يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 2888|ئىنكاس: 30

مەردان: رۇمى شېئىرلىرىدىن

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]


مەۋلانە جالالىدىن رۇمى (1207-1273)





(1)

ئەي يار، شۇنچىلىك يېقىنمىزكى:
قەيەرگىلا بارما، باسقان ھەر قەدىمىڭدە مەزمۇتلۇقۇمنى ھېس قىلىسەن.
قانداق سۆيگۈدۇر بۇ:
دۇنيارىڭنى كۆرۈپ، ئۆزۈڭنى كۆرمەيدىغان؟



(2)

باھاردا باغلارغا بېرىپ سەيلە قىل.
غۇچچىدە ئانار گۈللىرىنىڭ ئارىسىدا بول، ئۇ يەردە نۇر، شاراب ۋە غۇنچىلەر بار.
سەن كەلمىسەڭ، بۇلار پۈتۈنلەي مەنىسىز.
كەلسەڭ، بۇلار يەنىلا مەنىسىنى يوقىتىشدۇ.



(3)

ئۆزىنىڭ نېمە قىلىۋاتقىنىنى بىلىدۇ دەمسەن؟
ئۆزۈمگە تەۋە بىر دەقىقەم بولسا نېمە دەي؟
ئۆزۈمنىڭ نېمە قىلىۋاتقىنىنى بىلمەيمەن،
خۇددى قەلەم نېمە يازغىنىنى بىلمىگەندەك،
توپ ئۆزىنىڭ قەيەرگە چۈشۈشىنى بىلمىگەندەك.

  




باھالاش

قاتناشقانلار سانى 2تىللاسى +410 يىغىش سەۋەبى
مۇنەۋۋەر ئابدۇق + 10
jallat + 400

باھا خاتىرىسى

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2013-8-4 10:09:16 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
داۋامى بارمۇ؟

ۋاقتى: 2013-8-4 10:37:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رۇھى شېئىرلىرى دېگەن تېمىنى كۆرۇپلا تىزلىك بىلەن ئاچتىم . ئەجرىڭىزگە رەھمەت . بۇ شېئىرلارنىڭ مەنبەسىنى ئىزاھلاپ قويغان بولسىڭىز . داۋامىغا تەشنادۇرمىز ...

ۋاقتى: 2013-8-4 11:41:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەشەككۈر قېرىندىشىم . مۇنداق ئېسىل تېمىلارنى يوللاپ  ئەدەبىيات كوچىسىدىكى ئەھلى

قەلەمكەشلەرنى بەدىئى ئوزۇق بىلەن تەمىن ئىتىىپ تۇرغايسىز .

ۋاقتى: 2013-8-4 12:03:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئەەجرىڭىزگە رەھمەت،  داۋامىنى  يوللاپ  تۇرغايسىز!  

ۋاقتى: 2013-8-4 12:03:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئەەجرىڭىزگە رەھمەت،  داۋامىنى  يوللاپ  تۇرغايسىز!  

ۋاقتى: 2013-8-4 12:20:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   مۇنبەرگە كىرىپ ئىنكاس ئوقۇسا بولىدىكەن. ئۈستۈمدە كېرىلىپ ئولتۇرغان 3نەپەر  ئاتالمىش شائىرلارنىڭ ئىنكاسلىرىدىكى ئىملا خاتالىقىنى قاراڭ...خۇددى خاتا يازىلى دىيىشىۋالغاندەك.ئىسپات كۆرسەتمىسەم ئەيبۇكام چېقىرۋىتىدۇ-بۇنىسى ئېنىق.

  رۇھى شېئىرلىرى --بۇ شەۋكەت ئىبراھىم.
  ئەەجرىڭىزگە -پاكزات.
  ئىتىىپ--ئارتۇچ. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   كەنئان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-8-5 00:41  


ۋاقتى: 2013-8-4 14:24:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نادىر لېرىكىلار بىلەن ئۇچراشتۇرغىنىڭىزغا  رەھمەت.

ۋاقتى: 2013-8-5 00:16:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەرجىمە ئىشلىرىڭنىڭ تېخىمۇ ئۇتۇقلۇق بۇلۇشىنى چىن كۆڭلۈمدىن ئۈمد قىلىمەن ئاداش! توختاپ قالمىغىن!

ۋاقتى: 2013-8-5 00:25:08 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇنبەرگە كىرىپ ئىنكاس ئوقۇسا بولىدىكەن. ئۈستۈمدە كېرىلىپ ئولتۇرغان 3نەپەر ئاتالمىش شائىرلارنىڭ ئىنكاسلىرىدىكى ئىملا خاتالىقىنى قاراڭ...
شۇنداق، ھەقىقەتەن ئىنكاس ئوقۇساق بولغۇدەك! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   alahidin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-8-5 00:25  


ۋاقتى: 2013-8-5 02:41:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجرىڭىزگە مىڭلارچە تەشەككۈرلەر...داۋامىنى ئوقۇشقا تەشنا ئېدىم..؟

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-8-5 03:00:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

(4)

بىر سوغا ئۈزۈم ھارىقىمىز بار، لېكىن قەدەھ يوق.
بۇنىڭدىن ياخشىسى بولماس.

ھەر سەھەر، ئىككى مەڭزىمىز بىر قېتىم قىزىرىدۇ،
ھەر كېچە، ئىككى مەڭزىمىز يەنە بىر قېتىم قىزىرىدۇ.

ئۇلار بىزنى ئەتىسى يوق دېيىشتى. ئۇلار توغرا دەيدۇ.
بۇنىڭدىن ياخشىسى بولماس.



(5)

كۈننىڭ پېتىشى بىلەن چىقىشى ئوخشاپ قالىدۇ.
جاناننىڭ ئەسلى يۈزىنى تونىيالامسەن؟
يىغلاۋاتىسەن، ئۆزۈمنى كۆيدۈرۈپ كۈل قىلدىم دەيسەن.
لېكىن ئويلاپ باقتىڭمۇ، كىم تۈتۈنلەر قوينىدا ئەمەس؟



(6)

سېنى بەرباپنى قۇچاقلىغاندەك چىڭ قۇچاقلايمەن،
شۇندىلا بۇ مۇھەببەت كۈيى ئۈنلۈك ياڭرايدۇ.
ئەينەك چېقىشنى ئىستەمسەن؟
مانا مەن سېنىڭ ئەينىكىڭ، ئاۋۇ يەردە ئازراق تاش.






بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مەردان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-8-15 00:22  


mesnewiy بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
ۋاقتى: 2013-8-6 00:21:09 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-8-6 03:35:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
(7)

مەندىن ئايرىلىپ كۆپچىلىك بىلەن بولغىنىڭدا،
سەن بىرگە ھېساب.
كۆپچىلىكتىن ئايرىلىپ ماڭا يېقىنلاشقىنىڭدا،
سەن مىڭغا ھېساب.
كۆپچىلىك تەرىپىدىن بوغۇلۇشتىن
كۆپكە ئايلىنىش ئەۋزەلدۇر.
كۆپكە ئايلانساڭ يوقلۇقتا بولىسەن،
ھېچكىم بولىسەن.


(8)

ئىككىمىز بىرگە بولغاندا، پۈتۈن كېچە ئۇخلىماي چىقىمىز.
يېنىمدا بولمىساڭ، تاڭ ئاتقۇچە ئۇخلىيالمايمەن.
بۇ ئىككى خىل ئۇيقۇسىزلىق ئۈچۈن ھەمدۇ-سانالار ئېيت،
ھەمدە ئۇلاردىكى ئوخشىماسلىق ئۈچۈن.


(9)

سەۋدايىلارنىڭ ئارىسىدا بول.
ئاۋۇ باشقىلارنىڭمۇ، ئۆز ئالدىغا ساڭا بېرىدىغان تارتۇقى بار.
قاغا سېنى قۇرۇق قازناققا باشلايدۇ،
شاتۇت بولسا، كەمپۈتكە.



بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مەردان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-8-7 21:33  


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-8-8 03:14:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
(10)

نۇرغۇن يىللار، باشقىلارغا تەقلىد قىلدىم ۋە ئۆزۈمنى چۈشۈنۈشكە ئۇرۇندۇم.
قەلبىم گاڭگىرىغان...
نېمە ئىكەنلىكىنى كۆرگىلى بولمايتتى، پەقەت ئىسمىمنىڭ چاقىرىلغانلىقىنى ئاڭلىدىم،
شۇنداق قىلىپ سىرتىغا چىقتىم.


(11)

بۈگۈن، باشقا كۈنلەردىكىگە ئوخشاشلا،
مەنىسىزلىك ئىچىدە ئويغاندۇق ۋە ئاۋۋالقىدەكلا چۆچۈپ كەتتۇق.
بۇنداقلا بېرىپ كۈتۈبخانا ئىشىكىنى ئىتتەرمە،
ئاۋۋال قولۇڭغا سازىڭنى ئال.

بىز سۆيگەن شۇ جانان بولۇمىمىزغا ئايلانسۇن.
تىزلىنىپ يەرنى سۆيۈشنىڭ تۈرلۈك-تۈمەن ئۇسۇللىرى بار.



(12)

ئەينەكدۇرمىز ھەم ئەينەكتىكى چىرايمىز.
تېتىيدىغىنىمىز دەقىقىدىكى مەڭگۈلۈك تەمدۇر.
ئازابدۇرمىز ھەم ئازابتىن قۇتۇلدۇرغۇچىمىز.
مۇزدەك، تاتلىق سۇ ھەم سۇ چاچىدىغان كوزا.






بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مەردان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-8-9 00:49  


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش