كىمۇ ئۇ ئېغىزىمدا سۆزلەۋاتقان
رۇمى
مەن كېچە-كۈندۈز ئويلايدىغان
نەدىن كەلگەنىدىم؟ نېمە ۋەجىدىن؟ دېگەن سوئاللار
باش-ئاخىرى يوق، تەگسىز سوئاللار...
شۈبھىسىزكى، روھىم باشقا بىر جايدىن كەلگەن.
شۇنداق بولغانىكەن،
ئۆمرۈمنى شۇ يەردە ئۆتكۈزۈشنى خالىدىم،
ئاشۇ مەن كەلگەن جايدا.
باشقا بىر مەيخانىدىن باشلانغان مېنىڭ مەستلىكىم.
ئاشۇ يەرگە قايتساملا،
يېشىلىمەن پۈتۈن مەستلىكتىن.
باشقا بىر دىياردىن كەلگەن قۇش ئۆزۈم، ئەمدى بۇ قەپەس ئىچىدە ئولتۇرغان،
ھامان بىر كۈنى كېتىمەن ئۇچۇپ.
بىراق
ئۇشبۇ دەم قۇلىقىمدا ئاڭلاۋاتقان، ئېغىزىمدا سۆزلەۋاتقان
كىمكىنا ئۆزى؟
كىمۇ ئۇ كۆزۈمدە قاراۋاتقان؟ كىمكىنا ئۇ روھ؟
توختالمايمەن سوئال سوراشتىن.
ئانچىكى جاۋابنى تېتىغان بولسام،
قۇتۇلار ئىدىم بۇ مەستلىك قەپىسىدىن.
ئۆز ئالدىمغا ئايرىلالمايمەن، قايتالمايمەن.
كىم ئەكەلگەن بولسا، شۇ ئېلىپ كەتسۇن.
مەن ئالدىن ئويلاپ باقمىغان
بۇ شېئىردا ئېيتقانلىرىم ۋە بىلمەسلىكىم
مېنى تېخىمۇ جىمغۇر قىلىۋېتىدۇ،
ئاز سۆزلەيدىغان ھەم ساز سۆزلەيدىغان قىلىۋېتىدۇ.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مەردان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-9-8 13:42