يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 1593|ئىنكاس: 13

مەھلىيا پەتتار: سېنى سۆيگىنىم ئۈچۈن

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
سېنى سۆيگىنىم ئۈچۈن



مەھلىيا پەتتار


7dd98d1001e939012d4dd72f7aec54e736d19657.jpg



ئىزغىرىن شاماللار ياۋا گۈللەرنىڭ بەرگىنى يىنىك سۆيۈپ،ئارەمبەخش ئاتا قىلغۇچى تىنچلىقىنى تەنتەنە قىلىشىۋاتاتتى.شۇنچە ئۇزۇن مۇساپىنى تەنھا باسقان قەدەملىرىمدىن ھاسىل بولغان تار لېكىن ئۆزۈمگىلا تەئەللۇق بولغىنى ئۈچۈن تولىمۇ يېقىشلىق بىلىنىدىغان چىغىر يولدا كېلىۋاتىمەن.ھېچنىمىنىڭ ئۇۋال قىلىشىنى خالىماس خىياللىرىم  ئۈچۈن ئاياغلىرىمنىمۇ سېلىۋەتكەن ئىدىم.يۇمشاق توپىنىڭ نازۇك تاپانلىرىمغا ئۇرۇلىشىدىن ھاسىل بولغان ئىللىقلىق، ئۇزۇن كۆڭلىكىمنىڭ پاقالچەقلىرىمنى يىنىك سىيپاشلىرىدىن تارىغان ھوزۇر پۈتۈن جىسمىمنى راھەتلەندۈرەتتى.
سۈزۈك ئاسمان، ئىللىق شامال، ساپ ھاۋا،رەڭگارەڭ ياۋا گۈللەر...شۇنچە گۈزەل، شۇنچە يېقىملىق ئىدى. سېنى ئۇچراتقىنىم ئۈچۈن!
سۆيۈشنىڭ قانداق بولىدىغىنىنى بىىلىۋالدىم! سېنى ئۇچراتقىنىم ئۈچۈن!
پۈتۈن كائىناتنىڭ رەڭگى ئۆزگەرگەنلىكىنى ھىس قىلدىم.سېنى ئۇچراتقىنىم ئۈچۈن!
سېنى سۆيدۈم،قىياپىتىمدىلا ئەمەس، روھىيىتىمدىمۇ ئۆزگىرىش بولىۋاتقىنىغا ئەقلىم لال بولدى.
سېنى سۆيدۈم،سېنىڭ مۇكەممەللىكىڭ ئالدىدا تەكرار مەغلۇپ بولدۇم.ئۇزۇن يىللىق خىيالى دۇنيارىمدا ياشاپ تۈگەشكەن ئىكەنمەن.سېنىڭ زەبەردەسلىكىڭگە ھەۋىسىم ۋە قايىللىقىم ھەر سەھەر يېڭىلىناتتى.سېنىڭ مېنى قۇتقۇزشۇۋېلىشىڭنى خالاپ قالدىم.ئەلۋەتتە سەنمۇ شۇنىڭغا مۇھتاج ئىدىڭ.
باھارنى ‹‹ئۈمىد ئايلىرى›› دېيىشىدىكەن كونىلار. كۈزنىڭمۇ ئارزۇ-ئارمانلىرى بار ئىكەن ئەمەسمۇ؟تۈنۈگۈن ئۆتمۈش، بۈگۈن ھەقىقەت، ئەتە ئۈمىد بولغىنىدەك.
قەلبىم سۆيگۈڭگە لىق تولدى، خۇددى مەن باغرىڭغا سۆيگۈ مەناسى بىلەن تولغاندەك.
ئازاپ دولقۇنلىرى بۈرتۈپ كەلمەكتە،خۇددى سېنى تېپىۋالغىنىم ئۈچۈن ئۇنىڭ باغرىنى يارالايدىغىنىمنى بىلىۋالغاندەك!
ئەي، دەردۇ-ئەلەملەر مىنى بىر رەت ئارامىمدا قويۇپ كەت! ئۆزۈم ئۈچۈن كۈلۈپ باقاي  بىر دەقىق!
گۇناھكار تۇيغىلىرىم نېرىپلىرىمنى غىدىقلىغىنىدا ئەقىل ۋە ھىسسىياتنىڭ توقۇنىشىدا يانچىلىمەن تەكرار-تەكرار.
شۇنداق بىر ئادىل قازى بولسا گۇناھلىرىمنى قىلاتتىم ئىقرار! سۆيگۈ قىسسەلىرىمىز تارقاپ كەتسە جاھانغا،جازا كەلسە تەڭ كىلىدۇ ئەمەسمۇ ئىككى تەندىكى بىر جانغا؟!
جېنىم، قوللىرىمنى قويۇۋەتمە، دولقۇنلار مىنى يالمىۋالمىسۇن!
يالغۇزلۇق مېنى يەنە مۇدھىش باغرىغا تېڭىۋالمىسۇن!
كەتمەك بولساڭ مېنى بىرگە ئېلىپ كەت، سەنسىز كۈنلىرىم زۇلمەت.
سەن بار ھەتتاكى بىر قەترە تامچىمۇ مەن ئۈچۈن زۇمرەت!
بىلىمەن، بىلىسەن بۇ سۆيگۈ ھەتتاكى ھاياتتىن قىممەت!
باغرىڭدا ۋىلىقلاپ كۈلسەم بىر ئۆمۈر،سۆيگۈمىز مەڭگۈ تاشلارغا پۈتۈلۈپ كەتكۈسى...
سەن بولغاچ بارچە مۇدھىش ئازاپلار ئۇنتۇلۇپ كەتكۈسى...

چىغىر يولدا كۈتىمەن سېنى،
ئىتىكىمنى پايانداز قىلىپ.
كېلىشىڭدىن بېرىدۇ خەۋەر،
كۈيچى بۇلبۇل يېنىمغا كىلىپ.

گۈلدەستىلەر تىزدىم سەن ئۈچۈن،
سۇغىرىمەن ئىشەنچ سۈيىدە.
بىر ناخشىنى ئېيتىمەن تەكرار،
ئەڭ سۆيۈملۈك مەشۇق كۈيىدە...


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-3-3 10:38  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-8-3 21:46:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چاچلىرىمنى ئۆرۈپ قويغىن يار


مەھلىيا پەتتار

ھەر ياپراق ئېيتقاندا سۆيگۈ ناخشىسى،
كۆيدۈممەن باغرىڭدا ئوتتەك چاراسلاپ.
مەيلىڭگە تاشلانغان تال-تال چېچىمنى،
ئۆرۈدۈڭ مىھرىڭدە سىلاپ- ئاۋايلاپ.

نۇرغۇن سۆز مۇجەسسەم بارماقلىرىڭغا،
ئېيتماقتا تىۋىشسىز-ئۈنسىز پىچىرلاپ.
چاچلىرىم سۈكۈتتە تىڭشايدۇ قىسسە،
پاك سۆيگۈڭ قەلبىمنى كەتتى ئوغۇرلاپ...



باغرىڭغا چۆكۈشنىڭ لەززىتىدە بىھۇشلانغان دەملىرىم ئۆمرۈمنىڭ بېزىكى. يامغۇرلۇق كوچىلاردا قالغان سۆيگۈ لىرىكىلىرىمىز مەڭگۈ ئەستىن كۆتۈرۈلمەس تاتلىق ئەسلىمە! سىم-سىم يامغۇردا سېنى قولتۇقلاپ ماڭغاندىكى ھاياجىنىمنى ئىپادىلەشكە تىلىم، يېزىشقا قەلىمىم ئاجىزلىق قىلىدۇ،ئەلۋەتتە!
ئېسىڭدىمۇ؟ئاسما كۆۋرۈك ئۈستىدە يىراقلارغا قاراپ تۇرۇپ،يامغۇر تامچىسىنىڭ تاماشاسىنى كۆرۈۋاتقىنىمىزدا سۆيگۈ گۈللىرىمىز ھۆپپىدە ئېچىلغان دەملەردە، مېنى تۇنجى قېتىم ئەسەبىيلىك بىلەن قۇچاغلاپ تۇرۇپ قانماي سۆيۈپ كەتكىنىڭ؟!
پۈتۈن دۇنيا مەۋجۇتلىقىنى ئۇنتۇغان ئاشۇ دەملەردە سېنىڭ باغرىڭدىن ئاجرىماسلىقنى تىلەپ قالغىنىم...
يامغۇردا يۇيۇلۇپ،رەڭگاراڭ چىراقلارنىڭ نۇرىدا يالتىراپ كەتكەن ئاسفالىت يوللار بىزگە پايانداز سالغىنى...
شۇ تاپتا يامغۇرنىڭ مەڭگۈ توختىماسلىقىنى، سېنى قولتۇقلاپ يىراق-يىراقلارغا كېتىشنى خالاپ قالدىم.كۆزلىرىڭدىكى تەشنالىق نۇرلىرى شۇنچە كەسكىنلەشكەن ئىدىكى بۇ نۇرلارنى مەڭگۈ كۆرۈپ ئۆتۈشنى ئىستەيتىم.
يامغۇردا ھۆل بولۇپ، يۈزلىرىمگە چاپلىشىۋالغان چاچلىرىمنى ئىللىق بارماقلىرىڭ بىلەن ئاۋايلاپ تاراپ تۇرۇپ ئۆرۈپ قويغان ئىدىڭ.ئوغۇل بالىنىڭ قولىمۇ شۇنچە ئەپچىل چاچ ئۆرىيەلەيدىكىنە؟ دەپ ئويلاۋاتقىنىمنى بىلىۋالغاندەكلا<<كېلەر قېتىم چېچىڭنى يىلىم چېپىپ ئۆرۈپ قوياي ھە؟ پەقەت بىر تاللا ئۆرۈپ قويىمەن،بىر تال ئۆرۈشنىڭ ھۆكمىنى چۈشىنىدىغانسەن جېنىم؟! سەن بۇ دۇنيادا يەككە-يىگانەمسەن.سەن پەقەت مېنىڭلار بىردانەمسەن!>>دېگەن ئىدىڭ.سۆزلىرىڭ شۇنچە ھىسسياتلىق بولۇپ،ئاۋازىڭ تىترەپ چىقاتتى.
شۇندىن بېرى ھەر بىر چاچ تارىغىنىمدا سېنىڭ ئۇنى ئاۋايلاپ تاراپ قويۇشۇڭنى، ئەپچىل قىلىپ بىر تال ئۆرۈپ قويۇشۇڭنى  سېغىنىمەن...

مەڭزىم سۆيگەن ئىللىق شامالدىن،
خەۋېرىڭنى بېرىپ تۇرغىن يار.
مىھرىڭ بىلەن ئاۋايلاپ تۇرۇپ،
چاچلىرىمنى ئۆرۈپ قويغىن يار.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مەھلىيا تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-8-3 21:50  


ۋاقتى: 2013-8-4 01:53:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئەمدى ئامال يوق، قولىمىزدىن كىلىدىغىنى  پەقەت ئۈنسىز ياش تۆكۈپ قول پۇلاڭلىتىش .پويېز ئىغىر گەۋدىسىنى سۆرەپ ئاستا قوزغالدى .شۇ تاپتا مەن پويېزنىڭ ئۈستىدە ئەمەس ،پويېز مىنىڭ ئۈستۈمدە مېڭىۋاتقاندەك،باغرىمنى  ئەزمەكتە ... سىنىڭ گەۋدەڭ ئۈزلۈكسىز كىچىكلەپ ئاخىرى بىرتال چىكىتكە ئايلاندى-دە ،يەنە ئاستا- ئاستا زورۇيۇپ كۆزئالدىمدا پەيدا بولدى .سەن خىيال كەپتىرىمگە ئەگىشىپ يېنىمدا،ياق، قەلبىمدە بىللە ئۇچۇشقا باشلدىڭ .بىز يەنە بىللە قاڭقىپ، ئەشۇ خىلۋەت مەلىمىزنىڭ چېتىدىكى بۇلاق بويىغا سايە تاشلاپ تۇرغان لەيلى مەجۇننىڭ تاللىرىغا كىلىپ قۇندۇق ...
ئايدىڭ دالىدا سەن بىلەن مۈرىدىشىپ كىتىۋاتقان شۇ دەمدە سېنىڭ مېنى ياخشى كۈرۈپ قالغانلىقىڭنى بىلگەن ئىدىم . ئەتراپىمىزدىكى سوغۇق مۇھىتنىڭ مۇھاسىرسى ۋە بېسىملىرىدىن ھالقىشقا كۆزۈڭ يەتمىگەنمىدى ؟ مەنمۇ ياخشى كۈرۈش پەقەت پۇشايمان ۋە ئاچچىق ھەسرەت ئېلىپ كىلىدىكەن دەپ ئويلىدىم . ئويلىغىن جېنىم ، ئاشۇ ئوي ۋە ئىدراكلىرىمىز ئىككىمىزنىڭ ۋىسال بۇسۇغىسىنى داۋانغا ئايلاندۇرۇپ قويغان ئىكەن .




 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-9-16 23:26:44 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
‹‹ۋاقىت ھەممىنى ئۇنتۇلدۇرىدۇ›› دېگەن ئىدىڭ، ئىلاجىسىزلىقنىڭ ئالقىنىدا مىجىلىپ، يۇم-يۇم ياشلىرىمنى تۆكۈپ سەن بىلەن ئاخىرقى رەت خوشلاشقىنىمدا...كۆزلىرىڭدىن بارچە ئازابىڭنى يۇيۇپ كېتەلەيدىغاندەك قەيسەرلىك بىلەن دومىلاپ چۈشكەن ئىككى تامچە ياش ۋە ياشلىرىڭنى مەندىن يۇشۇرۇش ئۈچۈن ئاسمانغا قەھرىڭ بىلەن تىكىلىپ، ئېغىر ئۇسنىشىلىرىڭ ھازىرغۇچە كۆز ئالدىمدىن يۈتكىنى يوق!
  ۋاقىت ھەممىنى ئۇنتۇلدۇرالىشىمۇ مۇمكىن  لېكىن، ئۇ سېغىنىشنى يىل، ئاي، كۈن،دەقىقە...سىرى كۈچەيتىۋىتىدىكەن.
  سېنى ئەسلىشىمگە، سېغىنىشىمغا باھانەم كۆپ.يامغۇر، قار، ئوچۇق ئاسمان، تۇتۇق ھاۋا،ئېچىلىۋاتقان، توزىۋاتقان گۈللەر، چىقىۋاتقان، پېتىۋاتقان قۇياش،سۇلارنىڭ ئاۋازى،مۇزلارنىڭ يېرىلىشى،بىخ چىقارغان، سارغىيىپ چۈشۈۋاتقان يوپۇرماقلار، ئىتلارنىڭ قاۋىشى،ماشىنىلارنىڭ سىگنالى ۋە ئۇنىڭدىن چىقىۋاتقان ئادەمنى بىزار قىلىدىغان بەدبۇي پۇراقلار...
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مەھلىيا تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-9-16 23:27  


ۋاقتى: 2013-9-20 11:46:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يېزىلغان ئەسەركەن ئەجەپ كۆرمەپتىمەن دىسە...

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1تىللاسى +10 يىغىش سەۋەبى
مەھلىيا + 10 رەھمەت سىزگە،پىكىر بې.

باھا خاتىرىسى

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-3-3 01:23:30 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر كۈي كېلەر يىراق-يىراقتىن
مەھلىيا

بىر كۈي كېلەر يىراق-يىراقتىن،
ئەسلىمىلەرنىڭ ئىشىكىنى يىنىك چىكىپ،ئىشىكنى قىيا ئاچقىنىمدا سەن تۇرىسەن قىيا بېقىپ.
كۆزلىرىمىز ئۇچراشقاندا چۈچىگەن كىيىكتەك تۇرۇپ قالدۇق ئەندىكىپ.
سەن بوسۇغىنىڭ سىرتىدا، مەن تۇرىمەن تىترەۋاتقان ۋۇجۇدۇمغا مۇقەددەس ھوجرىنىڭ ھالرەڭ پەردىلىرىنى يېپىنىپ.
نۇرغۇن سۆزلەر بار ئېيتىلمىغان،ئېيتىلالمايدىغان،ئېيتىشقا بولمايدىغان...شۇ تاپ ۋاقىتمۇ بىز كەبى تۇرىدۇ قېتىپ.
كۈتكىنىم سەن،ئىچكىرىگە تەكلىپ قىلالمايدىغىنىممۇ ھەم.چۈنكى بۇ باشلاش بىلەن باشلىنىدۇ مىڭ خىيال،مىڭ غەم!
بىر كۈي كېلەر يىراق-يىراقتىن،
  سەن كەينىڭگە قايرىلىپ ماڭغىنىڭدا مۇزىكا ئەۋجىگە چىقتى.يېڭىچە سىمفونىيەلەر چېلىنىشقا باشلىدى.سېنىڭ كىتىشىڭ ئاخىرلىشىش ئەمەس،باشلىنىش ئىدى.
بۇ‹‹قۇتۇلۇش››تىن يىنىك تىنالمىدىم.‹‹ئامان بول››دىيىشكە پېتىنالمىدىم.
بىر كۈي كېلەر يىراق-يىراقتىن،
بۇ مەن ئەزەلدىن ئاڭلاپ باقمىغان بىر كۈي. مۇزىكىنىڭ رېتىمىغا تەڭكەش ھالدا كەلگىنىڭ كەتكىنىڭگە ئوخشاش ئەڭ ئاخىرىدا خىيالى سەزگۈ، تاتلىق بىر تۇيغۇدەك شاماللارغا ئەگىشىپ قاياقلارغىدۇر ئۇچۇپ كەتتى...
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مەھلىيا تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-3-3 01:25  


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-3-3 01:26:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سەن بار

سېنىڭ ئىسمىڭنى تىلغا ئالغىنىمدا پۈتۈن دۇنيا ساڭا ئايلاندى.
ئېرىشكە باشلىغان ئەگىز سۈيلىرى بىلەن پىچىرلىشىپ ئولتۇرۇپ كەچمىشلەرنى ئېقىتىۋەتتىم.
شۇ دەمدە بارچە كائىنات ماڭا كۈلۈپ باقتى. بىخلىنىش ئالدىدا تۇرغان دەرەخ شاخلىرى،يەر پوستىنى يېرىپ چىققان سازاڭلار،ئىسسىق ياقلاردىن قايتىپ كېلىشكە باشلىغان قارلىغاچلار،ياشىرىشقا باشلىغان مايسىلار،چىملىقلار،باشقىچە ھۆسىن تاپقان ئىللىق قۇياش،ھەتتا يىراقلاردىن ئاڭلىنىۋاتقان گىتار كۈيلىرى...ھەممىسى شۇنچە يېقىملىق،شۇنچە گۈزەل.
تەبىئەت لىرىكىلىرىغا جۆر بولدۇم،ناخشامدا سەن بار.
شېئىر-نەزمىلەر پۈتتۈم،مىسرالىرىمدا سەن بار. تاتلىق-تاتلىق ھىسلىرىمدا سەن بار.
باھار سېنى ئېلىپ كەلگەن ئوخشايدۇ!ياق، ئەزەلدىن يېنىمدا سەن بار.يازۇ-باھار قىشىمدا سەن بار!
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مەھلىيا تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-3-3 01:27  


ۋاقتى: 2014-3-3 03:14:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
ۋاقتى: 2014-3-3 03:14:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
ۋاقتى: 2014-3-3 14:43:58 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەلىمىڭىزگە بەركەت تىلەيمەن

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-3-11 23:01:09 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

سەنسىز كۈنلەردە



غېرىپلىقىغىم بارچىغا ئايان بولدى،سەنسىز كۈنلەردە.
چۈنكى ئۆزگىلەرگە ساختا تەبەسسۇم بىلەن مەجبۇرى كۈلۈمسىرەپ سالام قىلغىنىمدا كۆزلىرىمدىن ئىلاجىسىز ئاجىزنىڭ بەركەتلىك يامغۇرلىرى تۆكۈلۈشكە باشلىدى.ئۇنىڭ يەرگە دومىلاپ چۈشكىنىنى باشقىلارغا كۆرسەتكۈم كەلمىدى،تۇزلۇق تامچىلارنى لەۋلىرىمدىن ئۆتكۈزمەي،ئىچىمگە يۈتۈۋەتتىم،ئازاپ كەبى،ھېجران كەبى...
مۇڭلۇق مۇزىكىلارنى،ئوتلۇق شېئىرلارنى ياقتۇرۇپ قالدىم، سەنسىز كۈنلەردە.
مۇزىكىنىڭ رىتىمىدە،شېئىرلارنىڭ مىسرالىرىدا،ئۇلارنىڭ ئىچىدە سەن ۋە مەن بار ئىدىم.تاتلىق پىچىرلىشىشلاردىن،غەمسىز،ئەركىلىكتىن پۈتۈلگەن كەچمىش كارتىنىلىرى بار ئىدى.
ھەممە خۇشاللىقنىڭ قايغۇسى بولارمۇ؟ دەپ سورىغىنىم ئېسىڭدىمۇ؟ شۇ چاغلاردىلا مۇدھىش ئازابىنىڭ سايىلىرىدا توڭىغان بولارمىدىم؟ياكى ئەزەلدىن خۇشاللىق ياراشمايدىغان ماڭا مۆھۈرلۈك بەختنىڭ يۈز ياقمايدىغىنىنى تۇيغان بولارمىدىم؟
يىڭنە سانجىلغاندەك ئېچىشىپ ئاغرىۋاتقان يۈرىكىمنى ئالقانلىرىم بىلەن چىڭ مۇجىۋېلىپ، سېنى كۈلۈپ تۇرۇپ ئۇزىتىپ قويدۇم.ھەر ئىككىلىمىز مەغرۇرلارچە قارشى يۆلۈنۈشكە قەدەم ئالغىنىمىزدا پۈتۈن دۇنيا ئۆز رەڭگىنى يوقاتتى.ھەر ئىككىلىمىز تىلىمىزنىڭ ئۇچىدا قالغان‹‹سېنى سۆيەتتىم››دېگەن سۆزنى ئېغىزىمىزدىن چىقىرالمىدۇق.شۇ سۆزنى ئىقرار قىلغىنىمىزدا ئاسمان گۆمۈرۈلۈپ چۈشەر، يەرلەر يېرىلىپ بىزنى يۈتۈپ كېتەر بولغىيمىدى؟
ئەينەكتىكى ئەكسىمدىن چۆچۈپ كەتتىم، سەنسىز كۈنلەردە.
‹‹يار بار چاغدا ياخشىدى،
يار كېتىپ يامان بولدۇم.
يار دەردى يامان ئىكەن،
سارغىيىپ سامان بولدۇم››
بۇ قوشاقنى قايسى دەرتمەن ئۇلپەتدىشىم توقۇغان بولغىيدىكىن،بەلكىم مەن ياكى سەن.
سەن قاراپ تويمايدىغان،نەزمىلەرنى قۇشۇپ تەرىپلەيدىغان كۆزلىرىم خىرەلەشتى.ئۇنىڭدىن تۆكۈلىدىغىنى،مۇڭ،ھەسرەت ۋە غېرىپلىقنىڭ ئاجىز نۇرى.ئۇنىڭدىكى بەخت ئۇچقۇنلىرى،خۇشاللىق زىيالىرى ئۆچتى،سەنسىز كۈنلەردە.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مەھلىيا تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-3-11 23:01  


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-3-15 16:02:16 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دېڭىز

مەھلىيا

قەدىمىي ئورمانلىقتىكى مۇھاسىرىلەرنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، مىڭبىر مۇشەققەتتە دېڭىز بويىغا چىقىۋالغان قىز يىنىك نەپەس ئالغىنىچە نەمخۇش قۇمغا قەدەم تاشلىدى.
ئۇ دېڭىزغا يېقىنلاپ باراتتى.دىماقلىرىغا ئۇرۇلغان دېڭىز شامىلىنىڭ كىشىگە راھەت بېغىشلىغۇچى ھاپ ھاۋاسىدا مەستخۇشلانغىدا دېڭىز باغرىغا چۆكۈپ كەتكۇسى كەلدى.
ئۇ بىر قەدەم، بىر قەدەمدىن دېڭىز سۈيىگە ئىچكىرىلىمەكتە ئىدى. تۇيۇقسىز ئۇنىڭ قۇلاق تۈۋىدە تولىمۇ ياڭراق بىر ئاۋاز جاراڭلىدى. قىز سېھىرلەنگەندەك يۇمۇلۇپ كەتكەن كۆزلىرىنى تەستە  ئېچىپ، ئۆزىنىڭ بۇ ھوزۇرىنى بۇزغان مۇدھىش ئاۋازغا نارازى بولغان ھالەتتە قىرغاققا قارىدى. قىرغاقتا پۈتۈن يەلكىسىنى يېپىپ تۇرغان چاچلىرى كىيىۋالغان ئۇزۇن،ئاپئاق كۆڭلىكى بىلەن تەڭلەشكەن بىر موماي ئۇنى جان-جەھلى بىلەن چاقىرىۋاتاتتى.
موماينىڭ كۆزلىرىدىكى ئەنسىزلىك،توختىماستىن ئۇنى چاقىرىۋاتقان ئاۋازىدىكى قەتئىيلىكتىن ئامالسىز قالغان قىز قەدەملىرىنى مەجبۇرى توختىتىپ،پىپايان دېڭىزغا قىيمىغاندەك بىر ھازا تىكىلىپ قاراپ تۇردى ۋە ئېغىر خورسىنىپ قويۇپ كەينىگە قايتتى.
-موما سىز كىم؟ مېنى نىمىشقا توسىماقچى بولسىز؟ مەن دېڭىزنى تولىمۇ تەستە تاپقان ئىدىم.ئۇنىڭ دولقۇنلىرىغا سىڭىپ كېتىش ئاداققى نىشانىم ئىدى.
-ياق قىزىم. سىز دېڭىزغا مەنسۇپ ئەمەس. ئۇ يەر سىز ئويلىغان ئاخىرقى بېكەتمۇ ئەمەس. ئىسىڭىزدە بولسۇنكى سىز ئارزۇلىغان مەنزىلىڭىزگە چۆككەنسىرى تۇنجۇقۇپ قېلىشىڭىز،قايتىپ چىقالماسلىقىڭىز مۇمكىن.
-مەن ھەممىگە رازى ئىدىم...
-بۇ پىداكار قارارىڭىزدىن ئۆكۈنىشىڭىزگە بىر قەدەملا قالغان.
-شۇنداقمۇ؟لېكىن مەن ئۇنداق ئويلىمايمەن.
-ئوي-خىيال،ئارزۇ-ئۈمىت...ھەممىسى چۈشكە ئوخشايدۇ.سىز ئۇنىڭ قوينىدا ئەللەيلەنگەندە ئۇنىڭدىن گۈزەل نەرسە بولمايدۇ. ئويغانغىنىڭىزدا بولسا ئۇنىڭ ھېچنىمە ئەمەسلىكىنى بىلىسىز. بىلىپ تۇرۇپ ئۇ چۈشنى قايتا كۆرۈش ئىستىكىدە بولىسىز.تەكرار ئويغانغاندا بۇ چۈشنىڭ سايىسىدىن يۇلقۇنۇپ چىقىش ئۈچۈن يەنە تىركىشىسىز،تىرىشىسىز.شۇڭا ئىنساننىڭ ھاياتىدا چۈشنىڭ ئاز بولغىنى ئۇنىڭ شۈكرى-قانائەتنىڭ جامىدىن ھوزۇرلىنىشى ئۈچۈن كۆپ پايدىلىقتۇر.
-بۇ چۈشنى ياخشى كۆرۈپ قالسامچۇ؟
-بۇ چۈشنى ياخشى كۆرۈپ قالغانلار تالاي.ئويغانمىغانلار يوق!
-ئورمانغا قايتقۇم يوق...
-ئەلۋەتتە ھېچكىمنىڭ قايتقۇسى يوق.لېكىن، قايتىشى كېرەك.مەجبۇرىي قايتقىنىنىمۇ ھېچكىشىگە تىنماسلىقى،چاندۇرماسلىقى كېرەك. بولمىسا ھەممىسى ئۇنىڭ بىلەن تەڭدىرداش تۇرۇپ ئۇنى مەسخىرە قىلىشىدۇ.
دېڭىزدىكى بىرەر جانلىقنىڭ ئورمانلىققا چىقىپ ياشىغىنىنى كۆردىڭىزمۇ؟
-ياق.
-شۇنداق، ھەممىنىڭ ئۆز ئورنى بولىدۇ.بېلىقلار ئورمانلىقتا ياشىيالمايدۇ.سىز دېڭىزدا نەپەس ئالالمايسىز.سىز ئاخىرقى بىر مەنزىلگە چۆككىنىڭىزدىلا چۈشتىن ئويغىنىپ كېتىسىز.سىزنى مەھلىيا قىلغان دېڭىز شاۋقۇنلىرى، مەيىن شاماللار دەقىقە ئىچىدە سۈكۈتكە ئالمىشىدۇ.
ئاۋال ئاڭلاش سىزىمىڭىزدىن،ئاندىن كۆرۈش سىزىمىڭىزدىن ئايرىلىپ ئەڭ ئاخىرىدا نەپەس ئېلىشتىن توختايسىز.دېڭىز يەنىلا ئاۋالقىدەك تېشىدىكىلەرگە لىرىك مۇزىكىلىرىنى ھەدىيە قىلىپ ئۆزىگە مەھلىيا قىلىپ، مەۋج ئۇرۇپ ئېقىۋېرىدۇ.سىز بارلىقىڭىزنى ئاتىۋەتكەن ئاشۇ قوينى كەڭ دېڭىز ئەڭ ئاخىرىدا جانسىز تېنىڭىزنىمۇ قۇبۇل قىلماستىن لەيلىتىپ قىرغاقلارغا چۆرۈۋېتىدۇ.
بىزگە مەنسۇپ بولغان، تالايلار بىزار بولغان،تۈرلۈك رەزىللىكلەرنىڭ مەنبەسى بولغان مۇشۇ ئورمانلىقتا قەبرىڭىز بولىدۇ.قەبرە ئۈستىگە تۈرلۈك-تۈمەن گۈل-چېچەكلەر ئۈنۈپ چىقىدۇ.ئۇلارمۇ ئوخشاشلا ئورمانلىقتىكى قۇياش نۇرىنى توسۇۋالغۇچى سايىلەردىن،ئۆزگۈرۈپ تۇرىدىغان ئوسال تەبىئەت ھادىسىلىرىدىن،ياۋايى ھايۋانلارنىڭ چەيلەشلىرىدىن بىزار بولۇپ، بۇ چىگرادىن ھالقىپ كەتكۈسى،يىراقلارغا،كەڭ دېڭىز قوينىغا سىڭىپ كەتكۈسى كېلىدۇ. ئۇلار ھۆسنىگە تولۇپ ،بەرگىلىرى پىشىپ يىتىلگەندە،خۇددى سىز كەبى ئەسەبىيلىشىدۇ-دە  مەيىن شاماللارغا ئەگىشىپ دېڭىزغا يۈزلىنىدۇ. لېكىن، مۇرادىغا يەتكەنلەرمۇ سىز بىلەن تەقدىرداش بولىدۇ.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مەھلىيا تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-3-15 16:03  


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-3-16 20:05:44 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كەت دېمەيمەن، كەتمىگىن


مەھلىيا




يىتىپ كەلمەيلا ئازاپلىرى باشلانغان زارىقىشلىق بۇ كۈنلەردە چوقۇم كېتىشىڭ كېرەكمىدى؟
نىچۈن كېتىسەن، بۇ باغرىمنى ئازاپ قوقاسلىرىغا تاشلاپ؟
كېتىشىڭنىڭ بىلەمسەن نىمىلەرنى ئېلىپ كىلىدىغانلىقىنى،يىتىلەپ، سۆرەپ،تارتقۇشلاپ،باشلاپ!
  سېنى سۆيەتتىم شاھى سەنەم، لەيلى كەبى.سېنى كۈتەتتىم ئەڭ بۈيۈك سۆيگۈ قامۇسىنى ئوقۇۋاتقاندەك قىزىقىش،رازىقىش بىلەن. باغرىمغا سانجىلاتتى ئەڭ شىرىن ئازاپلىق تىكەن.
  كېلىشىڭنى سېغىنغىنىمنىڭ جاۋابى ئوخشاشلا كېتىش بولغىنىدا سەندىن نەپرەتلەنمىدىم. دۇنيادا ئاخىرلاشمىغان، يوقالمىغان نېمە بار؟ سەن ھامان كېتەتتىڭ. مېنى سۆيۈپ ئەركىلىتىپ تۇرۇپ‹‹خوش››دېسەڭمۇ، نەپرەتلىك كۆزلىرىڭنى ئاجىز يۈرۈكۈمگە نەشتەر كەبى سانجىپ تۇرۇپمۇ ئوخشاشلا كېتىپ قالاتتىڭ،تالاي كۆرگەن چۈشلىرىمدەك.
  بىلىمەن ھېلىھەم مېنى سۆيىسەن. مەنمۇ ھەم شۇنداق. لېكىن ھېچقايسىمىز ئىقرار قىلالمىدۇق.مەغرۇر قەدەملىرىمىز بىر-بىرىدىن يىراقلاشقاندىلا دۇنيا رەڭسىز ھالىتىگە قايتتى. قۇشلار سايراشتىن،دېڭىزلار شاۋقۇنىدىن توختىدى.يىراقلاردىن ئاڭلىنىدىغان ئىزگۈ كۈيلەر ماتەم مۇزىكىسىغا ئۆزگەردى ھەممىنى مىسكىن،ئاجىزغا ئايلاندۇرۇپ،بىزار قىلىپ.

كەتمە جېنىم! كېتىشىڭ شەرتمىدى؟ يېنىمدا قال،باغرىمدا قال!بۇ سۆيگۈ ۋاقىتسىز كەتمىسۇن توزۇپ.ئۆتكۈنۈم بەس شۇنچە يىل ۋاقىت بىلەن مۇرەسسە قىلىپ.
  قارا قەدىرلىكىم، كەينىڭگە بۇرۇلغىنىڭدا ئەڭ يېقىملىق كۈيلەر ياڭرىدى.بىر-بىرىگە تەشنا قەلىب تىۋىشلىرىمىزنى پۈتۈن جاھان ئاڭلىدى.باھارسىرىغان قاقشال دەرەخلەردىن چېچەك ھىدى تارقىدى.ساڭا تاشلانغان قەدەملىرىمدىن تۈمەن مىڭ سەبدەلەر ئۈندى.تىۋىشلىرىڭ يۈرىكىمگە يېقىنلاشقاندىلا مەن ئۆزۈمگە ئايلاندىم.پۈتۈن ئىشقىم بىلەن ساڭا باغلاندىم...
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مەھلىيا تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-3-16 20:07  


ۋاقتى: 2016-2-13 14:48:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نېمىشقا يالغان ھىسياتلار بىلەن ئەسەر يازىسىز خانىم؟



كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش