ئىلىدىكى ئايال ئەدىبلەر جەم بولۇپ پىكىر ئالماشتۇردى
8- ئاينىڭ 11- كۈنى ئىلىدىكى بىر قىسىم ئايال ئەدىبلەر غۇلجا شەھرىدە جەم بولۇپ روزا ھېيىتنى بىرلىكتە ئۆتكۈزدى .
بۇ قېتىمقى پاھاليەتكە ئۆزگىچە ھىكايچىلىق ئۇسلۇبى بىلەن بەلگىلىك نەتىجە ياراتقان ،«قۇمۇش كۆل »ناملىق ھېكايىلەر توپلىمىنىڭ ئاپتورى ، ئەدەبياتنىڭ ئوتىدا كۆيۋاتقان يازغۇچى – زۆھرەگۈل ئابدۇۋايىت ، نەسىر ئېجادىيىتىنى خاس بەدئىي ئىنتىلىش يولى قىلىپ تاللىۋالغان ،شىمالنىڭ نەسىر يازغۇچىسى دەپ نام ئالغان ، «ئانام ئەتكەن كۆك چۆچۈرسى »ناملىق نەسىرلەر توپلىمىنىڭ ئاپتورى – قەلبىنۇر ئېلياس ، «بۇزۇلغان قەسەم» «ئۆكۈنۈش»،«قىسمەت »،«ئانا سەندىن ئاغرىنىشقا ھەققىم بار » قاتارلىق پوۋېست، ھېكايىلىرى بىلەن ئوقۇرمەنلەرنىڭ دىل تارىنى چەككەن يازغۇچى رەشىدە مۇھەممەد(مېھىرگياھ) ، «قەبرىدىكى ئىلتىجا»، «تۇنجۇققان روھ»، «ئىھ ناتۇنۇش يوللار»، «مۇز تۇتقان دېرىزە»، «مەن تۇل خوتۇن لېكىن بۇزۇق ئەمەس»، «چۈشۈمدىن چىق مۇھەببەت»، «جىمجىت كېچىدىكى يىغا ئاۋازى»، «يىگىت يىغلىمايدۇ»، «قوياش كۆكسىىدىكى ئايال»، «سەرگەردان بۇلاق»، «قانسىرىغان گۈل» ، «ئىھ خىرۇستال قىز» ناملىق ئەسەرلىرى بىلەن ئۇيغۇر تور ئەدىبياتىدىكى ئوقۇرمەنلەرنىڭ قىزغىن ھالقىشىغا سازاۋەر بولعان قەلىمى يۈگۈرۈك يازغۇچى تۇرسۇنئاي سۇلتان (بەرگىيە )، كەسكىن ، ئەمىليەتچانلىقى كۈچلۈك ئاخپارات ئەسەرلىرى ئارقىلىق ئەلنىڭ كۆزى ۋە يۈرىگىگە ئايلىنىش ئارزۇسىدا تىنماي ئىزدىنۋاتقان مۇخبىر خالىدە ئابدۇكىرىم ،«ئاھ ، شۇ كېچە »،«پىغانلىق يىغا »،«قارنىڭ يىغىسى »، «غەلىتە بوۋاقلار »، «چىرايلىق تاش »،«مۇھاببەت ۋە بۇرىچ »قاتارلىق كۆز چاقنىتىدىغان ھېكايىللىرى بىلەن ئۆزىنىڭ ئەدەبىي تالانىتىنى بىر مەزگىل نامايەن قىلغان بولسىمۇ ھازىر ئېنىرگيە توپلاۋاتقان (زۆھرەگۈلنىڭ چاقچىقى ) نۇرىيە ئابدۇكىرىم ، لىرىك ، تېتملىق شئېرىللىرى بىلەن ئېلى گېزىتىنىڭ ئەدىبيات گۇلزارى بېتىدىكى خۇشپۇراق گۈلگە ئايلانغان ـ تىرىشچان شائىرە گۇلنىسا ئىمامنياز ، «تاشبۇلاق » ، «بۇ يەردە ئوغرى يوق » ، «ئانامنىڭ ھالقىسى » ، «ئاپا ، سىزگە ئېيتار سۆزۈم بار ! »،«قىينانام ئەتكەن لەغمەن »قاتارلىق ھېكايە ۋە پوبلىستىك ماقالىلىرى ئارقىلىق ئىزدىنىشنىڭ ئىزگۇ قەدەملىرىگە قۇلاق سېلۋاتقان ھەۋەسكار مارىگۈل تۇداخۇن قاتارلىق ئاياللار قاتناشتى . ئەزىز مېھمىنىمىز – شىخەنزىدىن غۇلجىغا تۇققان يوقلاشقا كەلگەن قەلەمكەش مۇنەۋۋەر ئابدۇقادىرنىڭ بۇ پاھاليەتكە قەدەم تەشرىپ قىلىشى ھەممىمىزنى تېخىمۇ سۆيۈنۈردى .
جىسمىمىزنىڭ ناتۇنۇشلىقىنى يۈرىگمىزنىڭ تۇنۇشلىقى بېسىپ چۈشتى ، ھەممىمىز ئەدەبىي ئىجادىيەت ھەققىدە بەس – بەستە پىكىرلەرنى ئوتتۇرغا قويدۇق . لەۋلەردىن توختىماي تۆكلۋاتقان لىرىكىلاردىن ، نازۇك ، نەپىس ئاۋازدا دىكلىماتسيە قىلنۋاتقان ھايات ھەقىقەتلىرى توغىرسىدىكى دۇردانىلاردىن ھاياجانلىنىپ قىزغىن چاۋاكلار چېلىشتۇق . ھەممىمىزنىڭ نۇرلۇق يۈزلىرىمىزدىن ئوقۇرمەنلىرىمىز ئىجادىي ئەمگەكلىرىمىز ئارقىلىق روياپقا چىققان ئۇيغۇر ئەدىبياتى ئۈچۈن تىنىمسىز سوقۇپ تۇرغان يۈرىكىمىزنى غىل –پال بولسىمۇ ئېتىراپ قىلسا بىز خوش بولاتتۇق ھە ! دىيىشكەن بىر سىما بالقىپ تۇراتتى . بىزنى ئۇچۇرۇشۇش تەققاززاسىغا چۆمدۈرگەن گۈزەل مىنوتلار ناھايىتى تېز ئۆتۈپ كەتتى ...يانفونلىرىمىز سايراشقا ...توختىماي تىتىرەشكە باشلىدى ...ھەممىمىز بىر – بىرىمىزگە گۈزەل تىلەكلەر تىلشىپ قىيماسلىق ئىچىدە خوشلاشتۇق .
ئىشىنىمەنكى ، ئەدەبىيات قوشۇنىمىزدىكى تىرىشچان ، جاپاكەش ئاياللىرىمىزنىڭ ، ئەقىدىلىك قىزلىرىمىزنىڭ ئەجىر – مېھنىتىدە ئەدەبىي ئىجادىيەت مەنزىلى تېخىمۇ نۇرلىنىپ ، ئاجايىپ تاتلىق ئىجادىيەت مېۋىلىرى مەي باغلاپ پىشىدۇ ...
تۆۋەندە مەن شۇ كۈنكى پاھاليەتتە ئايال قەلەمكەشلىرىمىز دىكلىماتسيە قىلغان بىر قىسىم شېئىرلانى
ھۇزۇرىڭلارغا سۇندۇم :
سۆيۈملۈك قاراقچى
تۇرسۇنئاي سۇلتان (بەرگىيە)
ئىزىڭغا دۈم چۈشتى خەتلىرىم جېنىم،
ئۈنۈمدە توۋلىدى دېڭىز قۇشلىرى.
قىرغاقنىڭ لېۋىنى سۆيۈپ دولقۇنلار،
سۈمۈرۈپ بولالماي ئاقتى ياشلىرى.
سۆيگۈدىن پۈتۈلگەن لىپاپا ئىچرە،
قۇرلاردا تولغۇنار ھىجران لەززىتى.
سۆيۈملۈك سۆيگۈنىڭ سۆيۈشلىرىدە،
دولقۇنلار روھىمنى بۇلاپ قاچماقچى.
كېچىنىڭ نۇرىدا قىلىچ ئوينىتىپ،
كېلىۋەر سۆيۈملۈك تەنھا قاراقچى.
تۈنلەرنىڭ چۈشىدە تىكمۇ-تىك تۇرۇپ،
يۈرىكىم سەن بىلەن بىللە قاچماقچى.
ئۇنتالماي ئەسلىدىم سېنى بىئامال
بىر مىسرا سۆيگۈمنىڭ گۈلگۈن لېۋىدە،
ئاپتاپتىن مۇستەسنا بىر تامچە قەترە.
بۇلۇتلار باغرىنى يارغان شاماللار،
گۇگۇمنىڭ بوينىدا بولار ئاۋارە.
بىر ئېغىز سۆزۈڭدىن كەلگەن كەلكۈندە،
مەن نىمجان بېلىقتەك پىلتىڭلاپ قالدىم.
يىڭنىدەك تۆشۈكتىن تالاي ئۆتكۈزدۈڭ،
قىل كەبى ئوتۇڭدا ئەي جېنىم زالىم.
بۇ قىشتا قار ياغدى قەۋەتلا قېلىن،
بىكەتتە مۇز بولۇپ قاتتى مۇھەببەت.
ئۇسسىدىم ئاپئاق قار قوينىدا تۇرۇپ،
مەست بولغان ھەسرەتنى ئىچكەچكە رەت-رەت.
يۈرەكنىڭ چۇل بولغان ئىتەكلىرىگە،
ھىجراننىڭ ياشلىرى توكۇرلاپ چۈشتى.
ئاي كەبى ئاسماندا تۇرغان بىر يۇلتۇز،
نۇر سىزىق قالدۇردى،ساقىدى،كەتتى.
تاش تىزىپ ئوينىغان بالىلىقىمغا،
قۇشلارنىڭ پەرۋازى بولاركەن مىسال.
بۇ كېچە جان قاقشاپ قانىدىم يەنە،
ئۇنتالماي ئەسلىدىم سېنى بىئامال.
رۇبائىلار
مۈنەۋۋەر ئابدۇقادىر
1
مېھنەتتىن يىگىنىڭ شۇ ھالال ئېشىڭ ،
پاكلىق ھەم ساداقەت بولسۇن دىلكىشىڭ ؛
ۋىجداننى ئۆزۈڭگە يار قىپ ياشىغىن ،
بولمىسۇن خوشامەت مەڭگۈ سىردىشىڭ .
2
دۇنيادىن كەتتىغۇ قانچە ھۆكۈمدار ،
مەڭگۈگە ياشىغان ئىنسان نەدە بار ؟
ھاياتتا بەرپا قىل گۇلزارلىقىڭنى ،
ئۆلگەندە قەبىرەڭ ھەم بولسۇن لالىزار .
3
كەيىپ ئىزدىگەن ئۆمۈر – ۋەيراندۇر ،
ساقلىق تاپالماي كېسەل ھەيراندۇر ،
ئېتىلسا بىمەھەل ھەجەلنىڭ ئوقى ،
جان تەسلىم قىلماق ئالىي پەرماندۇر !
ئائىلەڭ ئۇ مەڭگۈلۈك باھار
رەشىدە مۇھەممەد
دۇنيادا ھەممىدىن ئىللىق بىر جاي بار ،
ئۇنىڭدا ئاجايىپ يورۇق بىر ئاي بار .
ھاياتىڭ داۋامى قىيغىتار تاي بار ،
بىلگىنكى ئائىلەڭ مەڭگۈلۈك باھار .
ئىزدىمە ئەي ئادەم باھارنى باغدىن ،
ئائىلەڭ مۇنارى يۈكسەكتۇر تاغدىن .
سۇ ئىچەر دىل بېغىڭ كۆيۈمچان ياردىن ،
بىلگىنكى ئائىلەڭ مەڭگۈلۈك باھار .
بولسۇن ئۇ مۇستەھكەم، قىلغىن باغ بىنا ،
بەختنىڭ قۇشلىرى قىلىشسۇن ناۋا ،
ئۇنىڭغا جۇدۇننى كۆرمىگىن راۋا ،
بىلگىنكى ئائىلەڭ مەڭگۈلۈك باھار .
نۇر چاچار ئۇنىڭدا ئىللىق قۇياشىڭ ،
پاك رىسىق بېرىلەر ئاشار ئىخلاسىڭ .
سەۋرى ۋە قانائەت بولۇر سىرداشىڭ ،
بىلگىنكى ئائىلەڭ مەڭگۈلۈك باھار .
قەلبىڭدە شۇم بۇيا سۈرەلمەيدۇ بىخ ،
ئەغيارىڭ دىلىغا سانچىلىدۇ مىق .
شەيتاننىڭ پەسكويغا چۈشىشى ئېنىق ،
بىلگىنكى ئائىلەڭ مەڭگۈلۈك باھار .
**********************************
سېنى ئۇنتۇپ كەتكۈم يوق پەقەت
نۇرىيە ئابدۇكېرىم
ئەمدى سېنى كۆرەلمەيمەن تا ئەبەت ،
لەۋلىرىڭگە سۆيەلمەيمەن بىرەر رەت .
كۆرمىسەممۇ سۆيگۇڭدىن ھىچ سائادەت ،
بىراق سېنى ئۇنتۇپ كەتكۈم يوق پەقەت .
مەن بىلىمەن سەن يېراقتا ئەركىن قۇش ،
كىملەر بىلەن بىللە يۈرۈپ كۆڭلۈڭ خوش .
قىينار مېنى ئازاب ،رەشىك تۇشمۇ – تۇش ،
بىراق سېنى ئۇنتۇپ كەتكۈم يوق پەقەت .
كۈلۈپ تۇرۇپ يۈرۈگۈمدە يىغلايمەن ،
نىمىشكىدۇر ساڭا پەقەت قىيمايمەن .
ئىختيارسىز غايىبانە تىللايمەن ،
بىراق سېنى ئۇنتۇپ كەتكۈم يوق پەقەت .
نالەم بىرلە سوئال قويدۇم ئاللاغا ،
ئازاپ ئۈچۈن تۇغۇلغانمۇ دۇنياغا .
ئېرىشمىدىم ئەپسۇس ھېچبىر ساداغا ،
بىراق سېنى ئۇنتۇپ كەتكۈم يوق پەقەت .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا bagyar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-8-13 20:45