(16)
مەبۇدتا چىرايىڭ بولغانلىقى ئۈچۈن چوقۇنغۇچىغا ئايلاندىم.
شاراب قەدىھىڭدىن كەلگەنلىكى ئۈچۈن زابويغا ئايلاندىم.
سۆيگۈڭنىڭ شىددىتىدىن بىر ھېچنېمىستكە ئايلاندىم.
سېنىڭ بىلەن ئۆتۈشۈپ تۇرىدىغان بۇنداق يوقلۇق،
باشقا ھەرقانداق مەۋجۇتلۇقتىن ئۈستۈن تۇرىدۇ.
(17)
سۆيگۈڭ سەۋەبلىك ھوشۇمنى يوقاتتىم
سەۋدايىلىقتا مەستخۇش بولدۇم
تۇمانلار ئارا
ئۆزۈم بىلەن ناتونۇش بولدۇم
غەرق مەستمەن
ئۆيگە قايتىدىغان يولنى تاپالماسمەن
باغلاردا، پەقەت سېنىڭ چېھرىڭنىلا كۆرىمەن
گۈل ۋە دەرەخلەردىن سېنىڭ ھىدىڭنىلا پۇرايمەن
بۇ مۇھەببەت ساراڭلىقىغا شۇنچە پاتتىمكى
ئەمدى ھاراق بىلەن ھاراقكەشنى ئايرىيالماسمەن
ئەمدى سۆيگۈچى بىلەن سۆيۈلگۈچىنى ئايرىيالماسمەن
(18)
ئاشىقنىڭ دەردى
ۋە لاۋۇلداپ كۆيۈۋاتقان ئىشىق ئوتى،
ئۇنىڭ قەدىمى يەتكەن ھەر بىر تۇپراقتا كۆيۈك ئىزى قالدۇرىدۇ.
يارىلانغان قەلبنىڭ ئاھى
ئاللاھقا كىرىدىغان ئىشىكتۇر.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مەردان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-8-16 23:04