ئىسفەندىيارنىڭ يەتتە جاسارىتى(شاھنامە يەتتىنچى بۆلۈم) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  239
يازما سانى: 185
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 514
تۆھپە : 0
توردا: 82
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-8

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-25 09:30:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
-ئەي ياخشى نىيەتلىك سودىگەر، خوپ،تىلىكىڭنى قوبۇل قىلدىم،سەندىن مەرھىمىتىمنى ئايىمايمەن. كارۋاندىكى ماللىرىڭنىڭ ھەممىسىنى قەلئە ئىچىگە دەخلىسىز ئېلىپ كىرىپ سارايغا ئورۇنلاشتۇرۇپ خۇددى ئۆز يۇرتۇڭدىكىدەكلا بىمالال سودا بىلەن شۇغۇللىنىۋەرگىن.شاد خورام بولۇپ خەۋىپ خەتەردىن ئازاد، ئەندىشىسىز ھالەتتە ياشاۋەرگىن. مەن پەرمان چۈشۈرۈپ قويىمەن،ھىچكىم سېنىڭ سوداڭغا زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ.تۇران تۇپرىقىدا ھىچكىم سېنى تاك ئېتىپ چېكەلمەيدۇ.چىن ھەم  ماچىن ساڭا مەدەتكار بوڭلىدۇ.
شاھ يەنە ئايرىم پەرمان چۈشۈرۈپ بۇ‹‹ ئىرانلىق سودىگەر››نىڭ چۈشكۈن قىلىشى ۋە سودا بىلەن شۇغۇللىنىشى ئۈچۈن  ئۆز قەسىرى يېنىدىن كاتتا ساراي ئاجرىتىپ بەردى. ‹‹ سودىگەر››نىڭ چۆلدىكى قالغان كارۋىنى قەلئە ئىچىگە كىرگۈزۈلدى.شاھ پەرمان چۈشۈرگەن بولغاچقا ھىچكىم ئۇلارغا دەخلى قىلىشقا پېتىنالمىدى.ھەتتا ئۇلارنىڭ ئامان ئېسەن كىرىشى ئۈچۈن مەىسۇس قاراۇللار بەلگىلىنىپ مۇھاپىزەت قىلىنغان بولغاچقا ھىچكىم ئۇلارغا يېقىن كېلىشكىمۇ پېتىنالمىدى.شاھ بەلگىلەپ بەرگەن خىزمەتچىلەر تۆگىلەرگە ئاتىلغان يوغان ساندۇقلاردىكى ئېغىر ‹‹مال››لارنى بىر-بىرلەپ تۆگىدىن چۈشۈرۈپ ئىچىدە نىمە بارلىقىنى بىلمەستىن  سارايغا ئەكىرىپ  ئورۇنلاشتۇردى.ھىچكىم بۇ ساندۇقتا نىمىلەر بارلىقنى بىلىشكە سوراشقىمۇ پېتىنالمىغان ئىدى.ئارىدىن قىزىققاقراق چاكارلاردىن بىرى سوراپ قالدى:
-بۇ ساندۇقلار نىمانچە ئېغىر؟ ئىچىدە نىمىلەر باردۇ؟
‹‹ سودىگەر›› جاۋاپ بېرىپ بولغىچە ئۆز ئىچىدىكىلەردىن يەنە بىرى پەرىزىگە ئاساسەنلا جاۋاپ بېرىپ ئۇنىڭ ئاغزىنى تۇۋاقلاپ قويدى:
-شۇنىمۇ بىلمەمسەن، مال- دۇنيا بولمامدۇ؟ مال- دۇنيا دېگەن ئەنە شۇنداق ئېغىر بولىدۇ.
شۇ كۈندىن باشلاپ ئىسفەندىيار ھېلىقى ئىسىل ساراينى گۈلىستانسىمان بېزەپ ئالىپتە دۇكان ئېچىىپ سودا بىلەن شۇغۇللىنىشقا باشلىدى.سودىسى كارامەت قىزىپ كەتتى.
ئارىدىن بىر كۈن ئۆتتى.ئەتىسى سەھەردە سودىگەر خۇش تەبەسسۇم بىلەن ئىككىنچى قېتىم شاھ قەسىرىگە قەدەم تەشرىپ قىلدى.ئۇ ئايۋانغا كىرىپلا شاھقا تازىم قىلىپ پاساھەتلىك سۆزلەر بىلەن مەدھىيەلەر ئوقۇدى.ئاندىن مۇنداق دېدى:
-ئەي شاھىم،يۈك ئاتىلغان كارۋاننى ئىلدام سۈرۈپ شەھەرگە ئېلىپ كىردىم ۋە ئەپلىك ئورۇنلىشىۋالدىم.كارۋاندىكىلەر ئۇزاق سەپەردە ھېرىپ كەتكەچكە ئارام ئېلىۋاتىدۇ.مەن شاھىمغا تەقدىم قىلىش ئۈچۈن ھەر خىل ئىسىل تاج ۋە باشقا ئالتۇن بېزەكلەنى ئېلىپ كەلگەنتىم.ئۇ نەرسىلەر بەك كۆپ بولغاچقا شاھىمنىڭ نەزىرىگە قايسىسى مەنزۇر كېلىشنى بىلەلمەي بۇ يەرگە ئېلىپ كېلەلمىدىم.شۇڭا ئىلتىجايىم شۇكى خەزىندار دۇككىنىمغا بارسا،ئېلىپ كەلگەن ماللىرىمنى كۆرۈپ خەزىنىگە لايىق كېلىدىغانلىرىنى تاللاپ كۆرسۈتۈپ بەرسە،ئۇنىڭ تاللىغانلىرىنى شاھىقمغا سوغا قىلىپ قۇللىقىمنى ۋە رەھمىتىمنى بىلدۈرۈۋالسام دېگەن ئۈمىدتىمەن.ئەلۋەتتە قوبۇل قىلىش قىلماسلىق شاھىمنىڭ ئىخىتىيارىدىكى ئىش.
ئەرجەسىپ بۇ گەپنى ئاڭلاپ ئۇنىڭغا خۇشچىراي مۇئامىلە قىلىپ ماختاپ ئىززەتلىدى.يۇقۇرىغا تەكلىپ قىلىپ ئەزىز مېھمانلار ئولتۇرىدىغان يەردە ئولتۇرغۇزۇپ قەدرىنى قىلدى.ئاندىن ئۇنىڭدىن سوراشقا باشلىدى:


قابىلجان

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  239
يازما سانى: 185
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 514
تۆھپە : 0
توردا: 82
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-8

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-27 10:18:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
-ئىسمىڭ نېمە؟
-ئىسمىم خەرراد،بازىرى ئاۋات ئىرانلىق سەييارە سودىگەر.
-ئەي ئالىيجاناپ زات،بولدى ئۆزرەڭنى دېمىگىن.سەپەردە كۆپ يوللارنى بېسىپ،يول ئازابى تارتىپ  ھېرىپ ئېچىپ كۆپ رىيازەت  چېكىپسەن.بۇندىن كېيىن قاچانلا كەلسەڭ ئىشىكىم سەن ئۈچۈن ھەرۋاقىت ئوچۇق. ياساۋۇلدىن رۇخسەت سوراپ يۈرمەي ئۇدۇللا كىرىۋەرگىن.
كېيىن شاھ ‹‹سودىگەر››دىن يول ئازابى،ئىران، ئىران شاھى،ئىران لەشكەرلىرى قاتارلىقلار ھەققىدە نۇرغۇن سۇئاللارنى سورىدى. ‹‹سودىگەر›› شاھ قانائەتلەنگۈدەك لايىقىدا جاۋاپلارنى بەردى:
-مان سەپەردە يۈرگىلى بەش ئاي بولدى.بۇ ئۇزاق سەپەرلەر جەريانىدا نۇرغۇن يول ئازابى تارتتىم.
-ئىراندا نىمە گەپلەر بولىۋاتىدۇ؟ گۇرىگسار بىلەن ئىسفەندىيارنىڭ يوشۇرۇن توقۇنىشىدا گۇرىگسار يەڭدىمۇ ئىسفەندىيارمۇ؟
-ئەي ئۇلۇغ شەھرىيار،بۇ ھەقتە ھەركىم ھەرخىل گەپلەرنى قىلىشىدۇ.بەزىلەر :‹‹ئىسفەندىيار  ئاتىسى بىلەن ئازارلىشىپ قاپتىمىش،شۇڭا ئۇنىڭغا قارشىمىش، پات يېقىندا ئاتىسىغا قارشى قوزغالماقچىمىش›› دېيىشىدۇ.يەنە بەزىلەر :‹‹ئىسفەندىيار لەشكەر باشلاپ تۇرانغا تەرەپكە  كېلىۋاتقانمىش،يولدا يەتتە جاسارەت كۆرسۈتۈپ باتۇرلۇقىنى نامايەن قىلارمىش،بۇ ئارقىلىق تۇران شاھىغا دەھشەت سالارمىش،تۇرانغا كەلسە قانلىق جەڭلەرنى قىلىپ مەرتلىكتە ئەرجەسىپتىن قىساس ئالارمىش›› دېيىشىدۇ.
بۇ گەپلەرنى ئاڭلىغان ئەرجەسىپ كۈلۈپ كېتىپ مۇنداق دېدى:
-مەن شۇنداق ئەپقاچتى گەپ تاپىدىغان كىشىلەرنى كۆپ كۆرگەن،يالغاننى راستتەك سۆزلەپ ئۆزىگە  قىلچىلىك نۇقسان يۇقتۇرمايدۇ.ئىسفەندىيار يەتتە جاسارەتكە ئۈمىد باغلىغان بىلەن ئۇنىڭدىن مىڭ جېنى بولسىمۇ بۆسۈپ ئۆتەلمەيدۇ.بسۈپ ئۆتۈپ بۇيان كېلەلىگەن تەقدىردىمۇ مەن ئۇنىڭدىن قورقۇپ قالمايمەن.مەن يەتتە مۈشكىلاتتىنمۇ خەتەرلىك.ئەگەر ئۇنىڭ بىلەن بولغان جەڭدە يېڭىلىپ قالغۇدەك بولسام ئىنسان بولماي كېتەي.
‹‹سودىگەر›› بۇ سۆزلەرنى ئاڭلاپ يەر سۆيۈپ تازىم قىلدى.ئاندىن ئەرجەسىپنىڭ باتۇرلۇقى م،ەرتلىكىنى مەدھىيەلەپ ئۇچۇرىدىغان ‹‹كۆڭۈل كۆتۈردى››سۆزلەردىن بىر تالاي قىلىپ ئەرجەسىپتە كىبىر پەيدا قىلىپ  ئۆزىنى بىلەلمىگۈسدەك دەرىجىدە مەغرۇرلاندۇرۇپ قويغاندىن كېيىن خۇشال خورام ھالدا سارايغا قايتتى.دۇكانغا كېلىپ سودا سېتىقنى قىزىتتى.رۇم روماللىرى،چىن چەكمەنلىرى،ئىسىل ماتالارنىڭ بازىرى چىقىپ كەتتى.



قابىلجان

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  239
يازما سانى: 185
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 514
تۆھپە : 0
توردا: 82
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-8

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-1 20:52:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چارچىغان قۇياش كۆكنى تەرك ئەتكەندە خېرىدارلارمۇ دۇكاندىن باش ئېلىپ ئۆيلىرىگە قايتىشىتى.ئىسفەندىيارنىڭ سىڭىللىرى يەلكىسىدە كوزا كۆتۈرۈپ قەسىردىن چىقىشتى ۋە ۋەتىنىدىن بىرەر خەۋەر ئۇقۇشۇش ئۈمىدىدە  ئىرانلىق سودىگەر تامان كېلىشتى.بۇ قىزلار ئەرجەسىپ قەسرىدە كۆپ خورلىنىپ يەتكىچە  ئازاپ تارتقانلىقى ئۈچۈن بەدەنلىرىنىڭ كۆپ يەرلىرى تاياق زەربىدىن كۆكىرىپ ئىششىغان، يۈزلىرى تىلىنغان بولۇپ ،كۆز ئەتراپلىرىدا  ھېلىمۇ كۆكىرىپ ئىششىغان تاياق ئىزلىرى بولۇپ كۆرگۈچى شۇ زامات ‹‹شۇ قەدەر رەنا قىزلارنى ئۇرۇپ خارلاشقا قايسى كۆڭلى قارىنىڭ قولى بارغاندۇ›› دەپ ئۇرغۇچىدىن نەپرەتلىنىشى،قىزلارغا ھىسداشلىق قىلىپ كۆز يېشى قىلىش مۈمكىن ئىدى.ئەھۋال شۇ دەرىجىدە تۇرسا بۇ ھالىنى كۆرۈپ ئاكىسى بولغان ئىسفەندىيار تاقەت قىلىپ تۇرالارمۇ؟! ئۇلارنى تونۇپ دەرھال تونۇشلۇق بېرىپ باغرىغا باسالارمۇ؟ قېنى،ۋەقەنىڭ تەرەققىياتىغا  قاراپ باقايلى؟!
قىزلار ئىسفەندىيارغا يېقىنلىشىپ كەلدى.ئۇلار يۈزلىرىنى رومال بىلەن يېپىۋېلىپ ‹‹خارلىق ئىزلىرى››نى يوشۇرۇۋالغان بولسىمۇ يەنىلا كۆزى ئەتراپىدىكى كۆكلەرنى تولۇق يوشۇرۇپ كېتەلمىگەن ئىدى.ئۇلار يۈزىنى يەڭلىرى بىلەن يوشۇرۇپ تۇرغان بولسىمۇ ئىسفەندىيار بىر قاراپلا تونۇۋالدى.قىزلارغىمۇ بۇ ‹‹سودىگەر›› تونۇش كۆرۈندى.ئىسفەندىيار سىڭىللىرىنىڭ ھالىنى كۆرۈپ يۈرىكى پىچاق بىلەن تىلغاندەك ۋاژىلداپ ئېچىشقان بولسىمۇ لېكىن ھازىرقى پەيتتە ئۆزىنى ئاشكارا قىلىشقا بولمايتتى. ئۇ ئالدىراپلا ئۆزىنى ئاشكارىلاپ قويسا ئەتراپتا سۆڭەك مارىلاپ يۈرگەن ئىتتەك تىمىسقىلاپ يۈرگەن جاسۇسلار سىرنى بىلىپ قالاتتى -دە دەرھال شاھقا مەلۇم  قىلىپ مۇكاپات ئېلىشقا ئالدىراپ ئىشنى بۇزۇپ قوياتتى.شۇڭا ئۆزىنى بېسىۋېلىپ ئۇلارنى تونۇمايدىغان قىياپەتتە  جىم تۇرىۋالدى.قىزلار كېلىپلا ‹‹سودىگەر››دىن يۇرتى ۋە تۇققانلىرى ھەققىدە سوراشقا بالىدى:
-ئەي سودىگەرلەر تاجدارى،كۈنى-تۈنۈڭ شادلىق ئىچىدە بەختىيار ئۆتكەي.شاھلارمۇ تەختى –بەختى بىلەن ئالدىڭدا چېنىپ قۇل بولۇپ ئۆتكەي.بىز سەندىن ئىران ۋە ئىران شاھى ھەققىدە بىرنەچچە سۇئال سورىماقچىمىز،مالال كۆرمەي سۇئاللىرىمىزغا ياخشى جاۋاپلارنى بەرگەن بولساڭ.چۈنكى بىز ئىران شاھىنىڭ تۇراندا تۇتقۇنلۇقتا تۇرۇۋاتقان قىزلىرى بولىمىز.ئىراننىڭ شاۋكەتلىك نامدارى  شاھ گۇشتەسىپنىڭ ئەھۋالى قانداق؟ شاھ ئىسفەندىيارچۇ ؟ ئۇ قانداقراق تۇرۇۋاتىدۇ؟بىز گەرچە شاھ قىزى بولساقمۇ تۇران شاھى ئەرجەسىپ بىزنى ئەسىر قىلىپ كېلىپ ھايۋاننى خارلىغاندەك خارلاپ دەرد- پىراققا گىرىپتار قىلىپ قويدى.
داۋامى يېزىلىۋاتىدۇ.

قابىلجان

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  239
يازما سانى: 185
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 514
تۆھپە : 0
توردا: 82
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-8

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-1 21:51:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىز بۇ يەردە ئاچ- يالىڭاچ قېلىپ دۈشمەن قولىدا خارلىقتا  خىزمەتتە،شاھ ئاتىمىز بولسا يۇرتىدا ئارام راھەتتە.كىيم- كېچىكىمىز يىرتىق،ھالىمىز خاراپ،باغرىمىز كاۋاپ.مۇنداق كۈن كۆرگىچە يۇرتىمىزغا قايتىپ ئەركىن ياشىيالىغان بولساق كىپەن كەيسەكمۇ بىزگە بولاتتى ساۋاپ.كۆزلىرىمىزدىن ھەرقاچان قانلىق ياش ئاقىدۇ.دىلىمىز گىريانلىقتىن زەرداپ يۇتىدۇ.ئەي سودىگەر بىز سېنىڭ كەلگىنىڭنى ئاڭلاپ ۋەتەنداشلىق ھەققىنى يەتكۈزەر دېگەن ئۈمىدتە  مىڭ بىر مۇشەققەتتە قەسىردىن چىقىپ بۇيان كەلدۇق. بىزنىڭ بۇ يەرگە كەلگىنىمىزنى خوجايىن ئۇقسا قاتتىق تاياق يېيىشىمىز ئېنىق. شۇنداقتىمۇ تەۋەككۈل قىلدۇق.سەن بىزنىڭ دەردىمىزگە داۋا بولغىن.خەۋىرىمىزنى شاھ ئاتامغا ياكى ئاكام ئىسفەندىيارغا يەتكۈزۈپ بىزنى قۇتۇلدۇرۇپ كېتىش زۆرۈرلىكىنى بىلدۈرگىن!
ئىسفەندىيار بۇ سۆزلەرنى ئاڭلاپ ئازابى كۈچەيدى.يىغلاپ تاشلىغىلى تاس قالدى شۇنداقتىمۇ ئەقلىنى ئىشقا سېلىپ سىر يوشۇرۇش يۈزىسىدىن ئۆزىنى كەمسىتىدىغان سۆزلەنى قىلدى:
-شۇ شۇم ئىسفەندىيارنىڭ گېپىنى مېنىڭ يېنىمدا قىلماڭلار.ئۇ دېگەن ئادەم ئەمەس بىر نىمە.ئۇ باشقىلارغا ياخشىلىق ئەمەس يامانلىق ئېلىپ كېلىشكىلا يارالغان.سىلەر چوڭ ئۈمىد كۈتىۋاتقان گۇشتەسىبمۇ بەدگەردە بىر نىمە.ئۇنداق پادىغاھ باشقىلارغا شادلىق ئەمەس بەلكى غەم- قايغۇ ئېلىپ كېلىدۇ.مەن شۇ زالىملارنىڭ دەستىدىن ئىراندا سودا سېتىق قىلالماي چەت ئەللەردە سودا سېتىق بىلەن جان ساقلاپ يۈرىۋاتىمەن.شۇڭا مەندىن قولۇمدىن كەلمەيدىغان ئىشنى تەلەپ قىلماڭلار،يۇرتدىشىم دەپ يۈزۈمنى كۆرمەكنىمۇ خىيال قىلماڭلار.مەن بۇ يەرەە رىزىق ئىزدەپ كەلگەن ئىكەنمەن ئۆز رىزقىمنى تېپىپ يىگىلى قويۇڭلار.شاھ ئالدىدا ئاسىي گۇناھكار قىلماڭلار.بولدى ئەمدى كۆپ سۆزلىمەي قايتىپ كېتىڭلار.
ئىسفەندىيار شۇنداق دەپ يۈزىنى قانچە يوشۇرسىمۇ قىزلار ئۇنىڭ ئاۋازىنى تونۇپ قالدى.بۇ ‹‹سودىگەر›› باشقا بىرى ئەمەس دەل ئۇلارنىڭ ئۆز ئاكىسى ئىكەن.ئۇ ھازىر ئۆزىنى يوشۇرۇپ تونۇماس بولىۋالغان بىلەن بۇيان كەلگەن ئىكەن چوقۇم سىڭىللىرىنى قۇتۇلدۇرىدۇ.ئۈمىدۋار بولۇش كېرەك.
قىزلار (ھۇماي بىلەن بىھ ئافەرىد)  ئىسفەندىيارنى تونۇغاندىن كېيىن ئاكىسىنىڭ سىر يوشۇرۇش سەۋەبىنى تۇيۇپ ئارتۇق گەپ قىلىپ كەتمىدى.بەلكى قەلبىدىكى ئازابى يېنىكلەپ ئۈمىد چىراقلىرى ياندى.شۇنداقتىمۇ كۆزلىرىدىن مارجاندەك  ياشلار ئاققۇزۇپ ئاكىسىغا مەيۈس باققىنىچە ئارتۇق گەپ قىلىشمىدى.قەسىردىن تەستە چىققان ئىكەن  مۇنداقلا كېتىشكە بولمايتتى.  شۇڭا ئاكىسىغا ئۆزلىرىنى بەكرەك تونۇتۇپ قۇيۇش ئۈچۈن رومىلىنى قايرىپ يۈزلىرىنى ئاچتى.ئۇلار  ھېلىھەم يىغلىماقتا ئىدى. ھەر كۈنى خورلۇق ئىچىدە كۆپ يىغلىغاچقىمىكىن ئۇلارنىڭ قۇياشتەك يۈزلىرىنى كۆز ياشلارنىڭ كىر داغلىرى قاپلاپ كەتكەن بولۇپ ئاينىڭ يۈزىدىكى خالىدەك قارا كىر بولۇپ قاتقان  ئىدى.ئەڭ ئىسىل ئاياقلارنى كىيىپ بىردەممۇ ئۇچۇق قالمايدىغان پۇتلىرىمۇ يالىڭاياق قالغان  بولۇپ چاڭ- تۇزان بىلەن بۇلغانغان ئىدى.
ئىسفەندىيارمۇ ئۇلارنىڭ ئۈمىدسىز كەيپىياتتا قايتىشىغا چىدىمىدى.ئارىدىكى سىر سىر ئاشكارا بولۇپ  بولغاندىن كېيىن دۈشمەندىن كېلىدىغان خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن سىڭىللىرىغا بوش ئاۋازدا تاپىلاش ئېلىپ باردى:
-مەن بۇيەرگە  جەڭ قىلىپ ياۋدىن قىساس ئالغىلى،سىلەرنى قۇتۇلدۇرغىلى كەلدىم.سىرىمىز پاش بولۇپ قالسا  بۇ مەقسەدكە يەتكىلى بولمايدۇ.شۇڭا بىرنەچچە كۈن ئېغىزىڭلارغا قۇلۇپ سېلىپ يۈرۈڭلار.شاھ ئاتامنى يەنە ئەيىپلەپ يۈرمەڭلار.قىزلىرى دۈشمىنى قولىدا سۇ توشۇپ يۈرگەن ھىچقانداق شەھرىيار خۇشال يۈرەلمەيدۇ،كېچىلىرى كۆزى ئۇيقۇ كۆرمەيدۇ.ئاسمان ئاتام،زىمىن ئانام بولۇپ قالغان تەقدىردىمۇ مەن بۇ خورلۇققا ھەرگىز چىدىمايمەن.شۇڭا ھازىرچە قايتىپ مېنىڭ سىلەرنى قۇتۇلدۇرۇشۇمنى كۈتۈپ تۇرۇڭلار.

قابىلجان

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  239
يازما سانى: 185
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 514
تۆھپە : 0
توردا: 82
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-8

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-3 08:59:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىسفەندىيار سىڭىللىرىنى يولغا سېلىپ قويغاندىن كېيىن شۇئان ئەرجەسىپنىڭ قەسىرىگە قاراپ يول ئالدى.شاھ بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى:
  -ئەي مەرھەمەتلىك شاھ،قۇدرەتلىك دۆلەتپاناھ،دائىما سالامەت بولغىن.مەن سەندىن بىر ئىشنى ئۆتۈنۈپ كەلدىم.ئۆتۈنۈشۈمنىڭ سەۋەبى مۇنداق.بىز بۇ يەرگە كەلگۈچە ئارىلىقتا دېڭىزدا يۈرگەن چېغىمىزدا بىر دەھشەتلىك دېڭىز تاشقىنىغا دۇچ كەلدۇق.دېڭىز دولقۇنلىرى ھەممىنى يالماپ يۇتۇۋەتكۈدەك ئەلپاز بىلەن يوپۇرۇلۇپ كەلمەكتە ئىدى.بۇنى كۆرۈپ ھەممىمىز  ھاياتلىقتىن ئۈمىدىمىزنى ئۈزدۇق.بىر بىرىمىزدىن رازىلىق سورىشىپ يىغلاپ دات سالدۇق.بۇ دەھشەتلىك بالايى ئەزىمدىن قۇتۇلۇپ كېتىشىمىزگە ئەسلا كۆزىمىز يەتمىگەن ئىدى.دەل مانا شۇ چاغدا مەن تەڭرى ھەققىدە قەسەمياد قىلىپ:‹‹ئەگەر مۇشۇ نۆۋەت بۇ ئۆلۈم خەۋپىدىن قۇتۇلۇپ ساھىلغا ئامان- ئېسەن چىقىۋالالىسام پۈتۈن مال دۇنيالىرىمنى خۇدا يولىدا نەزىر قىلىۋېتىمەن.بۇنىڭ ئۈچۈن ئالدى بىلەن شاھتىن ئىجازەت ئېلىپ پۈتۈن شەھەر خەلقىنى چىللاپ كېلىپ زىياپەت بېرىمەن.زىياپەتتە ھەممىسىگە تارتۇق بېرىمەن.ئەگەر مۇھتاجلىق بالاسىنى تارتقان كۆك نامراتتىن بىرەرسى مەندىن خۇدا يولىدا بارلىق مال-دۇنيارىمنى سورىسىمۇ قىلچە ئىككىلەنمەي ھەممىسىنى ھەدىيە قىلىۋېتىمەن.يىتىم بىچارىلارنىڭ ھالىغا يېتىپ دۇنيادىن بىھاجەت قىلىۋېتىمەن›› دېگەن ئىدىم.تەڭرى قەسىمىمدىن تەسىرلەندىمۇ مەن ۋە ھەمراھلىرىمنى كۆز ئالدىمىزغا كېلىپ بولغان دەھشەتلىك ئۆلۈمدىن خالاس قىلىپ ساھىلغا ئامان –ئېسەن ھىچقانداق زىيانسىز چىقىشقا نېسىپ قىلدى.شۇڭا ماڭا ئىجازەت قىلساڭ ئەشۇ قەسىمىمنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ بۇ ئىشتىن خالاس بولاي دەيمەن.مېنىڭ بۇ زىياپىتىمگە قوشۇنۇڭدىكى باتۇر سەركەردىلەر،ساڭا ساداقەتمەن خادىملار بولۇپ ھەممىسى كەلسۇن.ئۇلار مېنىڭ ئەزىز مېھمىنىم بولۇپ مېنى ئۈمىدىمگە يەتكۈزۈپ بەختىيار قىلسۇن.
   بۇ سۆزدىن خام كاللا ئەرجەسىپ   غەلىتىلىك ھىس قىلمايئەكسىچە بەكلا  خۇشال بولۇپ كەتتى. شۇڭا دەرھال پەرمان چۈشۈرى:
  -كىمىكى بۇ ئەلدە نامدار ئاتالغان بولسا،كىمىكى قوشۇنىمىزدا باتۇرلۇقى بىلەن ئېتىبار تاپقان بولسا پەرماننى ئاڭلىغان ھامان بىرى قالماي خەررادنىڭ ئۆيىگە مېھمانغا كەلسۇن.مەي ئىچىپ گۆش يەپ خۇشاللىق پەيزىنى سۈرسۇن.
   -ئەي غالىبلار غالىبى،بەىتىيارلار ساھىبى  دانا شەھرىيار،سەندىن يەنە بىر ئىلتىماسىم،ئۆزۈڭمۇ بىلىسەن،ئۆيۈم تار،سارايدەك كەڭ ئازادە ئەمەس.شۇڭا كەڭ داستىخان يېيىپ بارلىق مېھمانلارنى ئازادە ئولتۇرغۇزۇپ زىياپەت بېرىش ئۈچۈن ئوردا ئالدىدىكى كەڭ مەيداننى راسلىساق،كۈز كېلىپ ھاۋا خېلى سوۋۇپ قالغان بولغاچقا چوڭ گۈلخان سېلىپ مېھمانلارنىڭ ئىسسىنىش مەسىلىسىنى ھەل قىلغاچ كېچىلىك تاماششىنى گۈزەل تۈسكە كىرگۈزسەك.بۇ زىياپەتكە يەنە قەلئەيىمىزدىكى مەشھۇر ناخشىچى ،سازەندە،ئۇسۇلچىلارمۇ قاتنىشىپ مېھمانلارنىڭ خۇشاللىق كەيپىياتىنى تېخىمۇ يۇقۇرى كۆتۈرسە كەلگەن بارلىق مېھمانلار قانغۇچە ئويناپ خۇشاللىق پەيزىنى سۈرسە دەيمەن.بۇ قەلئەنىڭ سېپىللىرى پولاتتەك مەزمۇت ،بۇلۇتتىن ئۈستىن ئىكەن.ھىچقانداق خەتەر چىقماس دەيمەن.بۇ تەلىپىمنىمۇ ئورۇنداشقا بولۇرمۇ؟!
  -ھەممە ئىش سېنىڭ خاھىشىڭ بويىچە بولسۇن.
پەھلىۋان بۇ جاۋاپتىن كېيىن شادلىنىپ سارايدىن قايتتى.زىياەت تەييارلىقىغا كىرىشىپ پۇل مالنى ئايىماي ئىشلىتىپ زىياپەت تەييارلىقىغا جىددى كىرىشىپ كەتتى.ئوتۇنچىلاردىن بارلىق ئوتۇنلارنى سېتىۋېېلىپ ساراي ئالدىدىكى مەيدانغا تاغدەك ئوتۇن دۆۋىلەتتى.نەچچە مىڭلاپ كالا قويلارنى سويدۇردى.نەچچە مىڭ ئىدىش كۈچلۈك مەي تاييارلىدى...شۇنداق قىلىپ بىر  كۈن ئىچىدە نەچچە مىڭ شاھ خىزمەتچىسىنىڭ ياردىمى بىلەن بارلىق تەييارلىقلارنى پۈتتۈردى.كەچكە يېقىن چاقىرىلغان بارلىق مېھمانلار كېلىپ شاھ سارىيى ئالدىدىكى كەڭ مەيدان ئادەم بىلەن تولدى.خىزىمەتچىلەر كەلگەنلەرنى ئابرۇي مەرتىۋىسى،خىل- خىلى،كەسىپ ئايرىىسى  بويىچە رەتلىك ئولتۇرغۇزۇپ  ئالدىغا داستىخان سېلىپ زىياپەتنى باشلىۋەتتى.تاغدەك دۆۋىلىنىپ كەتكەن گۆشلەر پارچىلاندى.مەيلەر مىڭلاپ جاملار بىلەن قۇيۇلۇپ مېھمانلارغا سۇنۇلدى.سازەندىلەر سازلىرىنى چېلىپ،ناخشىچىلار ناخشىلىرىنى ئېيتىپ،ئۇسۇلچىلار قۇيۇندەك پىرقىرىشىپ سورۇن كەيپىياتىنى ئەۋجىگە چىقاردى.ىاس خىزمەتچىلەر مەيدان ئوتتۇرسىدىكى تاغدەك دۆۋىلەنگەن ئوتۇن دۆۋىسىگە ئوت يېقىپ بەھەيۋەت چوڭ گۈلخان تاماششىسى قىلىپ بەردى.ھەممە ئويۇن تاماششاغا بېرىلىپ ئۆزلىرىنىڭ ئىسفەندىيارنىڭ قاپقىنىغا چۈشكىنىنى،بۇ گۈلخاننىڭ سىرتتىكى قوشۇنىغا ماسلىىپ كېلىشكە بېرىلگەن بەلگە ئىكەنلىكىنى بىلمىدى....


قابىلجان

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  239
يازما سانى: 185
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 514
تۆھپە : 0
توردا: 82
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-8

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-4 08:53:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

شاھانە ئالتۇن كۇرسىدا زىياپەت يەپ ئولتۇرغان ئەرجەسپ قەلئە سىرتىدىكى ھۇجۇم قىلىپ كەلگەن ناتونۇش قوشۇن ھەققىدىكى  مەلۇماتنى ئاڭلاپ تۇيۇقسىزلىق ھس قىلىپ خېلى ھودۇقتى شۇنداقتىمۇ كۆڭلىدە :‹‹كەلسە كەلمەمدۇ،قۇشمۇ ئۇچۇپ ئۆتەلمەيدىغان، بۇلۇتقا تاقاشقان، ئىگىز،ھەيۋەت ،مەزمۇت سېپىلىمىزدىن قانداقمۇ ئۆتەلىسۇن؟ قۇرۇق ئاۋارە بولىدۇ خالاس ›› دېگەنلەرنى ئويلاپ ئۆزىنى  خاتىرجەم قىلىشقا  تىرىشتى. لېكىن ‹‹قۇشمۇ ئۇچۇپ ئۆتەلمەيدىغان››بۇ مۇكەممەل سېپىلىدىن ئاللىقاچان ئىككى يۈز باتۇر ئەزىمەتنىڭ ئۆتۈپ بولۇپ ئۆز  قەسىرىدە يوشۇرۇنۇپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى، قاراڭغۇ چۈشۈپ يوشۇرۇن ھەركەت قىلىشقا باپ كېلىدىغان پۇرسەتنىڭ كېلىشىنى كۈتىۋاتقانلىقىنى ،تۈندە كۈتمىگەن يەردىن چىقىپ  شىددەتلىك ھۇجۇم قىلىپ ئۆز قەسىرىدە ئەزرائىلنىڭ بازىرىنى قىزىتىدىغانلىقنى ئۇ تېخى بىلمەيتتى. يات دۈشمەن ھۇجۇم قىلىپ كەلگەن ئىكەن ئۇنىڭ كىملىكىنى، نىمە مەقسىدى بارلىقىنى بىلمەك،مۇۋاپىق تەدبىر قوللۇنۇپ ئەدىبىنى بەرمەك كېرەك ئىدى.شۇڭا دۈشمەنگە قارشى قوشۇن ئەۋەتمەك بولدى.

تۇران قوشۇنىدا ئەرجەسىپنىڭ ئەڭ نامدار ئىككى پالۋىنى بار ئىدى.ئىككىلىسى ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ئىدى. بىرىنىڭ ئىسمى كوھرام ئىدى.يەنە بىرىنىڭ ئىسمى بولسا تەرخان دەپ ئاتىلاتتى. ھەر ئىككىلىسى جەڭ پەيتىدە مىڭلاپ ئەر بەھس كېلېلمەيدىغان شىرمەت پالۋانلاردىن ھېساپلىناتتى. ئەرجەسىپ ئالدى بىلەن كوھرامغا لەشكەر باشلاپ چىقىپ ياۋ بىلەن ئېلىشىشقا پەرمان چۈشۈردى:

-     -غالىب شىر ئەزىمەت كوھرامغا پەرمان يەتكۈزۈلسۇن.ئۇ گۈرزىدار قوشۇننى باشلاپ تېزلىك بىلەن دۈشمەنگە قارشى ئاتلانسۇن.قىلىچۋاز ،نەيزىۋاز لەشكەرلەرمۇ تېزلىكتە جەڭگە قاتنىشىپ كارامەتلىرىنى  كۆرسەتسۇن!

ئارقىدىنلا يەنە تەرخانغىمۇ پەرمان يوللىدى:

-ئەي مەغرۇر ئوغلان ،سەنمۇ  دەرھال قەلئەيىمىزدىن باتۇر لەشكەرلەردىن ئونمىڭنى تاللاپ  جەڭگىۋار قوشۇن بولۇپ تەشكىللىنىپ ،كوھرام بىلەن بىرلىشىپ سىرتقى ياۋغا تاقابىل تۇر. لەشكەرلەرنىڭ ھەممىسى ئۆتكۈر قىلىچ بىلەن قۇراللانسۇن.سىلەر قەلئەدىن چىقىپ  ئالدى بىلەن سىرتتىن ھۇجۇم قىلىپ كەلگەن كەلگۈندىلەرنى ياخشى  كۈزىتىڭلار.مەقسىدىنى بىلىڭلار.ئەگەر قەلئەيىمىزگە خەتەر يەتكۈزۈش مۈمكىنچىلىكى بولسا قاتتىق جەڭ قىلىپ بىرىنى قويماي قىرىپ تاشلاڭلار!

مەغرۇر سەركەردە تەرخان پەرماننى ئېلىپ لەشكەرگاھ تامان قوزغالدى.لەشكەرلىرىنى تەق قىلىپ بولغاندىن كېيىن  كوھرامنىڭ لەشكەرلىرى بىلەن بىرلىشىپ تېزلىكتە قەلئەدىن چىقتى.چىقار ۋاقتىدا دۈشمەن بىلەن ئالاقىلىشىپ مەقسىدىنى بىلىش ئۈچۈن تىلماچ ئېلىۋېلىشنىمۇ ئۇنتۇمىدى.

  قەلئە سىرتىدا ئىككى قوشۇن بىر بىرىگە ئۇدۇلمۇ -ئۇدۇل كېلىشىپ سەپ تۈزۈشتى.تەرخان ئۆز قوشۇنىنىڭ ئالدا  سەپ ئوتتۇرىسدا كۈنىگە مىڭ چاقىرىملاپ يول يۈرەلەيدىغان يورغا  ئېتىغا مىنگەن ھالەتتە مەغرۇر تۇرۇپ ياۋ قوشۇنىنى كۈزەتتى.ياۋ قوشۇنى لەشكەرلىرى بىر قولىدا گۈرزە ،يەنە بىر قولىدا قالقان تۇتۇشۇپ ھەيۋەتلىك سەپ تۈزۈشۈپ ئېتىلىشقا تەييار شىرلاردەك ھومۇيۇشۇپ تۇرۇشاتتى.قوشۇن ئالدىدىكى قامەتلىك تۇغچى ئارسلان تامغىلىق قارا تۇغ كۆتۈرگەن بولۇپ ئۇنىڭ يېنىدا يېڭىلمەس باتۇر ئەزىمەت،ئىران قوشۇنىنىڭ ئورۇنباسار سەردارى بەشۈتەن پۈتۈن قوشۇنغا باش بولۇپ ئەجدەرشاھتەك ھەيۋىسى بىلەن ئۇچقۇر شىر ئاتقا مىنىپ تۇراتتى.ئۇنىڭ ئەلپازى شۇ قەدەر يامان تۇراتتىكى ئۈچ ۋاق تامىقىغا ئادەم گۆشى يەپ قولىنى ئادەم قېنى بىلەن يۇيسىمۇ خۇمارى بېسىلمىغىدەك قەھىرلىك، قورقۇنۇشلۇق كۆرۈنۈپ كەتتى.قولىدا ئىسفەندىيارنىڭ چوڭ كالاباش گۈرزىسىنى تۇتىۋالغان بولۇپ ھەرقانداق رەقىبىنى بىر گۈرزە بىلەنلا يەرگە چاپلاپ قېنىدىن لاي،سۆڭىكىدىن تاشلىق ساي ئىتىپ ئانىسىدىن تۇغۇلغانغا پۇشايمان كەلتۈرىۋەتكۈدەك ھەيۋەت بىلەن چىناردەك قەد كۆتۈرۈپ تۇراتتى.ئۇ گەرچە خېلى ياشىنىپ قالغان بولسىمۇ كۈچ ۋە جاسارەتتە  مەرد ئىسفەندىياردىن ھىچقانچە پەرىقلەنمەيتتى.ئىران لەشكەرلىرى ئۇنىڭ ئارقىسدا ئوڭ سول سەپلىرىنى مەزمۇت  تۈزۈشۈپ مەھشەر دەھشىتىنى نامايەن قىلىشىپ تۇرۇشاتتى.ئىككى قوشۇن بىر بىرىگە قارىمۇ قارشى يوپۇرۇلۇپ  كېلىۋاتقان دەھشەتلىك دېڭىز ئوپقۇنلىرىدەك بىر بىرىگە قاراپ ئېقىشىپ تېز يېقىنلاشتى.ئىككى زور ئەجىدادەك سۈر ھەيۋىسى بىلەن بىر-بىرىگە چاڭ سالماق بولۇشتى.‹‹ھەيھات››‹‹ئاگاھ بول›› دېگەن نەررە سادالىرى قۇلاقلارنى يارغۇدەك سادا بىلەن  ياڭراپ ئالەمنى بىر ئالدى.ئىككى قوشۇن تېز يېقىنلىشىپ ئارىدا باتۇرلار يەككە جەڭ قىلالىغۇدەك بوشلۇق قالغان چاغدىلا  توختاشتى.ئالدى بىلەن تىلماچلىرىنى ئىشقا سېلىپ مەقسەد -مۇدئىلالىرىنى بايان ئەيلەشتى.ئاندىن يەككە ئېلىشىشىنى ئىككى قوشۇن باش سەردارلىرىدىن باشلاشنى قارار قىلىشتى.يەككە ئېلىشىشقا ئىران تەرەپتىن بەشۈتەن، تۇران تەرەپتىن تەرخان چىقتى.تەرخان ھازىرغىچە نۇرغۇن جەڭلەرگە قاتناشقان بولۇپ  ھىچبىر جەڭدە تاقابىل كېلەلىگۈدەك مۇناسىپ رەقىپ ئۇچراتمىغان ئىدى.شۇڭا ئۆزىنى ئۈستۈن تۇتۇپ بەكمۇ مەغرۇرلىناتتى.ئۇ جەڭگە چۈشۈپ رەقىبىنىڭ چاچ ساقاللىرى ئاقارغان بىر قېرى ئادەم ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ تېخىمۇ غادىيىۋالدى.بەشۈتەننى نەزىرىگە ئىلىپمۇ قويمىدى.


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   qabiljan2004 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-6 17:53  


قابىلجان

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  239
يازما سانى: 185
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 514
تۆھپە : 0
توردا: 82
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-8

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-7 02:13:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەرخان ئۆزىنى يولۋاس چاغلايتتى.لېكىن ئۇ بۇ قېتىم ئۆزىنىڭ چەبدەس قېرى ئەجدىھاغا دۇچ كەلگەنلىكىنى ئەسلا ھېس قىلالمىغان ئىدى.نەچچە قېتىملىق ئېلىشىشتىن كېيىن ئۇ بۇ نوقتىنى تونۇپ يەتتى.ئۇ دەسلەپ تەشەببۇسكارلىق بىلەن ھۇجۇمغا ئۆتكەن بولسا، مانا ئەمدى مۇداپىئەگە چۈشۈپ قالدى.ھە دېسە تەمتىرەپ گۈرزىسىنى ئىشلىتەلمەي ئۆزىگە ئۇرۇلىۋاتقان قىلىچلارغا  قالقان تۇتۇش بىلەن ئاۋارە بولۇپ قالدى.بەشۈتەن قوش قىلىچ ئىشلىتەتتى.ئۇ سول قولى بىلەن تەرخاننىڭ ئالدى تەرەپكە يالغاندىن قىلىچ شىلتىۋىدى تەرخان دەرھال قالقان تۇتتى.بەشۈتەن شۇئان ئوڭ قولىدىكى قىلىچ بىلەن تەرخاننىڭ بېلىگە قىلىچ ئۇردى.بۇ قىلىچ شۇنداق كۈچ بىلەن ئۇرۇلغان ئىدىكى يوغان دەرەخكە تەككەن بولسىمۇ  ئىككى پارە قىلىۋېتەتتى.شۇنداق تۇرسا ئادەم بەدىنىنى كېسەلمەي قالامتى؟تەرخان قالقاننى قايتۇرۇۋېلىپ  ئۆزىنى ئوڭشاپ بولغىچە ئارىلىقتا ئارقىسىدىن قىلىنغان بۇڭ كۈچلۈك زەربە تۈپەيلى قاق بېلىدىنلا ئىككى بۆلەك بولۇپ كەتتى.ئۇ نىمە بولغانلىقىنىمۇ بىلىشكە ئۈلگۈرمەي  قىلىچ ئازابىنى تېتىدى. ،پۇتى تەرەپ ئات ئۈستىدە قېلىپ بېشى تەرەپ ئاتنىڭ ئوڭ تەرىپىگە پالاققىدە چۈشتى.ئېتى يېنىغىلا چۈشكەن  ئىگىسىنىڭ يېرىم بەدىنىدىن ئۈركۈپ دەرھال قالغان يېرىم بەدەننى سۆرەپ مەيدان سىرتىغا قاچتى.تۇرانلىقلار ئۇنىڭ  تېخى جېنى چىقىپ بولالمىغان ئۈستۈنكى يېرىم بەدىنىنى قۇتۇلدۇرۇشقا  ئالدىرىماستىن قىساسىنى ئېلىشقا ئالدىراپ يەككە ئېلىشىشنى تاشلاپ ھەممە لەشكەر تەڭلا يوپۇرۇلۇپ كەلدى.ئىرانلىقلارمۇ تەڭلا ئالغا ئېتىلدى.ئىككى قوشۇن بىر بىرىگە ئۇرۇلغان ئىككى دولقۇندەك بىر- بىرىگە ئارىلىشىپ گىرەلەشمە جەڭگە چۈشۈپ كەتتى.بىچارە تەرخاننىڭ تېخى جېنى چىقىپ بولالمىغان يېرىم گەۋدىسى ئات تۇۋاقلىرى ئارىسىدا قېلىپ خارلىنىپ ئۆلدى.
لەشكەرلەرنىڭ ھاي- ھۇيلىرى،سەركەردىلەرنىڭ نەرە سادالىرى،قىلىچ گۈرزىلەرنىڭ جاراڭ- جۇرۇڭلىرى،يارىلانغانلارنىڭ ۋايجان -ۋايەيلىرى،جەڭ ئاتلىرىنىڭ كىشنەشلىرى،تۆگىلەرنىڭ بوزلاشلىرى   قوشۇلۇپ پۈتكۈل مەيدان قۇلاقنى يارغۇدەك ئارىلاشما  شاۋقۇن ئاۋازلارغا تولدى.ھەر ئىككى تەرەپ لەشكەرلىرىنىڭ قېنى قىزىغان،ئۆلۈم ،قورقۇنۇچ دېگەنلەرنى ئۇنتۇغان ئىدى.تەرخاننىڭ كۆزنى يۇمۇپ ئاچقىچە ئارىلىقتا دەھشەتلىك ئۆلتۈرۈلۈپ تىرىك ئادەمدىن مۇردىغا ئايلىنىپ قالغانلىقى كوھرامنى قاتتىق قورقۇتىۋەتكەن ئىدى.ئۇ لەشكەرلىرى بىلەن بىللە ئات سېلىپ كېلىپ ئىران  لەشكەرلىرى بىلەن ئارىلىشىپ جەڭ قىلىۋاتقان بولسىمۇ خېلىغىچە  پۇت قولىدىن تىترەك يوقالمىدى.بۇ ھالدا داۋاملىق جەڭ قىلىۋەرسە ئۇ چوقۇم ئىككىنچى تەرخان بولۇپ قالاتتى.قورقۇنۇچ ئۇنى جەڭ قىلىشتىن يالتايتتى. ۋۇجۇدىدا جاسارەت قالمىغان،پەقەت ئۆلۈمدىن قورقۇشنىلا بىلىدىغان نومۇسسىز  بىچارە ئىنسان قېچىشنى ھەممىدىن ئەلا بىلىدۇ-ئەلۋەتتە.
ئاقىبەت شۇنداق بولدى.شەرمەندە سەركەردە كوھرام قان كېچىپ جەڭ قىلىۋاتقان لەشكەرلىرىنى تاشلاپ قوشۇندىن سۇغۇرۇلۇپ چىقىپ تۇيدۇماستىن قەلئە تامان ئات سالدى.لەشكەرلىرى ئارىسىدا پەقەت ئۇنىڭ ئات تۇياقلىرىدىن توزىغان چاڭ توزانلىرىلا قالدى.قەلئەدىكىلەر ئۇنىڭ يالغۇز قېچىپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ئاسما كۆۋرۈكنى چۈشۈرۈپ ئۇنى تېزلىكتە قەلئەگە كىرگۈزىۋالدى.
ئۇ شاھ ئاتىسى ئالدىغا كىرىپ جەڭ ئەھۋالىدىن مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى:
-ئەي شاھى قۇياشىم،چاتاق بولدى.قوشۇنىمىز جەڭدە تامامەن قىرىلىپ تۈگىدى.ئىرانلىقلار قىساس ئالماق ئۈچۈن ھەددى- ھېساپسىز  قوشۇن بىلەن كەپتۇ.ئۇلارنىڭ قوشۇنىنى ئەڭ مۇزەپپەر بىر باتۇر باشقۇرىدىكەن. ئۇمۇ ئىسفەندىيارنىڭ ئۆز خىلىدىن بولۇپ ئەجدىھادەك جەڭ قىلىدىكەن.ئالدىغا دۇچ كەلگەن ھەرقانداق ئىنساننى تىرىك قويمايدىكەن.تەرخاننىمۇ بىر قىلىچ بىلەن شۇ ئۆلتۈرىۋەتتى.ئۇنىڭ قولىدىكى نەيزە شۇنداق غارايىپ ئىكەنكى، چاقماقتەك چېقىن چىقىرىدىكەن.جان ئالمىغۇچە توختىمايدىكەن.ئەتىگەن سەن سېپىل ئۈستىدىن قاراپ كۆرگەن ئاجايىپ سىياق ئادەم دەل شۇ!...
كوھرامنىڭ سۆز ھەركەتلىرى ئەرجەسىپنىڭ غەزىپىنى قوزغاپ قويدى.شۇ تاپ ئۇنىڭ كونا قىساسىغا يېڭى قىساس قوشۇلۇپ غەزەپ ۋە ئەلەمدىن كۆزلىرى قورقۇنۇچلۇق پارقىراپ كەتكەن ئىدى.ئۇ قول ئاستىدىكى سەركەردىلىرىگە يېڭى پەرمان چۈشۈردى:
-تېزدىن قەلئەيىمىزدىكى بارلىق لەشكەرلەرنى توپلاپ قەلئەدىن چىقىڭلار.شىر كەبى غەزەپلىك چۇقان كۆتۈرۈپ دۈشمەن بىلەن باتۇرلارچە جەڭ قىلىڭلار.ئىرانلىقلاردىن بىرىنىمۇ قاچۇرۇپ قويماي تەرخاننىڭ قىساسىنى ئېلىڭلار.بۇ ئاخىرقى جەڭ بولۇپ قالسۇن.ئەمدى ‹‹ئىران›› دېگەن نامنى قۇلىقىم ئەسلا  ئاڭلىمىسۇن.
پەرمانغا بىنائەن نەچچە تۈمەن كىشىلىك زور قوشۇن تولۇق قۇراللىنىپ،ئەشەددى دۈشمەندىن قىساس ئالماقنى كۆڭلىگە پۈكۈپ ،ئىسىل جەڭ ئاتلىرىغا مىنىپ، قەلئەدىن جەڭ بولۇۋاتقان سەھراغا قاراپ يولغا چىقتى.


قابىلجان

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  239
يازما سانى: 185
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 514
تۆھپە : 0
توردا: 82
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-8

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-6-8 01:05:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قاش قارايغان چاغدا ئىسفەندىيار قولىغا قىلىچ -قالقانلارنى ئېلىپ ئەرجەسىپ بىلەن رەسمى تۇتۇشۇشقا تەييارلاندى. ئىران باتۇرلىرىنى مۆكتۈرۈپ قويغان ساندۇقلارنىڭ  ئاغزىنى ئېچىپ ئۇنىڭدا سولىنىپ تۇرغان‹‹مەھبۇس››لارنى‹‹ ئازاد›› قىلدى.ئۇلار يىغىلىپ قالغان پۇت قوللىرىنى رۇسلاپ ساپ ھاۋادىن ئەركىن نەپەس ئالدى.
ئاچ قالغان تۇلپار مىنىككە،ئاچ قۇرساق، كەم ماغدۇر لەشكەر جەڭ- باش كېسىككە يارىمايدۇ. ئىسپەندىيار ئۇلارنى مېھماندەك كۈتۈپ، قاتار ئولتۇرغۇزۇپ داستىدن سالدۇرۇپ مەي ،كاۋاپ،مىۋە -چىۋىلەر بىلەن قۇرسىقىنى راسا تويغۇزدى.ئاندىن ھەممىسىگە جەڭگىۋار ئۈستىۋاش ۋە خىل قۇراللارنى تارقىتىپ بەردى.
باتۇرلار تويغىچە يەپ ئىچىشتى.كەينىدىن ھەر بىرى ئۈچ كاسىدىن مەي ئىچىشتى.بۇنداق قىلىشتىن مەقسەد ئۇلارنىڭ يۈرىكىنى توملاشتۇرۇپ خەتەرگە پەرۋا قىلمايدىغان، ئۆلۈمدىن قورىقمايدىغان قىلىش بولسا كېرەك.ئىسفەندىيار ئۇلارنى ئىلھاملاندۇرۇش يۈزىسىدىن نۇتۇق سۆزلەپ مۇنداق دېدى:
-ئەي باتۇرلىرىم،بۈگۈنكى بۇ تۈن تولىمۇ خەتەرلىك بىر تۈندۇر.كىم ئۈچۈن خەتەرلىك؟  ئەلۋەتتە بىز ئۈچۈن ئەمەس. دۈشمەن ئۈچۈن خەتەرلىك.بىز ئۈچۈن بولسا تولىمۇ زەپەرلىك بىر تۈن بولىدۇ.بۇنىڭ ئۈچۈن بىز ئالدى بىلەن  ھەممىمىز تەڭرىدىن مەدەت تىلەيلى.پالاكەت بىزدىن يىراق كېتىپ دۈشمەنگە يېپىشسۇن.شاراپەت بىزگە خۇش چىراي ئېچىپ كېلىپ بارلىق ئىشلىرىمىزنى ئوڭ قىلسۇن!
نۇتۇقتىن كېيىن ئىسفەندىيار باتۇرلىرىنى ساناپ ۋە تۇرقىغا قاراپ  ئۈچ قىسىمغا ئايرىدى. بىرىنچى قىسىم قەلئە ئوتتۇرىسىغا ،ئىككىنچى قىسىم قەلئە دەرۋازىسىغا ھۇجۇم قىلىشقا بۇيرۇلدى.ئۈچۈنچى قىسىمنى بولسا ئۆزى باشلاپ شاھ سارىيىغا ھۇجۇم قىلىش ئۈچۈن ئېلىپ قالدى.

قابىلجان

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  239
يازما سانى: 185
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 514
تۆھپە : 0
توردا: 82
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-8

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-6-8 20:38:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىسفەندىيار ئۈچىنچى قىسىمدىكى باتۇرلارغا بۇيرۇق بېرىپ شۇنداق دېدىكى:
-ئەي باتۇرلىرىم،باتۇرلۇقىڭلارنى كۆرسۈتىدىغان ۋاقىت يېتىپ كەلدى.شۇنداق قاتتىق جەڭ قىلىڭلاركى، ياۋ مەغرۇرلىرىدىن ئەسەرمۇ قالمىسۇن. يەنە شۇنى ئۇنتۇماڭلاركى، رەقىپلىرىمىزنىڭ ھەممىسى ئاخشام  مەينى قاتتىق ئىچىشىپ ئېغىر  مەست بولۇشۇپ كېتىشكەن. شۇ تاپ ئۇلاردا سىلەرگە باتۇرلۇق بىلەن قارشى چىققۇدەك ئەس ھۇشىمۇ يوق.شۇڭا دۈشمەننىڭ كۆپلۈكىدىن ئەنسىرەپ يۈرمەي قىلىچ -خەنجەرلىرىڭلارنى ئوينۇتۇپ ئالدىڭلارغا دۇچ كەلگىنىنىڭ ھەرقاندىقىنىڭ بېشىنى قىرقىڭلار. ھىچقايسىسىنى ئاياپ قويماڭلار.
ئورۇنلاشتۇرۇشلار تۈگىگەندىن كېيىن ئىسفەندىيار يىگىرمە باتۇرنى كەينىگە سېلىپ شاھ ئايۋىنى تەرەپكە كەتتى.ئۇلار شاھ ئوردىسىغا كىرىپلا بىر توپ دەھھشەتلىك شىر -يولۋاسلاردەك نەرە تارتىپ تۆمۈر قالقان، ئالماس شەمشەرلىرىنى ئىشقا سېلىپ قىرغىننى باشلىۋەتتى.ھۇشيار بولۇپ تۇرغان ھۇماي بىلەن بىخافەرىد  ئاكىسىنىڭ نەرە ئاۋازىنى ئاڭلاپ شۇئان ئۇنىڭ يېنىغا يۈگرىشىپ  كەلدى. ئۇلار كۆزلىرىدىن خۇشللىق ياشلىرىنى نەۋ باھار يامغۇرىدەك راۋان ئاققۇزۇپ ئاكىسىنى چىڭ قۇچاقلاشتى.ئاكا ئۇلارنىڭ چاچلىرىنى مىھرىبانلىق بىلەن سىلاپ تۇرۇپ تەسەللى بېرىپ مۇنداق دېدى:
   -ئەي سىڭىللىرىم،بۇ يەر بەكمۇ خەتەرلىك،بىزنىڭ يېنىمىزدا تۇرماي ئۇچقان قۇشسىمان تېزراق يىراققا  كېتىپ دۇكىنىمغا يوشۇرۇنىۋېلىڭلار.ئۇ يەردە بىزنىڭ ئات تۆگىلىرىمىز ۋە مال دۇنيالىرىمىز بار.بىز بۇ يەردىكى ئۇرۇشتا مەيلى ھايات قالايلى مەيلى مامات بولايلى بىر خۇلاسىسى چىققۇچە  سىلەر ھىچياققا چىقماي تاقەتلىك بولۇپ  شۇ يەردە كۇتۇپ تۇرۇڭلار.بۇ قېتىمقى كۈرەش بىز ئۈچۈن تولىمۇ خەتەرلىك بولغان مۈشكۈل سىناق.مەن بۇ كۈرەشتە يە يېڭىپ چىقىپ بېشىمغا تاج تاقايمەن، يە ھالاك بولۇپ كاج تەقدىرنىڭ بەرگەن قىسمىتىگە تىز پۈكىمەن.

ئۇلار خوشلاشقاندىن كېيىن ھەممە ئۆز ئىشلىرىغا كىرىشىپ كېتىشتى.ئىسفەندىيار ھىندى قىلىچىنى ئوينۇتۇپ توسقۇنسىز ئەژدىھاردەك  ھەيۋەت بىلەن ئەرجەسىپ قەسىرىگە بېسىپ كىردى.نەرە ئاۋازىنى ئاڭلاپ تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ئېتىلىپ چىقىشقان ئەرجەسىپنىڭ مۇھاپىزەتچى باتۇرلىرى بىلەن قەدەمدە بىر دوقۇرۇشۇپ ھەر بىرىنى  بىر قىلىچ بىلەنلا ئۇجۇقتۇرۇپ ماڭدى.ئسىپەندىيارنىڭ تەڭداشىسىز  باتۇرلۇقى ۋە چەبدەسلىكى ئالدىدا بۇ مۇھاپىزەتچىلەر بىچارە ھالەتكە چۈشۈپ قالغان بولۇپ بىرەرسىمۇ ئىككى ئېلىشىشقا يارىماي بىر ئېلىشىشتىلا يەر چىشلەپ قېلىۋاتاتتى.دۈشمەنلەر يە تاقابىل تۇرالمايتتى، يە قاچىمەن دەپمۇ قاچالماي قىلىچ يەپ يىقىلىشقا مەجبۇر بولۇۋاتاتتى. شۇڭا ئۇ توسقۇنسىز ھالدا ئەرجەسىپنىڭ ياسىداق  ياتاقخانىسىغا قاراپ  ئىلگىرلىدى.جەسەتلەر بارغانسېرى كۆپەيدى. شۇنداقلا ئەھۋالدىن خەۋەردار  بولۇپ قايتۇرما ھۇجۇم قىلىپ كېلىشكەن مۇھاپىزەتچى قوشۇن لەشكەرلىرىمۇ بارا-بارا كۆپۈيۈپ يول-يوللاردا ئوممان دەرياسىنىڭ دولقۇلىرىدەك يامراشقا باشلىدى.ئۇلار ھەممىسى ئىران باتۇرلىرىنى قورشاپ كېلىشكە باشلىدى.ئەرجەسىەپ كۈچلۈك مەي تەسىرىدىن خېلىلا قاتتىق مەست بولۇپ كەتكەن بولۇپ مەستچىلىكتە ئۇيقۇسى كېلىپ  خېلى بۇرۇنلا ئۇخلاشقا ياتقان ئىدى.سىرتتىكى ئۇر- چاپ ئاۋازلار ئۇنى شىرىن  ئۇيقۇسىدىن ئويغۇتۇۋەتتى.ئۇ ئۇيقۇدىن ئويغانغان ھامان كۆڭلىگە قانداقتۇر قاتتىق  قورقۇنۇچ كىرىۋالدى.ئۇ سىرتتا ئېغىر ۋەقە چىققانلىقىنى تۇيۇپ غەزەپ بىلەن ئورنىدىن تۇرۇپ كىيىملىرىنى تېزلىكتە  كىيىپ قالقان ساۋۇتلىرىنى قولىغا ئالدى.پايپاسلاپ يۈرۈپ ئۆتكۈر خەنجىرىنى قويغان جايىدىن تاپتى.ئارامىنى بۇزغان دۈشمەنلىرىگە لەنەتلەر ئوقۇغىنىچە  ياتاق ئۆيىدىن سىرتقى ئايۋانغا چىقتى.ئۇ رەقىبىنى كۆپ ئىزدەپ ئاۋارە بولۇپمۇ كەتمىدى.ئايۋان ئىشىكىدە ئىسفەندىيار قىلىچ يالىڭاچلاپ غەزەپلىك شىردەك ھومۇيۇپ يول توسۇپ تۇراتتى.ئۇ ئەرجەسىپنى كۆرۈپ ئۇنىڭغا بولغان  غەزەپ نەپرىتىنى ئىپادىلەپ مۇنداق دېدى:

قابىلجان

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  239
يازما سانى: 185
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 514
تۆھپە : 0
توردا: 82
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-8

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-6-8 20:38:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
-ئەي تاجدار پالۋان،سەن ھۇجۇم قىلىپ كەلگەن دۈشمىنىڭنىڭ كىملىكىنى بىلمەي ھەيران قېلىۋاتامسەن ؟! مەن ساڭا دىنارلار تېغىنى ھەدىيە قىلغان لۇخرەسىپلەرنىڭ يېڭى سوۋغىسىنى ئېلىپ كەلدىم. بۇ سوۋغات  بۇرۇنقىدەك  بايلىق ئەمەس بەلكى ئالماس قىلىچ!  مەن ئۇنىڭ بىلەن ئىرانلىقلارغا زۇلۇم سېلىپ جاھانغا پاتماي قالغان ئىت كاللاڭنى كېسىپ تاشلاپ يامانلارغا ، زالىملارغا ئىبرەت قىلىمەن. بۇرۇن ئالتۇن كۇرس ئۆزرە ماكان تۇتقان بولساڭ بۇندىن كېيىن قارا يەر قارنىدا خارلىنىپ ياتىسەن!
ئەرجەسىپ قاتتىق غەزەپلىنىپ تىل بىلەن ئەمەس قىلىچ بىلەن جاۋاپ قايتۇرۇپ ئىسفەندىيارغا قارشى ۋەھشى يولۋاستەك ئېتىلىپ كەلدى.ئىككى باتۇر شىر بىلەن يولۋاستەك تۇتۇشۇپ كەتتى. ئەرجەسىپمۇ شۇ زاماننىڭ ھىچكىم تەڭ كېلەلمەيدىغان مەشھۇر باتۇرلىرىدىن بىرى ئىدى.شۇڭا ئۇلار تىل بىلەن تەسۋىرلەشكە ئاجىزلىق قىلغۇدەك تەرىزدە قاتتىق ئېلىشىپ كېتىشتى.ئۇلار بىر بىرىگەئايىماي قىلىچ ئۇرۇشاتتى.رەقىبىنىڭ قىلىچىنى بەزىدە قالقان بىلەن بەزىدە قىلىچ بىسى بىلەن تورىۋالاتتى.ئارقىدىنلا چاقماق تېزلىكىدە يېڭى ھۇجۇمىنى باشلىشاتتى.ئەرجەسىپ باشتا خېلى قاتتىق قارشىلىشىپ تەڭ ئېلىشقان بولسىمۇ بارا-بارا ئاجىزلىقىنى چاندۇرۇشقا باشلىدى.ئىسفەندىيارنىڭ چاقماقتەك تېز،مەرگەنننىڭ ئوقىدەك دەل تېگىندىغان قىلىچلىرى بارا -بارا ئۇنىڭ بەدىنىدە چوڭ -كىچىك ئىزلارنى قالدۇرۇشقا باشلىدى.بىرەر سائەتچە ئېلىشىشتىن كېيىن   قىلىچ ئىزلىرى ھەسسىلەپ كۆپىيىپ ئەرجەسىپنىڭ بەدىنىدە ساق يەر قالمىدى.
شۇندىمۇ ئىسفەندىيار قىلىچ ئۇرۇشنى توختاتماي تاكى ئەرجەسىىپنىڭ قانلىرى ئېقىپ تۈگەپ ماغدۇرسىزلىنىپ يىقىلغانغا قەدەر غەزەپ كۈچىدە چېپىشنى توختاتمىدى.ئۇنىڭ پىلدەك زور قامىتى ‹‹گۇرس›› قىلىپ يەرگە يىقىلغاندىن كېيىن ئۇنىڭ بېشىنى كېسىۋالدى.بۇنىڭغا مۇنۇ نەزمە دەلىل:
بۇ پەلەكنىڭ ئىشى شۇنداق دائىما،
ئۇ زەھەر بېرەر گاھ ،گاھىدا داۋا.
بۇ پانىي دۇنياغا دىل باغلاش نىچۈن،
مەڭگۈلۈك بولمىسا دىل باغلاش نىچۈن؟
ئەرجەسىپ ئۆلگىچە بولغان شۇ ئارىلىقتا شاھ سارىيىدىكى مۇھاپىزەتچى قوشۇن لەشكەرلىرىمۇ ئاللىقاچان ئىسفەندىيارنىڭ باتۇرلىرى تەرىپىدىن  يىغىشتۇرۇلۇپ بولۇنغان ئىدى. ئىسفەندىيار خىزمەتچىلەرگە سارايلارغا شام يېقىشنى بۇيرۇدى.پۈتۈن سارايلارغا شام ياندۇرۇلۇپ كۈندۈزدەك يوۇتۇۋېتىلدى. ئىسفەندىيار شاھ ھەرىمىگە قەدەم قويۇپ ئۇ يەردىكى خانىش،مەلىكە ۋە كېنىزەكلەرنى ئولجا ئېلىپ جەڭدە تۆھپە كۆرسەتكەن باتۇرلىرىغا  مۇكاپات قىلىپ بۆلۈپ بەردى.ئاندىن خەزىنىنى پېچەتلەپ ساقلاشقا ئادەم قويدى.ئاندىن ھەمراھلىرى بىلەن ئوردا ئاتخانىسىغا كىرىپ ئۇ يەردىن ئىسىل ئاتلارنى تاللاپ مىنىشتى.قالغانلىرىنىمۇ ئولجا تەرىقىسىدە ئېلىپ كەتمەكچى بولدى.يۈز ئاتمىش مەرت بىردىن ئىسىل ئەرەپ ئاتلىرىنى مىنىپ يەنە بىر -ئىككىدىن ئاتنى يېتىلەپ ئېغىلدىن قايتىپ چىقتى.شۇ چاغدىكى تىنىچلىق بىر كېچىلىك  نىسپى تىنىچلىق بولۇپ مۇتلەق غەلىبە قازاندۇق دېگىلى بولمايتتى.چۈنكى شاھ ھەرىمىدىكى مۇھاپىزەتچى قوشۇن يوقۇتۇلغان بىلەن پۈتۈن قەلئەدىكى قوشۇن تېخى يوقۇتۇلمىغان ئىدى.ھازىر ئۇلار كۆرۈنمىگەن بىلەن تاڭ ئاتقاندىن كېيىن ئوردىدىكى قىرغىندىن خەۋەر تاپسا تۇشمۇ-تۇشتىن ئۈششۈك ھەرىلىرىدەك يوپۇرۇلۇپ كېلىشى، قەلئەنىڭ تەقدىرىنى بەلگىلەيدىغان دەھشەتلىك جەڭ شۇ چاغدا باشلىنىشى ئېنىق ئىدى. ئىسفەندىيارلار قەلئەدىن چىقىپ چوڭ قوشۇنى بىلەن بىرلەشمىسە بۇ 160 ئادەم ئۈچ باشلىق ئالتە قوللۇق خىسلەتلىك باتۇر ئەزىمەتلەردىن بولغان تەقدىردىمۇ نەچچە تۈمەن دۈشمەن قوشۇنىغا تەڭ كېلەلمەيتتى. ئىسفەندىيار شاھ سارىيى ۋە غەزىنىلەرنى ساقلاشقا ئون نەچچە باتۇرنى قالدۇرۇپ قالغان ئادەملىرىنى باشلاپ قەلئە دەرۋازىسىغا قاراپ ماڭدى.سىڭىللىرىنى بوش ئاتلارغا مىندۈرۈپ بىرگە ئېلىۋالدى. يولغا چىقىش ئالدىدا بۇ يەرنى ساقلاشقا قالغانلارغا گەپ تاپىلاپ مۇنداق دېدى:
   -بىز قەلئەدىن چىقىپ بەشۈتەننىڭ لەشكەرلىرى بىلەن تېپىشقاندىن كېيىن تېزلىكتە تۈر*ۈك لەشكەرلىگە ھۇجۇم باشلايمىز.سىلەر مېنىڭ بېرىپ كەلگىچە كېتىدىغان ۋاقتىمنى مۆلچەرلەپ تۇرۇپ  شۇنۇڭغىچە ئوردا دەرۋازىسىنى مەھكەم تاقاپ ھىچكىمنى كىرگۈزمەي قاتتىق مۇداپىئە قىلىپ تۇرۇڭلار.سارايدىكى شۇئارىڭلار شۇ بولسۇن‹‹ تەخت ئالماشتى.ھازىرقى شاھىمىز  گۇشتەسب،ئۇنىڭ شاھلىقى مەڭگۈگە ياشار›› دەڭلار.ياۋ قوشۇنى قەلئە سىرتىدا بىز بىلەن  جەڭ قىلىپ يېڭىلىپ قەلئەگە قېچىپ كىرگەندە تۇران شاھىنىڭ بېشىنى ئۇلارغا تاشلاپ بېرىپ مەن سىلەرگە ئۆگەتكەن يۇقارقى شۇئارنى قاتتىق توۋلاڭلار.ئۇلار شاھىنىڭ بېشىنى كۆرسە بۇرۇنقىدەك جاھىللىق قىلماستىن تەقدىرگە تەن بېرىشكە مەجبۇر بولىدۇ.ھىچ بولمىغاندا كۈرەش قىلىش ئىرادىسى ئاجىزلىشىدۇ.
  تاپىلايدىغان سۆزلەرنى دەپ بولغاندىن كېيىن ئىسفەندىيار ئادەملىرىنى باشلاپ ئۇچرىغان دۈشمەنلەرنى قىر-چاپ قىلغىنىچە قەلئە دەرۋازىسىغا قاراپ ماڭدى.ئۇلار يېتىپ كەلگگىچە بىرىنچى قىسىمدىكى لەشكەرلەر ئاللىقاچان قەلئە دەرۋازىسىنى ساقلىغۇچى دۈشمەنلەرنى تولۇق  يوقۇتۇپ ئۆز ئادەملىرىنىڭ ئوڭۇشلۇق ھالدا  قەلئەدىن چىقىشى ئۈچۈن شارائىت يارىتىپ تۇرۇشقان ئىدى.شۇڭا ئىسفەندىيارلار ھايال بولمايلا قەلئەدىن چىقىپ سىرتتىكى بەشۈتەننىڭ لەشكەرلىرى بىلەن بىرلەشتى.بەشۈتەن ۋە ئۇنىڭ لەشكەرلىرى ئىسفەندىيارلارنى قىزغىن ئالقىشلار بىلەن كۈتىۋالدى.ھەممە بەس-بەس بىلەن ئۇنىڭغا ئاپىرىنلار ئوقۇشۇپ كەتتى. ئاران 160 ئادەم بىلەن نەچچە تۈمەن دۈشمەنگە قارشى  جەڭ قىلىپ پۈتۈن بىر قەلئەنى قولىغا ئالالىغان بۇ تەڭداشىسىز ئەزىمەتنىڭ باتۇرلۇق خىسلىتى ھەر بىر ئەقىل ئىگىسىنى ھەيرەتتە قويۇپ  شان شۆھرىتىنى ھەسسىىلەپ ئاشۇرماقتا ئىدى.

تاڭ يورۇپ تولۇن ئاي كۈمۈش تەختنى تەرك ئەتتى.بۇ مۇدھىش تۈندە قەلئەنىڭ پاسىبانى ئۈچ قېتىم ئالماشقان ئىدى. تاڭ ئاتقاندىن كېيىن كېچىدىن بېرى سۈت ئۇيقۇدا ئۇخلاپ قەلئەدىكى ھىچ بىر ئىشتىن خەۋىرى يوق  ھالەتتە غاپىللىقتا قالغان تۈر*ۈكلەرنى ھەيرەتتە قويۇپ كوچىلاردا جاكاچىلار پەيدا بولۇپ ئاجايىپ يېڭى خەۋەرنى جاكالاشقا باشلىدى:
  -ئەي خالايىق،ئاڭلىمىدىم ئىشىتمىدىم دېمەڭلار،ھازىر بىز يېڭى شاھىمىزنىڭ جاكاسىنى ئاڭلىتىمىز.تۇران شاھلىقىنىڭ تەختى ئالماشتى.ئىران شاھى گۇشتەسىبنىڭ تەلىيى ئوڭ كېلىپ ئىراننىڭلا ئەمەس تۇراننىڭمۇ ھۆكۈمرانىغا ئايلاندى.گۇشتەسىپ مەڭگۈلۈك مۇزەپپەر پادىشايىمىزدۇر.ئۇنىڭ ئوغلى ئىسفەندىيار بىزنىڭ ھەقلىق شاھىمىز ۋە نەۋقىرانىمىزدۇر.تەقدىر،ئاي،كۈن ۋە ئاسمان ئۇنىڭغا مەدەتكار بولسۇن.ئىسفەندىيار تۇران شاھى ئەرجەسىپنى ئۆلتۈرۈپ بوۋىسى لۇخرەسىپنىڭ قىساسىنى ئالدى. قان قەرزىنى قان بىلەن يۇيۇشتەك ئەجداتلىرىنىڭ قانۇنى رەسمىنى ئادا قىلدى.تۇران شاھى ئەرجەسىپنىڭ كاللىسىنى ئېلىپ تەختتىن غۇلاتتى.شۇ تاپ پۈتكۈل ئالەمدە گۇشتەسىپنىڭ شان شۆھرىتى بەر قارار تاپتى.شۇڭا ھۇشۇڭلارنى تېپىۋېلىڭلار.تىنىچ خاتىرجەم ياشاي دېسەڭلار ئىران لەشكەرلىرى بىلەن قارشىلاشماي قۇللۇق بىلدۈرۈڭلار!
    بۇ جاكانى ئاڭلىغانلىكى تۈر*ۈكلەرنىڭ يۈرەكلىرى يەكپارە بولدى.ھەيرانلىق ۋە ئازاپ تۈپەيلى ئۆز جايلىرىدا  قاققان قوزۇقتەق تۇرۇلا قېلىشتى.بۇ جاردىن كوھرامنىڭمۇ دىلى قىسىلدى.ئۇ تەشۋىش ۋە غەزەپ ئىچىدە نىمە قىلارنى بىلەلمەي خېلى ئولتۇرۇپ كەتتى.ئۇ يېنىدا تۇرغان ئەندەرىمانغا قاراپ مۇنداق دېدى:
  -تۈندە سىر ساقلىماق بەكمۇ مۇھىم ئىش.كېچىدىن بېرى بىزنىڭ خەۋىرىمىز يوق نۇرغۇن ئىشلار بولۇپ كېتىپتۇ.قاراڭغۇ كېچە مىكىرگە يېقىن بولىدۇ.كېچىدە دۈشمەن بېسىپ كەلگەندە ھىيلە- مىكىر تۈپەيلى راست بىلەن يالغان ئارىلىشىپ كېتىدۇ.قەلئەدە زادى نىمە ئىشلار بولدى.شاھىمىز ھاياتمۇ يوق؟بۇنى بىلمەيمىز.شۇڭا بىز دەرھال ھەقىقى ئەھۋالنى بىلىشىمىز، تېزلىكتە لەشكەرلىرىمىزنى يىغىپ ئەھۋالدىن خەۋەردار قىلىشىمىز، كۈچلۈك ھۇجۇم تەشكىللەپ قەلئەنى دۈشمەن قولىدىن تارتىۋېلىشىمىز كېرەك.ئەڭ ئالدى بىلەن قەلئەگە ئادەم كىرگۈزۈپ شاھىمىز بىلەن كۆرۈشۈپ ئەھۋال ئىگەللەيلى.يەنە ئۇستا باتۇر ئەييارلارنى مەخپى  ئەۋەتىپ دۈشمەن قوشۇنىنىڭ سەردارى بىلەن ئۇچراشتۇرۇپ كاللىسىنى ئالايلى.ئەگەر ياۋ قوشۇنى راستىنلا قەلئەگە كىرگەن بولسا ،ھەرۋاقىت بىزنى يوقۇتۇشنى قەستلەپ بىزنى ئىزدەپ  يۈرگەن بولسا ‹‹تۇزىنى يەپ تۇزلۇقىنى چاقىدىغان›› بۇنداق نائەھلى دۈشمەننى قاتتىق مەغلۇپ قىلىپ، ئىت بېشىنى گۈرزە بىلەن يانچىپ شاھىمىز ئۈچۈن  قىساس ئېلىشىمىز ،ئۇزاققا قالماي  قەلئەدىكى ھۆكمىرانلىق ھوقۇقىمىزنى قايتۇرۇۋېلىشىمىز كېرەك.`
كوھرام دېگىنىنى قىلدى.تېزلىكتە لەشكەرلىرىنى ۋە سەركەردىلىرىنى يىغىپ نەچچە تۈمەن كىشىلىك ئاتلىق قوشۇننى يېتەكلەپ دەرغەزەپ بىلەن  دۈشمەن بىلەن جەڭ قىلىش قەستىدە  قەلئە سىرتىغا قاراپ ماڭدى.
جارچىلار جەڭ قىلىشقا ماڭغان قوشۇنغا پەرۋا قىلماي  توختىماستىن جاكاسىنى جاكالاۋەردى.بۇ جاكانىڭ ئاۋازى ئەكىس سادا بېرىپ كوھرامنىڭ قۇلاقلىرىنى غوڭۇلدىتىپ بىئارام قىلماقتا ئىدى.بۇ ئەھۋالغا ئۇنىڭ لەشكەرلىرى چىداپ تۇرالمىدى.ئۇلار جەڭگە مېڭىشتىن يالتىيىپ ئالدى بىلەن  جاكاچىلارنى تۇتۇپ ئۆلتۈرمەكچى ،ئاندىن قەلئە سىرتىغا چىقىپ زور قوشۇن بىلەن تۇتۇشماقچى بولۇشتى. لېكىن جاكاچىلارئۇلار ئويللىغاندەك  ئاز ئەمەس ئىدى. ئۇلار ھەرقايسى كوچىلاردا بىردە پەيدا بولۇپ بىردە يوقۇلۇپ سۈرلۈك جاكاسى بىلەن ئاۋام قەلبىنى ۋەھىمىگە سالاتتى.لەشكەرلەر دىيىشتىلەركى:
   -بۇ جاكاچىلار ئاز ئەمەس ئىكەن.ھەرقايسى كوچىلاردا، زىمىستان سەھرالاردا ئىشقىلىپ ھەممىلا يەردە ئۇلارنىڭ ئادىمى بار ئىكەن.يۈرۈڭلار ئۇلارنى بىر -بىرلەپ تۇتۇپ كاللىسىنى ئالايلى.پۇقرانى ۋەھىمىدىن ۋە ئازغۇنلۇقتىن  خالاس قىلايلى!
لەشكەرلىرى ئاچچىقتىن يېرىلىپ تىپىرلاشقان بىلەن كوھرام بۇ جاكاچىلارغا ئانچە  پەرۋا قىلىپ كەتمىدى.ئۇنىڭ مەقسىدى قوشۇنىنى ئۇنداق ئۇششاق چاپارمەنلەرنى تۇتۇشقا سېلىش ئەمەس بەلكى قەلئە سىرتىغا ئېلىپ چىقىپ دۈشمەننىڭ ئاساسى كۈچى بىلەن ئۇچراشتۇرۇپ ھەل قىلغۇچ  جەڭ قىلىپ ئاپەتنى يىلتىزىدىن يوقۇتۇش ئىدى.ئۇ ئەرجەسىپنىڭ ئۆلگىنىگە ئىشەنمەيتتى.ئۇنىڭچە قەلئە ئىچىدىكى ئىشلارغا شاھ ئاتىسى بىلەن ئوردا قوشۇنى يېتىشەلەيتتى.
تۇران قوشۇنى قەلئەدىن چىقىپ ئىران قوشۇنىغا يېقىنلاپ كەلدى.ئىككىن قوشۇن يېقىنلىشىپ جەڭ باشلىنىشقا ئازلا قالغاندا كوھرامنىڭ نىيىتى ئۆزگەردى.ئۇ يېقىنلىرىغا دېدىكى:
- بەلكىم جاكاچىلارنىڭ جاكالىرى سەۋەپسىز ئەمەستۇر.مەن شۇ تاپ شاھ ئاتامدىن ئەنسىرەپ قالدىم.بۇ سىپاھ بوش ئادەم ئەمەس ئىكەن،ئۇنىڭ قولىدىن ھەر بالا كېلىدىكەن.



قابىلجان

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  239
يازما سانى: 185
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 514
تۆھپە : 0
توردا: 82
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-8

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-6-13 00:20:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇڭا قاراملىق بىلەن جەڭ قىلماي قەلئەگە قايتىپ شاھ ئاتامنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەر تاپايلى.
    تۇران سەركەردىلىرى كوھرامنىڭ سۆزىگە كىرىپ جەڭ مەيدانىنى تەرىك ئېتىپ ئارقىغا قايتىشتى.ئىسفەندىيار جەڭ مەيدانىدا كوھرام بىلەن جەڭ قىلىپ ئۇنىڭ كاللىسىنى ئېلىشنى كۈتۈپ تۇرۇۋاتاتتى.دۈشمەننىڭ ېىنىلىشىپ كېلىپ تۇيۇقسىز پىلانىنى ئۆزگەرتىپ ئارقىغا قايتقانلىقىنى كۆرۈپ ئۇلارنىڭ قاچقانلىقىنى بىلدى دە ئۆكۈز باشلىق گۈرزىسىنى ئوينۇتۇپ دۈشمەننىڭ ئارقىسىدىن ئات سالدى.ئۇنىڭ ھەركىتى ئۈنسىز بۇيرۇق ئىدى.
    كوھرامنىڭ لەشكەرلىرى چېكىنىپ  قەلئە دەرۋازىسىغا يېقىنلىشىپ كەلگەن چاغدا تۇيۇقسىز ئالدىدىن يەنە بىر قوشۇن چىقىپ ئۇلارنىڭ ئالدىنى توسۇۋالدى.بۇ قوشۇننىڭ ئالدىدا ئالدىنقى كۈندىكى جەڭدە تەرخاننى ئۆلتۈرگەن ھېلىقى ياشانغان باتۇر بار ئىدى.
ئەسلىدە ئىسفەندىيار  كوھرامنىڭ قورقۇنچاق ھەم يارامسىزلىقنى  ھىچ بولمىغاندا جەڭ يېرىملاشقان چاغدا بولسىمۇ جەڭدىن قېچىپ قەلئەگە كىرىۋېلىشقا ئۇرۇنىدىغانلىقنى بىلىپ بەشۈتەننى قەلئە دەرۋازىسىى ئالدىغا بىر بۆلۈك لەشكەر بىلەن مۆكتۈرپ قويغان ئىدى. كوھرام تېخى ئېلىشمايلا قېچىپ  قەلئەگە كىرىش ئالدىدا بۇ قوشۇنغا دۇچ كېلىپ قالدى.شۇ تاپ تۇرانلىقلار ئالدىدىنمۇ كەينىدىنمۇ قورشاۋدا قالغان بولۇپ جەڭ قىلىشتىن باشقا ھىچبىر ئامالى قالمىغان ئىدى. توشقان يۇۋاش نەرسە ئۇ رەقىپكە دۇچ كەلگەندە قېچىپ قۇتۇلۇشنى ئويلايدۇ. لېكىن قورشىلىپ قېچىش ئىمكانىيىتىنى يوقاتقاندا بولسا  شۇ جېنىدا دۈشمىنى بىلەن تىركىشىشكە پېتىنىدۇ.ھەرگىز جىم تۇرۇپ بەرمەيدۇ.كوھراممۇ  ئۆزىنىڭ جەڭگە مەجبۇرلانغانلىقىنى ھىس قىلىپ  يېنىدىكى لەشكەر ۋە سەركەردىلىرىگە قاراپ مۇنداق دېدى:
          -ئەي لەشكەرلىرىم شۇ تاپ  ئىسفەندىيار بىزنى قورشاۋغا ئېلىۋاپتۇ.بىزنى شۇنچىلىك قىستاپ ئۆزى بىلەن جەڭ قىلىشقا مەجبۇرلاپتۇ.لەشكەر دېگەننى جەڭگە ياراتقان.مانا ئەمدى دۈشمەن بىلەن  قاتتىق جەڭ قىلىپ  بۇرچىمىزنى ئادا قىلىدىغان،ئىسسىق قانلىرىمىز ،ئېزىز جانلىرىمىز بەدىلىگە  ۋەتىنىمىزنى قوغدايدىغان شەرەپلىك باسقۇچقا كەلدۇق. قېنى مەرتلەر،قىلىچلىرىڭلارنى قىنىدىن سۇغۇرۇپ  دۈشمەنگە بىز تۇرانلىقلارنىڭ ئۇنچە بوش خەق ئەمەسلىكنى،قىلىچ-نەيزىىرىمىز بىلەن ۋەتىنىمىز ۋە خوتۇن قىزلىرىمىزنى قوغداش قۇربىمىزنىڭ بارلىقنى كۆرسۈتۈپ قويايلى!

قابىلجان

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  239
يازما سانى: 185
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 514
تۆھپە : 0
توردا: 82
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-8

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-6-13 00:21:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  بۇ نۇتۇق تۇران مەرتلىرىنىڭ قېنىنى قىزىتتى. كۈرەش ئىرادىسىنى كۈچەيتتى. شۇنىڭ  بىلەن ئۇلار  ئىككى بۆلەك بولۇپ ئارقا قىسىم قوغلاپ كېلىۋاتقانلار بىلەن،ئالدىدىكى قىسىم يول توسۇۋالغانلار بىلەن قاتتىق تىركىشىپ دەھشەتلىك گىرەلەشمە جەڭگە چۈشۈپ كەتتى.بۇ جەڭ ئاخشامدا باشلىنىپ  تاكى تاڭ ئاتقۇچە داۋاملاشتى.تۇران قوشۇنى قاتتىق جەڭ قىلىۋېتىپ قەلئە سېپىلى تۈۋىگە قاپسىلىپ قالدى.شۇندىمۇ جەڭ قىلىشنى توختاتمىدى.دەل شۇچاغدا ئىسفەندىيارنىڭ قەلئەدە قالدۇرۇپ قنويغان كىشىلىرى لۇخرەسىپنىڭ قاتىلى ،تۇراننىڭ شاھىنشاھى ۋە ئۇلۇغ پالۋىنى ئەرجەسىپنىڭ بېشىنى تۇران لەشكەرلىرىگە تاشلاپ بەردى.
   بۇ تولىمۇ دانا تەدبىر  بولدى.بۇ باشنىڭ سېپىلدىن ئۆز لەشكەرلىرىگە تاشلاپ بېرىلىشى ئۇلارنىڭ پۈتۈن ئۈمىدىنى يوققا چىقاردى.كۈرەش ئىرادىسىنى بەربات قىلدى.قاتتىق قىزىۋاتقان جەڭ قايناۋاتقان قازانغا سۇ قۇيۇلغاندەك بىردىنلا جىمىپ قالدى.تۇران قوشۇندىدىكىلەر شۇئان جەڭدىن قول ئۈزۈپ شاھىغا ماتەم تۇتۇپ دات -پەريات كۆتۈرۈشكە باشلىدى.باشلاردىن كۇلاھلار ئېلىندى.لەشكەرلەر ئەرجەسىپنىڭ بېشى تۇرغان يەرگە قاراپ تىزلىنىشىپ كۆزلىرىدىن باھار بۇلۇتىدەك ياشلارنى تۆكۈشتى.ئارىسدا ھەممىدىن بەك قايغۇرغىنى ۋە ھەممىدىن بەك دات سېلىپ ياش تۆككىنى يەنىلا ئەرجەسىپنىڭ ئىككى ئوغلى ئىدى.ئۇلار شۇ تاپ ھەممىنى ئۇنتۇپ ھازا ئېچىشقا بېرىلىپ كەتكەن.ھايات –ماماتنى ئۇنتۇغان ئىدى.ئۇلار پەرياد چېكىپ شۇنداق دەپ نالە قىلىشاتتى:
   -ۋادەرىخ،ئەي شاھى جاھان! ئەي تۇراننىڭ ئالى سەركەردىسى،شىر يۈرەك باتۇر پەھلىۋان! سېنى كىم ئۆلتۈردى؟! سېنى كىم ئۆلتۈرگەن بولسا شورى قۇرۇسۇن،باھارى سۇلسۇن.!سېنىڭ قاتىلىڭغا لەنەتلەر بولسۇن!ئەمدى دۆلەت كارۋىنىڭنى كىممۇ يېتەكلەر؟ ! غالىپ بايرىقىڭنى كىممۇ كۆتىرەر؟! شاھتىن ئايرىلىپ يالغۇز قالغان تۇراننىڭ غېرىپ تەختىنىڭ ھالىغا ۋاي! ئۇنى قوغداپ قالالمىغان بۈيۈك قوشۇن،تاجى تەخت،ئۆتكۈنچى بەختننىڭ ھالىغا ۋاي! ئەي قۇدرەتلىك شاھىم كۆرۈۋاتامسەن؟ خەللۇىتىن تارتىپ تەرازغا قەدەر بولغان كەڭ دىيار سەن ئۈچۈن ياش تۆكۈشمەكتە،ماتىمىڭنى تۇتماقتا! ھازىدىن ياش تۆكۈپ زار يىغلاشماقتا....

قابىلجان

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  239
يازما سانى: 185
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 514
تۆھپە : 0
توردا: 82
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-8

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-6-13 00:21:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  تۇران لەشكەرلىرى شۇ تەرىزدە ھازا ئېچىپ ئۆزلىرىگە ئۆلۈم تىلەشتى.قۇراللىرىنى،كۇلاھلىرىنى يەرگە تاشلاشتى.قەڭ مەيدانى شاۋقۇن سۈرەنگە تولدى. ئاسمانمۇ ئەرجەسىپكە ھازا تۇتاقندەك قاپىقىنى تۈرىۋالغان،يىغلاڭغۇ بۇلۇتلار ياشلىرىنى تۆكۈشكە تەييارلانماقتا ئىدى.
ھەرياندا دۆۋە –دۆۋە جەسەتلەر خارلىنىپ قان ۋە توپىغا مىلىنىپ ياتاتتى.ھەركىمنىڭ ھەر قايدا قۇياشى پاتماقتا ئىدى.قەڭ مەيدانى،قەلئە ئەتراپى،ھەتتا دەشتلەردىمۇ باشسىز گەۋدىلەر تولۇپ ياتاتتى.بۇ گەۋدىىلەرنىڭ باشلىرى قەڭ ئاتلىرىنىڭ پۇتلىرى ئارا دومىلاپ ساينىڭ تاشلىرىغا قوشۇلۇپ كېتىشكەن.بەزىلىرى قانلىق لايلارغا مىلىنىپ قىزىل لاي توپقا ئوخشاپ قالغان ئىدى.
     تۇران لەشكەرلىرىنىڭ يىغلاش ۋە دات –پەرياد كۆتۈرۈش بىلەن دەردى چىقمىدى.دەر د ھەسرىتى ئاشسا –ئاشتىكى كەملىمىدى.بەلكى قىساس ئوتلىرىنى يالقۇنجىتىپ تومۇرلىرىدا قانلىرىنى يېڭىۋاشتىن قاينىتىپ قايتىدىن قىساسخورلۇق ئۇرۇشىغا سۆرەپ كىردى.گۈرزىلەر قايتىدىن ئىشقا چۈشۈپ گۈمبۈرلەشكە ،قىلىچلار بىر -بىرىگە تېگىپ جاراڭلاپ ئۇچقۇن چاچرىتىشقا،نەيزىلەر بەدەنلەردىن تۆشۈك ئېچىپ قان بۇلاقلىرى ھاسىل قىلىشقا باشلىدى.قانلار قايتىدىن دەريا كەبى دولقۇنلىنىپ پەس جايلارغا قاراپ ئېقىپ كېتىشتى.
  خۇددى جاھان ئوڭتەي- توڭتەي بولۇپ كېتىپ ئىككى تەرەپ  لەشكەرلىرىنىڭ باشلىرىنى قايدۇرۇۋەتكەندەك ،ھەربىر تىرىك لەشكەر ئۆلگەن رەقىبلىرىنىڭ قېنىنى مەي قىلىپ ئىچىپ مەست بولۇپ كەتكەندەك ئارىدا  ئومۇمەن بىر خىل گاراخلىق ھۆكۈم سۈرەتتى. لەشكەرلەر ھارغان- ئاچقانلىرىغا، مەستلەردەك دەلدەڭشىپ قالغىنىغا قارىماي بىر-بىرىنى يوقىتىش قەستىدە  تالاشتىكى ئىتلاردەك ئېتىلىشاتتى.ئىسفەندىيارنىڭ غەزەپ بىلەن ئات چاپتۇرۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن كوھرام تەندە يېڭىپ بولماس بىر كۈچ سەزگەندەك بولۇپ چاچراپ ئورنىدىن تۇرۇپ گۈرزىسىنى ئېلىپ ئېتىغا مىندى.ئىككىسى بىردە كۆچكەن تاغدەك يىراقلىشىپ ،بىردە قارىمۇ قارشى يۆنۈلۈشتىكى كەلكۈن سۇدەك يېقىنلاپ كېلىپ بىر بىرىگە ئۇرۇلۇشۇپ ئىرماش- چىرماش بولۇشقان ھالدا  راسا ئېلىشىپ كېتىشتى.بىر-بىرىنىڭ باش -گەدەنلىرىنى نىشانلاپ غەزەپ بىلەن ئۇرۇلغان گۈرزىلەر نىشانغا تەگمەي قارشى تەرەپنىڭ گۈرزىسىگە تېگىپ گۈلدۈرلەپ ئاۋاز چىقىراتتى.بۇ ئۇرۇلۇشتىن چاقماق كەبى ئۇچقۇنلار چاچرايتتى.ئۇلار شۇ تەرىزدە بىر ھازا ئېلىشقاندىن كېيىن ھەر ئىككىلىسى گۈرزىلىرىنى تاشلىشىپ قۇرۇق قول بولۇشتى. ئات ئۈستىندىنلا بىر بىرىگە ھەملە قىلىشىپ قايىتىدىن  يېقىنلىشىپ كېلىشىپ بىر بىرىنىڭ ياقىلىرىغا قول ئۇزۇتۇشتى.شۇ تەرىزدە ئۇلار يەنە خېلىغىچە ياقىلىشىشتى،بىر-بىرىگە مۇشت ئېتىشتى.بۇ ئېلىشىشلار داۋامىدا ئىسفەندىيار بارغانسېرى كۈچلىنىپ غەيرەتلىنىپ كەتتى. كوھرام بولسا بارغانسېرى زەئىپلىشىپ ماغدۇرى قېچىشقا، قوللىرى تىترەشكە باشلىدى. ئىسفەندىيار پۇرسەتنى قولدىن بەرمەي تۆمۈردە قۇيۇلغاندەك مەزمۇت قوللىرىنى  كوھرامنىڭ بېلىگە ئۇزۇتۇپ بەلبېغىدىن تۇتۇپ بىرلا كۈچىۋىدى كوھرام ئېتىدىن  خۇددى چامغۇر يۇلۇنغاندەكلا يۇلۇنۇپ چىقتى.ئىسفەندىيار ئۇنى شۇ ككتۈرىشىدە بېشىدىن ئىگىز كۆتىرىپ بىر –ئىككىنى پىرقىرىتىۋەتكەندىن كېيىن غەزەپ بىلەن يەرگە ئۇردى.ئۇنىڭ بەدىنى سايلىق  يەرگە نەچچە ئىلىك پېتىپ كەتتى.كوھرام ‹‹مەن نىمە بولدۇم›› دەپ ۋايجان –ۋايەينى باشلىغۇچە ئىسفەندىيارنىڭ بىرنەچچە چاپارمىنى ئوقتەك ئېتىلىپ كېلىپ ئۇنى مىدىرلىغۇسز ھالەتتە چەمبەرچەس باغلاپ تاشلىدى.ئاندىن ئەسكى تاغارنى سۆرىگەندەك سۆرەپ تۇتقانلار قاتارىغا ئاپىرىپ تاشلىدى.

قابىلجان

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  239
يازما سانى: 185
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 514
تۆھپە : 0
توردا: 82
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-8

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-6-13 00:22:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ھال تۇران لەشكەرلىرىگە دەھشەتلىك زەربە ئېلىپ كەلدى.ئۇلار خۇددى يولۋاسقا يولۇققان توشقانلاردەك قاتتىق چۆچۈشۈپ، قوللىرىدىكى نەيزە- ئومۇتلىرىنى تاشلىشىپ تەرەپ تەرەپلەرگە قېچىشقا ئۇرۇندى.ئىران لەشكەرلىرى ئۇلارنى بىر-بىرلەپ قوغلاپ تۇتۇشقا كىرىشتى.قارشىلىق كۆرسەتمىگەنلەر ئەسىر ئېلىندى.قارشىلاشقانلار جايىدىلا چېپىپ تاشلاندى.تىغلار يامغۇر كەبى ياغدى،باشلاركۈز يوپۇرماقلىرىدەك  تۆكۈلۈشكە باشلىدى. قىر -چاپ تېخىمۇ ئاۋۇپ تۇران لەشكەرلىرىگە قىيامەت قايىم بولغاندەك بولۇپ كەتتى. جەسەتلەر مەيداندا يېڭىدىن- يېڭى دۆۋىلەرنى پەيدا قىلدى.قانلار دولقۇنلىنىپ ئاقتى.
فىردەۋسى شۇ كۈنكى جەڭ مەيدانىنى تەسۋىرلەپ شۇنداق نەزمىلەرنى پۈتكەن:
  گۈرزىلەر تورۇكلاپ چۈشەتتى ھامان،
جەسەتلەر ھىدىدىن قارايغان ئاسمان.
تىغلار يامغۇر ئىدى،باشلار يوپۇرماق،
بىرىنى تە‍خت چىللار، بىرىنى تۇپراق.
جەڭگاھ بولغان تامام قانلار بۇلىقى،
ئاتلار دەسسەر ئىدى مەرتلەر بېشىنى.
بېسىپ دەسسەپ ئۆتەر قويماي بىئامان،
باشلار ئاياغلارنىڭ ئاستىدا يەكسان.
جاھان خاھىشىنى بىلگۈچى يوقتۇر،
بۇ ئالەم تېپىشماق سىرغا تولۇقتۇر.
تېگىدە ئۇچقۇر ئات بولغانلار شۇ چاغ،
تېز قېچىپ كېتىشتى جەڭگاھتىن ئۇزاق.
كىمىكى شىر ئاغزىغا ئۇدۇل كەلسە گەر،
قالمىدى ئامان،يوق ھاياتتىن ئەسەر.
ئاز قالدى بۇندا تۇران تۈرىكلىرى ،
تونۇماق تەس ئىدى تۇققان ئۇرۇقلىرى.
قالغاندۇر ئۇلاردىن ئازراق ئېھتىمال،
ئۆز ناملىرىن ئېيتسا بولاتتى مالال.
ئۇلار كەتتى ئىككى كۆزىن ياشلاپ،
ساۋۇت ھەم دوبۇلغىلارنى تاشلاپ.

قابىلجان

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  239
يازما سانى: 185
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 514
تۆھپە : 0
توردا: 82
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-8

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-6-13 00:22:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۇرانلاردىن ئامان قالغان،قېچىشقا ئۈلگۈرەلمىگەن بىر قىسىملىرى قۇراللىرىنى تاشلاپ،كۆزلىرىنى ياشلاپ،بەزىلىرى خىقىللىقتىن باشلىرىنى قاشلاپ ،روھى چۈشكەن،قەددى پۈكۈلگەن،بېشى ئىگىلگەن ھالەتتە    ئىسفەندىيارنىڭ  ئالدىغا كېلىپ تىزلىنىپ يىغلاشقانلىرىچە ئامانلىق تىلەشتى.لېكىن بۇ كۈنى ئىسفەندىيارنىڭ يۈرىكى تاشتىنمۇ قاتتىق قېتىپ كەتكەن ئىدى.ئۇ رەھىم-شەپقەت دېگەننى بىلمەيتتى.شۇڭا ئۇلار قانچە يىغلاپ قاخشىمىسۇن ھىچكىمنى كەچۈرمەي تەرسالىق قىلدى.مەيلى ساق،مەيلى مەجرۇھ؛ مەيلى قېرى،مەيلى ياش؛مەيلى ئايال مەيلى بالا ئىشقىلىپ ھىچكىمنى كەچۈرمەي ھەممىنى قىلىچتىن ئۆتكۈزۈشكە بۇيرۇدى.قاللاتلار ئىش باشلىدى.جەڭگاھنى يېڭىدىن دات –پەرياد  ئاۋازلىرى قاپلىدى.يېڭىلا قىزىرىپ چىققان كۈن بۇ دەھشەتلىك پاجىئەگە شاھىت بولدى.كېيىن كۆرۈۋېرىشكە تاقەت قىلالمىدىمۇ قانداق ئۆزىنى قاپقارا  بۇلۇتلار كەينىگە ئالدى.بۇلۇتلارمۇ تاقەت قىلالماي ‹‹كۆز ياشلىرى››نى ئايىماي تۆكۈشكە باشلىدى.
شۇ كۈنكى قىرغىندا  تۇراندىن بىرەرمۇ نامدار زات،بىرەرمۇ شاھزادە ئامان قالمىدى.شاھ سارىيىدىكى مەلىكە قىزلار،كېنىزەكلەر،مەلىكىلەر ۋە چۆرە  ئاياللار بولسا بايلىقلار قاتارىدا ئولجا ئېلىنىپ ئىرانغا ئېلىپ كېتىشكە تەييارلىتىلدى.
  بۇ ئىشلاردىن كېيىن ئىسفەندىيار قەلئە دەرۋازىسى ئالدىغا ئىككى ئىگىز دار تىكلەشنى، ئۇلارغا ئۈزۈلمەس ئارغامچىلارنى بىكىتىشنى بۇيرۇدى. ئەندەرىمان قاتارلىق قولغا چۈشكەن ئىككى شاھزادە دارغا بېشى يەرگە پۇتى ئاسمانغا قىلىنىپ رەھىمسىزلەرچە دارغا ئېسىلىپ قىيناپ ئۆلتۈرۈلدى.شۇندىن كېيىن ەشكەر ۋە چاپارمەنلەر كوچىمۇ –كوچا،ئۆيمۇ-ئۆي ئىزدەپ يۈرۈپ ئۇچرىغان،،چالا قالغان دۈشمەنلەرنى  بىر بىرلەپ تۇتۇپ كېلىپ ئۇلارنىمۇ ئاخىرەتكە يولغا سېلىپ يوقلۇق شارابىنى ئىچكۈزدى.ئۇندىن كېيىن غەزىنىلەر تالان قىلىندى.شاھنىڭ قەسىر ئايۋانلىرى كۆيدۈرۈلدى.بۇ كۆيۈشنىڭ ئىس تۈتەكلىرى نەچچە كۈنلەرگىچە بۇ يۇرتنىڭ ئاسمىنىدىن يىراق كەتمىدى.
بارلىق ئىشلار تۈگىگەندىن كېيىن ئىسفەنديار قاتتىق بىر زىياپەت ئۇيۇشتۇرۇپ قارنىنى تويدۇرۇۋالغاندىن كېيىن خاراپ بولغان زىمىننى تاشلاپ زور كارۋان تەشكىللەپ بۇلاپ تالىغان بايلىقلىرى ۋە ئەسىر ئېلىنغان ئادەملىرىنى ئېلىپ زەپەر تۇغىنى لەپىلدەتكىنىچە ئىرانغا قايتتى. بۇ تۇغنى زەپەر تۇغى دېگەندىن كۆرە‹‹ قان تېمىۋاتقان قىساس تۇغى ››دېگەن تۈزۈك ئىدى.
يەتتىنچى بۆلۈمى تۈگىدى.

قابىلجان
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش