كۆرۈش: 348|ئىنكاس: 5

ئۇلۇغ قەرزدار،ئۇلۇغ يازغۇچى زوردۇن سابىر(پارچە) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 18Rank: 18Rank: 18Rank: 18Rank: 18

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12
يازما سانى: 420
نادىر تېمىسى: 3
تېللا: 1324
تۆھپە : 39
توردا: 361
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-17 02:04:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئۇلۇغ قەرزدار،ئۇلۇغ يازغۇچى زوردۇن سابىر


(بىيوگرافىك ئەدەبىي خاتىرەدىن پارچە)



    بىرنەچچە ئايلاردىن بۇيان قەلەم ھاسىسىنى توكىلدىتىپ، زوردۇن سابىرنىڭ كەچۈرمىشلىرى ۋادىسىدا پىرقىراپ يۈرگەن سەيياھ نېمە بولدىكى، بىردىن قوشۇمىسىنى تۈردى، ئۇ، ئويلىنىۋاتاتتى. ئۇنىڭ بۇ قەدىردان يازغۇچى تۇغۇلغان ئانا يۇرتىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگۈسى، ئۇ يۈرگەن يوللاردا يۈرگۈسى، ئۇ تۇتقان نەرسىلەرنى تۇتقۇسى كەلگەنىدى. قىزىقىش ھەۋىسى ئۇنى شەھەردىن قوغلىماقتا، فېۋرال ئېيىنىڭ بىر ئىللىق كۈنى ئۇ ئاخىرى سەپەر ئېتىنى جابدۇپ ئاتلاندى.     ئۇ يېزىغا-مەھەللىگە كىرىپ كەلدى. ئېتىزلاردىن قار كەتكەن، يىراقتىن قارىغاندا بۈككىدە كۆرۈنگەن مەھەللە ئىچىگە كىرگەنسېرى چۆلدەرەپ قالغاندەك كۆرۈندى. شېغىللىق چوڭ يولنىڭ ئىككى قاسنىقىدىكى يالىڭاچلىنىپ قالغان ياش ئاق تېرەكلەر ئارىسىغا خىش بىلەن سېلىنغان چىرايلىق ئۆيلەرمۇ مۆكۈنگەنىدى. دەل-دەرەخلەردىن، ئېرىق بويلىرىدىن، ئېتىزلار ئارىسىدىن ئەتىيازنىڭ نەمخۇش ھىدى كېلىپ تۇراتتى. ھەيۋەتلىك ئابرال تېغىدىن باھار شامىلى ئەسمەكتە، باھار كەلمەكتە...     سەيياھ كوزۇپى ئوچۇق كىرا موتوسىكىلىتنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرۇپ، ئېتىز-قىرلارغا، ياش ئورمانلىققا، ئابرال تېغىغا تويماستىن قارايتتى. بىر چاغلاردا زوردۇن سابىرمۇ خۇددى ئۆزىدەك مۇشۇ يولدىن مۇشۇنداق ئۆتكەن بولغۇيدى... تۇيۇقسىز ئۇنىڭ قۇلىقىغا شىۋىرلىغاندەك ئۇلۇغ ئىنقىلابىي، لېرىك شائىر ل.مۇتەللىپنىڭ باھار ھەققىدىكى شېئىرى چاقناپ ئۆتتى:     باھار كەلمەكتە يولداش، تەبىئەت غەمگۇزار سېنىڭدەك،     قىش يىغلىدى، كۈلدى قۇياش، خۇش زەركار سېنىڭدەك.     كىرا موتوسىكىلىتى چوڭ يول بويلاپ، تۆت كوچىدىن شەر*ققە ئاندىن غەربكە ئايلاندى. ئۇ بىرئاز مېڭىپ، غەربكە قارىغان زىننەتلىك تۆمۈر دەرۋازا ئالدىدا توختىغاندا، ھويلىدىن بىر ياش يىگىت چىقىپ كەلدى، ئۇ سەيياھنى ئۆيگە باشلىدى. جەنۇبقا قارىتىپ سېلىنغان ئۆينىڭ پىشايۋىنى ئالدىدا سەيياھ ئۆزىنى كۈتۈپ تۇرغان كىشىنى كۆرۈپ ھۇدۇقۇپ كەتتى: ئۇنىڭ ئالدىدا مەرھۇم زوردۇن سابىر كۈلۈمسىرەپ تۇراتتى. پەقەت ئۇنىڭ بۇغداي ئۆڭ چىرايىلام ئوخشىمايتتى، خالاس. بۇ-زوردۇن سابىرنىڭ ئىنىسى مۇسەللىم ئاكا ئىدى.     ئۇلار سالاملاشتى، ئەھۋاللاشتى. مېھمان تاتلىق-تۈرۈم تىزىلغان شىرەدىن دۇئا قىلىپ قوزغالغاندا، مۇسەللىم ئاكا ئۇنى زوردۇن سابىر يېزىقچىلىق قىلىدىغان ئۆيگە، ھويلىغا، باغقا ئېلىپ چىقتى. ئۇ تاقىرلىشىپ كەتكەن باغدا<< ئانا يۇرت>>تا تىلغا ئېلىنغان، پۈتۈن مەھەللە توپا ئالىدىغان چوڭ كارىزنى؛ ئەينى يىللىرى شاۋقۇن-سۈرەن سېلىپ ھەممە جانلىقلارنى، گۈل-گىياھلارنى شادلاندۇرغان، ھازىر بولسا تىنىقى ئۈزۈلۈپ، مۇڭلىنىپ ياتقان<<كوۋسۈن ئۆستىڭى>>نى؛ ئۇنىڭ بىر چاغدا بالىلارنىڭ ۋاراڭ-چۇرىڭىغا ھەمنەپەس بولغان چوڭ قاينىمى يېنىدىكى قېرى ئاق ئالما دەرىخىنىڭ ئورنىنى ۋە قاراياغاچلىق چوڭ باغنى كۆرسەتتى. ئۆستەڭنىڭ تۈزلىۋېتىلگەن بىر يان قىرىدا رەتسىز ئۆسكەن قاراياغاچ، ئۈجمە، جىگدە دەرەخلىرى ۋە تىكەنلىك چاتقانلار بار ئىدى. باغنىڭ شەر*قى تەرىپى شالاڭ ياش ئورمانلىق ئىدى.     -زوردۇن سابىر ياشىغان ئۆي قەيەردە؟-مېھمان ئۇنى كۆرۈشكە ئالدىراۋاتاتتى.     مۇسەللىم ئاكا مېھماننى پاراڭ بىلەن بىر خارابىلىققا باشلاپ كىردى. خارابىلىقنىڭ چۆرىسىنى ئۆزى ئۆسۈپ قالغان قاراياغاچ، ئاكاتسىيە دەرەخلىرى ۋە ئۇلارنىڭ تۈۋىدىكى ئۇششاق شۇڭلار قاپلاپ تۇراتتى. خارابىلىقتا ئىككى ئېغىز ئۆينىڭ ئىزناسى ئېنىق كۆرۈنۈپ تۇراتتى. ئارقا تېمىنىڭ تېخى تۈزلىنىپ كەتمىگەن قىسمى يەردىن خېلىلا ئېگىز، ئۇنىڭ قىرلىرى يېيىلىپ كەتكەن سارغۇچ-قارامتۇل توپىسى مېھماننىڭ كۆڭلىنى مىسكىنلەشتۈردى: مەرھۇم زوردۇن سابىر مۇشۇ ئۆيدە ياشىغانىدى.     ئۇ زوردۇن سابىرنىڭ ئانىسى ئانارخان نان ياققان تونۇرنى؛ ئۇ يىقىلىپ چۈشكەن سېرىنگۈل تۈۋىنى، باش ئىشىكىنى ۋە ھويلىدىكى لاپاس-ساڭ ئورۇنلىرىنى تەپسىلىي كۆرۈپ چىقتى، ئۇ ئېغىر خىيالدا...     ئۇلار قوشنا دەرۋازا ئالدىغا چىقىپ قېلىشتى. بۇ زوردۇن سابىرنىڭ ئاكىسى نۇرۇم سابىرنىڭ ئۆيىنىڭ دەرۋازىسى ئىدى. دەرۋازا ئالدىدا بىر تۈپ قېرى قاراياغاچ بار ئىدى. ئۇلار قارا ياغاچ تۈۋىدە ئولتۇرغاندا، مېھمان مۇسەللىم ئاكىغا مۇنداق دېدى:     - مۇسەللىم ئاكا، سىلەر زوردۇن سابىر بىلەن دائىم بىللە ئۆتكەچكە، ئۇنىڭ ئۇلۇغلىقىنى تازا ھېس قىلىپ كېتەلمەيسىلەر. ئۇ ئۆمۈر بويى مىللىتىمىزنىڭ مەنىۋىيىتىدىكى كىرنى تازىلاش ئۈچۈن جاپا تارتقان ئۇلۇغ يازغۇچى، تەۋەررۈك ئادەم. چەتئەللىكلەر مۇنداق ئۇلۇغ زاتلىرىنى بەكمۇ قەدىرلەيدۇ، ئۇلارنىڭ ئۇلۇغلۇق روھىدىن ئەۋلادلىرىنى تەربىيەلەيدۇ. ئۇلارنىڭ ياشىغان ئۆيلىرىنى، تۇتقان نەرسىلىرىنى تەۋەررۈك ئورنىدا كۆرۈپ ئاسرايدۇ، قوغدايدۇ، ساقلايدۇ. مەن 19- ئەسىردە ياشىغان ئۇلۇغ روس شائىرى لېرمۇنتوفنىڭ كىتابىدىن ئۇ ياشىغان ئۆينى كۆرگەن. ئۇ ئۆيگە مانا ھازىر 200 يىلغا يېقىن بولدى. تولستوينىڭ ئۆيى شۇنداق خاتىرە سۈپىتىدە ساقلىنىۋاتىدۇ.     بىز نېمىشقا شۇنداق قىلالمايمىز؟ بىز ئۇيغۇرلار روسلاردىن مەدەنىيەتسىز مىللەتمۇ؟ ياق! ھەممە گەپ ئۆزىمىزدە. بىزدە بىپەرۋالىق ئېغىر، مانا قاراڭ: زوردۇنكامنىڭ تۇغۇلغان، ياشىغان ئۆيى خارابىلىققا ئايلىنىپ كېتىپتۇ. بىر چوڭ تەۋەررۈك خاتىرە يوقىلىپتۇ. ھېلىمۇ ياخشى ئۇنىڭ ئورنى بار ئىكەن، ئۇنى ئەسلىگە كەلتۈرسەك بولىدۇ! ھازىر چوڭلاردىن سىزلا قاپسىز، سىز بۇ ئۆينىڭ ھەممە ئۇجىر-بۇجىرىنى بىلىدىكەنسىز. سىز كەنتكە، ئۇرۇق-تۇققالىرىڭىزغا ئېيتىپ بېقىڭ. ئۇلار بۇ ئۆينى ئەسلىگە كەلتۈرسۇن. ئەگەر ئۇلار ئەسلىگە كەلتۈرمىسە مەن كەلتۈرەي، قانچە پۇل كەتسە مەيلى. ئۆينىڭ ئەسلى قانداق بولسا-قەيەردە مانتا ئوچاق، قەيەردە مورا ئوچاق، قەيەردە دېرىزە-ئىشىك...بولسا ئۆز ئەينى بولسۇن، كىشىلەر زىيارەت قىلغاندا زوردۇنكامنىڭ بالىلىق چاغلىرىدىكى ئۆيىدەك ھېس قىلسۇن!...مەن يەنە مۇنداق ئويلاۋاتىمەن: سىزنىڭ ماۋۇ ئورمىنىڭىز قانچە خو؟     - تۆت خودىن ئۇشۇقراق.     - ھە، سىز بايا مۇشۇ ئورماننى سېتىپ قېرىغاندا راھىتىنى كۆرەيمىكىن دېدىڭىز، بۇمۇ توغرا، بىراق، بۇ ئورمان كىشىنىڭ قولىغا چۈشۈپ كەتسە بولمايدۇ. زوردۇن سابىر مۇشۇ ئورماندا چوڭ بولغان، مۇشۇ ئورماندا ئارام ئالغان، يازغان... ئەگەر پۇلدىن قىسىلسىڭىز مەن بېرىپ تۇراي، ئەمما، قەتئىي بۇ ئورماننى ساتماڭ. زوردۇنكامنىڭ روھى قورۇنۇپ قالمىسۇن!...كەلگۈسىدە بۇ يەرگە زوردۇن سابىر خاتىرە سارىيى سېلىنىدۇ، خاتىرە ساراينىڭ ئارقىسىدىكى ئورمان ئىچىگە ئۇنىڭ قەبرىسى يۆتكەپ كېلىنىدۇ. ئۇمۇ ئۇلۇغ روس يازغۇچىسى ل.ن.تولستوينىڭ قەبرىسى ئۆز بېغىدىكى ئورمانلىق ئىچىگە قويۇلغىنىدەك ئاجايىپ تەۋەررۈك قەبرە بولۇپ قالىدۇ. زوردۇن سابىرمۇ تولستويغا ئوخشاش ئۇلۇغ روھقا ئىگە ئادەم ئەمەسمۇ!...     - زوردۇن قەلەمگە چىڭ بولغىنى بىلەن تۇرمۇشقا بوشاڭچۇ-ئۇ. رەھمەتلىك تۇرسۇن ئەلى (غۇلجا شەھەرلىك <<خەنبىڭ>> يېزىلىق پارتىكوم شۇجىسى)باغنىڭ بېقىنىدىن ( <<خەلق باغچىسى>>نى دېمەكچى)شائىر مۇھەممەتجان سادىق، داڭلىق ناخشىچى داۋۇتجان ناسىرلارغا 0.8 خودىن جايلىق يەر بەرگەندە زوردۇنغىمۇ بەرگەن. ناھايىتى 800 يۈەن تۆلەڭلار دېگەن، شۇ يەرنىمۇ ئالمىدى ئۇ. مەن ئۇنىڭغا پۇلنى مەن تۆلەي، تالوننى سەن ئۆز نامىڭدا ئېلىۋال دېسەم:<< ئۇكا، ئالدىرىما، ئالىمىز!...>>دەپ قوياتتى. زوردۇنغا يەر كەممۇ؟ ئۇ قايسى يېزىغا بېرىپ ماڭا بىر ئىككى خو يەر بېرىڭلار دېسە گەپ قىلماي بېرەتتى. قايسىبىر يىلى ئۇ كەنتتىكىلەرگە :<< مەن مۇشۇ يەرگە بىر كىتابخانا سالايمىكىن، ئۆزۈممۇ نۇشۇ يەردە يېزىقچىلىق قىلسام!>>دېگەنىدى، كەنت تۆت خو يەر بېرىدىغان بولغان. شۇنىڭمۇ رەسمىيىتىنى ئۆتىمەي، ئۈرۈمچىگە كېتىۋېلىپ تاشلاپ قويدى. ئۇنىڭ مۇنداق ئىشلار بىلەن خوشى يوقتى. مانا ھازىر بولغان بولسا ئۆزىگىلا ئىشلىتەتتۇق-تە!...     ئەمما ئۆزى ئۆمۈر بويى قەرزدىن قۇتۇلالماي كەتتى. ئۇ بىرىگە بېرىمەن دەپ ئاكامنى كاپالەتچى قىلىپ يېزىلىق بانكىدىن ئون مىڭ يۈەن ئالغانىكەن. ئۇ ئۆلۈپ كەتكەندە ئۇ پۇل پىرسىنى بىلەن ئون يەتتە مىڭ يۈەن بوپتۇ. بانكا سۈيلەۋەردى، ئاخىرى مەن يول مېڭىپ، ئوبلاستلىق بانكىغا ئەھۋالنى ئېيتىۋىدىم، ئۇلار يەتتە مىڭ يۈەن پىرسەنتىنى كۆتۈرىۋەتتى، قالغان ئون مىڭ يۈەننى خەلچەم تۆلىۋەتتى...     گېرمانىيەدىكى دوستى ماڭا:<< زوردۇننىڭ تۆت كىتابىنى نەشىر قىلدۇردۇم، ھازىر كىتاب سېتىۋاتىمەن، ئۇنىڭ پۇلى يىغىلغاندا زوردۇن سابىر خاتىرە سارىيىنى سالىمەن!>>دېگەنىدى، ئۇمۇ يوقاپ كەتتىغۇ!...     - ئۇمۇ كەپ قالار، مەن دېگەن گەپلەرنى ئوبدان ئويلاپ قويۇڭ، توغقانلار بىلەن مەسلىھەتلىشىڭ!     مېھمان ئورنىدىن تۇردى، ئۇ قايتىشقا تەرەددۈتلەندى. كەڭ، ئازادە كوچا، كوچىنىڭ ئۇ يەر-بۇ يېرىدە ياش بالىلار كۆرۈنەتتى. ئۇلار ياخشى كېيىنگەن، قوللىرىدا يانفون، سۆزلىشىۋاتقان، كۈلىشىۋاتقان، ئەمما بۇ يەردە مېھمانغا نېمىدۇر كەمدەك سېزىلمەكتە. توغرا، سەھرا پۇرىقى، توپا پۇرىقى... پادا قايتىدىغان چاغ بولسىمۇ، كوچىلارنى توپا-چاڭغا كۆمۈپ ئۆتىدىغان كالىلار كۆرۈنمەيتتى. كالىلارنىڭ-موزايلانىڭ بىر-بىرىنى كىنەپ مۇڭلۇق مۆرەشلىرى ئورنىدا يېزا جىملىقىنى بۇزۇپ موتوسىكىلىتلارنىڭ يېقىمسىز ئاۋازى كېلەتتى.     مەرھۇم زوردۇن سابىر سەھرا پۇرىقىنى، توپا پۇرىقىنى تولىمۇ ياخشى كۆرەتتى: ئۇ توپىنى سۆي، داڭگالنى قۇچاقلا... دۇنيادا ئەڭ پاكىز، ئەڭ قىممەتلىك نەرسە توپا، دېگەنىدى.     شۇنداق، ھازىر بۇ يەردە توپىدىن ياسالغان تەنگە پايدىلىق، ئىللىق سەھرا ئۆيلىرى، ئۇلارنى بۈككۈدە قاپلاپ تۇرغان قاراڭغۇ باغلار كۆرۈنمەيتتى.     سەيياھ خوشلاشتى. مۇسەللىم ئاكا نېمىنىدۇر ئويلىشىپ قالدى-دە، بىر نەرسىنى ئېسىگە ئالغاندەك ئاستا، پىچىرلىغاندەك ئېيتتى:     - زوردۇن رەمەتلىك ئۆزى بىلەتتىكەن. ئۇ ئۈرۈمچىگە مېڭىش ئالدىدا ماڭا:<<ئۇكا، ھازىر بىزنىڭ قەدرىمىز يوق، مەن ئۆلۈپ 10-15 يىلدىن كېيىن ئاندىن قەدرىمىزگە يېتىدۇ، ئاندىن قەدىرلىشىدۇ. سەن ئامان بولساڭ كۆرۈپ قالىسەن. تارىختا ئۆتكەن ھەممە مەشھۇر زاتلارمۇ شۇنداق بولغان، تارىخ تەكرارلىنىدۇ، بىزدەكلەر ئۆلمىگۈچە قەدىرلەنمەيدۇ!...-دېگەنىدى، ئۇ راس دەپتىكەن، كۆڭلى تۇيغانمىتتىكىن...     مۇسەللىم ئاكىنىڭ غەمكىن ئاۋازى تىترىگەندەك چىقتى، ئۇ ئاكىسىنى كىنەۋاتاتتى...     مېھمان ئاپتوبۇس دېرىزىسىدىن ئارقىسىغا بۇرۇلۇپ، يىراقتا قالغان مەھەللىگە بىر پەس قاراپ ئولتۇردى، ئاندىن كۆزىنى يۇمۇپ خىيالغا پاتتى...     سەيياھ خىيالدىن ئويغاندى. ئۇ مەنزىلىگە كەلگەنىدى. ئۇ ئاپتوبۇس ئورۇندۇقىدىن ئېرىنچەكلىك بىلەن تۇرىۋېتىپ ئۆز-ئۆزىگە ئاستا پىچىرلىدى:     ھايات شۇنداق ، ئىنسان كۆمۈلىدۇ، ئۇلۇغ غايىسىنى مەھكەم قۇچاقلاپ توپا ئاستىدا ياتىدۇ. ئۇ غايىسىنى ئەكېتىدۇ، غەم-قايغۇسىنىمۇ ئەكېتىدۇ. ئۇنىڭ جىسمى توپىغا ئايلىنىدۇ. لېكىن غايىسى، قىساسى ۋە غام -قايغۇسىنى تۇپراق سىغدۇرمايدۇ. ئۇ يەر ئاستىدىن چىقىۋېلىپ، يوقالغان جىسىمنىڭ مىراسخورلىرىنىڭ باشلىرىغا كېلىپ قونىۋالىدۇ.     شۇنداق، <<بۇ مەشئەل ئۆلگەن ھەرقانداق چاغدىكىدىنمۇ بەكرەك يالقۇنجاپ كۆزنى قاماشتۇرىدۇ.>>(دۇنيا ئەدەبىياتى5-88. ۋېكتور ھىيۇگو:<<گېئورگى سانغا مەرسىيە>>) ئاپتورى: ئابلەت ئابدۇللا مەنبە: تەڭرىتاغ ژورنىلى 2011-يىل 6-ساندىن ئېلىندى    ئۇنىڭ تۇنجى رومانى- «ئاۋرال شاماللىرى» نەشىردىن چىققاندىن كىيىن:
1983–يىلى بولسا ئىككىنچى رومانى- «ئىزدىنىش» ئېلان قىلىنىپ كەڭ كىتاپخانلار ئارىسىدا ناھايىتى زور قىزىقىش قوزغىدى.
يازغۇچى بۇ مەزگىللەردە يەنە كۆپلىگەن پوۋېست، ھېكايىلەرنى يېزىپ ئۇيغۇر پروزىچىلىقىنىڭ يېڭى دەۋردىكى مۇھىم بايراقدارىغا ئايلاندى.

1987–يىلى 10–ئايدا يازغۇچى تەكلىپ بىلەن غەربىي گىرمانىيەگە بېرىپ، ئىككى ئاي ئىكۇسكۇرسىيە ۋە زىيارەتتە بولدى. بۇ مەزگىلدە ئۇ بېرلىن ئۇنىۋېرستىتىدا ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ھەققىدە لېكسىيە سۆزلىدى. ئۇنىڭ بۇ لېكسىيىسى گېرمانىيەدە چىقىدىغان نېمىسچە «تۈ*ركىلوگىيە تەتقىقاتى» ژورنىلىدا ئېلان قىلىندى ۋە ئايرىم كىتاپچە قىلىپ تارقىتىلدى.
1988–يىلى يازغۇچى يەنە تەكلىپ بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستانغا بېرىپ ھەج پائالىيىتىگە قاتناشتى ۋە پادىشاھ ئابدۇلئەزىزنىڭ قوبۇل قىلىشىغا ئېرىشتى ۋە خەلقئارادا مۇسۇلمانلارغا بېرىلىدىغان «فايسال مۇكاپاتى»غا ئېرىشتى.
بۇ جەرياندا كۆرگەن بىلگەنلىرىگە ئاساسەن «ئەرەپ يېرىم ئارىلىدا» ناملىق ئەدەبىي ئاخباراتىنى يېزىپ چىقتى.

1990–يىللاردا زوردۇن سابىر جوڭگۇ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ دائىمى ھەيئەت ئەزاسى، شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولۇپ سايلاندى. بۇ مەزگىللەردە ئۇ بىرتەرەپتىن زېھنىنى پوۋېست ۋە رومان ئىجادىيىتىگە قارىتىپ ئارقا–ئارقىدىن كۆپلىگەن ئەسەرلەرنى ئېلان قىلغان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ ساغلام تەرەققىياتى ئۈچۈن بەزى ئەمەلىي خىزمەتلەرنى ئىشلىدى.

يازغۇچى پۈتكۈل يۈرەك قېنىنى سەرپ قىلغان مۇھىم ئەسىرى «ئانا يۇرت» تېرىلوگىيەسىنى يېزىش جەريانىدا زىيادە چارچاپ كەتكەنلىگى سەۋەبىدىن، ئۇنى تاماملاپ ئىككى ھەپتىدىن كىيىن، يەنى 1998–يىلى 13–ئاۋغۇست كۈنى ۋاقتسىز ئالەمدىن ئۆتتى. بۇ چاغدا ئۇ 61 ياشتا ئىدى.

زوردۇن سابىر ئۆزىنىڭ تۇنجى ئەسىرى ئېلان قىلىنغان 1956–يىلىدىن باشلاپ ھېساپلىغاندا جەمئىي 40 يىلدىن ئارتۇق ئىجادىي ھاياتىدا ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ئۈچۈن مول ۋە قىممەتلىك مىراسلارنى قالدۇرۇپ كەتتى.
ئۇ ھاياتىدا جەمئى تۆت پارچە رومان، 15پارچە پوۋېست، 60پارچىدىن ئارتۇق ھېكايە، 20 پارچىدىن ئارتۇق شېئىر، 5پارچە دىرامما ۋە سىنارىيە، 3پارچە ئەدەبىي ئاخبارات، 6پارچە ماقالە، بىر پارچە ئەسلىمە ئېلان قىلدى.
بۇلارنىڭ كۆپى يازغۇچى ھايات ۋاقتىدا تۈزۈلگەن 21 كىتابىغا كىرگۈزۈلدى.

زوردۇن سابىرنىڭ مۇكاپاتلانغان ئەسەرلىرى:
(1) «دولان ياشلىرى» ناملىق ھېكايىسى 1979–يىلى ئاپتونوم رايۇنىمىز بويىچە 1–دەرىجىلىك مۇكاپاتقا، 1981–يىلى مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر يازغۇچىلىرىنىڭ ئەسەرلىرىنى باھالاش پائالىيىتىدە 1–دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى.
(2) «قوبۇلخانىدا» ناملىق ھېكايىسى 1981–يىلى ئاپتونوم رايۇنىمىز بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرىنىڭ ئوتتۇز يىللىق ئەدەبىي ئەسەرلىرىنى باھالاش پائالىيىتىدە 2–دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى.
(3) «ئىزدىنش» رومانى 1983–يىلى مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرىنىڭ ئەدەبىي ئەسەرلىرىنى باھالاش پائالىيىتىدە «مۇنەۋۋەر رومان» مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.
(4) «ئانا يۇرت» تېرىلوگىيەسى 2002–يىلى 3–نۆۋەتلىك «گۈلزار ئەدەبىيات مۇكاپاتى»غا ئېرىشتى.

يازغۇچى زوردۇن سابىر 1992–يىلى «تەڭرىتاغ» ژورنىلى ئۇيۇشتۇرغان راي سىناش پائالىيىتىدە ئۇيغۇر كىتاپخانلىرى ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئۈچ ئەدىبنىڭ بىرى بولۇپ باھالاندى.
ئۇنىڭ ھاياتى ھەم ئىجادىيەت نەتىجىلىرى «يېڭى كۈزەتكۈچى»، «ھېكايىلەر ئايلىق ژورنىلى»، «تاللانغان ھېكايىلەر»، «مىللەتلەر ئەدەبىياتى تەتقىقاتى»، « مىللىي يازغۇچىلار»، «ئەدەبىيات سەنئەت خەۋەرلىرى» قاتارلىق مەملىكەتلىك گېزىت ژورناللاردا تونۇشتۇرۇلدى .







            «تەڭرىتاغ» ژۇرنىلىدىن ئېلىندى



ئادەم بولساڭ بولغىن شەمشەر قېلىچتەك. بولما ھەرگىز ئىچى كاۋاك قۇمۇشتەك!
idraksoft

Rank: 18Rank: 18Rank: 18Rank: 18Rank: 18

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  102
يازما سانى: 286
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 761
تۆھپە : 34
توردا: 228
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-17 16:57:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جاپا چېكىپسىز، بۇ ئەسەرنى پۈتۈن يوللىغىلى بولغان بولسا، ياخشى بولاتتى.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  363
يازما سانى: 297
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 570
تۆھپە : 5
توردا: 64
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-17 20:46:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
زوردۇن سابىر ئاكىنىڭ ئەسەرلىرىنى بەكمۇ سۈيۈپ ئۇقۇيتۇم. يۇقۇرىدىكى يوللانمىنى كۆرۈپ ئىختىيارسىز كۆزۈمگە ياش كەلدى.«زوردۇن سابىر خاتىرە سارىيى»نىڭ بالدۇرراق پۈتۈشىنى تىلەيمەن.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  104
يازما سانى: 53
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 223
تۆھپە : 3
توردا: 35
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-2-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-18 00:18:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇ ئەسەرنى تولۇق ئوقۇپ چىققاندىن كىيىن
‹‹ تىرىكىدە بىز ئۇنى تىللاپ چۆكەردۇق.
ئۆلگىنىدە بىز ئۇنى  ئېگىز كۆتۈردۇق.››  دېگەن سۆزنىڭ نەقەدەر توغرا ئېيتىلغىنىنى ھېس قىلدىم .

مىللەتنى ئۇرۇش ئەمەس،سۈكۈت ھالاك قىلىدۇ.

Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  440
يازما سانى: 9
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 33
تۆھپە : 0
توردا: 5
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-6-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-18 10:31:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
                     زامانىمىز  پىروزا  ئىجادىيىتىنىڭ پېشىۋاسى، رومانچىلىق ئىجادىيىتىنىڭ باشلامچىسى ھەم سەركىسى، مەشھۇر يازغۇچىمىز  زوردۇن سابىر ئۆمرىدە ئۈچ خىل بېسىمغا قاتتىق ئۇچرىغان. ئۇنىڭ بىرى- تۇرمۇشتا تەلىيى كەلمىگەن، ئىككىنچىسى- بالا دەردىنى كۆپ تارتقان، ئۈچۈنچىسى- پىتنىخور- نائەھلىلەرنىڭ زىيانكەشلىكىگە بەكرەك ئۇچرىغان. ئۇ مانا شۇنداق ئەھۋال ئاستىدىمۇ بىزگە ئاجايىپ شاھانە ئەسەرلەرنى قالدۇرۇپ كەتتى. قەلبىمىزدە ئەبەدىي ئۆچمەس ئابىدىسىنى تىكلەپ كەتتى. ئابلەتكام ئابدۇللانىڭ مەرھۇمنىڭ ھاياتىغا بېغىشلاپ يازغان بىئوگىرافىك ئەدەبىي خاتېرىسى بەك ياخشى يېزىلغان. ئۇنىڭ ماۋزۇسىمۇ ئاجايىپ جايىدا قويۇلغان. بۇ بىئوگىرافىك ئەدەبىي خاتېرىدە مەرھۇمنىڭ تەۋرەنمەس ئىرادىسى، ئەدەبىي ئىجادىيەتكە بولغان كەم- كۈتىسىز ئىخلاسى، ئىجادىيەت پەزىلىتى، شۇنداقلا يەنە سىز بىلەن بىزدە كەم تېپىلىدىغان نۇرغۇن- نۇرغۇن ئىنسانغا خاس ئېسىل  سۈپەتلىرى يۇقۇرىدا بىز تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن ئۈچ خىل بېسىم بىلەن ئورگانىك يۇغۇرۇلۇپ ناھايىتى ياخشى يورۇتۇپ بېرىلگەن. ئەدەبىي خاتېرىدىكى قىسمەن جۇغراپىيەلىك ناملارنىڭ يېنىكلىك بىلەن  خاتا ئېلىنىپ قالغىنىنى ھېساپقا ئالمىغاندا، ئابلەتكام ئابدۇللانىڭ بۇ ئەدەبىي خاتېرىسى مەرھۇم زوردۇن سابىرنىڭ ھاياتى ۋە ئىجادىيىتى ئۈستىدىكى تۇنجى شۇنداقلا مۇكەممەل چىققان تەتقىقات ئەسىرى دېيىشكە بولىدۇ. بۇ ئەسەر كېلەچەكتە زوردۇن سابىر تەتقىقاتچىلىقىنىڭ باشلامچىسى بولۇپ قالغۇسى.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  83
يازما سانى: 197
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 538
تۆھپە : 6
توردا: 86
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-18 12:41:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
          مەن بۇ بىئوگىرافىك ئەدەبىي خاتىرىنى «تەڭرىتاغ» ژۇرنىلىنىڭ ئۆتكەن يىللىق سانلىرىدىن قىزغىن ئىشتىياق، چوڭقۇر سېغىنىش ھەم ھۆرمەت ھېسسىياتى بىلەن تولۇق ئوقۇپ تۈگەتكەن ئىدىم. بۇ ئەدەبىي خاتىرە ھەممە ئادەمنىڭ ئوقۇپ چىقىشىغا ئەرزىيدۇ، مەرھۇم يازغۇچىمىز زوردۇن سابىرنىڭ ھاياتىدا تارتقان ئازابلىرى، ئۇنى ئەنە شۇنداق گىگانت ئادەمگە، بۈيۈك يازغۇچىغا، ئۆلمەس تۆھپىكارغا ئايلاندۇرغان. زوردۇن سابىر ئاكىمىزنىڭ تالاي قىيىنچىلىقلار ئالدىدا ئۆزىنى يوقىتىپ قويماسلىقتەك ئالىيجاناپ روھى ــ مەڭگۈ قەدىرلىنىشكە، مەڭگۈ بىزنىڭ ئۆگۈنىشىمىزگە ئەرزىيدىغان روھ!
          قەلەمكەش سىڭلىمىز سائادەتنىڭ بىر ياخشى تېمىنى ھوزۇرىمىزغا سۇنغىنى ئۈچۈن تەشەككۈر!   

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش