كۆرۈش: 697|ئىنكاس: 2

«مىللەتلەر ئەدەبىياتى»نىڭ ئاز سانلىق مىللەت تىلىدىكى نۇسخىلىرىنى... [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11
يازما سانى: 674
نادىر تېمىسى: 3
تېللا: 2394
تۆھپە : 232
توردا: 1458
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-29

تۆھپىكار ئەزا مۇنەۋۋەر مۇھەررىر  مۆتىۋەر

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-16 13:10:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

«مىللەتلەر ئەدەبىياتى»نىڭ ئاز سانلىق مىللەت تىلىدىكى نۇسخىلىرىنى ئوقۇپ – تەكشۈرۈش يىغىنى ئېچىلدى


U3875P843DT20120413100033.jpg


U3875P843DT20120413112620.jpg


U3875P843DT20120413112900.jpg


U3875P843DT20120413112817.jpg


2012-يىلى 4-ئاينىڭ 12-كۈنى «مىللەتلەر ئەدەبىياتى»نىڭ ئاز سانلىق مىللەت تىلىدىكى نۇسخىلىرىنى ئوقۇپ – تەكشۈرۈش يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى.جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتى نەشريات گۇرۇھى پارتىكومىنىڭ شۇجىسى،باشقۇرۇش كومىتىتىنىڭ مۇدىرى خې جەنمىڭ، جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتى پارتىگۇرۇپىسىنىڭ ئەزاسى، «خەلق» ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى بەي گىنشېڭ،«مىللەتلەر ئەدەبىياتى»ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى يې مېي، جۇڭگو مىللەتلەر تىل – يېزىق تەرجىمە ئىدارىسىنىڭ باشلىقى لى جەنخۇي ۋە بېيجىڭ، ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتۇنۇم رايۇنلاردىن كەلگەن مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلەر، يازغۇچى، ئەدەبىي تەرجىمان، مۇھەررىرلەردىن بولۇپ 80 دىن ئارتۇق كىشى يىغىنغا قاتناشتى.يىغىنغا ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزدىن ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى، يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئازات سۇلتان قاتناشتى.
«مىللەتلەر ئەدەبىياتى»ژۇرنىلىنىڭ ئۇيغۇرچە، مۇڭغۇلچە، زاڭزۇچە نۇسخىلىرى 2009-يىلى نەشر قىلىنىشقا باشلىغان. ئۈچ يىلدىن بۇيان، مەزكۇر تىللاردىكى ژۇرناللاردا تې نىڭ، ۋاڭ مىڭ، جىدى ماجا،ئالەي، جاڭ چېڭجى، چى زىجەن قاتارلىك 250 تىن ئارتۇق ھەر مىللەت يازغۇچىلىرىنىڭ ئەسەرلىرى ئېلان قىلىنغان. ئۇيغۇر، مۇڭغۇل، زاڭزۇ يازغۇچىلىرىنىڭ ئانا تىلدا يېزىلغان ئەسەرلىرىنى ئېلان قىلىشقىمۇ مۇۋاپىق نىسپەتتە ئورۇن بېرىپ ھەر مىللەت يازغۇچى ۋە ئوقۇرمەنلىرىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا سازاۋەر بولغان.


idraksoft

Rank: 18Rank: 18Rank: 18Rank: 18Rank: 18

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  28
يازما سانى: 330
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1049
تۆھپە : 3
توردا: 192
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-29

تۆھپىكار ئەزا مۇنەۋۋەر مۇھەررىر

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-16 17:49:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يىغىنغا قۇتلۇق بولسۇن!
مەزكۇر ژورنالنىڭ نەشىر قىلىنغانلىقى مېنى بەكمۇ خۇش قىلغان ئىدى. ئەمما كېيىنچە قارىسام باشقۇرۇشتا مەسىلە باردەك ھېس قىلدىم. ئەسەر تاللاشتا خاس خەنزۇچە نۇسخىسىدا ئېلان قىلىنغان ئەسەرلەرنى ئاساس قىلىشى بىلەن ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلىرىدىن تېخى كۆپ يېراقتا بوپ كەلمەكتە. بۇ خىل ھالەتنىڭ تىزراق ئۆزگىرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. بۇنداق بولمىغاندا ئۆزىنىڭ ئوقۇرمەنلەر ۋە ئاپتۇرلار قوشۇنىنى يارىتالماي، بىر توپ تەرجىمانلارنىڭ ئۆزىنى نامايەن قىلىدىغانلا سورۇنى بوپ قالىدۇ دە «ئەدەبىي تەرجىمىلەر» ژورنىلىدىن پەرقسىز بوپ قالىدۇ.

ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس، بەلكى بىر شېرىن مەسئۇلىيەت. _ رەشىد
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش