- UID
- 11
- ھوقۇقى
- 255
- ھەقىقىي ئىسمى
- ئەيبۇ ياقۇپ
- يازما
- 657
- نادىر
- 3
- جۇغلانما
- 3711
- تىزىملاتقان
- 2012-3-18
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-9-7
- توردا
- 1390 سائەت
|
|
|
|
|
«مىللەتلەر ئەدەبىياتى»نىڭ ئاز سانلىق مىللەت تىلىدىكى نۇسخىلىرىنى ئوقۇپ – تەكشۈرۈش يىغىنى ئېچىلدى
2012-يىلى 4-ئاينىڭ 12-كۈنى «مىللەتلەر ئەدەبىياتى»نىڭ ئاز سانلىق مىللەت تىلىدىكى نۇسخىلىرىنى ئوقۇپ – تەكشۈرۈش يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى.جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتى نەشريات گۇرۇھى پارتىكومىنىڭ شۇجىسى،باشقۇرۇش كومىتىتىنىڭ مۇدىرى خې جەنمىڭ، جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتى پارتىگۇرۇپىسىنىڭ ئەزاسى، «خەلق» ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى بەي گىنشېڭ،«مىللەتلەر ئەدەبىياتى»ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى يې مېي، جۇڭگو مىللەتلەر تىل – يېزىق تەرجىمە ئىدارىسىنىڭ باشلىقى لى جەنخۇي ۋە بېيجىڭ، ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتۇنۇم رايۇنلاردىن كەلگەن مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلەر، يازغۇچى، ئەدەبىي تەرجىمان، مۇھەررىرلەردىن بولۇپ 80 دىن ئارتۇق كىشى يىغىنغا قاتناشتى.يىغىنغا ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزدىن ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى، يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئازات سۇلتان قاتناشتى.
«مىللەتلەر ئەدەبىياتى»ژۇرنىلىنىڭ ئۇيغۇرچە، مۇڭغۇلچە، زاڭزۇچە نۇسخىلىرى 2009-يىلى نەشر قىلىنىشقا باشلىغان. ئۈچ يىلدىن بۇيان، مەزكۇر تىللاردىكى ژۇرناللاردا تې نىڭ، ۋاڭ مىڭ، جىدى ماجا،ئالەي، جاڭ چېڭجى، چى زىجەن قاتارلىك 250 تىن ئارتۇق ھەر مىللەت يازغۇچىلىرىنىڭ ئەسەرلىرى ئېلان قىلىنغان. ئۇيغۇر، مۇڭغۇل، زاڭزۇ يازغۇچىلىرىنىڭ ئانا تىلدا يېزىلغان ئەسەرلىرىنى ئېلان قىلىشقىمۇ مۇۋاپىق نىسپەتتە ئورۇن بېرىپ ھەر مىللەت يازغۇچى ۋە ئوقۇرمەنلىرىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا سازاۋەر بولغان.
|
|
|
|
|
|
|