دوستلۇق بىلەن گۈزەلدۇر ئالەم
كامىلجان ناسىر(دىلداش)
شۇنچە گۈزەل سەبى يۈرەكلەر،
شۇنچە گۈزەل ئوتلۇق تىلەكلەر.
شۇنچە گۈزەل-گۈزەل كۈيلەردىن،
پورەك ئاچقان رەڭدار چېچەكلەر.
گۈزەللىك سىن قوشار ھاياتقا،
گۈزەللىك ئۇ،شاتلىققا ھاتەم.
مۇھتاج ئاڭا ھامان بۇ ئالەم،
گۈزەللىكنىڭ شاھىدۇر ئادەم.
يەر شارىنىڭ گۈزەللىكى بىز،
گۈزەللىككە ئىنتىلەيلى تەڭ.
چىن ھەقىقى ئىنسان بىز ئەبەت،
مېھنەت ئۈچۈن تۈرەلىسەك يەڭ.
دوستلۇققا يار ئۆمۈر مەنزىلىم
دوستلۇق ئۈچۈن تەلپۈنەر قەلبىم،
دوستلار بىلەن كۈلگەچ ھاياتىم.
دوستلار قەلبى ئۇلۇق بىر دۇنيا،
مەمنۇنلۇقتىن ھاسىل مۇرادىم.
قەلبىم پاكتۇر شۇنچە غۇبارسىز،
پاكلىق بولغاچ ئۇلۇقلۇق ھۇلى.
دوستلۇق ئورتاق غايە ئىرادە،
داۋاملىشار ھاياتلىق يولى .
دوستلۇققا يار ئۆمۈر مەنزىلىم،
قەدەملەردە ماڭا يار يۆلەك.
دوستلار ئشقى مەدەت رىغبىتىم،
بولغاچ ئۆمرۈم ئاچار گۈل- چېچەك.
چاڭقاقلىقىم قانار دوستلۇقىتىن،
زىرىكىشلەرياتتۇر ماڭا يات.
دوستلار بولغاچ دەمدە مەدەتكار،
مۈشكۈللەردە چەكمىدىم پەريات.
شۇڭا ھامان پاك ئەقىدىمدىن،
چىن دوستلارنى كەلدىم ئۇلۇقلاپ.
بۈيۈك ئەھدىم :دوستنى قەدىرلەپ،
ئۆتمەكلىكنى كەلدىم نىشالاپ.
ساختىلىقىتىن يىراقمەن ئەبەت،
دوستلار ئۈچۈن تەقدىم بارلىقىم.
دوست دېگەننى دوستۇم سانايمەن،
ئەشۇ سۆزلەر ئىختىيارلىقىم.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا دىلداش تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-5-28 15:15