نەسىر
قەلبىنۇر ئىلياس
ئىشق ئازابى ، قەلبىمنىڭ ئۈممۈت كۆچىتىگە ئۈزۈلمەيدىغان رىشتىنىڭ سۈيىنى قۇيدى .
يىگىتلىك كەمىرىنى باغلاشقا نىيەت قىلغان تىلەكلىرىم ،سانسىز كارۋانلارنىڭ ئىزى قالغان پايانسىز چۆللۈكلەردىن ، ئەرشكە تۇتىشىدىغان يوللارنى ئىزدىمەكچى بولدى .
ئۇلۇغلۇق مەنزىلىنىڭ پايانىغا تۇتاشقان بۇ مۇقەددەس كارۋان يوللىرىدا، كولدۇرمىنىڭ ساداسى ئۆچكەن ئىدى. ئەمما ئاياق ئىزلاردا بولسا ئۈمچەرەپ تۇرغان بىر كۈتۈش، مۇڭلۇق ئاۋازدا سۇسقىنا ناخشا ئېيتىۋاتاتى .
مەن قۇلاقلىرىمنى ئۇ ئاياق ئىزلىرىغا يېقىپ تۇرۇپ بۇ غېرىپ ئاھاڭلارنى تىڭشاپ باختىم .
ــــ باشقىلار سۇدا ئۈزۈپ ، كۆكتە ئۇچۇپ كەتتى يىراق ،
مەن مىسالىي يالاڭ ئاياغ دەسسەپ تىكەن ماڭارىمەن ....
مېنى بىردىنلا ھەسرەت چۇلغىۋالدى. قۇمدەك تۆكۈلۈپ تۇرۇپ راسا يىغلىۋالدىم .
تۇيۇقسىز ئۇ ئاياق ئىزلىرىدىن قانداقتۇ بىر ئىس تۈتەكلەرنىڭ ئاسمان بوشلىقىغا كۆتۈرۈلۈپ كېتىۋاتقانلىقىنى، ئاندىن تۈرگۈم – تۈرگۈم بۇلۇتلارغا ئايلىنىپ ئۇپۇق باغرىنى چۆرگىلەپ يۈرۋاتقانلىقىنى ھىس قىلدىم .
شۇندىلا ئۇپۇق قىزىغا ئاشىقى بېقارار بولغان سانسىز تىلەكلەرنىڭ ئۇدۇمى بولۇپ يارالغىنىمنى چۈشەندىم.
بولسام دەيمەن
مارىگۈل تۇداخۇن
بولسام دەيمەن سېنىڭلا گۈلۈڭ ،
گۈللەر توزۇپ كەتسە كۈز كېلىپ،
دىرىزەڭگە چاچاي نۇر – زىيا ،
قۇياش كۈلۈپ قالسا گەر ھېرىپ .
بولسام دەيمەن كىيىك بالىسى ،
سەن ئورماننى ھارماسمەن كىزىپ .
ئاپئاق بۇلۇت ، يىشىل گىياھقا ،
ئۆچمەس سۈرەت قالدۇراي سىزىپ.
بولسام دەيمەن سېنىڭ يامغۇرۇڭ ،
كۆك ئاسماندىن چۈشۈپلا لەرزان ،
تۈرۈم – تۈرۈم بۇلۇتلار ئارا ،
يىشىل نۇرلار قىلدۇراي جەۋلان .
بولسام دەيمەن سېنىڭ يۈرىگىڭ ،
ئۆزۈڭ بىلەن كەتسەم يىراققا ،
ئازابلىغۇڭ كەلسە گەر مېنى ،
چىداپ ئۆتەي ئاچچىق پىراققا .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا marigul تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-8-14 20:51