەشھۇر ئەسەر، بازارلىق كىتاپلار (كىتاب دەپ يېزىلىدۇ)

تەرجىمە ۋە ئەسلى ئەسەر (ئەسلىي دەپ يېزىلىدۇ)

يىڭى كىتاپلار ( يېڭى كىتابلار دەپ يېزىلىدۇ)

ئەلبۇم-سۈرەتلەر (  ئالبۇم (ئالبوم)دەپ يېزىلىدۇ)

توھپىكار ئەزا ( تۆھپىكار دەپ يېزىلىدۇ)

ئالى ئەزا( ئالىي دەپ يېزىلىدۇ)

    يۇقىرىقىلار مەن بۇ مۇنبىرىمىزدە دەسلەپكى قەدەمدە بايقىغان ئىملا ھەققىدىكى بەزى خاتالىقلاردۇر. تولۇن ئاينىڭمۇ يۈزىدە دېغى بولىدۇ. ھەتتا ئالتۇنمۇ ساپ بولمايدۇ. مەخسۇس تەھرىر، مۇھەررىر، كوررېكتورلار دائىمىيلىق خىزمىتى سۈپتىدە ئۆزى بىۋاستە (بىۋاسىتە) مەسئۇل بولۇپ چىقىرىۋاتقان خېلى نوپۇزلۇق گېزىت- ژۇرناللاردىمۇ  بۇ خىل نۇقسانلاردىن خالىي بولماق قىيىن. بەلكىم، مەنمۇ بۇ يازمامدا ئىملا خاتالىقى سادىر قىلدىم.  ئەمما شۇنى تولۇقى بىلەن ئىتراپ (ئېتىراپ) قىلماي، ۋاقتىدا تۈزىتىپ توغرىلىماي قەتئىي بولمايدۇكى، رايونىمىزدىكى يازغۇچىلار ئۈچۈن مەخسۇس تەھسىس (تەسىس) قىلىنغان مۇشۇنداق تەۋەرۈك (تەۋەررۈك) بىرلا تور بېتى(مۇنبىرى)دە بۇنداق نۇقسانلارنىڭ يەنىلا مەۋجۇت (مەۋجۇد) بولۇپ تۇرىۋېرىشىگە (تۇرۇۋېرىشىگە)يەنە سۈكۈت قىلىپ ساقلاۋېرىشكە  ئەسلا بولمايدۇ.

   تورىمىزنىڭ نامى گەرچە «يازغۇچىلار تورى» بولسىمۇ، ئەمما بۇ مۇنبەرگە كىرگەنلەرنىڭ ھەممىسى يازغۇچى (شائىر) ئەمەس، ئوخشاشلا، خېلى قاملاشتۇرۇپ يازىدىغانلارنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىكىمۇ مۇنبىرىمىزگە ئەزا ئەمەس. ئەمما مۇنبىرىمىزنىڭ نامى نېمىلا بولمىسۇن، «يازغۇچىلار تورى» بولغانىكەن، چوقۇم «قىرغىزغا چۇشلۇق قالپاق بولۇشى»، يازغۇچى- قەلەمكەشلەر پائالىيەت ئېلىپ بارىدىغان بۇ «سورۇن»- مۇنبەردە بىزنىڭ تەپەككۇرىمىز ئۈچۈن خالىس خىزمەتتە بولىۋاتقان (بولۇۋاتقان) بار-يوقى 32 ھەرىپىمىزنى (ھەرپىمىزنى) گەرچە ئۆز قول يازمىلىرىمىزدا ھەر خىل بانايى-سەۋەبلەر بىلەن توغرا ئىشلىتەلمەيۋاتقان بولساقمۇ، ھېچ بولمىغاندا، مۇنبەر سەھىپە- بەت يۈزلىرىدە بولسىمۇ، توغرا ئىشلىتىشكە ئانا تىلىمىزغا بولغان ھۆرمەت، مەسئۇلىيەت ۋە مەجبۇرىيەت يۈزىسىدىن بولسىمۇ، يەنە بىر قېتىم كۈچەپ قويايلى، قېرىنداشلار! چۈنكى بۇ-ھەممىمىز ئۈچۈن ئېيتقاندا، تامامەن ئەرزىيدىغان خاسىيەتلىك ئەمگەك!

    خۇلاسە كالام شۇكى، مۇنبەر سەھىپە ناملىرى ۋە مۇناسىۋەتلىك باشقا ئۇچۇرلاردىكى ئىملا توغرا بولسا، ئەزالارمۇ ئۆز يازما، ئىنكاسلىرىنى خاتا ئىملادا يوللاشتىن ئەيمىنىدۇ. شۇنى ئىتىراپ (ئېتىراپ)قىلماي يەنە بولمايدۇكى، باشقا مۇنبەرلەردە ئازدۇر- كۆپتۈر ئىملا خاتالىقلىرىنىڭ بولۇشى، ھەتتا تور نامىنىڭ توغرا ئاتالماسلىقىمۇ بەلكىم  ئانچە چوڭ نۇقسان  ھېسابلانماسلىقى مۇمكىن، ئەمما  يازغۇچى- قەلەمكەشلەر توپلاشقان  مۇشۇنداق نوپۇزلۇق مۇنبەردە يۇقىرىقىدەك نۇقسانلارغا يول قويۇلۇپ تۇرىۋېرىشىنى (تۇرۇۋېرىشنى)يەنە سۈكۈتتە چىدام-غەيرەت بىلەن كۈتۈپ تۇرىۋېرىشىمىزگە (تۇرۇۋېرىشىمىزگە) ئەمدى قەتئىي بولمايدۇ! سۇ بېشىدىن لاي كەلسە، دەريا-كۆللەر لايدا تۇنۇپ كېتىشى، سۇ بېشىدىن لاي بولسا،  ئاياغدىكى سۇنىڭمۇ ئۇنچە  سۈزۈك  بولۇپ كېتىشى ناتايىن! سۆزۈمنى بۈيۈك تىلشۇناسىمىز نەۋائىينىڭ مۇنۇ ھېكمىتى بىلەن ئاخىرلاشتۇراي:

ئۆتمەيدۇ بالىغا ئاتىنىڭ سۆزى،

بال يېمە! دېسە گەر يەپ تۇرۇپ ئۆزى!


بۇ ياخشى يېزىلغان «ئەسەر» ئىكەن. ئەمما مەن ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭمۇ سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ يېزىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن. بۇنى يوللاپ قويغۇچى  زاتنىڭمۇ ئەتراپىغا قاراپراق يوللىشىنى  ئۈمىد قىلىمەن. چۈنكى «ئوقۇماي ئۇستازلىق قىلساق» ياخشى بولمايدۇ. دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ، باشقىلارنى توغرا يولغا باشلاش ئەۋزەلدۇر...

يەنە بىر گەپ،

ئۆتمەيدۇ بالىغا ئاتىنىڭ سۆزى،

بال يېمە! دېسە گەر يەپ تۇرۇپ ئۆزى!


بۇ ئابدۇراخمان جامىينىڭ سۆزىمىكىن دەيمەن، باشقىلارنىڭ بۇ ھەقتە توغرا ئۇچۇر بېرىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.
(بۇ نۇقتىدا گۇمانىم بار شۇڭا بىلىدىغانلارئۇچۇر بىلەن تەمىنلىسە )



ۋاقتى: 2013-10-30 22:32:36 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يوقىرىدا يولداشلار  ئىملا مەسىلىسى ھەققىدە ياخشى ئىنكاسلارنى قالدۇرۇپتۇ بۇ ياخشى ئىش بوپتۇ.مېنىڭمۇ قۇشۇمچە قىلىدىغىنىم ھەرقانداق يازغۇچى،شائىر ئەسەرلىرىدە ئىملا خاتالىقىدىن خالى بولالماسلىقى مۇمكىن شۇڭا تەھرىرلەر ئەۋەتىلگەن ئەسەرلەرنىڭ ئىملاسىنى تۈزۈتۈشكە ئەھمىيەت بەرسىمىكىن دەيمەن.بەلكىم تەھرىرلەرمۇ  تولۇق كۆرۈشكە يىتىشەلمەي قېلىۋاتقان بولىشىمۇ مۇمكىن چۈنكى ئەۋەتىلىۋاتقان ئەسەرلەرمۇ ئاز ئەمەس.شۇنداق بولسىمۇ ھەممە دېققەت قىلىدىغان ئىملاخاتالىقىنى تۈزۈتۈشكە كۈچ چىقىرىپ ،قانداق بولسا شۇنداقلا بېرىۋېتىشتىن ساقلانسا دەيمەن.

ۋاقتى: 2013-10-30 22:43:58 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۈركۈت يوللىغان ۋاقتى  2013-10-20 18:42
«يازغۇچىلار تورى»دىكى ئىملا مەسىلىسى

ئۆتمەيدۇ بالا ئالدىدا ئاتا سۆزى،
ھالۋا يىمە دەپ تۇرۇپ يىسە ئۆزى

-بۇ شەيخ سەئىدىنىڭ ‹‹گۈلىستان››دىكى سۆزى.....

ۋاقتى: 2013-10-31 19:42:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
qaraxan يوللىغان ۋاقتى  2013-10-30 22:43
ئۆتمەيدۇ بالا ئالدىدا ئاتا سۆزى،
ھالۋا يىمە دەپ تۇرۇپ ...


سىزگە  رەھمەت. دېمەك بۇ نەقىلمۇ توغرا ئېلىنماپتۇ. شۇڭا ئەركزات ئەپەندىنىڭ تېخىمۇ تىرىشىپ ئۆگىنىشىنى  تەۋسىيە قىلىمەن!

                                                                   ھۆرمەت بىلەن: ئېلى بۇراۋىدىن بۈركۈت بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   بۈركۈت تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-10-31 19:43  


ۋاقتى: 2013-11-10 00:08:43 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


ۋاقتى: 2013-11-10 00:27:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىنىڭچە ئىملاغا ئارتۇق  ئېسىلىۋېلىپ،ئۇنى زىغىرلاپ كىتىشنىڭ ھاجىتى يوق.مەسىلەن كىتاپ سۆزى ئۇيغۇر تىلىدا ئومۇملاشقان بىر سۆز .ئىملا قائىدىسىغا ئېسىلىۋېلىپ ئۇنى بىز مەڭگۈ كىتاب دەپ يازامدۇق؟ بۇنداق قەستەن تىل بىلەن يېزىقنى ئايرىۋېتىشنىڭ سەۋەبى نىمە؟مۇشۇنىڭغا ئوخشاش نۇرغۇن سۆزلەر بار.مەسىلەن خەلىق،دوس دىگەندەك سۆزلەر.ئىملا لوغىتى قۇرئان كەرىم ئەمەس.ئۇ تىلغا ماسلىشىپ ئۆزگىرىپ تەرەققى قىلىشى لازىم.بەلكىم نۇرغۇن ئىملا ساقچىلىرى چىقىپ قاخشاپ كىتىشى مۇمكىن.لىكىن ئىشەنچىم تولۇقكى بۇ قائىدە-تۈزۈملىرىڭلار ھامىنى بەربات بولىدۇ. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئانالىز تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-11-10 00:28  


ۋاقتى: 2013-11-10 02:48:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئانالىز ئىسىملىك تورداش مەزكۇر تېما ئاستىدىكى ئىنكاسلارنى چۈشەنمەيلا گەپ قىلىۋاتقاندەك تۇرىدۇ... بۇ يەردە ھېچكىم تىل بىلەن يېزىقنى ئايرىۋېتىمەن، دېمىدى... ئاغزاكى تىل بىلەن يازما تىلنىڭ ئەلۋەتتە پەرقى بولىدۇ... ئەگەر كىم ئاغزاكى تىل بويىچىلا ئەسەر يازىمەن، دەيدىكەن، ئۇنىڭ ئەسىرى ئەلۋەتتە نەشر ئۆتكىلىدىن ئۆتەلمەيدۇ... نەچچە مىڭ يىللىق تارىخقا ئىگە قول يازمىلار، يازما يادىكارلىقلار بۇنىڭ روشەن ئىسپاتى... سىزچە قايسى قائىدە - تۈزۈم بەربات بولار؟... تىل - يېزىق مەسىلىلىرىگە ئائىت قائىدە - تۈزۈملەر يوقالدى دېگەن گەپ تىل - يېزىق قالايمىقانلاشتى، بەربات بولدى دېگەنلىك بولماي نېمە؟... تىلنى تىل قىلىۋاتقىنى دەل ئۇنىڭدىكى ئەمەل قىلىشقا تېگىشلىك قائىدىلەر ئەمەسمۇ!؟ قېنى سىز دەپ بېقىڭچۇ، يېزىدىكى كۆپىنچە كىشىلەر «شىر» دېگەن گەپنى كۆپ ئىشلىتىدۇ... سىز بۇنى قائىدە - تۈزۈمدىن مۇستەسنا ھالدا نېمە دەپ چۈشەندۈرمەكچى... ئادەتتە ئاغزاكى تىلدا سىز دېگەندەك كۆپ قىسىم كىشىلەر شېئىرنى «شىر» دەيدۇ، تۆت پۇتلۇق، مۈشۈك ئائىلىسىگە تەۋە مەخلۇقنىمۇ شىر دەيدۇ... يەنە قاۋايدىغان ئىتنىمۇ «ئىشت» دەيدۇ، «ئىشت» سۆزى ئەمەلىيەتتە «ئاڭلا، ئاڭلىغىن» دېگەن مەنىلەرنى بېرىدۇ... ئەگەر ئېيتقىنىڭىزدەك، قائىدە - تۈزۈم چوقۇم بەربات بولسا، سىز ۋە سىزنىڭ ئاتالمىش ئەۋلادلىرىڭىز بۇ سۆزلەرنى زادى قانداق پەرقلەندۈرسە بولار؟ ئىملا ساقچىسى دەپ كېتىپسىز... ئەگەر شۇنداق ساقچىلار بولمىسا، سىزگە ئوخشاش ئۆزىنى قالتىس ساناپ، ھەممە ئىشقا «قازى» لىق قىلىدىغان بىلەرمەنلەر ئىشنى ئوڭتەي - توڭتەي قىلىدۇ... ئارتۇقچە بىلەرمەنلىك ھەر كىمنى پۇشايمان قىلدۇرىدۇ... كونىلار ئىنتايىن توغرا ئېيتقان «قۇرۇق چېلەك بەك تاراڭلايدۇ» دەپ... بەربات بولىدۇ دەپ جار سالغان ئادەم، نېمىشقا نەشرىياتقا بېرىپ، ئۇلارنىڭ ياقىسىغا ئېسىلماي، توردا قايناپ كېتىسىز... بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   قارايۈز تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-11-10 03:06  


ۋاقتى: 2013-11-10 09:22:21 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن قارا يۈزنى قوللايمەن ،ھەربىر ھەرپ قول ئۇچىدىن ئەمەس يۈرەك قىتىدىن چىقشى كىرەك.

ۋاقتى: 2013-11-10 10:15:18 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياسىنجاننىڭ بۇ تىمۇسى ماڭا خېلى ئوبدانلا نەپ بەردى. بۇ تېمۇنى مەن قايتا قايتا ئوقۇپ ئولتۇرۇپ، ئۆزۈمدىكى بىر قىسىم ئىملا خاتالىقىمنى بىلىۋالدىم. ئەجرىڭلارغا رەھمەت.

ۋاقتى: 2013-11-10 10:27:57 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قارايۈز يوللىغان ۋاقتى  2013-11-10 02:48
ئانالىز ئىسىملىك تورداش مەزكۇر تېما ئاستىدىكى ئىنكاسل ...


ئىلگىرى مەنمۇ مۇشۇ مەنىدە نەچچە چالۋاقاپ، گېپىمنى چۈشەندۈرەلمەي قىينالغان ئىدىم. سىز بەك چۈشۈنۈشلۈك ئوتتۇرىغا قويۇپسىز، رەھمەت، قارايۈز! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-11-10 10:32  


ۋاقتى: 2013-11-10 11:29:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قارا يۈزنىڭ دېگەنلىرى ئورۇنلۇق پىكىر بوپتۇ... ھەممەيلەن ئىشنى ئۆزىمىزدىن باشلىساق. چۈنكى، يازغۇچىلار مۇنبىرىگە چالا ساۋات ئادەملەر كىرمەيدۇ دەپ ئويلايمەن.

ۋاقتى: 2013-11-10 12:49:02 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ بەك ياخشى تېما بوپتۇ، لېكىن تېما ئېگىسىنىڭمۇ بەزى سۆزلەرنى توغرا ئىشلەتمىگىنى ئادەمنى سەل ئەپسۇسلاندۇرىدۇ.
بۈركۈتنىڭ ئەستائىدىللىقىغا قايىل بولدۇم.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش