سېنى سۆيگىنىم ئۈچۈن
مەھلىيا پەتتار
ئىزغىرىن شاماللار ياۋا گۈللەرنىڭ بەرگىنى يىنىك سۆيۈپ،ئارەمبەخش ئاتا قىلغۇچى تىنچلىقىنى تەنتەنە قىلىشىۋاتاتتى.شۇنچە ئۇزۇن مۇساپىنى تەنھا باسقان قەدەملىرىمدىن ھاسىل بولغان تار لېكىن ئۆزۈمگىلا تەئەللۇق بولغىنى ئۈچۈن تولىمۇ يېقىشلىق بىلىنىدىغان چىغىر يولدا كېلىۋاتىمەن.ھېچنىمىنىڭ ئۇۋال قىلىشىنى خالىماس خىياللىرىم ئۈچۈن ئاياغلىرىمنىمۇ سېلىۋەتكەن ئىدىم.يۇمشاق توپىنىڭ نازۇك تاپانلىرىمغا ئۇرۇلىشىدىن ھاسىل بولغان ئىللىقلىق، ئۇزۇن كۆڭلىكىمنىڭ پاقالچەقلىرىمنى يىنىك سىيپاشلىرىدىن تارىغان ھوزۇر پۈتۈن جىسمىمنى راھەتلەندۈرەتتى. سۈزۈك ئاسمان، ئىللىق شامال، ساپ ھاۋا،رەڭگارەڭ ياۋا گۈللەر...شۇنچە گۈزەل، شۇنچە يېقىملىق ئىدى. سېنى ئۇچراتقىنىم ئۈچۈن! سۆيۈشنىڭ قانداق بولىدىغىنىنى بىىلىۋالدىم! سېنى ئۇچراتقىنىم ئۈچۈن! پۈتۈن كائىناتنىڭ رەڭگى ئۆزگەرگەنلىكىنى ھىس قىلدىم.سېنى ئۇچراتقىنىم ئۈچۈن! سېنى سۆيدۈم،قىياپىتىمدىلا ئەمەس، روھىيىتىمدىمۇ ئۆزگىرىش بولىۋاتقىنىغا ئەقلىم لال بولدى. سېنى سۆيدۈم،سېنىڭ مۇكەممەللىكىڭ ئالدىدا تەكرار مەغلۇپ بولدۇم.ئۇزۇن يىللىق خىيالى دۇنيارىمدا ياشاپ تۈگەشكەن ئىكەنمەن.سېنىڭ زەبەردەسلىكىڭگە ھەۋىسىم ۋە قايىللىقىم ھەر سەھەر يېڭىلىناتتى.سېنىڭ مېنى قۇتقۇزشۇۋېلىشىڭنى خالاپ قالدىم.ئەلۋەتتە سەنمۇ شۇنىڭغا مۇھتاج ئىدىڭ. باھارنى ‹‹ئۈمىد ئايلىرى›› دېيىشىدىكەن كونىلار. كۈزنىڭمۇ ئارزۇ-ئارمانلىرى بار ئىكەن ئەمەسمۇ؟تۈنۈگۈن ئۆتمۈش، بۈگۈن ھەقىقەت، ئەتە ئۈمىد بولغىنىدەك. قەلبىم سۆيگۈڭگە لىق تولدى، خۇددى مەن باغرىڭغا سۆيگۈ مەناسى بىلەن تولغاندەك. ئازاپ دولقۇنلىرى بۈرتۈپ كەلمەكتە،خۇددى سېنى تېپىۋالغىنىم ئۈچۈن ئۇنىڭ باغرىنى يارالايدىغىنىمنى بىلىۋالغاندەك! ئەي، دەردۇ-ئەلەملەر مىنى بىر رەت ئارامىمدا قويۇپ كەت! ئۆزۈم ئۈچۈن كۈلۈپ باقاي بىر دەقىق! گۇناھكار تۇيغىلىرىم نېرىپلىرىمنى غىدىقلىغىنىدا ئەقىل ۋە ھىسسىياتنىڭ توقۇنىشىدا يانچىلىمەن تەكرار-تەكرار. شۇنداق بىر ئادىل قازى بولسا گۇناھلىرىمنى قىلاتتىم ئىقرار! سۆيگۈ قىسسەلىرىمىز تارقاپ كەتسە جاھانغا،جازا كەلسە تەڭ كىلىدۇ ئەمەسمۇ ئىككى تەندىكى بىر جانغا؟! جېنىم، قوللىرىمنى قويۇۋەتمە، دولقۇنلار مىنى يالمىۋالمىسۇن! يالغۇزلۇق مېنى يەنە مۇدھىش باغرىغا تېڭىۋالمىسۇن! كەتمەك بولساڭ مېنى بىرگە ئېلىپ كەت، سەنسىز كۈنلىرىم زۇلمەت. سەن بار ھەتتاكى بىر قەترە تامچىمۇ مەن ئۈچۈن زۇمرەت! بىلىمەن، بىلىسەن بۇ سۆيگۈ ھەتتاكى ھاياتتىن قىممەت! باغرىڭدا ۋىلىقلاپ كۈلسەم بىر ئۆمۈر،سۆيگۈمىز مەڭگۈ تاشلارغا پۈتۈلۈپ كەتكۈسى... سەن بولغاچ بارچە مۇدھىش ئازاپلار ئۇنتۇلۇپ كەتكۈسى...
چىغىر يولدا كۈتىمەن سېنى، ئىتىكىمنى پايانداز قىلىپ. كېلىشىڭدىن بېرىدۇ خەۋەر، كۈيچى بۇلبۇل يېنىمغا كىلىپ.
گۈلدەستىلەر تىزدىم سەن ئۈچۈن، سۇغىرىمەن ئىشەنچ سۈيىدە. بىر ناخشىنى ئېيتىمەن تەكرار، ئەڭ سۆيۈملۈك مەشۇق كۈيىدە...
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مەھلىيا تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-8-3 21:52
|