قۇچاقلىدى زىمىننى قۇياش ،
ئالەم گۈزەل ئوتلۇق سۆيگۈدىن .
بىخ سۈرمەكتە يېشىل ھايات ھەم ،
مېھىر ئېمىپ ئۇنىڭ نۇرىدىن .
يېشىل ئالەم بولدى رېسىدە ،
كۈمۈش تەڭگە ئاستى چېچىغا .
گۈلنىڭ بەرگى زىناقلىرىغا ،
سۆيدى قۇياش بېسىپ باغرىغا .
گۈل - چېچەكلەر يەتتى ۋايىغا ،
خەندان ئۇرۇپ بۇلبۇل شوخلىنىپ .
ھاياجاندىن ئۇرغۇدى ھېسلار ،
تەبئەتكە قانماي زوقلىنىپ .
سۆيگۈ تۆكتى تەپتىدىن قۇياش ،
تەبئەتنىڭ ئېتەكلىرىگە .
مەۋجۇداتقا بەردى زەر - جۇلا ،
نۇرغا چۆمدى ئالەم لىققىدە .
(ئىلى گېزىتى 2013- يىلى 5- ئاينىڭ 11- كۈنى سانىدا بېرىلگەن )