كۆرۈش: 436|ئىنكاس: 29

ئىسفەندىيارنىڭ يەتتە جاسارىتى(شاھنامە يەتتىنچى بۆلۈم) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  239
يازما سانى: 185
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 514
تۆھپە : 0
توردا: 82
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-8

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-15 12:33:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىز ئالدىنقى داستاننىڭ ئاخىرىدا تۇران شاھى ئەرجەسىپنىڭ ئىسفەنديارنىڭ بەندتىكى ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ ئىرانغا ھۇجۇم قىلغانلىقى،ئىران شاھى گۇشتەسىپنىڭ قېرى ئاتىسى لۇخرەسىپنى ئۆلتۈرۈپلا قالماي شاھ قىزلىرىدىن ھۇماي بىلەن بېھ-ئافەرىدنى بۇلاپ كەتكەنلىكىنى ھىكايە قىلىپ يېڭى بىر زىددىيەتنى باشلاپ قويۇپ ئاخىرلاشتۇرغان ئىدۇق.قىزلىرى بۇلاپ كېتىلگەن گۇشتەسىپ قانداقمۇ جىم تۇرالىسۇن؟! ئۇ دانىشمەن جەمەسىپنى چاقىرتىپ ئۇنىڭدىن قىزلىرىنى قانداق قۇتۇلدۇرۇپ چىققىلى بولىدىغانلىقى ھەقققىدە  مەسلىھەت سورىغىنىدا جەمەسىپ:
-ئەي شاھىم،ھوزۇرىڭىزدا سىز ۋە جەمەتىڭىزنىلا ئەمەس بەلكى پۈتۈن ئېراننى قوغداپ قالالىغۇدەك شىر يۈرەك  بىر باھادىر ئەزىمەت بار ئىدى.ئەپسۇسكى سىز ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش ئورنىغا چېقىمچىلارنىڭ ‹‹ئارىنى بۇزۇش ھىيلىسى››گە ئالدىنىپ بۇ شىر كەبى مەردۇ -مەرداننى تۆمۈر قەپەسكە بەند قىلىپ قويدىڭىز.ئەرجەسىپ مانا شۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ بىزنى زور زيانغا ئۇچراتتى.كۆتۈرۈپ قوپقۇسىز نومۇسقا قويدى.ئەگەر بۇ نومۇسنى ئاقلايمەن،قىساس ئالىمەن دەيدىكەنسىز ئەشۇ ئەزىمەتنى بەندتتىن ئازاد قىلمىقىڭىز زۆرۈر!
-سەن شاھزادە ئىسفەندىيارنى دەۋاتامسەن؟!
-شۇنداق جاناپلىرى،مەلىكىلەرنى ئۇنىڭدىن باشقا كىشى قۇتۇلدۇرۇپ چىقالمايدۇ.
-ئەي دانا،ئۇنداق بولسا بۇ مۇھىم ئىشنى سەن ئۆزۈڭ بىجىرگىن! سەن مېنىڭ پەرمانىمنى ئېلىپ بۈگۈنلا گۇنبەدەندىجكە قاراپ يولغا چىق.تېزلىكتە يىتىپ بېرىپ  شاھزادىنى بەندتتىن ئازاد قىل.ئاندىن بىرلىكتە قايتىپ كېلىپ يېڭى پەرمانىمنى كۈتۈڭلار!
جەمەسىپ پەرمانغا بىنائەن گۇنبەدەندىجكە يىتىپ بېرىپ شاھزادىنى قۇتۇلدۇرۇپ كەلدى.خىجالەتچىلىكتە قالغان پادىشاھ ئوغلىنى قىزغىن كۈتۈۋالدى.نامىغا ئاتاپ بەزمە مەشرەپلەرنى  ئۇيۇشتۇردى،يۈزتۇرانە ئەپۇ سوراپ كۆڭلىدىكى ئاداۋەت تۈگۈچلىرىنى يەشتى.شۇنداق قىلىپ نۇرغۇن جەھەتتە  سەمىمىيەتلىرىنى ئىپادىلەپ ئۇنىڭ كۆڭلىدىكى ئاداۋەت داغلىرىنى يۇيۇپ تازىلىدى.
ئىسفەندىيار بىر باتۇر ئەزىمەت بولۇپلا قالماي يەنە كەڭ قۇرساق، ئەپۇچان ،ۋاپادار يىگىت  ئىدى.شاھ ئاتىسى ئۇنچە قىلىپ كەتمىسىمۇ ئەلۋەتتە قېرىنداشلىقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىپ سىڭىللىرىنى قۇتۇلدۇرۇشقا باراتتى.بۇ ئىشلاردىن ئۇ ئاللىقاچان خەۋەر تاپقان بولسىمۇ  لېكىن ئەركىنلىكىنى يوقاتقان بولغاچقا بۇ ئىشقا قەدەم باسالماي دۈشمەنگە بولغان نەپرىتىنى ئىچىگە يۇتۇپ كەلگەن ئىدى.
مانا ئەمدى پۇرسەت كەلگەندە ئۇ قانداقمۇ ‹‹ياق›› دەپ چەتكە چىقالىسۇن؟شۇڭا ئىسفەندىيار قايتىپ كەلگەندىن كېيىن تېزلىكتە تەييارلىق قىلىپ تۇرانغا بېرىشقا تەييارلاندى.شاھ ئاتىسى ئۇنىڭغا خىللانغان باتۇرلىرىدىن نەچچە ممىڭ كىشىلىك قوشۇن تەييارلاپ بېرىپ يولغا سېلىپ قويدى.
شاھ ئاتىسى يەنە ئۇنىڭغا رۇستەمنىڭ تۇلپارىدىن قېلىشمىغۇدەك   ئىسىل ئات، بىر يۈرۈش ئالماستەك تىغى بار قۇرال- ياراقمۇ سوغا قىلدى.
سىڭىللىرىنىڭ دەردىدە يۈرۈكى پۇچۇلۇنۇپ ئاران تۇرغان ئىسفەندىيار بەلىىختە كۆپ تۇرمىدى.تېزراق يىتىپ بېرىپ سىڭىللىرىنى قۇتۇلدۇرۇش تەقەززالىقىدا قوشۇنىنى باشلاپ تېز يۈرۈش قىلىپ  تۇران تەرەپكە يول ئالدى.بەلىختىن ئۆتۈپمۇ خېلى يول مېڭىپ بىر ئاچا يولغا دۇچ كەلدى.بۇ يوللارنىڭ قايسى تۇرانغا، قايسى باشقا ماكانغا بارىدىغان يول ئىكەنلىكنى بىلەلمەي بېشى قاتتى.بۇنداق يولغا دۇچ كەلگۈچى ئەلۋەتتە تەۋەككۇل قىلىشنى خالىمايدۇ.بۇنداق جايدا بىر ئادەم بەكمۇ زۆرۈر،قانداق ئادەم؟ ئەلۋەتتە يول باشلقىىغۇچى!
ئىسفەندىيار يول باشلىغۇچى تېپىپ كېلىش ئۈچۈن بەلىخكە ئادەم ئەۋەتتى.يول باشلىغۇچى يىتىپ كەلگۈچە كۈتۈپ تۇرۇشقا توغرا كېلەتتى.ئىسپەندىيار خاس خادىملىرىغا بۇيرۇدى:
-شۇ تاپتا غەزەپتىن يېرىلغۇدەك بولۇۋاتىمەن.لېكىن غەزەپ قىلىشنىڭمۇ ئۆز يولى بار.غەزەپنى دۈشمەننى تېپىپ شۇنىڭغا قىلىش كېرەك.ھازىر دەم ئېلىپ پەيت كۈتىدىغان،كۈچ يىغىدىغان چاغ.ئادەم يىمەك بىلەن،ھايۋان يەم خەشەك بىلەن ئۆرە تۇرىدۇ.يول باشلىغۇچى كەلگۈچە ئارام ئېلىۋالايلى،ياخشى ئوزۇقلىنىپ ساغلام ھالىتىمىزنى ساقلايلى.كۈچلۈك دۈشمەنگە دۇچ كەلگەن پەيتىمىزدە كەم ماغدۇر بولساق دۈشمەن بىزنى ئىشەك قىلىپ مىنىدۇ! ھەممەيلەننىڭ ئالدىغا داستىخان سېلىنىپ ياخشى غىزالار تارتىلسۇن.مەي- شاراپلار قۇيۇلسۇن.كۈيچى غەزەلخانلار ھاپىزلىق قىلىشىپ ئىشتىيىمىزنى ئاچسۇن.راسا كاتتا بىر بەزمە قۇرايلى،ئاندىن دۈشمەنگە قارشى تۇرايلى.
لەشكەرلەر ۋە سەركەردىلەر پەرمانغا بىنائەن سورۇن تۈزۈشۈپ داستىخان ئەتراپىدا ئولتۇرۇشتى.بەزمە راسا قىزىدى.كۈچلۈك شاراپلارنى قانغۇچە ئىچكەن  پالۋانلار مەس،يوقاتقىنى ساغلام ئەس بولدى.سورۇن راسا قىزىغان بىر پەيتتە چاپارمەنلەر يول باشلىغۇچىلىققا گۇرىگسار ئىسىملىك بەلىخلىك بىر پالۋاننى ئېلىپ كەلدى.ئۇ بەلىخنىڭ ھاكىمى ئىدى.
گۇرىگسار كېلىپ سورۇندا ئىسفەندىيارنىڭ يېنىدا يۈكۈنۈپ ئولتۇردى.ئۇنىڭ خىزمىتىگە جان -دىلى بىلەن تەييار ئىكەنلىكنى بىلدۈردى.ئىسفەندىيار ساقىيغا تۆت جام مەي قۇيدۇرۇپ ئۇنى گۇرىگسارنىڭ ئالدىدا قويدۇردى.ئاندىن ئۇنى ئۇلاپ ئىچىۋېتىشكە بۇيرۇدى.مەي ئىچىلىپ بولغاندىن كېيىن ئىسفەندىيار ئۇنىڭغا يۈزلىنىپ مۇنداق دېدى:
-ئەي بەختى قارا! مەن سېنى مۇھىم ھاجەت بىلەن چاقىرتىپ كەلدىم.مەن سەندىن سۇئال سورايمەن.ئەگەر سۇئالىمغا توغرا جاۋاپ بەرسەڭ ساڭا تۇران تەختىنى راۋا كۆرۈپ تاجۇ-تەختكە ئىگە قىلىمەن.سېنىڭ ھەمكارىڭ بىلەن بۇ قېتىمقى ئۇرۇشتا غالىپ چىقسام تۇران شەكسىز سېنىڭ.بېشىڭ قۇياشقا يېتىدۇ.ئۇرۇق ئەۋلاتلىرىڭمۇ كەمسىتىلمەي بەختيار ياشايدۇ.مۇبادا يالغان سۆزلەپ ئىشىمغا زىيان يەتكۈزسەڭ سېنى ھەرگىز ئامان قويمايمەن.تېنىڭنى ئۆتكۈر قىلىچ بىلەن نەچچە پارچە قىلىپ بۆلۈپ تاشلايمەن.ئىش سېنىڭ بىلەنلا تۈگىمەيدۇ.ئېلىڭ ئەۋلادىڭمۇ خارلىق دەۋرىنى باشتىن كەچۈرىدۇ.قېنى قايسىسىغا تۇرىسەن؟!
-ئەي شۆھرەت قۇچقان نامدار! سەن جاھان شاھلىرىغا خاس ئالىيجاناپ زاتسەن، مەن سېنىڭ چىن دوستۇڭدۇرمەن،شۇنىڭغا ئىشەنگىنكى، مەندىن پەقەت راست سۆزلا ئاڭلايسەن.
-خوش، ئۇنداق بولسا بىرىنچى  سۇئالىمغا قۇلاق سال! رۇنىندىج نەدە ؟ئىراندىن ناھاىيتى ئۇزاق بولغان ئۇ جايغا  قانداق بارغىلى بولىدۇ؟ بۇ يەر بىلەن بولغان ئارىلىقى قانچە پەرسەڭ كېلىدۇ؟
-ئەي كۆپ مەرھەمەتلىك زات،مەرتلەر شاھىنشاھى ئۇلۇغ ئىسفەندىيار! بۇ يەردىن تۇران پايتەختى  رۇئىندىجغا بارغىلى بولىدىغان ئۈچ يول بار.ئۇ يوللارنىڭ بىرىنچىسى ئەڭ ئۇزۇن بولۇپ ئۈچ ئايلىق يولدۇر. بۇ يولدا سۇ،ئۆتەڭ ۋە شەھەرلەر ناھايىتى  كۆپ.ئۇ جايلارنىڭ ھەممىسىلا تۇرانغا باج ئۇلپان تاپشۇرىدۇ. بۇ يول بىلەن ماڭسا بىخەتەر ئىشەنچلىك ،قوشۇننىمۇ باققىلى كۈچنى ساقلاپ قالغىلى بولىدۇ.ئىككىنچى يول ئۇنىڭدىن يېقىنراق،ئۇنىڭ بىلەن ماڭسا ئىككى ئايدا يېتىپ بارغىلى بولىدۇ.لېكىن بۇ يولدا تاپ -تاقىر تاغلار،چۆل- باياۋانلار ئۇچرايدۇ.سۇمۇ گىياھمۇ يوق.قوشۇننى باققىلى كۈچنى ساقلاپ قالغىلى بولمايدۇ.ئۈچىنچى يول ئەڭ يېقىن.ئۇ پەقەت بىر ھەپتىلىكلا يول.بۇ يول ئەڭ يېقىن بولغان بىلەن ئەڭ خەتەرلىك يولدۇر.بۇ يولدا شىر، بۆرە- يولۋاسلار،ئوت چاچار ئەجدىھالار،مىكىرلىك جادۇگەر ئالۋاستىلار كۆپ.شۇڭا كىمىكى بۇ يولدا ماڭسا شورى قۇرۇيدۇ.ئەجدىھاغا تۇتقۇن بولۇپ ئادەم گۆشى كاۋىپىغا ئايلىنىپ كېتىدۇ.ئۇ ئەجدىھا شۇ قەدەر زوركى  ئالدىغا دەريا ئۇچرىسا دەريانى، تاغ ئۇچرىسا تاغنى دەم تارتىپ كېتىدۇ.ھىچنىمىنى ئامان قويمايدۇ.بۇ يولدا يەنە ئەشۇ قانخور ئەجدىھارغىمۇ دەھشەت سالار ئاپەتتىن بىرى بار ئۇ بولسىمۇ سۇمرۇغ قۇش.ئۇ ئۇچسا بوران كۆتۈرىلىدۇ.بۇ بوراندا دەل-دەرەخلەرمۇ ئامان قالمايدۇ.تونۇردەك تومۇزنىمۇ قەھرىتان قىشقا ئايلاندۇرۇۋېتىدۇ.ئۇنىڭ ئارقىسىدىن رۇئىندىجغا بارغىلى بولۇر.لېكىن بۇ شەھەرنىڭ ئۆزىمۇ ئەڭ چوڭ بىر ئاپەت.چۈنكى ئۇ تىلسىم قىلىنغان شەھەر.ئۇنىڭ تىلسىمىنى ھىچبىر ئىنسان بالىسى بىلمەس.ئۇ شەھەرنىڭ سېپىل قەلئەلىرى بۇلۇتتىنمۇ ئىگىز.ئۇنىڭدىن ھىچبىر ئىنسان بۆسۈپ ئۆتەلمەس.ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ قەلئەنى قوغداۋاتقان بىھىساپ قۇراللىق لەشكەرلەر بار.شەھەر قەلئەسىنى بويلاپ چوڭقۇر خەندەك كولانغان،بۇ خەندەكتە بىر دەريا  سۇ راۋان ئېقىپ تۇرىدۇ.شەھەر پادىشاھى ئۇ خەندەكتىن كېمە بىلەن ئۆتىدۇ.سەھرالارغا چىقىپ شىكار قىلىپ تۇرىدۇ.بۇ قەلئەدە ئوزۇق- تۈلۈك ،مال- دۇنيا شۇنچە بېھىساپكى، قەلئەدىكىلەر يۈز يىل سىرتقا چىقمىسىمۇ  دەخلىسىز ياشاۋېرىدۇ.بۇ قەلئەدە يەنە كەڭرى كەتكەن يايلاقلار،ئېكىن يەرلەر،سان ساناقسىز مىۋىلىك دەرەخلەر،راۋان ئايلىنىپ تۇرىدىغان تۈگەمەنلەر بار.بۇلار شۇ شەھەرنىڭ تەلەي ئامىتىدۇر.شەھەرلىكلەر سىرتقى دۇنيا –بىلەن ئالاقىلەشمىسىمۇ نەچچە زامان خىرامان ياشاۋېرىدۇ.
ئىسفەندىيار بۇ جاۋاپنى ئاڭلاپ بىر دەم جىم بولۇپ قالدى.خىيال سۈرۈپ پىلان تۈزىدى.ئاندىن جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دېدى:
-دۇنيادا ئەڭ قىسقا يول،ئەڭ ياخشى يول ھېساپلىنىدۇ.بىز شۇ يولدىن ماڭايلى.
-ئەي شەھرىيار،بۇ قىسقا يولدىكى يەتتە مۈشكىلاتتىن ھىچكىم زورلۇق كۈچكە تايىنىپ ئۆتۈپ باققان ئەمەس.بۇ دېگەن بارسا كەلمەس يول.ھىچكىم بۇ يولدىن تىرىك چىقالمايدۇ.
-قورىقما! مەن بىلەن بىرگە يۈرسەڭ مەندىمۇ ئەھرەمەن دىۋىنىڭ كۈچى بارلىقنى كۆرۈپ قالىسەن.سەن ماڭا قورىققاق سالىمەن دېمەي ئەڭ ئالدى بىلەن قايسى خەتەرگە دۇچ كېلىدىغانلىقىمنى سۆزلەپ بەر.مەن ئۇنى ئاڭلىۋالسام تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرىنى تۈزىۋېلىپ مۈشكىلاتنى بەربات قىلىۋېتىمەن.
-ئەي ئۇلۇغ شەھرىيار ،ئەڭ ئاۋال دۇچ كېلىدىغىنى ئىككى چوڭ بۆرە.بۆرە دېسەم ئىتتەك كىچىك بۆرىلەرمىكىن دەپ ئويلاپ قالما،ئۇلارنىڭ ھەربىرى پىلدەك چوڭلۇقتا.ئۇنىڭ ئۈستىىگە بېشىدا بۇغىنىڭكىدەك شاخلاپ كەتكەن مۈڭگۈزلىرى بار.ئەگەر بۇ بۆرىلەر شىر بىلەن جەڭ قىلىپ قالسىمۇ شىرنى قان قۇستۇرىدۇ.ئۇلارنىڭ خەنجەردەك ئۆتكۈر چىشلىرى پىلنىمۇ ئامان قويمايدۇ.
ئىسفەندىيار گۇرىگسارنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ بولغاندىن كېيىن ئادەملىرىنى بۇيرۇپ  ئۇنىڭ پۇت قوللىرىغا زەنجىر كىشەن سالدۇردى.بىر مۇستەھكەم چېدىرغا سولاپ قاتتىق نازارەت ئاستىدا قويدى.ئاندىن ئۆز چېدىرىغا قايتىپ كىرىپ ئارام ئالدى.
ئەتىسى قۇياش سەھەر تاجىنى كىيىپ زىمىننى سەير قىلىشقا چىققاندا ئىسفەندىيار بارگاھتا ناغرا دۇمباق چالدۇردى.بارلىق لەشكەر سەركەردىلەر ھايالسىز يىغىلدى.ئىسفەنديار بۇ سەپەرگە بەل باغلا چىققان چېغىدا بەشۈتەن ناملىق بىر ئاقىل كىشىنى بىرگە ئېلىپ چىققان ئىدى.پۈتۈن قوشۇننى ئەنە شۇ كىشىنىڭ باشقۇرۇشىغا تاپشۇرۇپ قوشۇننى مۇشۇ يەردە ساقلاپ تۇرۇشقا بۇيرۇدى.ئۇ مۇنداق دېدى:
-گۈرىگسارنىڭ سۆزلىرىدىن يۈرىكىم تاش بولۇپ قاتتى.مەن رويىندىجغا بېرىشتا خەتەرلىك قىسقا يولنى تاللىدىم.قوشۇنغا بىھۇدە زەرەر يەتمەسلىكى ئۈچۈن بۇ خەتەرلىك يولغا مەن ئۆزۈم تەۋەككۈل قىلىپ قەدەم قويىمەن.سەن پۈتۈن قوشۇننى باشقۇرۇپ مۇشۇ يەردە كۈتۈپ تۇرىسەن.مەن بارلىق خەتەرلەرنى بۆسۈپ ئۆتۈپ  بولۇپ لەشكىرى كۈچكە ھاجەتمەن بولغان چېغىمدا سىلەرنى ياردەمگە چاقىرىمەن.بولمىسا پۈتۈن خەتەرنى ئۆزۈم بويسۇندۇرۇپ دۈشمەن ئۈستىدىن غالىپ كېلىپ سىڭىللىرىمنى قۇتۇلدۇرۇپ كېلىمەن!
ئىسفەندىيار سۆزىنى تۈگىتىپ جەڭ ساۋۇتلىرىنى كىيدى.جەڭ قۇراللىرىنى ئېلىپ شامالدەك ئۇچقۇر ئېتىغا مىندى.ئاندىن يۈرىكىنى تاشتەك قاتتىق قىلىپ بۆرىلەر بىلەن جەڭ قىلىش ئۈچۈن تولۇپ تاشقان  جاسارەت بىلەن ئاتلاندى.

ئىسفەندىيار تۇلپارىنى چاپتۇرۇپ بىر جۈپ قانخور گىگانىت  بۆرە ئىگەللەپ ياتقان بىرىنچى ئۆتكەل يېنىغا  يىتىپ كەلدى.باتۇرنىڭ ئېتىمۇ‹‹مال ئىگىسىنى دورىمىسا ھارام›› دېگەن تەمسىلگە ماس ھالدا قاپ يۈرەك بولۇپ كەتكەن ئىدى.بۆرىلەرنى كۆرۈپمۇ قىلچە قورىقمىدى.ئەگەر ئۇ ئاتتىن باشقا ئات بولغىنىدا ئىدى بويى پىلدەك،ھەيۋىسى شىردەك بۇ بىر جۈپ بۆرىنى يىراقتىن كۆرگەن ھامان قورقۇپ خارتىلداپ ئىگىسىنىڭ قامچىلاشلىرىغىمۇ قارىماي بەدەر قېچىپ كەتكەن بولار ئىدى.
رەقىپلەر جەڭ مەيدانىدا ئۇچراشقانلىرىدا بىر- بىرىگە خىرىس قىلىشىپ تۇرسىمۇ ئاستىرىتتىن رەقىبىرىنى يوشۇرۇن كۈزىتىپ ئۆزىدىن ئېشىپ چۈشىدىغان تەرەپلىرى بار- يوقلۇقىنى بىلمەكچى بولىشىدۇ.‹‹بۆرىلەر ۋادىسىغا تا شۇ كەمگىچە بىرەر ئادىمىزات بالىسى يۈرەكلىك قەدەم بېسىپ كېلەلمىگەن ئىدى.بۈگۈن بۇ يەرگە ناتونۇش بىر ئادىمىزات جۈرئەت قىلىپ ئات سېلىپ كېلەلىدى.ئۇ بۇيەرگە كېلېشكە پېتىنالىغان ئىكەن دېمەك ئۇ بوش ئادەم ئەمەس! قانداقراق ئادەمكىنا؟!››
غەزەپلىرى قوزغۇلۇپ يا ئوقىدەك شىددەت بىلەن  ئېتىلىپ كېلىۋاتقان بۆرىلەر شۇلارنى خىيالىدىن ئۆتكۈزۈپ كەلگۈچىنىڭ  تەققى تۇرقىغا نەزەر سېلىپ ئۇنى ئەقلى نەزەر ئارقىلىق دەڭسەپ كۆرمەكچى بولدى.مۇنداقلا قاراپ بويۇن ۋە كۆكسىلىرىگە نەزەر سالسا كەلگۈچى ئادەتتىكى ئادەملەردىن ھىچقانچە پەرقى يوقتەك،بۇ يەرگە ئۇقۇشماي ياكى ئەجىلى توشۇپ دۆتلۈك يۈزىسىدىىن  كېلىپ قالغاندەك تۇيۇلدى.بۆرىلەر ئۇنىڭ كۈچ قۇدرىتىنى خاتا مۆلچەرلىگەنلىكنى بىلمىدى.كەلگۈچىنى خۇددى يۇمران گۆشلۈك يۇۋاش پاقلاندەك ئاجىز چاغلاپ ئارىسالدىچىلىقتىن قۇتۇلۇپ  دادىل ھالدا ھۇجۇم قىلىپ كېلىۋەردى.شۇ تاپتا بۇ ئىككى بۆرە ئىككى ئادەتتىكى بۆرىگە ئەمەس ،بەلكى ئىككى چوڭ  پىلغا ياكى ئىككى كۈچتۈڭگۈر باتۇرغا ئوخشايتتى.
ئىسفەندىيار ئېتىلىپ كېلىۋاتقان بۆرىلەرنى كۆرۈپ قىلچە تەمتىرىمىدى.چەبدەسلىك بىلەن قولىغا كامان بىلەن ئوقنى  ئېلىپ بۆرىلەرگە قارىتىپ ئارقىمۇ- ئارقا ئوق ئۈزۈپ ئوق يامغۇرىغا دۇچار قىلدى. مەغرۇر ھۇۋلاپ توسۇۋالغۇسىز شىددەت بىلەن ئېتىلىپ كېلىۋاتقان  بۆرىلەر تاشتىمۇ ئىز قالدۇرغۇدەك قۇدرەتلىك پولات  ئوقلار زەربىدىن بەدىنى بىردەمدە  ئۆتمە تۆشۈك بولۇپ  بىر- بىرلەپ  تاغ غۇلىغاندەك غۇلاپ چۈشتى.
شۇنداق قىلىپ بۇ جەڭ ئانچە ئۇزۇنغا سوزۇلۇپ كەتمدى. بۆرىلەر بىردەمدە باياتىنقى ۋەھشى ھالىتىن بىچارە ھالەتكە چۈشۈپ قېلپ ماغدۇرسىزلانغان پۇتلىرىنى سۇنۇپ سوزۇلۇپ يېتىپ قېلىشتى.زىمىن بۆرىلەرنىڭ قېنىغا خۇمارمۇ ئەمەس ئىدى.لېكىن ئۇلاردىن ئاققان قان خېلى كۆپ  يەرنى بوياشقا ئۈلگۈردى.بۆرىلەر بىردەم جان تالىشىپ بېقىپ ئاخىر  جىمىپ قېلىشتى.ئىسفەندىيار ئېتىدىن سەكرەپ چۈشۈپ  ئالدى بىلەن گاچ-گۇچ قىلىپ قىلىچ ئۇرۇپ بۆرىلەرنىڭ بېشىنى چېپىپ تاشلىدى.ئاندىن خەنجەر بىلەن باغرىنى يېرىپ يۈرەكلىرىنى سۇغۇرۇۋالدى.ھەممە ئىش تۈگىگەندىن كېيىن بېشنى كۆتۈرۈپ كۆككە قاراپ چىن يۈرۈكىدىن  تەڭرىگە شۈكۈر سانالەر ئېيتتى:
-ئەي قۇدرەتلىك پەرۋەردىگار! سەن ماڭا نۇرغۇن كۈچ قۇدرەت ۋە شان - شەۋكەت ئاتا قىلدىڭ.شۇ تۈپەيلى بۈگۈن تۇنجى قەدەمدە  بۇ يەرنى ماكان قىلغان ۋەھشى يىرتقۇچلار ئۈستىدىن غەلىبىگە ئېرىشتۈرۈپ بۇ  تۇنجى غەلىبە ئارقىلىق زور ئىشىمنىڭ ئاقىبىتىگە بولغان  ئۈمىد –ئىشەنچىمنى ئاشۇردۇڭ.ئۆزۈڭ ھەرقاچان بۈيۈك پاسىبانىمدۇرسەن!
بەشۈتەن قوشۇنى ئۇنىڭدىن ئەنسىرەپ جەڭدە ياردەم بەرمەك مەقسىدىدە  ئارقىسىدىن يېتىپ كەلگەندە ئىسفەندىيار ئاللىقاچان غەلىبە مىۋىسىگە ئېغىز تېگىپ، شۈكرانە نامىزىدا سەجدىگە باش قويۇپ تۇرغان ئىدى .
ئىككى چوڭ دۆڭدەك  بوي -بەستى بىلەن سۇنايلىنىپ ياتقان بۆرىلەرنىڭ  جەسەتلىرىنى كۆرۈپ لەشكەرلەر ئىسفەندىيارنىڭ كۈچ ۋە جاسارىتىگە ھەيران بولۇشتى.ياش شاھىغا بولغان ئىززەت ھۆرمىتى ھەسسىلەپ ئۇلغايدى:
-بىز ئۇلارنى كۆرمەستە نەسلىنى بۆرە دەپ ئاڭلىغان ئىدۇق،لېكىن بۈگۈن كۆزىمىزبىلەن كۆردۇقكى ئۇ بۆرە سۈرەتلىك دەھشەتلىك پىل ئىكەن.بەختىمىزگە شاھىمىزنىڭ جەسۈر يۈرىكى دائىما ئامان بولسۇن.قىلىچ- گۈرزىلىرى قوشۇنىمىزنىڭ تايانچ تۈۋرۈكى بولسۇن.ئۇنىڭسىز شاھىمىزنىڭ شانۇ -شەۋكىتى  ئۇلۇغلۇق تاپماس،تاجۇ- تەختى بەرقارار بولماس.
شۇندىن كېيىن ياخشى نىيەت مەرتلەر شۇ يەرگە چوڭ چېدىر تىكىشتى.چېدىر ئىچىگە كىمخاپ داستىخاننى يېيىپ شاھى پەرمان چۈشۈرمىسىمۇ چېپىپ يۈرۈپ خىزمەت قىلىپ چەكسىز ئىززەت ئىكراملىرىنى ئىپادىلەشتى.
ئىسفەندىيار خىزمتچىلىرىگە گورىگسارنى يېنىغا ئېلىپ كېلىشنى بۇيرۇدى.ئۇلار ئۇنى ئېلىپ كېلىشتى.پۇت قوللىرى مەھكەم كىشەنلەنگەنگورىگسار تەقدىرىنىڭ نىمە بولۇشىنى بىلەلمەي تىترەپ تۇراتتى.ئىسفەندىيار مىيىقىدا كۈلۈپ قويۇپ ئۇنىڭغا ئۈچ كاسە مەي تۇتتى.ئۇ مەينى بىر-بىرلەپ  ئىچىۋەتكەندىن كېيىن تىنىچلاندى. ئىسفەندىيار ئۇنىڭدىن تەنە ئارىلاش سورىدى:
-ئەي بەختى قارا،سەن بۇ يولدىكى توسالغۇلارنى بەكلا مۇبالىغىلەشتۈرۈپ كۆرسۈتۈپ مېنى قورقۇتماقچى بولغان ئىدىڭ.لېكىن مەن قىلچە قورىقماستىن جاسارىتىمگە تايىنىپ بىرىنىچى توسالغۇنى بەربات قىلىپ مۈشكىلاتتىن ئوڭۇشلۇق ئۆتتۈم.ئەمدىغۇ مېنىڭ قانداق ئادەملىكىمنى بىلىپ قالغانسەن؟!
گورىگسار دەرھال يەرگە تىزلىنىپ ئارقىمۇ –ئارقا باش ئۇرۇپ گۇناھىنى تىلىدى:
-ئەي قۇدرەتلىك شاھىم،مېنى كەچۈرۈڭ،مەقسىدىمنى توغرا چۈشۈنۈڭ؟ مەن ھەرگىزمۇ مۈشكىلاتلارنى مۇبالىغىلەشتۈرۈپ تەسۋىرلەپ سىزنى قورقۇتماقچى بولمۇدۇم.ھەقىقەت ئەنە شۇنداق،مەن بۇ ئىككى بۆرىنى بەك ۋەھشى،بويى پىلدەك چوڭ دېگەن ئىدىمغۇ؟ئەنە ئەمەلىيەت ئالدىمىزدىلا تۇرۇپتۇ.بۇ بۆرىلەر ھەقىقەتەن شۇنداق ئىدى.قاپلان شىرغا نىسبەتەن ھىچقانچە خەتەر ھېساپلانمايدۇ،ئەمما ئىت ۋە تۈلكىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا تولىمۇ خەتەرلىك مەخلۇق.سىز ئۆلتۈرگەن بۇ بكرىلەر سىز ئۈچۈن چوڭ خەتەر ھېساپلانمىغان بىلەن ئۇلاردىن قورقۇپ تالاي يىللاردىن بېرى كىشىلەر بۇ يېقىن يولدىن مېڭىشقا پېتىنالماي ئەگىپ مېڭىپ  ھەپتىلىك يولنى ئىككى ئۈچ ئايدا بېسىپ مېڭىپ نۇرغۇن جاپا مۇشەققەتلەرنى چەككەن.ھالا مانا بۈگۈن جانابىڭىز بىر جەڭ بىلەنلا گىگانىت بۆرىلەرنى ئۆلتۈرۈپ تۇنجى توسالغۇدىن بۆسۈپ ئۆتتىڭىز .تەڭداشسىز باتۇرلىقىڭىز ھەممىنى بېسىپ چۈشكىدەك جاسارىتىڭىز بىلەن ئۈمىد شامىمىزنى نۇرلاندۇردىڭىز.سىزلا بولىدىكەنسىز  بۇ يولدىكى توسالغۇلار بىر-بىرلەپ بەربات بولۇپ داغدام يول ئېچىلغۇدەك،ئەل ئاۋام خەتەلەردىن قۇتۇلغۇدەك!...
-ياغلىما گەپلىرىڭنى قوي! مەن سېنى ئۆزۈمنى ماختاتقىلى چاقىرتمىدىم،بەلكى يول ئەھۋالىدىن خەۋەردار بولغىلى چاقىرتتىم.قېنى ئېيتقىنا، ئىككىنچى توسالغۇ نېمە؟ بۇداقى سەپەردە بىزنى قانداق خەتەر كۈتۈپ تۇرۇۋاتىدۇ؟!
-ئەي بېشىغا تاج كىيگەن شىر شەھرىيار! ئەمدىكى مەنزىل شىر جېڭىدۇر.بۇ شىرلار شىر بولغاندىمۇ لەھەڭدىن ئۈستۈن تۇرىدىغان ۋەھشى شىرلاردۇر.بۇ شىرلار يەردە بولغان بىلەن كۈچ ھەيۋىسى شۇنچە ئۈستۈنكى ئۇلارىن قورقۇپ ھەتتا بۈركۈتلەرمۇ بۇ جاينىڭ ئاسمىدىندىن ئۇچۇپ ئۆتەلمەيدۇ.
ئىسفەندىيار ئۇنىڭ بۇ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ مازاق قىلىپ كۈلۈپ كەتتى ۋە مۇنداق دېدى:
-ئەي تۈ*ركى نادان،بىر شىردىنمۇ شۇنچىلىك قورىققان بارمۇ؟‹‹ھەتتا بۈركۈتلەرمۇ ئاسمىنىدىن ئۇچۇپ ئۆتەلمەيدۇ ››دەيسىنا تېخى.قېنى قاراپ تۇر،مەن بۇ يەردىن قانداق ئۆتىمەنكىن! سەن ئەتىلا ئۇ قانخور شىرنىڭ قانغا مىلىنىپ ،ھەتتا بەدىنىگە قونغان چىۋىنلەرنىمۇ قورىيالماي ياتقانلىقنى كۆرىسەن!
بۇ چاغدا تۈن يېقىنلاپ كېلىۋاتاتتى.لەشكەرلەر بۇ يەردە ئارام ئېلىپ تۈننى ئۆتكۈزۈپ ئاندىن سەپەرگە ئاتلانسا توغرا بولاتتى.لېكىن ئىسفەندىيار سىڭىللىرىنى قۇتۇلدۇرۇشقا ئالدىراۋاتاتتى.شۇڭا كېچىلەپ ئىلگىرلشكە پەرمان چۈشۈردى.قاپ يۈرەك ئەزىمەت قوشۇننى باشلاپ بىر كېچە يول يۈردى.تەلىيىگە كېچىچە ھىچقانداق ئەھۋال يۈز بەرمىدى.
ئەتىسى ئەتىگەن قۇياش زۇمرەتتەك چېدىرىدىن چىقىپ ساپسېرىق ئالتۇنرەڭ شايىدىن ئۈستىۋاش كىيگەندە ئۇلار شىرلار  بار خەتەرلىك مەنزىلگە يېقىنلاشتى. ئىسفەندىيار پۈتكۈل قوشۇننى يەنە بەشۈتەنگە تاپشۇرۇپ ئۆزى گورىگسارنى يول باشلاتقۇزۇپ شىرلار بىلەن جەڭ قىلىشقا ئاتلاندى.
ئەركەك چىشى بىر جۈپ شىر بېشىغا كېلىۋاتقان بالايى ئەزىمدىن خەۋەرسىز يەنىلا ‹‹جاھان مېنىڭ››دەپ ئۆزلىرىگە تەمەننا قويۇشۇپ، مەغرۇر دەسسەپ  كېرىلىپ ئولجا ئىزدەپ يۈرىشەتتى.نەچچە يىللاردىن بۇيان ئادەم ۋە ھايۋانلار ئۇلارغا  ئولجا بولۇشقان بولسا مانا بۈگۈن ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئوۋلىنىدىغان قىيامەت كۈنى يېتىپ كەلگەن ئىدى.
بىچارە شىرلار بۇ قارا قىسمىتىدىن خەۋەرسىز ئۆز ئايىقى بىلەن ئالدىغا يېتىپ كەلگەن ئىككى ئادىمىزات ئولجىسىنى ئوۋلاپ يەپ مېزىلىك ئادەم گۆشىدىن ھوزۇرلنىشنىڭ كويىغا چۈشتى.ئادەت بويىچە ئەركەك شىر ئالدى بىلەن ئېتىلىپ كەلدى.قاتتىق قورقۇپ كەتكەن گورىگسار دەرھال نە قېچىشنى نە تۇرۇشنى بىلەلمەي ئىزىدىلا ئولتۇرۇپ قالدى.پۈتۈن بەدىنى لاغىلداپ تىترەشكە باشلىدى.ئىسفەندىيار ئۇنىڭغا ئۆزىنى كۆرسۈتۈپ قويماق ئۈچۈن كامان ئىشلەتمەي ئۇزۇن قىلىچىنى ئېلىپ شىرغا قارشى ئاتلاندى.شىر يا ئوقىدەك تېزلىك بىلەن ئېتىلىپ كېلىپ ئىسفەندىيارغا تاشلاندى.ئىسفەندىيار چاققانلىق بىلەن چەتكە بۇرۇلۇپ شىرنىڭ تۇنجى ھۇجۇمىنى ئۆتكۈزىۋەتتى.بىرىنچى ھۇقۇمى بىكارغا كەتكەن ئەسەبى شىر قاتتىق غەزەپلىنىپ دەرھال ئارقىغا بۇرۇلۇپ ئىككىنچى قېتىم دەھشەتلىك ھۆركىرەپ نەرە تارتىپ يەنە ئېتىلىپ كەلدى.بۇ نەرىدىن يەر زىمىنمۇ گورىگسارمۇ تىترەپ كەتتى.لېكىن ئىسفەندىيار تەۋرەپمۇ قويمىدى.ئۇ قىلىچىنى پەملەپ تۇتۇپ تۇرۇپ شىر يېقىنلاپ كەلگەن ھامان بېشىنىڭ قاق ئوتتۇرىسىنى نىشانلاپ بىر ئۇرۇۋىدى قىلىچنىڭ كۈچى،شىرنىڭ ئېتىلىپ كەلگەندىكى بېسىمى قوشۇلۇپ تەڭداشىسىز كۈچ ھاسىل بولۇپ شىر بېشىدىن تارتىپ تا قۇيرۇقىغا قەدەر نەق ئىككى بۆلەك بولۇپ كەتتى.بۇ ھالنى ككرۈپ ئولجا كۈتۈپ تۇرغان چىشى شىرنى ۋەھىمە باستى.ئۇ ئەسلى دەرھال قېچىپ كەتكەن بولسا بەلكىم ئامان قالار بولغىيدى.لېكىن جۈپتى ئۆلىۋاتسا ئۇنى تاشلاپ كەتكۈسى كەلمىدى.ئۇ ئېلىشىش ،ئېلىشىش ئارقىلىق ياكى  قىساس ئېلىش، ياكى ئۆزىمۇ ئۆلۈپ ‹‹ئېرى››گە ساداقىتىنى بىلدۈرۈش نىيىتىگە كەلدى.دېمەك ئالى دەرىجىلىك بىر قىسىم ھايۋانلاردا مانا شۇنداق پەزىلەت بار ئىدى.بۇ شىرمۇ غەزەپ بىلەن ھۆركىرەپ ئېتىلىپ كەلدى.ئىسفەندىيار ئۇنىڭمۇ بېشىغا ھۇجۇم قىلماستىن دەرھال بىر قەدەم كەينىگە چېكىنىپ شىر يېنىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقىندا چەبدەسلىك بىلەن بوينىغا شەمشەر ئۇرۇپ  بېشىنى ئۈزۈپ تاشلىدى.چىشى شىرنىڭ تېنى بىرنەچچە قەدەم يۈگرەپ باشسىز قالغاچقا ھىچيەرنى كۆرەلمەي ‹‹گۈپ›› قىلىپ يىقىلىپ چۈشتى.بۇ تۇيۇقسىز يىقىلىشتىن چاڭ ئۆرلەپ كەتتى.ئىككى شىردىن ئاققان قانلار بىر بىرىگە قوشۇلۇپ كەتتى.ئۆلگەن شىرلارنىڭ چەكچەيگەن كۆزلىرى ئۆزلىرىنىڭ زادى قانداق ئۆلگەنلىكنى بىلىۋالماقچى بولغاندەك نۇرسىز پارقىراپ تۇراتتى.ئۇلاردا بىر خىل بىلگىلى بولمايدىغان ئۆچمەنلىك نۇرلىرى قېتىپ قالغان ئىدى.
شىرلار ئۆلگەندىن كېيىن ئىسفەندىيار ئۇلاردىن تاسما تىلىپ بېلىگە باغلىۋالدى.ئاندىن بېرىپ گورىگسارنى يۆلەپ تۇرغۇزدى.بىچارە قورقۇنچىنىڭ يامانلىقىدىن ئىشتىنىغا سىيىپ سالغان ئىدى.شۇڭا ئۈستى-ئۈستلەپ خىجىل بولۇپ كەتتى.ئىسفەندىيار كەينىدە قالغان قوشۇنىدىكىلەرگە غەلىبە خەۋىرىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن گورىگسارنى بەلگە بېرىشكە بۇيرۇدى.ئۇ ئىگىز بىر دۆڭ ئۈستىگە چىقىپئۇنىڭدىكى  شاخ چاتقاللارغا ئوت قويۇۋەتتى.ئۇنىڭ ئىس تۈتەكلىرى ئىگىز ئۆرلەپ قوشۇندىكىلەرگە بىشارەت بەردى.قوشۇندىكىلەر ئەھۋالدىن خەۋەر تېپىپ دەرھال ئارقىدىن يېتىشىپ كەلدى.بايىقى جەڭ جەريانىدا ئىسفەندىيارنىڭ كىيىملىرى ۋە يۈز كۆزلىرىگە قانلار چاچراپ كەتكەن ئىدى.ئۇ يان تەرەپتىكى بۇلاق بويىغا يېتىپ كېلىپ يۈز كۆزلىرىدىكى قان داغلىرىنى يۇيۇپ تازىلىدى.ئاندىن سۇ ئىچىپ ھاردۇدۇقىنى چىقارغاچ قوشۇنىدىكىلەرنى كۈتتى.
لەشكەرلەر يىتىپ كەلگۈچە ئارىلىقتا ئىسفەندىياريان تەرەپتكى بۇلاق سۈيىنىڭ توپلىنىشى بىلەن ھاسىل بولغان كۆلچەكتە يۇيۇنۇپ  تېنىنى پاكىزلىدى.ئاندىن بىر پاك يەردە ئولتۇرۇپ ئاسمانغا بېقىپ پاك پەرۋەردىگارغا شۈكرانىلەر ئېيتىپ ئىبادەت بىلەن شۇغۇللاندى:
-ئەي پاك پەرۋەردىگار،ئەي ئادىل ھۆكمىران،سەن بۇ سەپەردە ماڭا پۈتمەس كۈچ ۋە جاسارەت بېغىشلىدىڭ،مېنىڭ قولۇم بىلەن ۋەھشىيلەرنى يەكسان قىلىپ مۈشكىلىمنى ئاسان قىلدىڭ.ماڭا ھەرقاچان مەدەتكار بولغايسەن! بارلىق مۈشكۈللەرنى يىڭىپ قېرىنداشلىرىمنى ياۋۇز دۈشمەن قولىدىن ئازاد قىلىپ كېلىشىمگە كۈچ،جاسارەت ۋە ئەقىل -ئىدراك ئاتا قىلغايسەن!...
بەشۈتەن ئۇزاققا قالماي لەشكەرلىرى بىلەن يېتىپ كەلدى.لەشكەرلەر ئۆلتۈرۈلگەن شىرلارنى كۆرۈپ شاھىغا يەنە ىر نۆۋەت قايىل بولۇشۇپ ھكرمەتلىرى زىيادە ئاشتى.
شاھنىڭ پەرمانىغا بىنائەن لەشكەرلەر بۇ يەرگە چۈشكۈن قىلىپ ھاردۇق ئالغاچ تاماق قىلىپ يىيىشتى.ئىفەندىيارمۇ ىاس بارگاھىغا كىرىپ ئىسىل تكشەكلەر ئۈستىدە ئارام ئالغاچ زەر داستىخان ئۈستىگە تىزىلغان نازۇ نېمەتلەرگە قول ئۇزاتتى.
تاماقتىن كېيىن ئىسفەندىيار  گۆرىگسارنى يەنە يېنىغا چاقىرتتى.ئۇنىڭغا ئەھرەمەن دىۋە ئىچسىمۇ مەست بولۇپ يىقىلغۇدەك كۈچلۈك قىزىل مەيدىن تۇتتى.ئۇ مەينى ئىچىپ بولغاندىن كېيىن سورىدى:
-ئەي بەختى قارا،ماڭا ئەتىكى سەپەردە يولۇقۇدىغان مۈشكىلات ھەققىدە سۆزلەپ بەرگىن.ئەتە ماڭا يەنە قانداق بالايى ئەزىم دۇچار بولىدۇ؟
-ئەي دانا شەھرىيار،سەندەك ئۇلۇغ زاتتىن ياۋۇزلۇق داجىپ يىراق كەتسۇن،ياخشىلىق ھەمراھىڭ بولۇپ ئىقبالىڭ كۈلۈپ ياشنىسۇن.سەن ھەقىقى ئەزىمەت ئىكەنسەن.خەتەرلىك جەڭلەرگە ئاتەش كەبى كىرىپ كەلدىڭ. مۇشەققەتلىك توسقۇنلارنى باتۇرلۇق بىلەن بۆسۈپ ئۆتۈپ دولقۇندەك يېرىپ كەلدىڭ.ئەتىكى سەپەرگىمۇ تەلىيىڭ مەدەتكار بولسۇن.سەن ئەتە مەنزىلگە يەتكەن چېغىڭدا بىر دەھشەتلىك بالا ئالدىڭدا نامايەين بولىدۇ.‹‹ئۇ نىمە؟›› دېسەڭ جاۋابىم شۇكى :ئۇ ئالدىغا ئۇچرىغان ھەرقانداق  نەرسىنى دەم تارتىپ كېتەلەيدىغان  غايەت زور  بىر ئەجدىھادۇر.  ئۇ ھەتتا دەريادىن بېلىقنى ،ئادىمى بىلەن ئۈزۈپ كېتىۋاتقان قېيىقنىمۇ دەم تارتىپ كېتەلەيدۇ.ئۇنىڭ بەدىنى شۇ قەدەر ئۇزۇنكى ئەزىم دەريامىكىن دەپ قالىسەن،شۇنچىلا زوركى  ئىگىز تاغمىكىن دەپ گۇمان قىلىسەن .لېكىن ئۇنىڭ قورقۇنۇشلۇق تەرىپى چوڭلۇقى ئەمەس.ئەڭ قورقۇنۇشلۇق تەرىپى شۇكى قانداقلىكى نەرسىگە دۇچ كەلسە ئاغزىدىن دەھشەتلىك ئوت پۈركۈپ كۆيدۈرۈپ كۈل قىلىۋېتىدۇ.شىر بىلەن بۆرىنى باتۇرلۇقۇڭغا تاينىپ يەڭگىنىڭ بىلەن بۇ ئەجدىھانى ھەرقانچە باتۇرلۇقۇڭ بولغىنى بىلەنمۇ يوقۇتالمايسەن.يېقىنلاشقان ھامان ئۇ پۈركىگەن ئوتتا ھەمساتتا  كۆيۈپ كاۋاپ بولۇپ كېتىسەن.شۇڭا ساڭا سەمىمىم نەسىھىتىم بۇ يولدىن يانغىنىڭ ياخشىمىكىن؟!سەندەك بىر ئۇلۇغ پالۋاننىڭ تۇخۇمنى تاشقا ئۇرغاندەك قاراملىق قىلىپ تاغ يولۇقسا تاغنى ،باغ ئۇچرىسا باغنى كۆيدۈرۈپ خاراپ قىلغۇچى ئۇلۇغ ئوتتا كۆيۈپ كېتىشىڭگە قاراپ تۇرالمايمەن.  ئەگەر سۆزۈمگە ئىشەنمىسەڭ مەن جېنىم بىلەن كاپالەت بېرەي.سەن بۇ يولدىن يانساڭ ھەرگىز قورىققان بولمايسەن،پۇشايمان يىمەيسەن.بەلكى دانالارچە ئىش قىلغان بولىسەن .چۈنكى دانا ئەزىمەت ھەرگىز بىھۇدە قاراملىق ئۈچۈن ئەزىز جېنىنى سېلىپ بەرمەيدۇ.
-ئەي بەختى قارا،تېخىچە يامان نىيىتىڭدىن قايتمىدىڭمۇ؟ بىر ئاددى ئەجدىھانى ماختاپ مېنىڭ روھىمنى چۈشۈرمەكچى،يولۇمدىن قايتۇرماقچى بولغىنىڭ ئۈچۈن ئەسلى سېنى ھازىرلا ئۆلتۈرۈۋەتسەم توغرا بولاتتى. بوپتۇ  سېنى ھازىرچە ئۆلتۈرمەي تۇراي،سەن ماختاپ ئۇچۇرغان بۇ ئەجدىھايىڭنىمۇ ئۆلتۈرۈپ ئۆزۈمنىڭ زادى قانداق ئادەملىكىمنى ساڭا يەنە بىر قېتىم بىلدۈرۈپ قوياي.شەمشىرىمنىڭ كارامىتىنى يەنە بىر قېتىم كۆرۈپ قوي!
شۇ سۆزدىن  كېيىن ئىسفەندىيار گۆرىگسارنى يەنە باغلىتىپ چېدىردا نەزەربەنت قىلغۇزۇپ قويدى.ئاندىن پەرمان قىلدى:
-ياغاچچىلار كەلتۈرۈلسۇن!
ياغاچچىلار كەلتۈرۈلدى.شاھنىڭ پەرمانى بىلەن بىر ھارۋا ياسالدى.ھارۋا ئىچىگە ئايلانما تىغلار قادالدى.ھارۋىنىڭ ئالدىغا يوغان بىر ساندۇق قويۇلدى.ساندۇقنىڭ مەزمۇتلۇقىنى سىنىماق بولۇپ ئۇنىڭغا زەنجىر باغلىتىپ ئىككى ئاتقا باغمۇ -باغ،تاغمۇ-تاغ  سۆرىتىپ سىنىدى.ئۆزى ساندۇقنىڭ ئىچىگە كىرىپ ئولتۇرۇپ قولىغا قالقان ۋە كابۇلچە خەنجەر تۇتۇپ ئەجدىھار جېڭىگە تەقلىت قىلىپ جەڭ قىلىپ پۇختا تەييارلىق قىلدى.
لەشكەرلەرمۇ ئەجدىھار جېڭىدە شاھىغا مەدەتكار بولماق ئۈچۈن پەرمان كۈتۈشتى.
كەچ كىرىپ جاھان خۇددى زەنگىنىڭ يۈزىدەك قارايغان چاغدا ھەمەل بۇرجىدىن ئاي چىقىپ  نۇرلۇق جامالىنى كۆرسەتتى.شاھ ئىسفەندىيار ئۇچقۇر ئېتىغا مىندى.ئارقىسىدىن قوشۇنى ئۇنىڭغا يار بولۇپ بىللە ماڭدى.
ئۇلار شۇ تەرىقىدە بىركېچە يول يۈرۈپ سەھەر قۇياشى پارلاپ چىقىپ جاھان نۇر بىلەن تولغاندا  ئىسفەندىيار يۈرۈش قىلىشنى توختاتتى.ئۇلار ئەجدىھار تۇرغان يەرگە يېقىنلىشىپ قالغان ئىدى.ئەتىگەنلىك ناشتىدىن كېيىن قوشۇن يەنە بەشۇتەنگە تاپشۇرۇلدى.شاھ ئىسفەندىيار ئەجدىھا بىلەن يەنە تەنھا جەڭ قىلىش ئۈچۈن تەييارلاندى.ساۋۇتىنى كىيدى.قۇراللىرىنى ئالدى.ئاندىن ساندۇقلۇق ھارۋىغا ئىككى  ئات  قوشۇپ ئۆزى ئۈستىدە ئولتۇردى. بارلىق تەييارلىقلىرى پۈتكەندىن كېيىن  ھارۋىنى ئەجدىھار تامان ھەيدان ماڭدى.ھارۋا ئەجدىھارغا يېقىنلاشقاندائۆڭكۈردە تۇرۇۋاتقان ئەجدىھار ھارۋىنىڭ تاراقلىغان ئاۋازىنى ئاڭلاپ بېشىنىسىرتقا چىقىرىپ سادا چىققان تەرەپكە قارىدى.قارىغۇدەك بولسا ئىككى ئۇچقۇر ئات بىر ھارۋىنى سۆرەپ شامالدەك تېزلىك بىلەن بۇ تەرەپكە كېلىۋاتقان ئىكەن.
ئەقدىھار بۇ يەردە ماكان تۇتقاندىن بېرى ھېچكىم بۇ تەرەپكە كېلىشكە پېتىنالىغان ئەمەس ئىدى.‹‹ئەجەبا بۈگۈن قايسى ئەجىلى توشقان مەخلۇق بۇ يەرگە كېلىشكە جۈرئەت قىلدىكىنە؟!››.ئەجدىھار قاتتىق غەزەپلىنىپ كەلگەن رەقىبىنى ئۆلۈم سوغا قىلىش ئارقىلىق كۈتۈۋالماقچى بولۇپ جايىدىن قوزغىلىپ ئۆڭكۈردىن سىرتقا چىقتى.ئۇنىڭ تاغدەك بەستىنىڭ زورلىقىدىن پايانسىز ئاسمان بىتى قارايغاندەك بولدى.ئۇنىڭ ئوت يېنىپ تۇرغان ئىككى كۆزى قان ئىچكەندەك قىزىرىپ تۇراتتى.چوڭلۇقى جەھەتتىن ئىككى قىزىل پانۇسنى ئەسلىتەتتى.ئۇ قاراڭغۇ غارنى ئەسلىتىدىغان يوغان ئاغزىنى ئېچىپ ھەممىنى يۇتۇپ كەتكۈدەك ئەلپاز بىلەن ھەملە قىلدى.كۆزىنى ئۆزىگە قارشى كېلىۋاتقان قاپ يۈرەك ئادىمىزاتتىن ئۈزمىدى.ئىسفەندىيارمۇ ئالدىغا سۈر ھەيۋە بىلەن ھۇجۇم قىلىپ چىققان غايەت زور ئەجدىھارنى كۆرۈپ جىمىپ قالدى.ئىسفەندىيار  تەقدىرىنى ئۇلۇغ تەڭرىگە تاپشۇرۇپ ئۇنىڭدىن مەدەت تىلىگىنىچە ئاتلارغا قامچا سالدى.لېكىن ئىگىسى قورىقمىغان بىلەن  ئاتلار ئالدىدىكى ئەجدىھارنى كۆرۈپ قاتتىق قورقۇپ كېتىپ ئارقىسىغا بۇرۇلۇپ قاچماقچى بۇلۇپ تېزلىكتە بېشىنى بۇرىدى.لېكىن قاچالمىدى.ئەجدىھار ئاتلارنى ھارۋا بىلەنلا قوشۇپ يۇتۇۋەتمەقچى بولغاندەك كۈچەپ دەم تارتتى.ئۇنىڭ دەم تارتىشى شۇنچە كۈچلۈك بولغاچقا  ھارۋىنىمۇ ئاتلارنىمۇ ئىسفەندىيارنىمۇ بىللىلا دەم تارتىپ قارنىغا ئەكىرىپ كەتتى.ئەجدىھار دەم تارتىش ئالدىدا ئىسفەندىيار دەرھال ھېلىقى ساندۇق ئىچىگە مۆكۈنىۋالغان ئىدى.ئەجدىھارنىڭ بۇ ھارۋىنى ئاتلىرى بىلەنلا دەم تارتىشى ھەقىقى تەلۋىلىك بولۇپ ھېساپلىناتتى. ئۇ دەم تارتىشنى دەمتارتىپ قويۇپ بۇ ئاچكۆزلىكى ۋەھشى  زوراۋانلىقى تۈپەيلىدىن جاجىسىنى تارتتى. ھارۋىدىكى تىغلار ئۇ دەم تارتقان ھامان ئۇنىڭ قارنىغا چاقماق تېزلىكىدە سانچىلدى.قانچە دەم تارتقانسېرى تارتقان دەمنىڭ كۈچى بىلەن ئۆزى زورۇقۇپ قېلىپ تىغلار بوغۇزىغا شۇنچە چوڭقۇر سانچىلىپ ھالىدىن كېتپ يىقىلدى.ئاغزىدىن دەريا كەبى قانلار ئېتىلىپ چىقتى.ھارۋىغا بېكىتىلگەن قىلىچلار ئەجدىھار كۈچىگەنسېرى ئۆزىنىڭ بوغۇزىغا شۇنچىلىك   چوڭقۇر پېتىپ  نە كىرمەيدىغان، نە چىقمايدىغان ھالەتتە تۇرۇپ قېلىپ بارا- بارا ئۇنى ھالسىزلاندى.شۇنىڭ بىلەن بارغانسېرى دەرمانسىزلىنىپ ئىزىغىلا يىقىلىپ قالدى.
ئىسفەندىيار شۇ ھامان ساندۇقتىن چىقىپ ئىچكى جەھەتتىن  ئەجدىھارنىڭ باشلىرىغا قىلىچ ئۇرۇشقا باشلىدى. ئەجدىھارنىڭ ئاغزىدىكى زەھەرلەر شۇ ئەتراپتىكى  تۇپراققا چېچىلدى.ئىسفەندىيار ئۆزىمۇ بۇ زەھەرلەر دۇتىدىن  دەرمانسىزلىنىپ يىقىلىپ قالدى.دەل شۇ  خەتەرلىك پەيتتە بەشۈتەن لەشكەرلەرنى باشلاپ بۇيەرگە يېتىپ كەلدى.ئۇ قارىغۇدەك بولسا ئىسفەندىيار ھىچ يەردىمۇ يوق .شۇنىڭ بىلەن ئۇنى ئىزدىتىپ تەرەپ –تەرەپكە چاپارمەن ماڭدۇردى.

ئەجدىھا دەرمانسىزلىنىپ يىقىلغاندىن كېيىن ئىسفەندىيار ساندۇقتىن تېزلىكتە سەكرەپ چىقتى.خەنجىرىنى قولىغا ئېلىپ سېپىنى چىڭ تۇتۇپ تېزلىكتە ئەجدىھانىڭ بېشىنى كېسىپ تاشلىدى.كېسىلگەن باشتىن قانلار فونتاندەك ئېتىلىپ چىقىپ ئەتراپقا چاچرىدى.ئەجدىھارنىڭ قېنى بەدەن سىرتىغا چىقسا زەھەر ھېساپلىناتتى.بۇ قاندىن زەھەرلىك دۇت چىقىپ ئەتراپقا تارىلىۋىدى.ئىسفەندىيارمۇ بېشى ئايلىنىپ بىھۇش بولۇپ يىقىلىپ چۈشتى.باتۇر ئەزىمەت بىھۇشلۇققا ئەسىر بولۇپ تۇرۇۋاتقان ئۇنىڭ ھاياتىغا خەۋىپ يېتىشكە ئاز قالغان خەتەرلىك پەيتتە بەشۇتەن لەشكەرلەرنى باشلاپ بۇ يەرگە يېتىپ كەلدى.قارىغۇدەك بولسا شاھى ئۆلگەن ئەجدىھارنىڭ تېنى يېنىدا بىھۇش ياتقان .ئۇ بۇ ھالنى كۆرۈپ:‹‹شاھىمىز نىمە بولغاندۇ؟›› دەپ قاتتىق چۆچۈدى.قاتتىق ئەنسىرەش ئىچىدە غەم يەپ يۈرەكلىرى قان بولدى.بىردەمدە بۇ ئىشتىن پۈتۈن ئىران لەشكەرلىرى خەۋەر تېپىشتى.ئۇلار ئاتلىرىدىن چۈشۈپ پىيادە بولۇشۇپ شاھى ياتقان تەرەپكە قاراپ يۈگرەشتى.بەشۈتەن ئىسفەندىيارنىڭ بېشىنى تىزىغا قويۇپ ئولتۇرۇپ يۈزىگە ئارقىمۇ ئارقا گۇلاب چېچىپ زەھەرلىك پۇراق تەسىرىنى خۇشبۇي ھىد بىلەن يوقىتىش ئارقىلىق شاھىنى قۇتۇلدۇرۇۋالماقچى بولدى.
دانا دېگەن بەرىبىر دانا- دە !  ئۇنىڭ ئەجرى بىكار كەتمىدى.ئىسفەندىيار ئاخىر  ھۇشىغا كېلىپ كۆزىنى ئاچتى.ئۇ ئەتراپىدا تۇرغان ئۆز باتۇرلىرىنى كۆرۈپ ئۇلارغا مۇنداق دېدى:
-مەن ئەجدىھا بىلەن ئېلىشقاندا ئۇنىڭ زەربىلىرى ماڭا كار قىلمىغان ئىدى.پەقەت ئاققان قانلىرىدىن چىققان زەھەرلىك دۇت مېنىڭ نەپسىمنى بوغۇپ ھۇشۇمدىن كەتكۈزدى. سىلەرمۇ ھۇشيار بولۇڭلار!
ئىسفەندىيار تەستە ئورنىدىن تۇرۇپ ئېقىن سۇ تەرەپكە قاراپ ماڭدى.ئۇ تېخى تولۇق ئوڭشىلىپ بولالمىغان بولغاچقا دەلدۈگۈنۈپ مەستتەك ماڭاتتى.ئۇ ئېقىن سۇدا پاكىز يۇيۇنۇپ بەدىنىدىگە  چاچرىغان قان داغلىرىنى تازىلاپ بولغاندىن كېيىن خەزىنىداردىن شاھلارغا خاس ئىسىل يېڭى كىيىم ئەكەلدۈرۈپ كىيدى.
سۇ ۋە پاكىزلىك ئۇنىڭغا قايتىدىن كۈچ مادار ئاتا قىلدى.سۇدىن چىققاندىن كېيىن پاك بىر جايدا ئولتۇرۇپ تەڭرىگە سېغىنىپ ئىبادەت قىلغاچ نىدا قىلدى:
-ئەي تەڭرىم،مېنىڭ پاك شېرىكسىز پەرۋەردىگارىم! مەن سېنى تاللاپ، ساڭا سېغىنىپ توغرا قىلغانلىقىمنى تونۇپ يەتتىم.سېنىڭ مەدىتىڭ بولغاچقا قانخور بۆرىلەرنى،ۋەھشى شىرلارنى مەغلۇپ قىلىپلا قالماي مانا بۈگۈن ئەجدىھانىمۇ ئۆلتۈرۈپ غالىپ قەھرىمانغا ئايلاندىم.بۇ نىمە ئۈچۈن؟ بۇمۇ سېنىڭ يولۇڭنى  تۇتقانلىقىم،سەندىن مەدەت تىلىگەنلىگىمدىن بولدى...
ئىران قوشۇنىنىڭ لەشكەر سەركەردىلىرى شاھىنىڭ ئەجدىھارنىمۇ ئۆلتۈرۈپ ئۈچىنچى مۈشكىلاتتىنمۇ ئوڭۇشلۇق ئۆتكەنلىكنى تەبرىكلەپ ئۇنىڭ ئالدىدا بىردەك ئىگىلىپ ھۆرمەت بىلدۈرۈشتى.ئۇنىڭ سالامەتلىكىنىڭ ئەسلىگە كەلگەنلىكىدىن خۇشال بولۇشتى.پەقەت ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بىر كىشىلا ئۇنىڭ ھۇشىغا كەلگىنى ھەتتا سالامەتلىكىنىڭمۇ ئەسلىگە كەلگىنىدىن ئىچىدە قاتتىق خاپا ئىدى.ئۇنداقتا بۇ غەلىتە كىشى كىم؟
بۇ يەرنىڭ يەنە بىر تەرىپىدە چوڭ بىر دەريا بار ئىدى.شاھ پەرمان چۈشۈرۈپ دەريا بويىغا چېدىر -بارگاھلىرىنى تىكتۈردى.ئاندىن ئەتراپىغا بارلىق لەشكەرلىرىنى يىغدى.ئاندىن مۇنداق بۇيرۇدى:
-ياخشى ھالال يىمەكلىكلەردىن كەلتۈرۈڭلار ،بىز ئۇ يىمەكلىكلەردىن يەپ تەڭرىگە دۇئا قىلايلى!
خىزمەتچىلەر لەشكەر ۋە سەركەردىلەرنىڭ ئالدىغا داستىخان سېلىپ مول يىمەك-ئىچمەكلەرنى تىزىپ مول زىياپەت ئارقىلىق شاھنىڭ بۈگۈنكى غەلىبىىنى تەبرىكلەشتى.زىياپەت ئاخىرلاشقاندا شاھ گورىگسارنى ئېلىپ كېلىشكە ئەمىر قىلدى.ئۇ زەنجىر كىشەنلىرى بىلەنلا  ھەيدەپ كېلىندى.ئىسفەندىيار ئۇنىڭغا شاھلارغا خاس ئىسىل مەيدىن ئۈچ ئاپقۇر تۇتتى.ئۇ مەينى ئىچىپ بولغاندىن كېيىن ئۇنىڭ ئەجدىھا توغرۇلۇق ئېغىز ئېچىشىنى كۈتتى.ئۇنىڭىن ھىچبىر  سادا چىقمىغاندىن كېيىن  ئۆزى ئېغىز ئېچىپ ئەتىكى سەپەردە يولۇقىدىغان توسالغۇسى ھەققىدە سۇئال سورىدى:
-ئەي قەدىرسىز ئىنسان شۇنى بىلىپ قويغىنكى ،سەن ئەڭ قۇدرەتلىك دەپ ئويلىغان،سەن كۆڭلۈڭدە ھىچكىم تەڭ كېلەلمەيدۇ دەپ ئويلىغان ئاتەش نەپەس  ئەجدىھانى مانا مەن ئۆلتۈردۈم.
گۇرىگسار دېدىكى:
-ئەي شاھىم،ئەتە سەن مەنزىلگە قەدەم قويغان ۋاقتىڭدا بىر جادىگەر  كەمپىرگە يولۇقىسەن.ئۇ سەندىن بۇرۇن نۇرغۇن لەشكەر ۋە سەركەردىلەرگە يولۇققان.لېكىن ھىچكىممۇ ئۇنىڭ جېنىغا قەست قىلالمىغان،ئەكسىچە ئۆزلىرى جادۇگەرنىىڭ تۈرلۈك ھىيلە- نەيرەڭلىرى ۋە سېھرى -جادۇلىرى تۈپەيلىدىن ھاياتىدىن ۋاقىتسىز ئايرىلغان.ئۇنىڭ سېھرى كۈچى شۇ قەدەر يۇقۇرىكى خالىسا سەھرا چۆللەردە دەريالارنى ئاققۇزۇۋېتەلەيدۇ.خالىسا نۇرلۇق كۈندۈزنى زۇلمەت قاراڭغۇغا ئايلاندۇرۇۋېتەلەيدۇ.ئۇنىڭ يامانلىقى تۈپەيلىدىن ئادىمىزات تۈگۈل ھەتتا دېۋىلەرمۇ ئۇنىڭ نامىنى ئاڭلىسا قورقۇپ تىترىشىدۇ.كۈچ بىلەن ئېلىشقىلى بولىدىغان نەرسىلەرنىغۇ باتۇرلۇق ۋە پەم پاراسەت بىلەن يەڭگىلى بولار ئەمما سېھرى- جادۇغا ھېچكىشىنىڭ ئامالى يوقتۇر. ،شۇڭا ھازىرغىچە قازانغان غەلىبىلىرىڭگە قانائەت قىلىپ  بۇ خەتەرلىك يولدىن يانغىن.ياش جېنىىڭنى بىھۇدە نابۇت قىلمىغىن!
ئىسفەندىيار نەدىكىنى ئۇنىسۇن بۇ نەسىھەتلەر ئۇنىڭ تېخىمۇ ئوغىسىنى قايناتتى.شۇڭا قاتتىق غەزەپلىنىپ مۇنداق دېدى:
-ھەي مەلئۇن شۇنچىۋالا  يول توسۇشلىرىڭ يەتمىگەندەك يەنە قىلنى پىل كۆرسۈتۈپ مېنى خەتەر لاپلىرى ئارقىلىق قورقۇتماقچى بولۇۋاتامسەن؟! سەن مەلئۇن ئالدىرىماي تۇر. سەن بۇ نۆۋەتمۇ يەنە ئۈمىتسىزلىنىپ قالىدىغان بولدۇڭ،مەن ھازىرچە كۆپ گەپ قىلماي تۇراي.سەن شۇنداق بىر كۈننى كۆرىسەنكى سەن ‹‹تەڭداشسىز›› دەپ تەرىپلىگەن ئۇ جادۇگەرمۇ مەندىن ئۆز نىسىۋىسىنى ئېلىپ ئۆلۈكلەر مازىرىنى ئاۋات قىلىدۇ.مەن قاتتىىق جەڭ ئارقىلىق ئۇنىڭ جېنىنى ئېلىپلا قالماي يەنە  ماڭا دەس تۇرۇپ قاراشقا پېتىنغان قەددىنى تۇپراققا پاتۇرۇپ ئومۇرتقىسىنى سۇندۇرۇپ تاشلايمەن.سەن شۇنى بىىلىپ قالغىنكى ھەرقانداق خەتەرلىك جەڭلەردە ماڭا تەڭرىم مەدەتكار بولىدۇ.پۈتۈن دۇنيانى گۇم قىلغۇدەك خەتەرلىك مەخلۇقمۇ ماڭا باش ئەگمەي ئامالى يوق!
خىزمەتچىلەر گۇرىگسارنى يەنە قاتتىق باغلاپ سولاقخانىغا ئېلىپ كەتتى.
ئەتىسى ئەتىگەندە تاڭ ئېتىپ كۈن ھۆكمىرانلىق تەختىدە سېرىق لىباسىنى كىيگىنىدە ئىسفەندىيار جەڭگە تەييارلىنىپ قوشۇن بىلەن بىرگە يولغا چىقتى.شاھ ۋە لەشكەرلەر تەڭرىنى ياد ئېتىپ مەدەت تىلەشكەچ ئۆز سەپىرىنى داۋاملاشتۇرۇشتى.پۈتۈن كۈندۈز بويى يول مېڭىپلا قالماي يەنە كېچىلەپمۇ يول مېڭىشتى.ئەتىگەندە يەنە كۈن چىقىپ ھەمەل بۇرجى ياقۇت يۈزلۈك بولغان چاغدا زىمىنمۇ قۇياشتىن چىراق يېقىپ جاھاننى نۇر بىلەن بېزىدى.شاھ ئىسفەندىيار قوشۇننى يەنە توختىتىپ ناشتا قىلغۇزغاچ ئارام ئالغۇزدى.ئاندىن قوشۇننى يەنە بەشۈتەنگە تاپشۇرۇپ بۇ يەردە ئۆزىنى ساقلاپ تۇرۇشقا بۇيرۇدى.ئۆزى يولغا  چىقىش ئالدىدا باشقا جەڭلەرگە تەييارلىق قىلغان چاغلىرىدىكىدەك قىلىچ، نەيزە، گۈرزىلەرنى ئىزدىمەستىن خىزمەتچىلەرگە بۇيرۇپ مەي ئىچىشكە ئىشلىتىدىغان ئىسىل چوڭ جام ، نەقىشلىك تەمبۇر قاتارلىق نەرسىلەرنى تاپتۇرۇپ ئېلىپ كەلدى.  بۇ خىل سەپەر تەييارلىقىنى كۆرگەن ھەرقانداق كىشى ئۇنى جەڭگە  ئاتلىنىپ چىققان كىشى ئەمەس بەلكى مەي -شاراپ ئىچىپ ،ساز –پاز چېلىپ مەشرەپ ئويناپ كۈلۈش ئۈچۈن يولغا چىققاندەك تۇيغۇ بېرەتتى.
يارانلىرى ئۇنىڭ بۇ خىل جەڭ  تەييارلىقىدىن ھەيران بولۇشقان بولسىمۇ لېكىن ھىچكىم سەۋەبىنى سوراشقا پېتىنالمىدى.
ئىسفەندىيار ئېتىنى مىنىپ ھاڭۋاقتى سەيياھلاردەك بىپەرۋا قىياپەتتە سەپىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا ئىدى.شۇ ھالدا خېلى ئۇزاق مېڭىپ چۈشكە يېقىن چەت چېتىگە كۆز يەتكۈسىز چوڭ بىر ئورمانلىق يېنىغا يېتىپ كەلدى.بۇ ئورمان شۇنچە چوڭ بولۇپلا قالماي شۇنچە گۈزەل ئىدىكى كۆرگەن كىشى بۇ ئورمانزار ئەمەس بەلكى بىر لالىزار ئىكەن  دېگەن تۇيغۇغا كېلەتتى.دەرەىىڭ قويۇق ھەم ئىگىزلىكىدىن ھەتتا ئاسماننىمۇ كۆرگىلى بولمايتتى.جەننەتتىن نىشىان بېرىپ تۇرغان بۇ گۈزەل ئورماندا تۈرلۈك تۈمەن سۈزۈك بۇلاقلارمۇ كۆپبولۇپ ئۇلاردىن چىققان زىلال سۇلا تارام –تارام كىچىك ئېقىنلارنى ھاسىل قىلىپ ئورمانلىقنىڭ ئىچكىرىسىگە ئېقىپ كىرىپ كېتەتتى.
ئىسفەندىيار ئورمانلىققا خېلى ئىچكىرىلەپ كىرگەندىن كېيىن مەنزىرىسى باشقا يەرلەردىن ئالاھىدە گۈزەل،خۇش ھاۋالىق،بۇلاقلاردىن  شەربەتتەك زىلال سۇلار شىلدىرلاپ ئېقىپ تۇرغان بىر يەرگە كېلىپ ئېتىدىن چۈشۈپ ئېتىنى ئوتلاشقا قويۇۋەتتى.ئاندىن ئۆزى ھەممىدىن چوڭ  بىر بۇلاق بويىدىكى يۇمشاق چىم ئۈستىدە ئولتۇرۇپ بۇلاق سۈيىدىن ئىچىپ سەگىپ راھەتلەندى.يېنىدىن نان ئوزۇقلىرىنى چىقىرىپ قۇرساق تويغۇزدى.ئاندىن بۇ يەردىن كېتىشكە ئالدىرىماستىن  بىللە ئېلىپ كەلگەن مەي بىلەن جامنى ۋە تەمبۇرىنى چىقىرىپ يېنىغا قويدى.ئالدى بىلەن بەخىرامان ئولتۇرۇپ راسا مەي ئىچتى.كەيپى خېلى كۆتۈرۈلگەندىن كېيىن تەمبۈرنى قولىغا ئېلىپ ئۇنى سازلاپ تولىمۇ شوخ ۋە جاراڭلىق بىر پەدىگە چېلىپ ناخشا باشلىۋەتتى.
ئاي يۈزلۈك پەرىنى كۆرمىدىم زىنھار،
كۆرگىنىم پەقەت شۇ شىر ھەم ئەجدىھا.
ماڭا ئالەم بالا بەرمەيدۇ ئەسلا،
ۋاپاسىز ئالەمدە تاپمىدىم ئىقبال.
قايدىسەن دىل خۇشى ئەي ساھىپجامال؟
تەڭرىدىن ئىلتىجا قىلىدۇ دىلىم.
قاچان كېلەر يېنىمغا باھارىم گۈلۈم.

تەمبۇرنىڭ جاراڭلىق ساداسى بىلەن ئىسفەندىيارنىڭ ئاجايىپ ناخشىسى ئورمان ئارا ياڭراپ تىپ- تىنىچ ئورمان ئىچىنى جانلاندۇرۇۋەتتى.شۇ تاپ ئورمانلار ئۆزلىرىنىڭ جانسىز يارىلىپ قېلىپ بۇ شوخ كۈيگە ئۇسۇل ئوينىيالمىغىنىغا ئۆكۈنىۋاتقاندەك قىلاتتى.ئىسفەندىيارنىڭ بۇ  ھەركىتى مەقسەتلىك ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ ھەرگىزمۇ ئىچى پۇشۇپ قېلىپ ئويۇن تاماششا قىلىش،بۇ ئارقىلىق زېرىكىشىنى تۈگىتىپ ھاردۇقىنى چىقىرىش ئەمەس ئىدى.ئۇ بىرسىنى كۈتىۋاتاتتى.‹‹ئۇنداق قازانغا مۇنداق چۆمۈچ ››قىلىپ ھىيلىگەر ئوۋچىنىڭ قاپقىنىغا قارشى قاپقان قۇرماقتا ئىدى.
دەرۋەقە ئۇنىڭ كۈتكەن ‹‹يار››ى ئاخىرى كەلدى.ئۇ باشقا بىرسى ئەمەس دەل ھېلىقى قانخور جادىگەر يالماۋۇز ئىدى.ئىسفەندىيارنىڭ ساز چېلىپ ئاشىقانە ناخشىلارنى ئېيتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ يالماۋۇزنىڭ ئۆز سۈرتىدە كەلگۈسى كەلمىدى.ئۇ بىر گۈزەل مەشۇق سۈرىتىدە كېلىپ رەقىبىنى ئەخمەق قىلىپ ئوينىماقچى،كېيىن رەقىبى بىخۇدلاشقاندا ئەسلى قىياپىتىنى ئاشكارىلاپ زەھەلىك قولىنى سالماقچى بولدى.بۇنداق قىلسا تەرەپپاللا كېلىپ ھۇجۇم قىلغانغا قارىغاندا قىزىقارلىق چىقاتتى.
جادىگەر شۇ مەقسىدىگە يەتمەكچى بولۇپ  قازان كۈيىسىدەك سەت،دوڭغاق جىگدىدەك كېلەڭسىز ئەپتىنى تۈزەپ قەددىنى سەرۋىدەك تۈزلىدى.بەتبەشىر چىرايىنى سېھىر بىلەن ئۆزگەرتىپ باھاردا ياشنىغان ئۇز گۈلدەك چىرايلىق پەرىدەك بىر قىزنىڭ سۈرىتىگە كىردى.ئۇنىڭ ئەسىلىدىكى قورۇق تولغان چىرايى ئۆزگۈرۈپ چىن يىپىكىدەك ھالرەڭ تۈس ئالغان بولۇپ   پورەكلەپ ئېچىلغان ھالرەڭ ئەتىرگۈلنى ئەسلىتەتتى.قان تولغان قىزىل كۆزلىرى نۇرلاندى.خۇنۇك سەت چىرايى خۇشخۇي كۆرىنەتتى.بۇ يۈزلەردىن قۇياش كەبى نۇر بالقىپ گۈزەللىكنىڭ يۇقۇرى پەللىسىنى نامايەن قىلىپ تۇراتتى.پىت بېسىپ كەتكەن ئاق  ساۋاش چاچلىرىنىمۇ بىر ئەپسۇن بىلەن قارايتىپ ھەم ئۇزرتىپ تاپىنىغا سۆرۈلۈپ تۇرىدىغان سۇمبۇل چاچلارغا ئايلاندۇردى. ئۇنىڭ شۇ تۇرقىنى كۆرگەن ھەرقانداق يىگىت قارىماي تۇرالمايتتى. شۇنداقلا تەڭداشىز گۈزەل ئالدىدا ئەقلى- ھۇشىنى يوقۇتۇپ ھەرقانداق دامغا دەسسىمەي قالمايتتى.
ئۇ خوشلۇقتا ئۆز ئۆزىگە مۇنداق دەپ كۈلدى:
-يەنە بىر باھادىر دامغا چۈشكىلى ئۆز ئايىقى بىلەن ئالدىمغا كەلدى.ئۇ شۇ تاپتا ئۆز بېشىغا كېلىدىغان قىسمەتتىن خەۋەرسىز ساز چېلىپ ناخشا ئېيتماقتا،جامغا مەي قۇيۇپ ئىچىپ مەست- ئەلەس بولۇپ ھۇشيارلىقنى يوقاتماقتا.بۈگۈن ئۇ مىڭ جېنى بولسىمۇ قولۇمدىن قېچىپ قۇتۇلالمايدىغان بولدى،نىمە دېگەن ئامەت بۇ! ھى... ھى... ھى...
جادىگەر ئەنە شۇنداق ئۇز سەنەم سىياقىدا مەرت باتۇرغا يېقىنلىشىپ كەلدى.ئىسفەندىيار ئۇنى كۆرۈپ شاتلىقىنى پەلەككە يەتكۈزۈپ تېخىمۇ شوخلۇنۇپ كۇيىنى ئەۋجقىگە چىقىرىپ  جاراڭلىتىۋەتتى. ناخشىسى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن چاچراپ ئورنىدىن تۇرۇپ شوخلۇق بىلەن ‹‹پەرى قىز››غا ئىلتىپات كۆرسۈتۈپ يېنىغا تەكلىپ قىلدى.شىرىن سۆزلەر بىلەن مەرھابا ئېيتىپ كۆڭلىنى ئالماقچى بولدى.
-ئەي ئاي يۈزلۈك قىز،پەرىمۇ سىز ئادەممۇ؟! ئىنسى جىنمۇ يوق بۇ چۆل ياۋاندا نەدىن پەيدا بولدىڭىز؟
-سىزدەك بەرنا يىگىت تۇرغان يەردە مەندەك پەرى قىز بولمىسا قانداق بولىدۇ.پەرىلەردىنمەن،ئۆزىڭىزچۇ؟
-مەن ئادىمىزات پەرزەنتى،ئىران شاھىنىڭ ئوغلىمەن.ئۆزىڭىزچۇ؟
-مەن كۆھىقاپتىكى پەرىلەر شاھىنىڭ مەلىكىسىمەن.ھەر كۈنى قۇش بولۇپ ئۇچۇپ جاھان كېزىپ سەيلى- تاماششا بىلەن بولىمەن.بۈگۈن بۇ يەرنىڭ ئۈستىدىن ئۇچۇپ ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ ئاجايىپ يېقىملىق ناخشا ساز قۇلۇقۇمغا كىرىپ قالدى.شۇنىڭغا قىزىقىپ پەسلەپ چۈشۈپ قارىسام سىز ناخشا ئېيتىۋېتىپسىز.ناخشىڭىزمۇ ئۇز،ئۆزىڭىزمۇ ئۇز سالاپەتلىك يىگىت ئىكەنسىز.بىردەم يېنىڭىزدا تۇرۇپ سىزگە ئۈلپەت بولسام،شاتلىقىڭىزدىن تەڭ بەھرىمەن بولسام قارشى تۇرمايدىغانسىز؟!
-قارشى ئالمامادىغان،تازا قارشى ئالىمەن،تەڭرى مېنى يۆلەپتۇ،ئاسماندىن ئامەت ياغدۇرۇپتۇ دەپ بىلىمەن.قېنى كېلىڭ يېنىمدا ئولتۇرۇڭ!
‹‹قىز›› يىگىتىنىڭ يېنىدا ئولتۇرغاندىن كېيىن يىگىت جامغا  لالەرەڭ ئىسىل شاراپتىن تولدۇرۇپوپ قۇيۇپ ئۇنىڭغا تۇتتى.‹‹قىز›› ناز قىلىپمۇ يۈرمەي ئېلىپ ئىچىۋەتتى.شۇ تەرىقىدە ئۇلار بىر تەرەپتىن مەي ئىچىپ يەنە بىر تەرەپتىن ناخشا ئېيتىپ ساز چېلىپ خېلى ئۇزاققىچە پەيزى قىلىپ ئولتۇردى.جادۇگەرنى مەي مەست قىلىپ خېلى ھۇشىنى يوقاتقىلى تۇردى.ئۇ ئېغىر مەست بولۇپ قالسا پىلانى يوققا چىقىشتىن ئەنسىرەپ يىگىتكە مۇددەتتىن بۇرۇنراق قەست قىلىشنى پىلانلاپ تۇرغان پەيتتە ئەقىللىق چېچەن يىگىت يېنىدا ئاللىبۇرۇن يوشۇرۇن تەييارلاپ تۇرغان زەنجىرىنى ‹‹قىز›› بىلەن ئىشقىۋازلىق قىلىپ‹‹بۇسە››ئېلىۋاتقان پەيتىن پايدىلىنىپ چاققانلىق بىلەن بوينىدىن  ئۆتكۈزۈپ تېزلا باغلىۋالدى.
قاپقان قۇرىمەن دەۋېتىپ ئويلىمىغاندا ئۆزى قاپقانغا چۈشۈپ قالغان جادۇگەر قاتتىق غەزەپلىنىپ يىگىتنى ئەيىپلەپ كەتتى:
-ئەي نامەرت ئادىمىزات،بۇ نىمە قىلغىنىڭ ؟! بىر ئوبدان سۆيىشىۋېتىپ مېنى باغلىۋالدىڭغۇ؟! نىمە قىلاي دەيسەن!؟
-ئەي قىز سۈرەتلىك جادىگەر،سەن ئۆزۈڭنى بەك ئەقىللىك چاغلاپ مېنى ‹‹گالۋاڭ›› دەپ ئويلاپ قالغانمىدىڭ؟ مەن سېنى بۇرۇنلا بىلەتتىم.سەن قانداقتۇ گۈزەل پەرىلەر مەلىكىسى ئەمەس تۇرقۇڭ ئالۋاستىدىنمۇ سەت جادۇگەر يالماۋۇزسەن.بۈگۈن مەن  سېنى پەم بىلەن تۇتۇپ سېھىر جادۇلىرىڭنى دەپئى قىلغىلى ،سەن قانخور يالماۋۇزنى يەر يۈزىدىن يوقۇتۇپ ئىنسانلارنى سېنىڭ زۇلمۇڭدىن قۇتۇلدۇرغىلى كەلدىم.سەن بۈگۈن پاسكىنا قېنىڭ بىلەن بۇرۇن قىلغان گۇناھلىرىڭنى يۇيىسەن!
-ئۇخلاپ چۈش كۆرۈپسەن ،مېنى يېڭەلەيدىغان،سېھىر جادۇلىرىمغا قارشىچىقالايدىغان مەخلۇقات تېخىچە ئانىسىدىن تۆرەلگىنى يوق.مەن ھازىرلا سېنى ئايىقىمدا قۇرت قىلىپ ئۆمۈلىتىمەن!
جادۇگەر قولىنى بوشۇتۇپ ئوچۇمىغا سۇ ئېلىۋالسا يەر يۈزىدە ھىچكىم ئۇنىڭغا تەڭ كېلەلمەيتتى.ئىسفەندىيار بۇ نوقتىنى ياخشى بىلگەچكە يالماۋۇزنى زەنجىر بىلەن  قاتمۇ- قات باغلاپ مىدىر سىدىر قىلالمىغۇدەك ھالغا كەلتۈرۈپ قويدى.قولىنى ئاجرىتالمىغاندىن كېيىن ئاغزىدا ئەپسۇن ئوقۇماقچى بولۇۋىدى ئاغزىغا بىر ئەسكى تېرىنى كەپلەپ تىقىپ تىلىنىمۇ مىدىرلىيالماس قىلىۋەتتى.بىچارە ھالغا چۈشۈپ قالغان يالماۋۇز ھىچ ئامال قىلالماي كۆزلىرىدىن تاراملاپ ياشلار  ئاققۇزۇپ يىغلاش ئارقىلىق ھىسداشلىققا ئېرىشمەكچى بولدى.لېكىن ئىسفەندىيار ئۇنىڭ ساختا يىغىسىغا باقمىدى.ئەكسىچە يېنىدىن خەنجىرىنى چىقىرىپ يالماۋۇزنىڭ بېشىنى كىسىپ تاشلىدى.كېسىلگەن باشتىن پۇرقىراپ قارا تۇتۈن بىلەن بەتبۇي پۇراق چىقىپ بىر باش ئورنىدا ئىت مۈشۈك،يىلان- چايان،شىر -يولۋاسلارغا ئوخشايدىغان يىرتقۇچلارنىڭ بېشىدىن ئالتىسى پەيدا بولدى.نازۇك قىزچە بەدىنىمۇ قېرى قاسماق خوتۇننىڭ تېنىگە ئۆزگۈرۈپ قالدى.يالماۋۇز بۇ باشلىرى ئارقىلىق سېھىر قىلماقچى،قايتىدىن قىساس ئالماقچى بولۇۋىدى.ئىسفەندىيار  ئۇنىڭغا قىلچە پۇرسەت بەرمەستىن ‹‹ئېيتماق ئاستا قىلماق تېز›› دىگەندەك  بۇ باشلارنىمۇ بىردەمدە بىر- بىرلەپ كېسىپ تاشلىدى.كېسىلگەن باشلار بىر قانچە قېتىم شىر –يولۋاس،ئىت مۈشۈكلەردەك ھايقىرىغان ،ھۆركۈرىگەن،ھاۋشىغان مىياۋلىغان  غەلىتە سادالارنى چىقىرىپ بېقىپ سېھىر قىلالماي جىمىپ قالدى.ئەڭ ئاخىرىدا چايان سۈرەتلىك باش كېسىۋېتىلگەندىن كېيىن يالماۋۇزنىڭ تېنى يەرگە يىقىلىپ ئۆز ئۆزىدىن كۈچلۈك ئوت پەيدا بولۇپ قۇرۇق ئوتۇندەك لاۋۇلداپ كۆيۈشكە باشلىدى.جاھاننى قارا تۈتەك قاپلاپ كۈپ كۈندۈزدە ھەممە ياق زۈلمەت كېچىدەك بولۇپ كەتتى.يالماۋۇزنىڭ جەسىتى  بىر ھازا  كۆيگەندىن كېيىن ئاخىرى كۈلگە ئايلىنىپ كەتتى.ھېلىقى باشلارمۇ دومىلاپ كېلېپ ئوتقا قوشۇلۇپ كۆيۈپ تۈگىدى.ھەممە نەرسە كۆيۈپ بولغاندىن كېيىن ئاسمان ئاستا- ئاستا سۈزۈلۈپ زىمىن يورۇقلۇقتىن قايتا بەھىر ئالالىدى.
ئۆمرى بويى سېھرى- جادۇ بىلەن شۇغۇللىنىپ دىۋە پەرىلەردىن تارتىپ جىن-ئالۋاستىلارغىچە،ئادىمىزاتتىن تارتىپ يىرتقۇچ ھايۋانلارغىچە ھەممىگە دەھشەت سېلىپ زۇلۇم زورلۇق بىلەن ياشاپ كەلگەن دەھشەتلىك بالا –قازا  جادىگەر كەمپىرنىڭ ھاياتى ئەنە شۇنداق ئاخىرلاشتى.
ئىسفەدىيار جەڭ مەيدانىنى تازىلىۋەتكەندىن كېيىن ھېلىقى سۈزۈك بۇلاق تۈۋىدە غۇسلى تەھارەت ئېلىپ پاكلاندى.ئاندىن خىلۋەت بىر يەرگە كىرىپ تەڭرى –تەئالاغا شۈكرانىلەر ئېيتىپ ئۆزىنىڭ بىلگىنىچە ئىبادەت بىلەن شۇغۇللانغاچ لەشكەرلىرىنىڭ يېتىپ كېلىشىنى ساقلىدى.
خېلى ئۇزاق ساقلىغان بولسىمۇ لەشكەرلىرى كەلمىگەندىن كېيىن ئىگىز بىر يەرگە چىقىپ ئوت يېقىپ لەشكەرلىرىگە بەلگە بەرگەچ ئۇلارنى ۇېتىشىپ كېلىشكە چاقىردى.قوۇنىدىكى چارلامچى چاپارمەنلەربەلگىنى  كۆردى ۋە بەشۈتەنگە خەۋەر قىلدى. قوشۇن شۇندىن كېيىن سەپەرنى داۋاملاشتۇرۇپ تېزلىكتە يېتىپ كېلىپ شاھىغا قوشۇلدى. شاھىنىڭ غەلىبىسىنى ئاڭلىغان بەشۈتەن ئۇنى تەبرىكلىگەچ تەرىپكە ئېغىز ئاچتى:
-ئەي قۇدرەتلىك شاھىم،تا شۇكەمگىچە كۈچ ۋە ئەقىلدە سەندىن ئېشىپ چۈشكىدەك ئادىمىزات پەرزەنتى ئىنسا نلار ئارىسىدا ئۆتكەن ئەمەس مەيلى شىر،مەيلى يولۋاس دەھشەتلىك ئەجدىھا ياكى لەھەڭ بېلىق بولسۇن ھىچبىرى زەربەڭگە بەرداش بېرەلمەس.سەن بىزنىڭ ھىماتچىمىزلا بولۇپ قالماي پەخرىمىزسەن.جان ۋە تېنىمىز يولۇڭدا ھەرقاچان پىدايىڭ بولسۇن،شان ۋە زەپەر ھەرقاچان ھەمرايىڭ بولسۇن!
كەچ يىتىپ كېلىۋاتاتتى.ئۇلار شۇ يەردە چۈشكۈن قىلىپ چېدىر بارگاھ قۇرۇپ تاماقلانغاچ ئارام ئالدى.ئىسفەندىيارنىڭ يەنە بىر قېتىملىق غەلىبىسى بەتنىيەت گۇرىگسارنى يەنە قاتتىق غەم-ئەلەملەرگە دۇچار قىلدى.



مەنبەسى ‹‹شاھنامە››نىڭ  نەزمى نۇسخىسى ۋە ئۆز قەلىمىم(ئابدۇغېنى ئابدۇراخمان)
بۇ مەزمۇن كونا مۇنەبەردە ئىدى،داۋامى تولۇق يوللىنىپ بولۇنمىغان،تېخى يېرىملاشقان ئىدى. شۇڭا يېڭى مۇنبەرگە كۆچۈرۈلدى.بۇندىنكېيىن داۋامى ھەر كۈنى ئىنكاس شەكلىدە داۋاملىق يوللۇنىدۇ.







بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   qabiljan2004 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-15 12:36  


mukam.cn

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  239
يازما سانى: 185
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 514
تۆھپە : 0
توردا: 82
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-8

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-15 16:22:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
داستىخان ئۈستىدە ئولتۇرغان ئىسفەندىيار جاللاتقا گۆرىگسارنى يېنىغا ئېلىپ كېلىشنى بۇيرۇدى:
-گۇرىگسار دېگەن ئەبلەخنى ئالدىمغا كەلتۈر!
بۇيرۇق ئورۇنلاندى.شاھنىڭ ككزى رقىبىنىڭ يۈزىگە چۈشتى.ئۇ قاتتىق قورقۇنۇچ يۈزىسىدن يۈزلىرى قەغەزدەك ئاقىرىپ كەتكەن بولۇپ  قىش سوغۇقىدا قالغان يالاڭ يۇپۇڭ دىۋانىدەك تىترەپ تۇراتتى.
شاھ دىمىقىدا كۈلۈپ قويۇپ بۇرۇنقىدەك ئۈچ جام مەي قۇيۇپ ئۇنى ئىچىشكە بۇيرۇدى.مەي ئىچكەندىن كېيىن ئۇنىڭ ئاقىرىپ كەتكەن يۈزىدىكى رەڭ قىزىللىق بىلەن ئالماشتى.
شاھ ئۇنىڭغا تىل سالدى:
-ئەي تۈ*ركىي بەدبەخىت،ئەنە ئاۋۇ دەرەخكە ۋە ئۇنىڭغا ئېسىلغان باشقا ئوبدانراق قاراپ باق،ئۇنىڭغا ئېسىلغان پاخماق باش  موماڭنىڭ بېشى ئەمەس دەل سەن‹‹ يېڭىلمەس››دەپ تەرىپلىگەن يالماۋۇزنىڭ بېشى! ئۇ سەن دېگەندەك چۆلنى دەرياغا ئايلانۇرۇۋەتمىدى.تاغ ببلەن دېڭىزنى ئالماشتۇرۇۋەتمىدى.ھەممە نەرسە ئۆز پېتى.پەقەت ئۇ ‹‹بۈيۈك قەھرىمان››ىڭ ئۆلۈپ تۈگەشتى خالاس.ئۇ ئەمدى بېشىنى كۆتۈرۈپمۇ قارىيالمايدۇ.قېنى ئېيتقىنا ،ئەتىكى مەنزىلىمدە قانداق مۈشكۈللۈككە دۇچار بولىمەن؟ يولۇمنى قانداق بالايى ئەزىم توسۇپ تۇرۇۋاتىدۇ؟
-ئەي شاھىم،شىر چۈمۈلە ۋە توخۇلارنى قانداقمۇ بىر بىرى بىلەن سېلىشتۇرغىلى بولسۇن؟ سەن بىر يېڭىلمەس شىر،مەن بولسام ئەرزىمەس بىر چۈمۈلە،يالماۋۇز بولسا مەندەك ئاددى چۈمۈلىلەرنى بىر چوقىلاپلا  يەپ تۈگۈتىۋېتىدىغان تۆمۈر خوراز ئىدى.ھالا سېنىڭ قولۇڭدا  جاجىسىنى يەپتۇ.شۇڭا بۇ ئىشتا مېنى ئەيىپكە بۇيرىما! ئەتىكى مەنزىلىڭدىكى خەتەر  ھەققىدە ئېغىز ئاچسام سەن يەنە مەندىن رەنجىپ يۈرمىگىن .مەن يەنىلا چۈمۈلىدەك ئاجىز ھالىم بىلەن تەپەككۇر قىلىمەن.ئەتىكى جەڭدە پەمىمچە باشقا ۋاقىتلاردىكىدىنمۇ مۈشكۈلرەك ئەھۋالغا دۇچار بولىسەن.شۇڭا بۇرۇنقى چاغلاردىكىدىنمۇ ھۇشيارراق بولغىنىڭ تۈزۈك.ئەتە سەپەر جەريانىداچوققىلىرى  كۆككە تاقاشقان ئىگىز بىر تاغقا دۇچ كېلىسەن.ئۇ تاغنىڭ بېشىدا قۇشلار شاھى سۇمرۇغ ئۇۋا تۇتقاندۇر.جەڭ كۆرگەن ئەرلەر سۇمرۇغ قۇشنى‹‹ئۇچار تاغ››دەپ تەرىپلىشىدۇ.بۇ ئۇنىڭ تېنىنىڭ تاغدەك چوڭ بولغانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.ئۇ شۇقەدەر چوڭ بولغاچقا ئۇچقان يولىدا بىرەر پىلنى كۆرۈپ قالسىمۇ بۈركۈت چاشقاننى قاماللىغاندەك قاماللاپ ئېلپ چىقىپ كېتىپ  بىر ۋاق ئوزۇق قىلىدۇ.يەنە تېىى ئۇ يالغۇز ئەمەس.يېنىدا ئكزىدىن قېلىشمايدىغان ئىككى بالىسىمۇ بار.ئۇلارنى بۆرىگە شىرغا،ئەجدىھاغا ئوخشاتقىلى بولمايدۇ.قالغىنىنى مەن دېمىسەممۇ ئۆزۈڭ تەسۋۋۇر قىلالايسەن.قاراپ بىر ئىش قىلارسەن!
داۋامى يېزىلىۋاتىدۇ

قابىلجان

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  239
يازما سانى: 185
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 514
تۆھپە : 0
توردا: 82
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-8

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-15 17:41:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سەردار كۈلۈپ قويۇپ شۇنداق دېدى:
-قاراپ تۇر،مان قانات كەرسە كۈن يۈزىنى توسۇۋالىدىغان ئۇ ئۇچار تېغىڭىغا ھىندى شەمشىرىم بىلەن بىر ئىش قىلايكى ئۇ توزاندەك توزۇپ كەتسۇن.ھاۋادا ئۇچۇشتىن قېلىپ باشلىرى توپىغا پېتىپ كەتكىنىدە ‹.مەن نىمە بولدۇم؟›› دېيىشكىمۇ ئۈلگىرەلمەي قالسۇن.
كېيىن جاللاتلار گۇرىگسارنى ئېلىپ كەتتى.بۇ چاغدا كەچ يېقىنلاپ كېلىۋاتاتتى.پارلاپ تۇرغان قۇياش تاغ كەينىگە پىنھان بولغىنىدا مەغرىپ تەرەپمۇ قىزىل شەپەقتىن تون كىيىپ ئەتىكى قانلىق جەڭنى ئەسكە سالغاندەك بولدى.
ئىسفەندىيار سۇمرۇغقا قانداق تاقابىل تۇرۇش توغرىىسدا بىر مەھەل ئويلىنىۋالغاندىن كېيىن بىر قارارغا كېلىپ ئالدىراپلا قوشۇنلارنى يىغدى.ئارام ئېلىشنى توختۇتۇپ قوشۇن بىلەن كېچىلەپ يول يۈردى.ئەتىگەندە ئالەم چىرىقى تاغ كەينىدىن كۆتۈرۈلۈپ چىقىپ زىمىننى يورۇتقىنىدا ئۇلار سۇمرۇغ تۇرغان تاغقا خېلىلا يېقىنلاپ كېلىپ قالغان ئىدى.شاھ پەرمان چۈشۈرۈپ قوشۇننى توختاتتى. قوشۇننى كەلگەن يەردە چۈشكۈن قىلىپ ناشتا قىلغاچ ساقلاپ تۇرۇشنى بۇيرۇدى.ئۆزىمۇ تاماق يەۋالغان دىن كېيىن   ئەجدىھا بىلەن ئېلىشقان چاغدىكىدەك ھارۋا،ساندۇق ۋە ئات تەلەپ قىلدى.نەرسىلەر تەييار بولغاندىن كېيىن ئۆزى يالغۇز ھارۋىغا ساندۇقنى سېلىپ، ئاتنى ھارۋىغا قېتىپ سەپەرنى داۋاملاشتۇردى.يېرىم كۈنچە يول يۈرگەندىن كېيىن گۇرىگسار تەسۋىرلىگەندەك ئاسمان پەلەككە تاقاشقان ئاجايىپ ئىگىز بىر تاغلىققا يېتىپ كەلدى.ئۇ ئات بىلەن ھارۋىنى بىر سايە جايدا قويۇپ ھارغىنلىق ئىچىدە خىيال سۈرۈپ تۇرۇپ قالدى.كېيىن ساندۇقنى سۇمرۇغ كۆرگۈدەك ئوچۇقچىلىق بىر جايدا قويۇپ قولىغا ئۆتكۈر ھىندى قىلىچىنى ئېلىپ ساندۇق ئىچىگە كىرىپ يوشۇرۇنىۋالدى.
سۇمرۇغ ئىگىز تاغ ئۈستىدە تۇرۇپ ساندۇقنى كۆرۈپ قالدى.ساندۇق ئىچىدە نىمە بارلىقنى بىلگۈسى كېلىپ تولىمۇ قىزىقتى. شۇڭا تاغدىن كۆتۈرۈلۈپ پەسكە قاراپ شۇڭغىدى.دىگەندەك سۇمرۇغ بەك چوڭ بولغاچقا قانات كېرىپ ئۇچقان چېغىدا ئۇنىڭ كۆلەڭگۈسى چۈشكەن جايلاردا  كۈن يۈزى كۆرۈنمەي تۈندەك قاراڭغۇلۇق پەيدا بولدى.سۇمرۇغ ساندۇققا چاڭگال سېلىپ ئۇنى مەھكەم  قاماللاپ تۇتۇپ ئەمدىلا ئۇچۇشقا تەمشىلىپ تۇرغىنىدا ئويلىمىغان يەردىن تۇيۇقسىز زەربىگە ئۇچراپ پەي قاناتلىرىغا تىغلار سانچىلدى.بۇ زەربە ئاددى زەربە ئەمەس ئىدى.سۇمرۇغنىڭ شىددىتى بىردىن پەسىيىپ بەدىنىدىن قىزىل قانلار دەريادەك ئېقىپ كەتتى.پۇت ۋە قاناتلىرىدىن مادار قېچىپ قايتا كۆتۈرىلەلمىدى.ئانىسىنىڭ ئولجىنى ئېلىپ كېلىشىنى كۈتۈپچوڭ تاما بىلەن كۈزىتىپ  تۇرۇۋاتقان چۆجە سۇمرۇغلار ئانىسىنىڭ تۇيۇقسىز يولۇققان دەھشەتلىك پاجىئەسىنى كۆرۈپ ئۇنى قۇتۇلدۇرغىلى كېلىشكە پېتىنالماي شۇئان يىراقلارغا ئۇچۇپ كېتىشتى.
سۇمرۇغدىن تېخىچە قان ئېقىۋاتاتتى. ئىسفەندىيار قانغا غەرىق بولۇپ كەتمەسلىك ئۈچۈن دەرھال ەمەس ئىدى.شۇڭا ئىسفەنىيار قىلىچىنى يەنە ئىشقا سېلىپ سۇمرۇغنى داۋاملىق چاناشقا باشلىدى.تاكى سۇمرۇغ ئۆلۈپ ھقىلالماي قالغانغا ساندۇقتىن سىرتقا چىىقىۋالدى.رەقىبنى چالا جان ھالەتتە قويۇپ ئۆلۈشىنى ساقلاپ تۇرۇش ئاقىللارنىڭ ئىشى ئەمەس ئىدى.شۇڭا ئىسفەنىيار قىلىچىنى يەنە ئىشقا سېلىپ سۇمرۇغنى داۋاملىق چاناشقا باشلىدى.تاكى سۇمرۇغ ئۆلۈپ مىدىر-سىدى قىلالماي قالغانغا قەدەر چاناشنى توختاتمىدى. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   qabiljan2004 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-15 17:43  


قابىلجان

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  239
يازما سانى: 185
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 514
تۆھپە : 0
توردا: 82
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-8

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-15 19:48:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سۇمرۇغ ئۆلگەندىن كېيىن ئىسفەندىيار يەنە پاكلىنىۋېلىپ ئىستىقامەتتە ئولتۇردى. كۆككە يۈزلەنگىنىچە تەڭرى نامىنى تىلغا ئېلىپ   قەلىب سۆزلىرىنى ئىزھار قىلىشقا باشلىدى:
-ئەي ئادالەتپەرۋەر پاك زات،سەن ماڭا كۇچ قۇۋۋەت،ئەقىل ئىدراك بېرىپلا قالماي يەنە كۈچلۈك دۈشمىنىم ئۈستىدىن زەپەرمۇ ئاتا قىلدىڭ.جادۇگەرنىڭ جېنىنىمۇ سەن ئالدىڭ،بۇ ‹‹ئۇچار تاغ›› دەپ ئاتىلىدىغان زور قۇشنىمۇ سەن بويسۇندۇرۇپ بەردىڭ.سەن ماڭا ھەرقاچان رەھنەمالىق قىلىۋاتىسەن،ساڭا يۈزمىڭ شۈكرىلەر بولسۇن.مەندىن مەرھىمىتىڭنى داۋاملىق ئايىمىغايسەن!
ئەتراپتىىن كاناي سادالىرى ياڭراپ كەتتى.جاھان بىر قېتىم قاراڭغۇلىشىپ قايتا يورىغاندىن كېيىن بەشۈتەن خوجىسىنىڭ يەنە زەپەر قۇچقانلىقىنى بىلىپ قوشۇنلارنى ئېلىپ ئارقىدىن يىتىپ كەلگەن ئىدى.
لەشكەرلەر سۇمرۇغنىڭ تاغدەك زور ئۆلۈكىنى كۆرۈپ شۇنداق زور قۇشنى ياراتقان تەڭرى ھەققىدە ھەمدۇ سانا ئېيتىپ تەڭرى قۇدرىتىگە ئاپىرىنلار ئىپادە قىلدى.يەردىن تاغقا قەدەر ھەممىلا يەر قان بىلەن تولغان بولۇپ قىزىل دەريا سۈيىدەك مەۋىج ئۇراتتى.توزىغان پەيلىرىنىڭ دەستىدىن ئەتراپنى كۆرگىلى بولمايتتى.پۈتۈن بەدىنى قانغا مىلەنگەن شاھى ئۇلارنىڭ ككزىەە ئاسماندىن يەرگە كۆچكەن ئىككىنچى  تولۇن ئايدەك كۆرۈنۈپ كەتتى.شۇنچىۋالا زور قۇشنى تىرنىقىچىلىكمۇ كەلمەيدىغان ئاددى بىر ئىنساننىڭ ئۆلتۈرەلىگىنى ھەرقانداق كىشىنى قايىل قىلماي قالمايتتى.بارلىق لەشكەرلەر شاھى ئالدىدا تىز چۆكۈپ ئاپىرىنلار ئېيتىشىپ ئاغزى-ئاغزىغا تەگمەي ماختىشىپ كېتىشتى.غالىپ شەھرىيارنىڭ سۇمرۇغنىمۇ ئۆلتۈرگەنلىكىنى ئاڭلاپ جەھلى قاتقان گۆرىگسارنىڭ يۈزى يەنە خازاندەك سارغىيىپ كەتتى.ئەلىمى ئىچ باغرىنى زەھەردەك ئېچىشتۇرماقتا ئىدى.
لەشكەرلەر قان بىلەن  بۇلغانمىغان،ھاۋالىق بىر يەرگە چېدىر تىكىپ شاھىنى ئارام ئېلىشقا تەكلىپ قىلدى.ئالدىغا داستىخان سېلىپ ئىسىل نازۇ- نېمەتلەر بىلەن  ھاردۇق سورىدى.



بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   qabiljan2004 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-15 19:53  


قابىلجان

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  239
يازما سانى: 185
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 514
تۆھپە : 0
توردا: 82
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-8

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-18 00:54:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تاماقتىن كېيىن شاھنىڭ پەرمانىغا بىنائەن گۇرىگسار يەنە شاھ ئالدىغا كەلتۈرۈلدى.ئۇ شاھ ئۇزاتقان ئۈچ جام مەينى ئىچىپ بولۇپ يەنە ئادەم رەڭگىگە كىرىدى.شاھ يەنە قوپال سۆزلەر بىلەن ئۇنىڭغا تېگىش قىلدى،ئاندىن  ئەتىكى سەپەر ھەققىدە گەپ سورىدى:
-ئەي بىتەلەي  مەلئۇن،ماڭا بىر قارىغىنا،قېنى ئېيتقىنا،سەن تەڭداشسىز ھېساپلىغان شىر بۆرە،ئەجدىھالىرىڭ، جاھاننى سەل باستۇرىدىغان يالماۋۇزلىرىڭ،پىلنى چاشقان دەپ مازاق قىلىدىغان سۇمرۇغلىرىڭ قېنى؟
-ئەي شان شۆھرەتلىك ئىسفەندىيار،ساڭا تەڭرىنىڭ  بەختى ئىقبالى يار ئىكەن.ئۇ قۇدرەت ئىەىسى زەپەر دەرىخىدىن ساڭا مىۋىلەر بېرىۋېتىپتۇ.ئۇنداق بولمىغاندا شۇنچىۋالا مۈشكىلاتلارنى بۆسۈپ ئۆتۈپ بۈگۈنگە قەدەر ھايات تۇرالمايتتىڭ!
-خوش، شۇنداقلىقىنى بىلىدىكەنسەن،ئەمىسە قېنى ئېيتقىنا،ئەتىكى سەپىرىمدە مېنى يەنە قانداق مۈشكۈل سىناقلار كۈتۈپ تۇرۇۋاتىدۇ؟
-ئەي شەھرىيار،ئەتىكى سەپەردىكى مۈشكىلاتىڭ سەن ھازىرغىچە دۇچ كەلگەن ھەقانداق مۈشكىلاتتىن ئېىشىپ كېتىدۇ.بۇنداق مۈشكىلاتنى ئىنسان بالىسى ھىچقانداق جەڭدە كۆرگەن ئەمەس.بۇ جەڭدە نە گۈرزە قالقان،نە ھىيلە نەيرەڭ ھىچنىمە كار قىلمايدۇ.دۇچ كەلگەن ئادەم ئۇنىڭدىن قاچىمەن دەپمۇ قاچالمايدۇ.شۇڭا مەندىن ئۇنى سوراپ يۈرمەي قايتىپ كېتىشنىڭ تەييارلىقنى قىلغىنىڭ خوپمىكىن؟!
ئەي بەختى قارا مەلئۇن، سەن تېخىچە يامان نىيىتىڭدىن يانمىدىڭمۇ؟ قۇرۇق لاپلىرىڭدىن ئىبرەت ئالمىدىڭمۇ؟ چىرايلىقچە دەپ بەرسەڭ بەر ،بولمىسا قانداق ئۆلگىنىڭنى بىلمەيلا قالىسەن؟!
-خوپ شاھىم،ئېيتسام ئېيتاي قورقۇپ كەتمىسىلە! بۇ دۆرەم دۇچ كېلىدىغىنىڭلار جېنى بار مەخلۇق ئەمەس بەلكى جېنى يوق تەڭداشىسز ئاپەت.ئەتە سىلەر چوققىسى پەلەككە يەتكەن چوڭ قارلىق تاغقا دۇچ كېلىسىلەر .بۇ تاغنىڭ قارلىرى شۇ قەدەر قېلىنكى بىر نەيزە بويى كېلىدۇ.ھەرقانداق ئادەم ۋە ئات ئۇلاق بۇ يەرگە كەلسە قارغا چۆكۈپ كېتىپ ئىلگىرىلەپ ماڭالمايدۇ.بۇنچىۋالا كۆپ قېلىن قارنى يېرىپ يول ئېچىپ مېڭىشمۇ مۈمكىن ئەمەس.ئۇنىڭ ئۈستىگە قاردا كۆمۈلۈپ قالغان خەتەرلىك تىك يارلار،ئادەم ۋە ئات ئۇلاق ماڭالمايدىغان خەتەرلىك يوشۇرۇن ھاڭلار ئاتلارنىڭ تۈكىدىنمۇ كۆپ.ئۇلاردىن سىرت بۇ يەرنىڭ سوغۇقى شۇنداق قاتتىقكى ھەرقانچە قېلىن كىيىنگەن كىشىمۇ ھەمساتتا تاشتەك قېتىپ كېتىدۇ.مەن سېنى قورقۇتماقچى ئەمەس،ئۇ يەرگە بېرىپ ئەھۋالنى كۆرگەندىن كېيىن ‹‹مېنى ئاگاھلاندۇرماپسەن›› دەپ ماڭا تەنە مالامەت قىلمىسۇن دەپ ئالدىن ئەسكەرتىپ قويدۇم.قالغىنىنى ئۆزۈڭ بىل.ئەشۈ قارلىق تاغدىن ئۇچۇپ ئۆتەلەيدىغان  قالتىس كارامىتىڭ بولسا بۇ باشقا گەپ.نەسىھىتىمگە قۇلاق سالماي ئۇ يەرگە قاراملىق بىلەن بارساڭ ئۆزۈڭنىلا ئەمەس پۈتۈن قوشۇنىڭدىكىلەرنى بىھۇدە ئۆلۈمگە تۇتۇپ بېرىىسەن.چۈنكى ئۇ يەردىن ئۆتۈشكە بولىدىغان پەقەت بىرلا يول بار شۇ يولدا مېڭىشقا مەجبۇر بولىسەن.ئۇيەردە شۇنداق قاتتىق  شىۋىرغانلىق بوران چىقىدۇكى بۇنداق بوران كۈچلۈكلىكىدىن قارلارنى كۆچۈرۈپ ھەممە نىمىنى كۆمۈۋېتىدۇ.دەل دەرەخلەرنى سۇندۇرۇپ زىمىن باغرىدىكى يېرىلغان يەرلەرگە تىقىۋېتىدۇ.ئەگەر تەلىيىڭ يەنە بىر قېتىم يار بېرپ بۇ قارلىق تاغدىن ئۆتۈپ ئۇ تەرەپتىكى سەھراغا يېتەلىسەڭ يەنە بىر يولغا دۇچ كېلىسەن.بۇ يولنىڭ مۇساپىسى نەق ئوتتۇز پەرسەڭ كېلىدۇ.بۇ يول پۈتۈنلەي قۇملۇق بولۇپ بەكمۇ ئىسسىق.ئۇنىڭ قىزىقلىقى شۇ دەرىجىدىكى ئۈستىگە  تۇخۇم قويسا ھايالسىز پىشىدۇ. ئۇ يەردە بىر تېمىممۇ سۇ بولمىغاچقا تۇپرىقى قۇياش تەپتىدە ئوتتەك يېنىپ ھىچ بىر گىياھ ئۈنمىگەن. شۇڭا ئۇ يەردىن ھىچبىر قۇشمۇ ئۇچۇپ ئۆتەلمەيدۇ.ئىسسىق دەستىدىن ھالسىزلانغان كىشىنى بوران ئۇچۇرتۇپ كەلگەن كۆچمە قۇم كۆزىنىمۇ ئاچۇرماي بىردەمدە قۇم ئاستىغا كۆمۈپ تاشلايدۇ.سەن مانا شۇنداق خەتەرلىك يولدا كاجلىق قىلىپ قىرىق پەرسەڭ يول يۈرسەڭ ئات ۋە ئادەملىرىڭنىڭ ھالى نىمە بولىدۇ؟! ئۇ يەردىن مۆجىزىلەرچە ئۆتۈپ كېتەلىسەڭ رۇئىندىج  قەلئەسىگە يېتىپ بارىسەن.ئۇ يەرنىڭ مەنزىرىسى تامامەن ئۆزگىچە. رۇئىندىج يەرلىرى ئارامبەخىش، ئوت- چۆپ دەل- دەرەخلىرى گۈلشەن ،سۇلىرى كەۋسەر جەننەت كەبى بىر ماكان.لېكىن ئۇ يەرگە كىرىش ئىنسان بالىسىنىڭ قولىدىن كەلمەيدۇ.چۈنكى بۇ قەلئە ئاسمان پەلەك ئىگىز تىك تاغلاربىلەن ئورالغان.دەرۋازىلىرىمۇ بۇلۇت بىلەن بوي تالىشىدۇ.قەلئەنىڭ پادىلىرى يەم ئۈچۈن قەلئە سىرتىغا چىقىپ يۈرمەيدۇ.لەشكەرلىرىنىڭ ھەممىسىدە ئۇچقۇر ئاتلار بولۇپ ھىچبىرى پىيادە ئەمەس. ئەگەر بۇ قەلئەنى ئېلىش زۆرۈرىيتى تۇغۇلۇپ ئىران ۋە تۇراندىن يۈزمىڭدىن باھادىر كەلسە،قەلئەنى يۈز يىل قامالغا ئېلىپ توختىماستىن ئوق ۋە نەيزە ئېتىپ تۇرسىمۇ ھىچبىر نەتىجە چىقىرالمايدۇ.چۈنكى بۇ قەلئەنىڭ سېپىللىرى تۆمۈردەك مەزمۇت.ھىچنەرسە ئۇنىڭغا كار قىلمايدۇ.
گۇرىگسارنىڭ بۇ سۆزلىرى ئىران لەشكەرلىرىنى قاتتىق ساراسىمىگە سېلىپ ئۈمىد شاملىرىنى ئۆچۈرۈپ تاشلىدى.ئۇلارنىڭ ھەممىسى قاتتىق قايغۇرۇشۇپ ھەسرەتلىنىشتى.بىر قىسىم ۋەكىللىرى شاھىغا يۈزلىنىپ يالۋۇرۇش ئارقىلىق ئۇنى بۇ خەتەرلىك سەپەردىن ياندۇرماقچى بولۇشتى:
- ئەي شاھىم ساڭا ھەرۋاقىت ياخشىلىقلار يار بولسۇن! ئاقىل ئادەم پەرۋانىگە ئوخشاش قاراملىق قىلىپ ئوتقا ئۆزىنى ئۇرماس.گۇرىگسارنىڭ مەلۇماتىدىن ماڭغۇسى يولىمىزنىڭ تولىمۇ خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى،بۇ يولغا مىليۇنلاپ كىشى كىرسىمۇ قىرىلىپ كېتىدىغانلىقىنى بىلدۇق.سەندىن شۇنى ئىلتىماس قىلىمىزكى،قايتىپ كېتەيلى دېمەيمىز،پەقەت قاراملىق قىلىپ ئۆزىمىزنى بىھۇدە ئۆلۈمگە تۇتۇپ بەرمەيلى دېمەكچىمىز.ئۇدۇل ماڭالمىساق ئەگىپ ماڭايلى.پات بارالمىساق كىچىكىپرەك بولسىمۇ بارايلى.بەرىبىر بارىدىغان يولىمىز بىر بولغاندىكىن بىھۇدە زىياننى ئازايتقان بولساق!بىز سېنىڭ تىرىشچانلىقىڭنى،باتۇرلۇقۇڭنى ياخشى  بىلىمىز.شۇنچە ئۇزۇن يوللارنى بېسىپ بۇ يەرگىچە كەلدىڭ.قانچىلىغان يىرتۇچلارنى يەر بىلەن يەكسان قىلدىڭ.تارىختىن بۇيان شاھلار ،شاھزادىلەر ئارا ھىچ بىر زات سېنىڭدەك مەردانە ھايات كەچۈرەلىگەن ئەمەس.ساڭا يەتتە قېتىم مۇشەققەت دۇچ كېلىۋىدى، يەتتە قېتىم جاسارەت كۆرسۈتۈپ ھەممىسىنى بۆسۈپ ئۆتتۈڭ.باتۇرلۇق بولار شۇنچىلىك بولار،تەڭرى مەرھىمىتىمۇ بەندىسىگە مۇنچىلىك بولار.سەن مۇشۇ ھالەتتە قايتىپ بارساڭمۇ يەنىلا زور شان شەرەپلەرگە نائىل بولالايسەن.باتۇرلۇق ئىش ئىزلىرىڭ قەھرىمانلار ئارا داستان قىلىپ سۆزلىنىدۇ.ھەممە ئادەم سېنىڭ تەرىپىڭنى قىلىپ باتۇرلۇقتا ئۈلگە ئېلىشىدۇ.ئەگەر قايتىپ كەتمەي ئۇزاق بىخەتەر يول بىلەن تۇرانغا ئۇرۇش قىلغىلى بارساڭمۇ سېنىڭ باتۇرلۇق داستانىڭنى ئاڭلاپ قاتتىق قورقۇپ كېتىشكەن تۇرانلىقلار سەن بىلەن جەڭ قىلىشقا پېتىنالماي چوقۇم جەڭ قىلمايلا ئەل  بولۇپ ساڭا ئىتائەت قىلىشقا تەييار تۇرۇشىدۇ.بىزنىڭچە گۇرىگسارنىڭ ئېيتقانلىرىنىڭ يالغىنى يوق،ھازىرغىچىمۇ ھەر قېتىمقى مۈشكىلاتتا ئۇنىڭ ئېيتقانلىرى راست چىقىپ كەلدى.ئەمدى بولدى بەس،ئۆزۈڭنىمۇ بىزنىمۇ قىينىما!بۇنچىۋالا كۆپ لەشكەرنى خەتەرگە باشلاپ كىرىپ جېنىغا زامىن بولما.بىز ئۆز ھاياتىمىزنى بىكاردىن بەربات قىلىۋەتمەيلى!


قابىلجان

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  239
يازما سانى: 185
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 514
تۆھپە : 0
توردا: 82
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-8

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-18 00:55:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىسفەندىيار ۋەكىللەرنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ بولغاندىن كېيىن چاچقۇنلۇق بىلەن غەزەپلىىنىپ كەتمەستىن ئۇلارغا سەۋرىچانلىق بىلەن چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى:
-گۇرىگسارغۇ بىزگە دۈشمەن،ئۇ بىزنى ‹‹ئىلگىرلىيەلمىسىكەن،چېكىنىپ كەتسىكەن،مەقسىدىگە يېتەلمەي يوقۇلۇپ كەتسىكەن›› دەيدۇ.سىلەر بولساڭلار مېنىڭ ئۆز ئادەملىرىم،ھالا بۈگۈنگە كەلگەندە سىلەرمۇ ئۇنىڭغا بولۇشۇپ مېنى يولۇمدىن ياندۇرماقچى،جاسارتىمنى سۇندۇرماقچى بولۇۋاتامسىلەر؟! سىلەر بۇ سەپەر جەريانىدا ئىزچىل مەن بىلەن بىرگە مېڭىپ كەلدىڭلار گۇرىگسار قايسى بىر مۈشكىلاتتىن بىزنى توسماي قالمىدى؟! ھەممىسىنىىلا قالتىس مۇبالىغىلەشتۈرۈپ ‹‹ئىنسان بالىسى بۆسۈپ ئۆتەلمەيدۇ! كىم بارسا ئۆلۈپ تۈگىشىدۇ!››دەپ يولۇمىزدىن ياندۇرماقچى،جاسارىتىمىزنى سۇندرۇماقچى بولمىدىمۇ؟! مەن ئۇنىڭ توسقىنىدىن قورقۇپ كەتمەي جاسارەت بىلەن ئىلگىرلەپ ئۇ ئېيتقان‹‹دەھشەتلىك خەتەر››لەرنى بىر بىرلەپ يوق قىلىۋەتمىدىممۇ؟! قايسى بىرىگە سىلەرنى سالدىم؟سىلەرنى بەشۈتەن بىلەن پىنھاندا قالدۇرۇپ ھەممە مۈشكىلاتلارغا بىر ئۆزۈم  تەۋەككۈل قىلىپ كىرمىدىممۇ؟!  ئۇ ‹‹يېڭەلمەيسەن›› دېگەن مۈشكىلاتلارنى بىر- بىرلەپ يېڭىپ ھەر قېتىم ئۇنى‹‹ قارا يۈز››قىلمىدىممۇ؟! شۇنداق تۇرۇپ بۇ دۆرەم يەنە نىمىدەپ ماڭا ئىشەنمەي ئۇنىڭغا ئىشىنىسىلەر؟! سىلەر ئىراندىن ماڭا ياردەم بەرگىلى كەلگەنمۇ ياكى پەندى نەسىھەت قىلىپ يولۇمدىن قايتۇرغىلىمۇ؟! ئەشۇ لاپچى تۈر*ۈكنىڭ قورقاق سېلىشلىرىدىن قورقۇپ نىمىدەپ بىكاردىنلا تېرەك قۇلىقىدەك تىترەيسىلەر؟!شاھنىڭ سىلەرگە قىلغان سۆزى بىلەن سوغىسى نەدە قالدى؟!سىلەرنىڭ ماڭا ساداقەت بىلدۈرىمىز،ھايات ماماتتا بىرگە بولۇپ  زەپەر قۇچۇپ قايتىپ كېلىمىز››دەپ تەڭرى نامىدا بەرگەن قەسەملىرىڭلار نەدە قالدى؟ مەرتلىكىڭلار بىر قورقاق سېلىشقا بەرداشلىق بېرەلمەي بوشاپ قالدىمۇ؟! ئۇلۇغ مەقسەتلەر قۇرۇق خىيالغا ئايلىنىپ قالدىمۇ؟!...بولىدۇ،مەن سىلەردىن خاپا بولمايمەن،سىلەر خالىمىغان ئىشنى قىلىشقىمۇ مەجبۇرلىمايمەن.سىلەر بىز ھازىرغىچە قازانغان غەلىبىگىلا قانائەت قىلىپ يېرىم يولدىن قايتىپ كېتىڭلار.ئۆيۈڭلارغا بېرىپ ئارام ئېلىپ يېتىڭلار.لېكىن مەن قايتمايمەن.دۈشمەنگە قارشى داۋاملىق ئاتلىنىمەن.چۈنكى جاھان شاھى بولغان ئۇلۇغ تەڭرى مېنىڭ پۇشتى پاناھىم.مېنىڭ رايىم ئۇ بەلگىلەپ بەرگەن ئىقبال يۇلتۇزىغا قارايدۇ.جان ئالماق ۋە جان بەرمەك ھەممىسى تەقدىردىن بولىدۇ.تەقدىردە ئۆلۈم پۈتۈلگەن كىشى ئۆيىدە ئولتۇرۇپمۇ جان ئۈزىۋېرىدۇ.ئەجەل يەتمىگەن كىشى ئوت دېڭىزىدىنمۇ ئامان- ئېسەن چىقىپ ھاياتىنى داۋام قىلىۋېرىدۇ.ماڭا ئەمدى مەدەتكار كېرەك ئەمەس.سىڭىللىرىمنى تېزراق قۇتۇلدۇرۇپ چىقىشتىن ئىبارەت قەتئى نىيەت ۋە ئۇلۇغ جاسارەت مەن ئۈچۈن ئەڭ زور مەدەتكار.مەردلىكىمنى،زەربەمنى،كۈچۈمنى مەرتلەر مەيدانىدا دۈشمەنگە تېتىتماي،قېرىنداشلىرىمغا قىلغان زۇلمى ئۈچۈن قان يىغلاتماي قويمايمەن!
شاھنىڭ مەردانە نۇتقى ئىرانلىقلارنىڭ كۆزىنى ئاچتى،قېنىنى قىزىتتى.جاسارىتىنى ئاشۇردى.ئۇلار شاھىنىڭ ئوتتەك چاقناپ تۇرغان كۆزلىرىگە قاراپ بىھۇدە قىلىپ تاشلىغان نالايىق سۆزلىرى ئۈچۈن ئەپۇ سوراشتى:
-ئەي شاھىم،بىز ئەقىلسىزلىكىمىز،قورقۇنچاقلىق قىلغانلىقىمىز ئۈچۈن قاتتىق پۇشايمان قىلدۇق.بىز گۇناھىمىزغا توۋا قىلىمىز.بىزنى كەچۈر،بىز قەتئى نىيەتكە كەلدۇق،سەن ئۈچۈن جېنىمىز پىدا!بۇندىكېيىن  ئوتقا كىرسەڭ ئوتقا،سۇغا كىرسەڭ سۇغا بىرگە كىرىپ ئۆلۈم-كۆرۈمدە سەن بىلەن بىرگە بولىمىز.ئاىمىزدىن تاكى بىر نامدار ساق قالغانغا قەدەر مەيداننى تەرىك قىلىپ قايتىپ كەتمەيمىز.ئەھدى- پەيمانىمىزدا چىڭ تۇرۇپ ساڭا بولغان ساداقىتىمىزنى ئەمىلى ھەركىتىمىزدە كۆرسۈتىمىز!
سەركەردە ئۇلارنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ ئۆزىنى بۇرۇنقىدىنمۇ دادىل ۋە بەردەم سەزدى.شۇڭا رازىمەنلىك ئىچىدە يارانلىرىغا ئاپىرىن ئوقۇپ بۇ سۆزنى ئېيتتى:
- ھىممەت غەيرىتىڭلەرگە بارىكاللا،مەرتلىك ھامان يوشۇرۇن قالماس!مۇبادا بىز بۇ قېتىممۇ مۈشكىلاتنى يېڭىپ زەپەر قۇچساق چەككەن زەخمەتلىرىمىز ئۈچۈن ئۇلۇغ شاھىم تەرىپىدىن كاتتا تەقدىرلىنىشكە نائىل بولىمىز.شۇ چاغدا سەپەر جەريانىدا تارتقان بارلىق رەنج مۇشەققەتلىرىمزنى ئۇنتۇپ بەخت قۇچىقىدا ئەللەيلىنىمىز.كاتتا سوغىلار ئارتۇق بېرىلسە بېرىلىدۇكى ھەرگىز كېمەيتىلمەيدۇ!


قابىلجان

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  239
يازما سانى: 185
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 514
تۆھپە : 0
توردا: 82
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-8

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-18 00:56:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شاھ يېقىن يارانلىرىنى يىغىپ تاغدىن سەلكىن شامال يەلپۈپ ئۆتكەنگە قەدەر كېڭەش ئۆتكەزدى.كېڭەشتە دەرھال يولغا چىقىش قارار قىلىندى.چېدىرلاردىن ھەربى كانايلارنىڭ ئاۋازى ئاڭلانغان ھامان قوشۇن يەنە سەپەرگە ئاتلىنىپ تېز مېڭىشتى.ئۇلار شۇ تاپ تەڭرى نامىنى زىكىر قىلىپ ئوتتەك ئىلگىرلىمەكتە ئىدى.قۇياش تاغ كەينىگە ئۆتۈپ خەيرلىك تىلەپ كۆز قىسىپ قالغاندا قوشۇن مەنزىرىسى ئۆزگىچە بىر جايغا يېتىپ كەلدى.بۇ ئاب ھاۋاسى ۋە مەنزىرسى نەۋ باھاردىن دېرەك بېرىدىغان خۇش مەنزىل بىر جاي ئىدى.بۇ يەر ھەممەيلەننىڭ مەيلىنى ئۆزىگە تارتتى.شاھنىڭ پەرمانى بىلەن قوشۇن شۇ يەردە توختاپ چۈشكۈن قىلدى.چېدىر بارگاھلا تىكىلدى.ھەممە داستىخان ئۈستىدە ئولتۇرۇپ غىزالىنىپ بولغاندا شاھ مەي كەلتۈرۈشنى بۇيرۇدى.دەل شۇ چاغدا تاغ تەرەپتىن ئىزغىرىن سوغ شامال سوقۇپ تەنلەرنى شۈركەندۈردى.شاھ بىر خەۋىپنى سەزگەندەك بولۇپ دەرھال ئورنىدىن قوزغالدى. ئاسمان بىردەمدە قارا قاغا توپىدەك قاراڭغۇلىشىپ كەتتى.ئەتراپتىن قەيار تاغ،قەيە باياۋان،قەيەر يول-نىشان بىلمەك تەس بولدى.ئۇلار نىمە قىلارىنى بىلەلمەي تېڭىرقاپ تۇرغاندا نەۋ باھار قارا قىشقا ئۆزگۈرۈپ بىردەمدە قارا بۇلۇتلاردىن  لەپىلدەپ قار يېغىپ كەتتى.يەر يۈزى بىردەمدە ئاپپاق قار بىلەن قاپلىنىپ ھاۋانى تېز سوۋۇتۇپلا قالماي شىۋىرغانمۇ چىقىپ كەتتى.
بۇن خىل ئەھۋال ئۈچ كېچە –كۈندۈز داۋاملاشتى.كۈچلۈك سوغاق بوران  چېدىرلارنى ئۆرۈۋەتتى.لىباسلارنى يىرتىۋەتتى.بوراننىڭ كۈچلۈكلىكىدىن ھىچ كىشى قىمىرلىيالماس ھالەتكە يېتىپ قالدى.بۇ ھلنى بىر شائىر ‹‹ھاۋا ئۆرۈش بولدى،قار بولدى ئارقاق›، دەپ تەسۋىرلىگەن.ئەھۋالنىڭ بۇنچىۋالا ناچارلىشىپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ شاھنىڭ كەيپى ئۇچتى.بورانننىڭ گۈركىرىشى دەستىدىن كىشىلەر بوش گەپ قىلشسا ئاڭلىشالمايتتى.شۇڭا شاھ  بەشۈتەنگە ۋاقىراپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى:
-قارا يۈز تەقدىرنىڭ پەيلى بەك يامان تۇرىدۇ.شۇ تاپ ئالدىمدا دەھشەتلىك ئەجدىھا بولسىمۇ دامىغا دادىل كىرەر ئىدىم.
ئەمما بۇ دەھشەتلىك سوغاق مېنى ئامالسىز قويدى.بىز مۇنداق ئۆلۈمنى كۈتۈپ تۇرۇۋەرمەي تەڭرىگە ئىلتىجا قىلايلى.ئۇنى مەدھىيەلەيلى.ئۇ بىزگە رەھىم قىلىپ جېنىمىزنى قۇتقۇزۇپ قالسا ئەجەپ ئەمەس.
ياخشىلىقلار يولدىشى بولغان بەشۈتەن شۇئان تىز چۆكۈپ ئولتۇرۇپ تەڭرىدىن بۇ بالا قازادىن قۇتۇلدۇرۇشنى ئىلتىجا قىلىشقا كىرىشتى.لەشكەرلەرمۇ ئۇنىڭ بىلەن تەڭ تىزلىنىپ ئولتۇرۇپ بىردەك كۆككە بېقىپ دۇئاغا قول كۆتۈرۈشتى.بۇ تەسىرلىك ئىلتىجاغا ئالەم تەھسىن ئېيتتى.تەڭرىنىڭ رەھمى كەلدى.شۇدەم شېرىن-ئارامبەخىش شامال سوقۇپ بۇلۇتلارنى ھەيدەپ كەتتى.كۆك ئاسمان جامالىنى كۆرسۈتۈپ شەپقىتىنى كۈن نۇرى ئارقىلىق ياغدۇرۇۋەتتى.ئىرانلىقلارنىڭ كۆڭلى ئارامىغا چۈشۈپ ئۈمىد شامى پىلىلداپ ياندى.ھاياجان تىترىكى ئارىلاشقان دۇئالار پەسەيمەستىن  ئەۋجىگە چىقتى...
ئىران باتۇرلىرى قار-شىۋىرغان دەستىدىن  بۇ يەردە ئۈچ كۈن تۇرۇپ قالغان ئىدى.تۆتىنچى كۈنى سەھەردە تاڭ ئەمدىلا سۈزۈلگەندە سەركەردە نامدار مەرتلەرنى ئەتراپىغا توپلىدى يېڭى سەپەرنى باشلاش ئالدىدا لەشكەر ۋە سەركەردىلەرگە پەندى قىلىپ مۇنداق دېدى:
-ئەمدىكى سەپىرىمىزدە بىز دۇچ كېلىدىغان مۈشكىلات سۇسىز ئىسسىق  قۇملۇقلار.شۇڭا  بىزگە سۇ بىلەن ئوزۇق بەك كۆپ كېرەك بولىدۇ.شۇڭا بارلىق يۈك تاقلىرىڭلارنى مەشەدە قالدۇرۇپ قويۇڭلار.قولۇڭلارغا سۇ،ئوزۇقلۇق ۋە قۇرال يارىقىڭلارنىلا ئېلىۋېلىڭلار.قوشۇن سەردارلىرى ھەر بىرىڭلار يۈزدىن ئۇلاغ تەييارلاپ يېرىمىغا تۇلۇمدا سۇ ۋە يېمەكلىك يۈكلەڭلار،يېرىمىغا ئۇلاغلارغا يەم خەشەك ئارتىڭلار.باشقا ھەرقانداق نەرسىگە قارىماي يولۇڭلارنى راۋان قىلىڭلار،رۇئىندىجنى ئالالىساق ئۆمرۈڭلار بويى خەشلىسەڭلارمۇ تۈگىتەلمىگۈدەك مال-دۇنياغا ئىگە بولىسىلەر.شۇڭا ئازغىنە نەرسىگە تارتىشىپ ئولتۇرماڭلار.
كۈن بېشىغا سارغۇچ چېدىرنى كىيىپ كۈنپېتىش تەرەپ قىزغۇچ گۈلتاشقا ئوخشىغان چاغدا بالىق ئىران پالۋانلىرى ئات تۆگىلەرگە يۈكلەرنى ئارتپ سەپەرگە ھازىرلىنىپ بولۇشتى.قاتتىق ئىسسىق بولىدىغان چۆلدىن كېچىسى ئۆتۈش تولىمۇ ئاقىلانە تاللاش ئىدى.تەييارلىقلار پۈتكەندىن كېيىن شاھ ھەممىدىن بۇرۇن يولغا چۈشتى.لەشكەر سەركەردىلەر ئۇنىڭغا ئەگەشتى.ئاسماندىن تۇرنىلارنىڭ ئاۋازى كەلدى.ئۇلار شەرىق تەرەپتىن ئۇچۇپ كېلىشمەكتە ئىدى. بۇ ھال ئىسفەندىيارغا غەلەت تۇيۇلدى.ئۇ گۇرىگسارنىڭ ‹‹بۇ چۆلدىن قۇشلارمۇ ئۇچۇپ ئۆتەلمەيدۇ››دېگەن بايانىنى ئەسلەپ قالغان ئىدى.ئۇ دەرھال گۇرىگسارغا ئادەم ئەۋەتىپ ئۇنى چاقىرتىپ كەلدى:
-ئەي يالغانچى كاززاپ،سەن ‹‹بۇ مەنزىلدە پەقەت سۇ يوق،ئۇخلاشقىمۇ ئاراملىق يوق›› دېمىگەنمىدىڭ؟! كۆكتە تۇرنىلار بىمالال ئۇچۇشۇپ نەغمە قىلىشىۋاتمامدۇ؟! سەن نىمە ئۈچۈن يالغاننى توقۇپ كۆڭۈللەرگە تەشۋىش سالىسەن؟!
-ئەي شاھىم،بۇ مەنزىلدە پەقەت سۇ يوق ئەمەس.پەقەت ئات ئۇلاغلارنىڭ ھاياتىنى ساقلاپ قالالايدىغان شورلۇق بۇلاقلارلا ئاندا- ساندا ئۇچراپ قالىدۇ.ئۇلاردىن باشقا بىر خىل بۇلاقلارمۇ بار،ئۇلارنىڭ سۈيى پۈتۈنلەي زەھەر بولۇپ ئىچكەن جان ھەرگىز ئامان قالمايدۇ.
شاھ ئۇنى قايتۇرۇۋەتكەندىن كېيىن يارانلىرىغا دېدى:
-مەن گۇرىگسارنىڭ سالاھىيىتىنى ئۇنتۇپتىمەن،ھەممە ئەيىپ ئۆزۈمدە.ئۇ مەن ئۈچۈن ھەم يولداش،ھەم ئەشەددى قىساسكار!
شۇنداق دەپ بولغاندىن كېيىن قوشۇننى باشلاپ سەپەرنى داۋاملاشتۇردى.
بۇ سەپەردە تەڭرى ئۇلارغا داۋاملىق يار بولامدۇ ياكى مۈشكىلات كارامىتىنى كۆرسۈتەمدۇ بۇ تەرىپى تېخى ھەممىگە قاراڭغۇ ئىدى.


قابىلجان

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  239
يازما سانى: 185
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 514
تۆھپە : 0
توردا: 82
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-8

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-18 21:49:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
لەشكەرلەر تۈن كېچىدە يەنە بىر مەنزىل يول يۈردى.تۇيۇقسىز ياش پادىشاھنىڭ قۇلىقىغا ئالدى تەرەپتىن تۆگىنىڭ بوزلىغان ئاۋازى كىرىپ قالدى.  شۇنىڭدىن قارىغاندا  بۇ ئەتراپتا ئۇلاردىن باشقا ئادەملەرمۇ باردەك قىلاتتى.گۇرىگسارنىڭ بايانىچە بولغاندا بۇ ئەتراپتا ئىنىس-جىن بولماسلىقى كېرەك ئىدى.تۆگە ئىگىسىنىڭ كىملىكىگە قىزىققان ئىسفەندىيار مېڭىشنى تېزلەتتى.ئۇ ئىلگىرلەپ كېلىپ ئىگىز يارنىڭ پەس تەرىپىدە بىر دەريانى كۆردى.دەريا لېۋىدىكى يولدا بىر توپ تۆگە كارۋىنى قىلچە خەتەر ھىس قىلماي بەخىراممان يول بېسىپ كېتىۋاتاتتى.دەل شۇ پەيتتە ئىرانلىقلار قوشۇنىنىڭ بىر ئالا تۆگىسى ياردىن غۇلاپ كەتكىلى تاس قالدى.ئىسفەندىيار ئۇنى تۇتۇۋېلىپ بار كۈچىنى ئىشقا سېلىپ يۇقۇرىغا كۆتۈرۈپ خەتەرسىز يەردە قويۇپ قويدى.ئۇنىڭ بۇ قەدەر كۈچلۈكلىكىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن لەشكەر ۋە سەركەردىلەر ئارقا-ئارقىدىن ئاپىرىن ئېيتىشىپ كەتتى.لېكىن شۇ تاپتا شاھنىڭ خىيالى باشقا ئىدى.ئۇ گۇرىگسار تەرىپىدىن ئالدانغانلىقىنى ھىس قىلىپ غەزىپى ئۆرلەۋاتاتتى.شۇڭا پەرمان قىلدى:
-پۇت -قولى زەنجىرلەنگەن گۇرىگسار دەرھال يېنىمغا ئېلىپ كېلىنسۇن!
بۇيرۇق بەجا كەلتۈرۈلدى.شاھ رەقىبىگە يۈزلىنىپ غەزىپى –قاياناپ تېشىۋاتقان ھالەتتە ئۇنى سوراق قىلىشقا باشلىدى:
-ئەي پەس رىياكار،سەن نىمە ئۈچۈن زەھەرلىك يىلاندىنمۇ بەكرەك زەھەرخەندىلىك قىلىسەن؟ سەن بۇ يەر ھەققىدە سۆزلىگىنىڭدە‹‹ سۇ تاپماق بەسى مۈشكۈل،كۈچلۈك قۇياش تەپتىدىن ھەممە نەرسە كۆيۈپ كېتىدۇ.››دېمىگەنمىدىڭ؟! يالغان سۆز بىلەن قورىققاق سېلىپ قوشۇنىمىزنى ھالاكەت يولىغا باشلىماقچىمىدىڭ؟!
-سەن ماڭا ياخشى مۇئامىلە قىلمىدىڭ،شۇنچە يول كۆرسۈتۈپ خەتەرلەردىن ئالدىن بىشارەت بېرىپ زەپەر قازىنىشىڭ ئۈچۈن ياردەمدە بولسام مۇكاپاتلىماقتا يوق ئېغىر زەنجىر- كىشەنلەر بىلەن پۇت قوللىرىمنى باغلاپ قەبىھ دۈشمەنگە قىلىدىغان مۇئامىلە بىلەن خارلاپ ئۆزۈڭگە دۈشمەن قىلىۋالدىڭ.شۇڭا ئەمدى سېنىڭ غەلىبە قىلىشىڭنى ئەمەس مەغلۇپ بولۇشۇڭنى،ئامەتكە ئەمەس ئاپەتكە يولۇقىشىڭنى ئارزۇ قىلىدىغان بولۇپ قالدىم.شۇ تاپتا سەن كۈلسەڭ مەن يىغلايمەن،سەن يىغلىساڭ مەن كۈلىمەن!
-ئەي ئەقىلسىز بەدبەخت،ئۇخلىماي چۈش كۆرۈپسەن.ئەشۇ قىلمىشلىرىڭ ۋە ئەدەپسىز سۆزلىرىڭ ئۈچۈن شۇ تاپتا  سېنى بىر قىلىچ بىلەنلا چېپىپ تاشلاپ  يوقلۇق دۇنياسىغا يوللاپ قويسام تېگىشلىك  مۇكاپاتىڭنى ئالغان بولاتتىڭ.لېكىن خەير،سەن قىلغاننى مەن قىلماي،يامانلىقىڭغا ياخشىلىق قايتۇراي.سېنى ئامان ئېسەن رۇئىندىجغا ئېلىپ باراي.ئۇ يەرنى ئالغاندىن كېيىن سېنى ئۇ قەلئەگە پادىشاھ  قىلىپ تەيىنلەپ قالدۇراي.لېكىن بۇنىڭ ئۈچۈن سەن ماڭا چىن نىيىتىڭ بىلەن ئىتائەت قىلىشىڭ،راست سۆزلىشىڭ كېرەك.
گۇرىەسار باشتىكى سۆزىنى ئېيتقاندا ياشاشتىن ئۈمىدىنى پۈتۈنلەي ئۈزۈپ ئۆلۈم يولىنى تاللىۋالغان،تېزراق ئۆلۈشنى خالاپ قالغان ئىدى.شاھنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ ھەيران قالدى.ياشاشقا بولغان ئۈمىدى كۈچەيدى.شۇڭا شۇئان يەرگە يىقىلىپ يەر ئۇپۇپ تۇرۇپ ئەپۇ سورىدى.شاھ ئۇنىڭ گۇناھىدىن ئۆتۈپ  مۇنداق دېدى:
-بولۇر ئىش بولدى.سېنىڭ سۆزۈڭدىن تۇپراق سۇغا ئۆزگۈرۈپ كەتكىنى يوق.ھەممە نەرسە ئۆز پېتى.مەن ساڭا گۇناھىڭنى يۇيۇش پۇرسىتى بېرەي،مۇشۇ ئالدىمىزدىكى دەريانىڭ كېچىكى نەدە؟!
-تۆمۈر سۇدا لەيلىمەس،نەيزىلىك ھاۋادا پەرۋاز ئېتەلمەس.ئەگەر دەيادىن ئوڭۇشلۇق ئۆتۈشنى ئىستىسەڭ پۇت قولۇمنى زەنجىر كىشەندىن ئازاد قىلغىن.شۇندىلا سىلەر دەريادىن خۇددى سەيلىچىلەردەك ئاسانلا ئۆتەلەيسىلەر.


قابىلجان

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  239
يازما سانى: 185
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 514
تۆھپە : 0
توردا: 82
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-8

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-20 00:54:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىسفەندىيار بۇ سۆزنى ئاڭلاپ ھەيران بولدى.ئىچىدە قىلغان ئىشىغا خېلى ئۆكۈندى.شۇڭا خىزمەتچىلەرگە دەرھال كىشەننى يېشىۋېتىشنى بۇيرۇدى.كېيىن گۇرىگسارغىمۇ بىر ئات بېرىلدى.ئۇ ئاتنى مىنىپ ھەممىنىڭ ئالدىدا دەريا تەرەپكە يول باشلاپ ماڭدى.دەريانىڭ سۈيى تېيىزرەك، كېچىك قىلىشقا مۇۋاپىق كېلىدىغان يېرىنى ئۇ بىلەتتى.ھەممەيلەن دەريا لېۋىگە كېلىپ بولغاندىن كېيىن ئۇنىڭ ئۆگىتىشى شاھنىڭ پەرمان بېرىشى بىلەن نۇرغۇن تۇلۇم تەييارلىنىپ يەل بېرىلدى. تۇلۇملار بارلىق ئاتلارنىڭ ئىككى تەرىپىگە بىردىن باغلىنىپ ئاتلار سۇغا كىرگەندە چۆكۈپ كېتىشنىڭ ئالدى ئېلىندى.بۇ چارە كارغا كېلىپ پۈتۈن قوشۇن دەريادىن ئامان- ئېسەن ئۆتۈپ قىلچە زىيان كۆرۈلمىدى.
قوشۇن دەريادىن ئۆتۈپ بولغاندىن كېيىن ئوڭ سول ئىككى قانات  بولۇپ سەپ تۈزۈشتى.ئاندىن داۋاملىق ئىلگىرلەپ مېڭىپ رۇئىندىجغا ئون پەرسەڭ ئارىلىق قالغانغا قەدەر يېقىنلاپ كېلىشتى.ئۇلار شۇ يەردە توختاپ  ئارام ئالغاچ تاماق قىلىپ يېيىشتى.ئىسفەندىيارمۇ ئۇلار بىلەن بىرگە ئولتۇرۇپ غىزالانغاچ خىزمەتكارلاردىن مەي تەلەپ قىلدى.كېيىن قىلىچ كەلتۈرۈشنىمۇ بۇيرۇدى.يەنە پەرمان بېرىپ  ساۋۇت قالقانمۇ ئەكەلدۈردى.ئۇ نەرسىلەر تەل بولۇپ بولغاندىن كېيىن گۇرىگسارنى يېنىغا چاقىرتتى.ئۇ كەلگەندىن كېيىن ئۇنىڭغا بۇندىن كېيىن قىلماقچى بولغان ئىشلىرىنى سۆزلەپ مۇنداق دېدى:
-ئەي گۇرىگسار،سېنىڭ يول باشلىشىڭ بىلەن بىز بۇ يەرگە ئوڭۇشلۇق يېتىپ كېلىپ خەۋىپتىن خالاس بولدۇق.بۇنىڭ ئۈچۈن سەن راست سۆزلىشىڭ كېرەك ئىدى.مەن ئەمدى ئەجەسىپنى ئۆلتۈرۈپ بېشىنى كېسىپ لۇخرەسىپنىڭ روھىنى شادىمان قىلىمەن.كوھراممۇ فەرشىۋەردنىڭ قېنىنى تۆكۈپ قوشۇنىمىزنىڭ قەلبىنى خۇن قىلغان ئىدى.ئۇندىن باشقا ئەندەرمانمۇ  ئوتتۇز ئىككى نەپەر ئەزىز شاھزادىمىزنى ئۆلتۈرۈپ  ھەممىمزنى قاڭغىر قاخشاتقان ئىدى.ئۇلار شۇ قېتىمقى جەڭدە غالىپ كەلگەن بولسىمۇ لېكىن ھازىرغىچە  قەلبىمىزدە بۇ قىساسنىڭ ئوتلىرى بىر كۈنمۇ ئۆچۈپ قالغىنى يوق.مەن بۇ قېتىمقى جەڭدە باتۇرلۇق كېرەك بولغان يەردە باتۇرلۇقنى،نەيرەڭ كېرەك بولغان يەردە تۈرلۈك ھىيلە- نەيرەڭلەرنى ئىشقا سېلىپ  ئۇلارنىڭ بېشىنى چوقۇم بىر بىرلەپ  كېسىپ قىساسىمىزنى ئاشۇرۇپ ئالىمەن.ئۇلار كىرىشكە تېگىشلىك  گۆرلەرنىڭ ئاغزىنى شىر كەبى ئېچىپ ،ئەجدىھا كەبى دەم تارتقۇزۇپ ئۆلۈمنىڭ تەمىنى تېتىتقۇزىمەن.زايە كەتمەس ئوقلىرىم بىلەن جىگەرلىرىنى بىر -بىرلەپ تېشىپ كاۋاپ قىلىپ ئىتلارغا تاشلاپ بېرىمەن.خوتۇن بالىلىرىنى ئەسىر قىلىپ ئېلىپ كېتىپ ئات ئىشەكتەك ئىشلىتىمەن.مېنىڭ بۇ ئىشلىرىم ئېھتىمال ساڭا ياقماسلىقى،ۋەتەنداشلىرىڭ ئۈچۈن ماڭا غۇم ساقلاپ ئاداۋەت تۇتۇشۇڭ مۈمكىن،ياكى مەن بىلەن بىر نىيەتتە بولۇپ قازانغان غەلىبەمدىن تەڭ خۇشال بولامسەن؟ قىلچە يوشۇرماي ئويلىغانلىرىڭنى ئېيت!.
داۋامى يېزىلىۋاتىدۇ

قابىلجان

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  239
يازما سانى: 185
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 514
تۆھپە : 0
توردا: 82
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-8

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-20 01:28:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ سۆزلەردىن گۇرىگسارنىڭ دىلى قىسىلدى.ئەقىلسىزلىك قىلىپ تىلدا باتۇرلۇق قىلدى:
-سەن قىساسنى دەپ شۇنچە كىشىلەرنى خار قىلماق بولساڭ پەرۋەردىگارنىڭ قوللىشىغا ئېرىشەلمەيسەن.كاشكى دېگەن ئىشلىرىڭنى قىلىشتىن بۇرۇن بەختىڭ قارايسا،يامان كويلار تولغان بېشىڭ كېسىلىپ تېنىڭ ئىككى بۆلەك بولۇپ قانغا مىلەنگەن تېنىڭ تۇپراق ئۆزرە خار ئېتىلسە مۇراد نەقسىدىمگە يېتەتتىم.
بۇنداق سۆز ھەرقانچە كەڭ قۇرساق، سەۋرىچان ئادەمنىمۇ دەرھال  تېرىكتۈرۈپ غەزىپىنى چېكىگە يەتكۈزىۋېتەتتى.شۇنداق تۇرسا ئىسفەندىيار تاقەت قىلالايتتىمۇ؟! شۇنداق غەزىپى كەلدىكى كۆزلىرىدىن نەپرەت ئۇچقۇنلىرى چاچراپ  يۈزلىرى شۇئان قارىيىپ كەتتى.ئارتۇقچە بىرەر ئېغىز گەپمۇ قىلىپ يۈرمەستىن يېنىدىن شەمشىرىنى سۇغۇرىۋېلىپ شارتلا قىلىپ كالسىنى كېسىپ تاشلىدى.گۇرىگسارنىڭ سۆزى ئاخىرلىشىپ شاھ ئۇنىڭ بېشىنى كېسىپ تاشلىغۇچە ئارىلىقتا بىر نەپەس ئالغۇچىلىكمۇ ۋاقىت ئۆتمىگەن ئىدى.‹‹تىلىسەڭ تاپارسەن›› دېگەندەك غەزىپى كۈچلۈك، چاچقۇن ياش پادىشاھنىڭ يۈزىدىن يۈزىگە ئۆلۈمىنى تىلەپ  بەد دۇئا قىلغانلىق ئەلۋەتتە ئۆزىگە ئۆزى ئۆلۈم تىلىگەن بىلەن باراۋەر ئىدى.كاللا شۇنداق تېز كېسىلىپ يەرگە پوككىدە چۈشۈپ ئۆزى توپىغا مىلىنىپ بىردەم دومىلاپ ئاندىن توختىدى.شۇندىمۇ غەزىپى بېسىلمىغان شاھ ئۇنىڭ كۆكسىگىمۇ شەمشەر ئۇرۇپ گەۋدىسىنىمۇ ئىككى بۆلەك قىلىۋەتتى. ئاندىن خىزمەتچىلەرگە بۇيرۇپ  جەسىدىنى دەرياغا تاشلاتقۇزۇۋەتتى.ئارقىدىن بېلىگە كەمەر باغلاپ ئېتىغا سەكرەپ مىندى.ئات بىلەن ئىگىز بىر يەرگە چىقىپ قەلئەگە يىراقتىن نەزەر تاشلىدى.بۇ قەلئەنى تۆمۈردەك مەزمۇت سېپىل زىچ ئوراپ تۇراتتى.ئۇنىڭ ئىگىزلىكى ئۈچ پەرسەڭ ،ئۇزۇنلىقى بولسا قىرىق پەرسەڭ كېلەتتى.سېپىل ئۈستىدىمۇ تۆت سەپ  چەۋەندازلار كېچە- كۈندۈز قاتتىق مۇھاپىزەت قىلىپ تۇرۇۋاتقان بولغاچقا ئۈستىدىن قۇشلارمۇ ئەركىن پەرۋاز قىلىپ ئۆتەلمەس ئىدى.

قابىلجان

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  239
يازما سانى: 185
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 514
تۆھپە : 0
توردا: 82
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-8

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-21 01:24:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ قەلئەنىڭ قۇرۇلمىسى ھەقىقەتەن بىر مۆجىزە ئىدى.كۈچ ھەم باتۇرلۇققا تايىنىپ قاراملىق بىلەن جەڭ قىلغاندا يۈز لەك لەشكەر بىلەنمۇ بۇ قەلئەنى ئېلىش مۈمكىن ئەمەس ئىدى.قانداق قىلىش كېرەك؟! ئىسفەندىيارنىڭ بېشى راسا قاتتى. ئالدىنى  ئوت تېغىدەك توسۇپ تۇرغان بۇ مۈشكۈلچىلىك تۈپەيلى روھى چۈشۈپ ئۆزىگە ئۆزى دېدى:
-ئەلھال بۇ قەلئەنى ئالماق بەسى مۈشكۈل ئىكەن.مېنىڭ تەلىيىم كاژ ئوخشىمامدۇ؟ بۇ مېنىڭ يامانلىقىم،قىلغان گۇناھلىرىم ئۈچۈن بېرىلگەن جازامۇ؟ شۇنچىلا قىلغان جەڭلىرىم،بۇ يەرگە كەلگۈچە تارتقان مۇشەققەتلىرىم بىكار بولۇپ كېتەرمۇ؟!ئەجەپ بىر ئىلاجىسىز قىسمەتكە دۇچار بولۇپ قالدىما !
ئۇ ئامال ئىزدەپ قەلئە ئەتراپىدىكى چەكسىز كەتكەن چۆل دەشتكە كۆز يۈگۈرتىۋېتىپ ئۇ يەردە ئاتلىق يۈرگەن ئىككى تۈر*ۈككە كۆزى چۈشۈپ قالدى.ئۇلار بىلەن بىللە تۆت ئىت چېپىپ يۈرەتتى.ئۇلار ئوۋ ئوۋلاۋاتقان بولۇپ ئىتلار خوجىسى ئاتقان ئولجىلارنى چېپىپ بېرىپ چىشلەپ ئېلىپ كېلىپ  ئاتقۇچىنىڭ ئالدىغا تاشلايتتى.
بۇلار ئىسفەندىيار ئۈچۈن ئۆز ئايىقى بىلەن كەلگەن يېڭى يول باشلىغۇچى ئىدى.ئۇلارنىڭ مۇشۇنداق مۈشكۈل پەيتتە ئۇچرىشى تەڭرىنىڭ ئۇنىڭغا كۆرسەتكەن شەپقىتى ئىدى.ياش شاھ بۇ تەييار ‹‹ئوۋ››لارنى ئوۋلاش ئۈچۈن ئىگىزدىن پەسكە چۈشۈپ ئېتىنى چاپتۇرغىنىچە ئۇلارغا يېقىنلاپ كەلدى. تۈر*ۈك ئوۋچىلار بۇ ناتۇنۇش كىشىنى كۆرۈپ ھەيران بولۇپ تۇرۇپ قېلىشتى.ئىسفەندىيار كېلىپلا ئۈن-تىن چىقارماي  ئۇلارغا ھۇجۇم قىلىپ نەيزىسىنىڭ دەستىسى بىلەن ئۇرۇپ  ھەر ئىككىلىسىنى ئاتتىن موللاق ئاتقۇزدى.ئاندىن ئېتىدىن چۈشۈپ ھەر ئىككىلىسىنىڭ ياقىسىدىن تۇتۇپ ئىككى قولىدا بىردىن ئىككى توشقاننى كۆتۈرگەندەك تەڭلا يۇقۇرىغا كۆتۈردى. تۈر*ۈكلەر بۇ ھالدىن قاتتىق قورقۇپ لاغىلداپ تىترەيتتى.ئىسفەندىيار ئۇلارنى پەسكە چۈشۈرمەستىن تۇرۇپ شۇ ھالەتتە سوراق قىلىشقا باشلىدى:
-مەن سىلەردىن بىرنەچچە سۇئال سورايمەن،سۇئالىمغا راستچىللىق بىلەن جاۋاپ بېرىڭلار.راسدتچىللىق بىلەن جاۋاپ بېرىپ مېنى قانائەتلەندۈرسەڭلەر سىلەرنى قويۇۋېتىپلا قالماي جىق مۇكاپات بېرىپ دۇنيادىن بىھاجەت قىلىمەن.يالغان سۆزلەپ ئالدىماقچى توزاق قۇرماقچى بولساڭلار  ئازاپلاپ ئۆلتۈرىمەن.ئۇرۇق جەمەتىڭلارنىمۇ ئامان قويمايمەن.
داۋامى يېزىلىۋاتىدۇ

قابىلجان

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  239
يازما سانى: 185
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 514
تۆھپە : 0
توردا: 82
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-8

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-21 02:24:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
-رەھىم قىلىڭ،رەھىم قىلىڭ پالۋان،بىز ھەر ئىككىلىمىز ھىچكىشىگە زىيىنىمىز تەگمەيدىغان  مۆمىن پۇقرالاردىن،بىزنىڭ قولىمىزدىن ئوۋچىلىقتىن باشقا ھىچ ئىش كەلمەيدۇ.نىمىنى سورىسىڭىز سوراڭ،پەقەت بىز بىلىدىغانلا ئىش بولسا قىلچە يوشۇرماي دەپ بېرىمىز.بۇنىڭ ئۈچۈن بىزگە بىرنىمە بەرمىسىڭىزمۇ بولىدۇ.پەقەت ئەرزىمەس جېنىمىزنى ئامان قويسىڭىزلا بىز شۇنىڭغا خوش.
-ئەمىسە قىلچە يوشۇماي راستىنى ئېيتىش! ئالدىمىزدىكى بۇ كۆركەم قەلئە زادى قانداق يەر؟ ئىچىدە قانچىلىك لەشكىرى بار؟ لەشكەلىرىنىڭ قانچىسى ئاتلىق لەشكەر؟
-بۇ قەلئەنى رۇئىندىج قەلئەسى دەيدۇ.پادىشاھىنىڭ ئىسمى ئەرجەسىپ.بۇ قەلئە شۇنداق مەزمۇتكى تاملىرىنى تۆمۈردىن دېسەك ئارتۇق كەتمەيدۇ.سېپىلىنىڭ تېمى بەكلا ئىگىز بولۇپلا قالماي ئېنىمۇ بەكلا كەڭرى.بۇ قەلئەنىڭ دائىرىسىمۇ شۇنچىلىك چوڭكى بىر يېقى بۈيۈك چىنغا،يەنە بىر يېقى ئىرانغا تۇتۇشىدۇ.ھەر ئىككى تەرەپكە قارىتىپ ئېچىلغان دەرۋازىسى بار.بىلىشىمىزچە قەلئە ئىچىدە يۈزمىڭ نەيزىدار لەشكەر بار.ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ بىردىن ياخشى ئېتى،ئۆتكۈر قۇرال- ياراقلىرى بار.ئۇلار ھەممىسى قاتتىق مەشىق كۆرگەن نامدار پالۋانلار بولۇپ، چەۋەندازلىقتىن تولۇق  خەۋىرى بار.بۇ لەشكەرلەر بىر نىيەت- بىر مەقسەدتە بولۇپ شاھى ئەرجەسىپكە  قۇل كەبى خىزمەت قىلىدۇ.ئەرجەسىپنىڭ ھەر بىر ئېغىز سۆزى ئۇلار ئۈچۈن مۇقەددەس قانۇن.بۇ قەلئەدە ئاشلىق بەكمۇ  كۆپ ،بارلىق  لەشكەر ۋە پۇقرانىڭ يەتتە- سەككىز يىل يېيىشىگە  يېتىدۇ.ئۇلاردىن تاشقىرى تېخى يەنچىلمەي باشاقلىرى بىلەن ساقلىنىۋاتقان ئاشلىقلىرىمۇ ناھايىتى كۆپ بولۇپ بۇلارمۇ  تەخمىنەن 4-5 يىل يېيىشىگە يېتىدۇ.شۇڭا شۇنداق كېسىپ ئېيتالايمىزكى، شاھ شەھەرنىڭ  ھەر ئىككى دەرۋاسزىسىنى تاقىۋېلىپ 8-10 يىل بىكىنىپ  ياشىسىمۇ ئەل پۇقراسىنى توق باياشات بېقىپ كېتەلەيدۇ.ئەرجەسىپنىڭ چىن ۋە ماچىن بىلەن بولغان دوستانە مۇناسىۋىىتىمۇ بەك قويۇق.ئەگەر ئۇرۇش بولۇپ قېلىپ شاھنىڭ بېشىغا كۈن چۈشسە بۇ قوشنىلىرىغا ئېغىز ئېچىپ ياردەم سورايدىغانلا بولسا ھەر بىرى جەڭ مەيدانىدا لاچىندەك پەرۋاز قىلىپ جەڭ قىلالايدىغان ئاتلىق لەشكەردىن يۈزمىڭدىن لەشكەر ئەۋەتىپ ياردەم بېرىدۇ.شۇڭا ئەل دېيىشىدۇكى بۇ قەلئەنى ئېلىش  مۈمكىن ئەمەس.
ئىسفەندىيار بۇلارنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ تەشۋىشى تېخىمۇ ئاشتى.بۇلارنىڭ جاۋابى ئۇنىڭ  كۈتكەن يەردىن چىقمىغان ئىدى.قەلئە ھەققىدىكى بۇ خىل تەرىپ سۆزلەر بەكمۇ ئوچۇق بايان قىلىنغان بولۇپ لەشكەرلەر ئارسىغا تارقاپ كېتىدىغان بولسا يەنە بىر قېتىم داۋالغۇش پەيدا قىلىشى،لەشكەرلەر ئارىسىدىن جەڭ قىلىشنى خالىماي يۇرتقا قايتىشنى تەشەببۇس قىلىدىىغانلار كۆپلەپ چىقىپ قوشۇننىڭ جەڭگىۋارلىقىغا ئېغىرتەسىر كۆرسۈتەتتى.شۇڭا ئىسفەندىيار بۇ ئىككى تۈر*ۈكنى ئۆلتۈرۈۋېتىشنى قارار قىلىپ ھەر ئىككى بىچارىنى شۇ يەردىلا بىگۇناھ  چېپىپ تاشلىدى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   qabiljan2004 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-25 00:43  


قابىلجان

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  239
يازما سانى: 185
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 514
تۆھپە : 0
توردا: 82
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-8

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-25 00:41:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

قوشۇمچە

ئىسفەندىيار چېدىرىغا كىرگەن ھامان ئۇ يەرگە قەدىردان كىشىلىرى توپلاشتى.ئۇلار بىرلىكتە قەلئەنى قانداق ئېلىش ئىشى ئۈستىدە خېلى بىر ھازا كېڭەش ئۆتكۈزدى.كېڭەشتە خېلى پايدىلىق پىكىرلەر چۈشكەن بولسىمۇ لېكىن پىكىردە بىرلىككە كېلىنمىدى.كېيىن يارانلەر بەشۈتەن بىلەن ياش شاھنى يالغۇز قالدۇرۇپ  چۈشكىنىگە قايتىشتى.ئىككىيلەن كېڭەشنى داۋاملاشتۇردى.ئىسفەندىيارنىڭ سۆزى:

-بىز قەلئەنى ئېلىش ئۈچۈن كۆپ يىل ئۇرۇش قىلساقمۇ ئۇنى ئالمىقىمىز تەستەك قىلىدۇ.ئۇ تولىمۇ ئىگىز ۋە مەزمۇت قەلئە ئىكەن.ئۇنى كۈچ بىلەن ئېلىشتىن ئۈمىد بولمىغاچقا ياۋغا قارشى ھىيلە ئىشلىتىپ باقايمىكىن دەيمەن.سەن بۇ يەردە لەشكەلەر بىلەن يەنە  پەيت كۈتۈپ تۇرۇپ گېزى كەلگەندەلەشكەرلەرنى باشلاپ بېرىپ ماڭا ماسلىشىپ جەڭ قىلىسەن.شۇ ۋاقىتقىچە كېچە كۈندۈز ھۇشيار بولۇپ خەۋىرىمنى كۈت،لەشكەرلەرنى ئاسرا.سەركەردە دېگەن -باتۇرلۇق كېرەك بولغاندا باتۇرلۇق،ھىيلە كېرەك بولغاندا ھىيلە –مىكىر ئىشلىتەلەيدىغان،باتۇر، قورقۇمسىز،گېزى كەلگەندە شىر -يولۋاس ھەتتا لەھەڭدىنمۇ قورىقمايدىغان،جەڭ پەيتلىرى توپ –توپ دۈشمەنلەر ئارا  ئەتراپىدا ھىچقانچە دۈشمەن يوقتەك يۈرەكلىك جەڭ قىلالايدىغان،سكزمەنلىك كېرەك بولغاندا ناتىقلىق ماھارىتىنى ئىشلىتىپ ئەتراپىدىكىلەرنى يېتەكلىىيەلەيدىغان بولۇشى كېرەك. پەقەت مانا  شۇنداق زاتلارلا مۆتىۋەر بولاللايدۇ،شاھلىق مەرتىۋىسىگە كۆتۈرۈلەلەيدۇ.مېنىڭ پىلانىم شۇكى سودىگەر لىباسىنى كىيىپ سودىگەر قىياپىتىدە قەلئەگە كىرىمەن.ئۇندا سودا سېتىق بىلەن شۇغۇللانغاچ پەيت كۈتۈپ ھۇجۇم باشلايمەن.سەن مەندىن بەلگە نىشان ئالغان ھامان لەشكەرلەرنى تېزدىن ئېلىپ بېرىپ ماڭا سىرتتىن ماسلشىشىڭ كېرەك. لەشكەرلەر ئالدىغا ياساۋۇل قويغىل،مەندىن خەۋەر بىلمەككە ،پەيت كۈتمەككە كېچە -كۈندۈز ھۇشيار بولغىن. مەن كۈندۈزى قويۇق تۈتۈن بىلەن،كېچىدە قۇياش كەبى گۈلخان يېقىپ ئوت يالقۇنى بىلەن بەلگە بېرىمەن.شۇ بەلگە مېنىڭ ياردەمگە لەشكەر چاقىرغىنىم بولىدۇ.شۇ ھامان لەشكەرلەر قۇرال ياراقلىرىنى تەقلەپ يۈرۈش باشلىمىقى،ماڭا ياردەمدە بولمىقى زۆرۈر.مانا شۇ پەيتتە سەن مېنىڭ بايرىقىمنى كۆتۈرۈپ پۈتۈن قوشۇننى باشقۇرۇپ  ناھايىتى تېز سۈرئەت بىلەن يۈرۈش باشلايسەن،قىلچە سۇسلۇق قىلمايسەن.مانا شۇ كۈنى ئۆكۈز باش گۈرزىنى كۆتۈرۈپ شۇنداق جەڭ قىلغىنكى، مەن سەندىن پەخىرلىنەي. دۈشمەن ئۈستىدىن زەپەر قۇچۇپ تىلەككە يېتەي.

شۇندىن كېيىن ئىسفەندىيار لەشكەر باشلىقلىرىنى چاقىرىپ ئۇلارغا پەرمان چۈشۈردى:

-ياخشى تۆگىدىن يۈزنى كەلتۈرۈڭلار،ئۇنىڭغا سودىگەرلەرگە خاس،چەت يەرلەرگە ماس  ئىسىل ماللاردىن يۈكلەپ تەييار قىلىڭلار.بۇ ماللار بۇ قېتىمقى سەپىرىمدە مەدەتكار بولغۇسى!

ئون تۆگىگە دىنار ئارتىلدى.بەشىگە ئىسىل قىممەتلىك تاشلارقاچىلانغان ساندۇقلار ئارتىلدى.يەنە بىرىگە ئالتۇن بىلەن ئالىپتە تاجلارنى يۈكلىدى.ئۇلاردىن باشقا سەكسەن جۈپ ساندۇق كەلتۈرۈلدى.ھەممىسىگە سىرلىق قۇلۇپ سېلىندى.بۇ بىر يۈزئاتمىش ساندۇقتا باتۇر، خىل ئەزىمەتلەردىن بىر يۈز ئاتمىشى جىددى پەيتتە ھەمدەم بولماق ئۈچۈن  يوشۇرۇنۇپ يېتىشتى.بارلىق تەييارلىقلار پۈتكەندىن كېيىن سودىگەرچە ۋەتۆگىچى  خىزمەتكار سىياقىدا  كېيىنگەن 20-30چە كىشى بىلەن كارۋان تەشكىللەپ قەلئەگە قاراپ يولغا چىقتى.


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   qabiljan2004 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-25 00:44  


قابىلجان

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  239
يازما سانى: 185
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 514
تۆھپە : 0
توردا: 82
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-8

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-25 00:41:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىسفەندىيار پۇتىىغا ئاددى كەش،ئۈستىگە بوز كۆڭلەك كىيىپ تىجارەتچى سودىگەر ۋە كارۋان بېشى سىياقىدا ياسىنىپ ھەممىنىڭ ئالدىدا يول باشلاپ ماڭاتتى.بۇ كارۋان گويا ئۇزۇن يوللارنى بېسىپ ھېرىپ ئېچىپ كەلگەندەك ئېغىر قەدەملەر بىلەن قەلئەگە يېقىنلىشىپ كەلدى.قەلئە ئۈستىدىكى كۈزەتچىلەرنىڭ خەۋەر قىلىشى بىلەن قەلئەدىكىلەرمۇ يىراق چەت مەملىكەتتىن كارۋان كەلگەنلىكىدىن خەۋەر تېپىشتى.ئاسمانغا تاقاشقان ئىگىز دەرۋازىلىرىنى مەھكەم تاقاپ بىرەر تال چىۋىن پاشىنىمۇ قەلئە ئىچىگە كىرگۈزمەسلىك ئۈچۈن مەزمۇت ‹‹پولات قورغان›› قۇرىۋالغان رۇئىندىجلىقلار بۇ قېتىم نىمىشقىدۇر بۇ كارۋان سودىگەرلەرگە كەڭ قوللۇق قىلدى. ئەرجەسىپ مەلۇمچىنىڭ دوكلاتىنى ئاڭلاپ ‹‹راستىنلا ماللىرى كۆپ سودىگەرلەر كەلگەن ئوخشايدۇ›› دەپ ئويلاپ قالدى شۇڭا  ئۇلارنىڭ ماللىرىغا قىزىقىپ قەلئەگە كىرگۈزۈشكە ئەمىر بەردى.
تەلىيى ئوڭ كەلگەن ‹‹كارۋان››  قەلئەگە ئوڭۇشلۇق كىرىۋالغاندىن كېيىن قەلئەنىڭ ئەڭ ئاۋات يېرىدىكى سارايلاردىن بىرىگە كېلىپ چۈشتى.ئارىدىن بىر كۈنمۇ ئۆتمەي بۇ كارۋان ھەققىدىكى خەۋەر قىزىق نوقتا بولۇپ قەلئەنىڭ ھەممىلا يېرىگە تارقاپ كەتتى.ئۇزۇن يىللاردىن بېرى سىرت بىلەن ئالاقە قىلالاماي  بىكىنمە ھالەتتە ياشاپ كېلىۋاتقان رۇئىندىجلىقلار بۇ كارۋاننىڭ زادى قانداق ئىسىل ماللارنى ئېلىپ كەلگەنلىكىگە بەكمۇ قىزىققان ئىدى.شۇڭا بەس بەستە كېلىپ  سارايۋەندىن  سۇئال سورىشاتتى.
-بۇ كارۋاننىڭ قانداق ماللىرى بارئىكەن؟
-يىراقتىن كەلگەن بۇ سودىگەر دىنارغا دىرھەم تېگىشەمدىكەن؟
-بو سودىگەرنىڭ قانداق ئىسىل گەزماللىرى بار ئىكەن؟
سارايۋەن  ئۇلانىڭ سۇئاللىرىغا جاۋاپ بېرىپ بولالماي ھېرىپ كېتەتتى.
خەلق سېتىۋېلىشقا ئالدىرىغان بىلەن ئىسفەندىيار سېتىشقا  ئالدىرىمايۋاتاتتى.ئۇ ساريۋەننىڭ سۈيلەشلىرىگە جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دېدى:
-مەن سودا باشلاشتىن بۇرۇن پادىشاھ بىلەن كۆرۈشمىكىم لازىم.مەن ئالدى بىلەن ماللىرىمنى شاھقا كۆرسۈتەي،ھوزۇرىغا كىرىشكە رۇخسەت قىلسا كىرىپ زىيارەت قىلىپ تازىم بەجا كەلتۈرەي.
‹‹سودىگەر››نىڭ تەلىپى شاھقا يەتكۈزۈلدى.شاھ ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈشكە خۇشاللىق بىلەن ماقۇل بولدى.ئۇمۇ ‹‹سودىگەر››نىڭ ماللىرىغا قىزىقىپ قالغان ئىدى. ‹‹سودىگەر››بىرنەچچە تۆگىگە ئەڭ ئىسىل ماللىرىدىن تاللاپ يۈكلىدى.ئۇندىن باشقا بىر مەخسۇس تاۋاقنى قولىدا كۆتۈرۈپ ماڭدى.بۇ تاۋاققا كەم تېپىلىدىغان چوغسىمان دۇر گۆھەرلەر لىققىدە تىزىلغان ئىدى.

داۋامى يېزىلىۋاتىدۇ

قابىلجان

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  239
يازما سانى: 185
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 514
تۆھپە : 0
توردا: 82
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-8

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-25 01:25:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سوغاتلار ئىچىدە ياقۇت،گۆھەركۆزلۈك  ئالتۇن ئۈزۈك،قاشتېشى،قاتارلىق ئىسىل تاشلار مۈشكى ئەبنبەرگە ئوىشاش قىممەتلىك خۇشبۇي ماتېرياللار بار ئىدى ئۇلاردىن باشقا چىن چەكمەنلىرىدىن ئون تاي مالمۇ ئېلىپ كېلىنگەن ئىدى.
ئىسفەندىيار ئەرجەسىپنى كۆرگەندىن كېيىن ئۇنىڭغا خوشامەت قىلغان بولۇپ ئۈستىگە ئايىماي دىنار چاچتى ۋە شىرىن سۆزلەر بىلەن شاھنى تەرىپلەپ مەقسىدىنى ئىزھار قىلدى:
-ئەي دانىشمەن ھۆكۈمدار،مەن شۇ تاپ ھوزۇرۇڭغا شەپقىتىڭنى سوراپ كەلدىم.مەن بولسام ئىراندىن كەلگەن ئاددى بىر سودىگەر،ئانام ئىرانلىق،ئاتام بولسا تۈر*ۈك.شۇڭا ئىران بىلەن تۇران ئوتتۇرىسىدا قاتناپ سودا قىلىمەن.تۇراندىن مال سېتىۋالسام ئىرانغا ئاپىرىپ،ئىراندىن مال سېتىۋالسام تۇرانغا ئەكىلىپ سېتىپ پايدا تېپىپ قان باقىمەن.تېخى بەزىدە كارۋاندىكى يىگىتلەر بىلەن ئادەمسىز چۆلللەگە چۈشۈپ سەپەر قىلىپ يىراق مەملىكەتلەرگىمۇ بېرىپ سودا سېتىق بىلەن شۇغۇللانغاچ جاھان كۆرىمەن.مېنىڭ دۇنيالىقتا بار يوقۇم ئەشۈ يۈز نەچچە تۆگىلىك تۆگە كارۋىنىدۇر.ئېلىپ ساتىدىغان ماللىرىم قىممەتلىك گۆھەر تاشلار بىلەن ئىسىل گەزلىمىلەر ۋە ئاياللارغا كېرەكلىك زىب-زىننەتلەر.مەن بۈگۈن ماللىرىم ئىچىدىكى ياراملىقلىرىدىن ئېلىپ كېلىپ نەزىرىڭگە سۇندۇم،ئاز كۆرمەي قوبۇل قىلغايسەن.شۇنداقلا پېقىر قۇلۇڭنىڭ ئازغىنە ئىلتىجاسىغا قۇلاق سالغايسەن.
- رەھمەت ساڭا ئەي سودىگەر،سوۋغاتلىرىڭنى قوبۇل قىلدىم، مەندىن كۈتىدىغان زادى قانداق تەلىپىڭ بار؟
-ئەي شاھىم،قەلئەيىڭلار ناھايىتى بەك قاتتىق قوغدىلىدىكەن.ياتلار ھەرگىزمۇ كىرگۈزۈلمەيدىكەن.پېقىر قۇلۇڭ سېنىڭ ئىلتىپاتىڭغا ئېرىشىپ ئازغىنە ئادىمىم ۋە مېلىم بىلەنلا قەلئەگە كىرەلىدۇق.كارۋىنىمدىكىناھايىتى كۆپ قىممەتلىك ماللار، كارۋان تۆگىلىرىم بىلەن قەلئە سىرتىدا قالدى.ئەگەر پەزلىڭ بىلەن ئالقىنىڭنى كەڭ ئېچىۋەتسەڭ كارۋان تۆگىلىرىمنىڭ ھەممىسى ئۈستىدىكى ماللار بىلەن شەھەرگە كىرسە،مەن ئۇ ماللارنى سېتىپ پۇل قىلىپ بۇندىنمۇ ئارتۇق سوغا –سالاملارنى ئېلىپ كېلىپ  شاھىمنىڭ ماڭا قىلغان ياخشلىقلىرىنى ياندۇرسام دەيمەن.

قابىلجان
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش