كۆرۈش: 142|ئىنكاس: 3

خىزىر ئىكەن بوۋام ئەسلىدە [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  830
يازما سانى: 372
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 739
تۆھپە : 0
توردا: 125
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-7

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-29 14:58:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خىزىر ئىكەن بوۋام ئەسلىدە


ئاڭلىغانتىم بۇرۇنلا،
خىزىر ھەققىدە.
قىلاتتىم ھەم ئۇنىڭغا،
دىلدىن ئەقىدە.

ئاپئاق ساقال،خۇشچىراي،
ئىكەنمىش خىزىر.
تاپار ئىكەن ھەرقانداق،
مۈشكۈلگە تەدبىر.

قەدەم قويسا ئۇ ئەگەر،
قايسى يۇرت-ئەلگە.
يامانلارنىڭ قەستى تەڭ-
بولارمىش نۆلگە.

كىم مۇھتاجلىق تارتسا گەر،
قايسى بىر ھالدا.
ھەتتا پەيدا بولارمىش،
ئىكەن جاڭگالدا.

يېتىملەرنىڭ سىلارمىش،
ئىكەن بېشىنى.


ئۆز قولىدا سۈرتەرمىش،
ئىكەن يېشىنى.

ھەتتا قاقاس-جاڭگالغا،
تەگسە ئايىقى.
بولارمىشكەن ئاشكارە،
ئۇنىڭ بايلىقى.

بارغان يۇرتتا ئادىللىق،
دەۋران سۈرەركەن.
پۇقرالىرى ئۆم-ئىناق،
خوشال يۈرەركەن.

  *  * * *
بۇ خىسلەتنىڭ تولىسى،
بوۋامدا ئىدى.
ئەپسۇس،رەھىمسىز ئەجەل،
بىزنى ئايرىدى.

قىلماپتىمەن بارىدا،
قەدرىنى ،توۋا.
خىزىر بولۇپ چۈشۈمگە،
كىرىدۇ غۇۋا...

مەنبە: ئىجادىيەت.

mukam.cn

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  333
يازما سانى: 40
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 307
تۆھپە : 0
توردا: 42
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-8-31

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-29 17:44:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ شېئىرىڭىز ماڭا مەرھۇم شائىر ئابلىمىت سادىق ئاكىنى ئەسلەتتى ...

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1432
يازما سانى: 388
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 790
تۆھپە : 0
توردا: 63
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-7

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-30 00:32:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
         ياخشى چىقىپتۇ،تىلى يەڭگىل ھەم چۈچۈك، كېچىك دوسىتلار چۇقۇم ياقتۇرىدۇ.

دىلىڭ كۆيمىسۇن نائۈمۈتلىك بىلەن،
يۇرۇق كۈن تۇغۇلغاي قارا كېچىدىن.
                        ـ «دانالار خەزىنىسى»دىن.

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2707
يازما سانى: 442
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1516
تۆھپە : 0
توردا: 124
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-7
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-30 19:24:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆز قولىدا سۈرتەرمىش،
ئىكەن يېشىنى.
   بۇ كوبلىتتىكى  ‹ئىكەن› نىڭ ئورنىغا باشقا سۆز ئالغان بولسىڭىزچۇ؟ تەكرارلىنىش...بالىلار ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ قەلەم تەۋرىتەلەيدىغانلىقىڭىزغا ئىشىنىمەن.

سەھەر تۇرۇپ 1-قىلدىغان ئىشىڭىز نىمە؟
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش