خۇددى قېرى ئۈجمىنىڭ قوۋزىقىدىكى قوپال سىزىقلاردەك يول-يول قورۇقلار سىزىلغان مىسكىن چىرايىڭنى ھاياتىڭغا گۇۋاھ بولالايدىغان ئەبجاق ھارۋاڭغا قېتىپ ئايىغى يوق جاڭگال ئارىسىدىن بىر پاتمان ئوتۇن، ياق! بىر پاتمان ئازابنى سۆرەپ كېلىسەن. مۈكچەيگەن قەددىڭنى ئىسلاشقان تۈۋرۈككە ئەمدىلا يۆلەپ تۇرغىنىڭدا، تۈگىمەس تۇرمۇش غېمى يەنە سېنى ئۆز قىسماقلىرىغا ئالىدۇ. يەنە شۇ بىر خىل رېتىمدا تاڭ سۈبىھىيدە چىقىپ كەتسەڭ، كۈن پاتقاندا، ئەللەر ئۇيقۇغا كەتكەندە غېرىپ كۆلبەڭدە پەيدا بولىسەن-دە، ئۈن-تىنسىز ھالدا ئۇيقاڭغا ھارغىن پېتى كىرىپ كېتىسەن. بەلكى چۈشۈڭدىمۇ بىراۋلار بىلەن جاڭگالدىن ئوتۇن ئېلىپ چىقىدىغانسەن، ئۇلار بىلەن تۈگىمەس پاراڭلارغا چۈشۈپ كېتىدىغانسەن ياكى بولمىسا ھەرقاچان جېنىڭغا چاڭگال سېلىۋاتقان ئەزرائىل ساڭا قورقۇنچلۇق ھېكايەتلەرنى ئېيتىپ بېرىدىغاندۇ...
سېھىرگە بايسەن، پۇل-مالدا چالسەن. كۈلۈشلىرىڭدە بىر پارە مۇھەببەت، يىغلاشلىرىڭدا بىر توقام ئازاب، زارلىنىشلىرىڭدا ئالامچە كۈلپەت. يۈرىكىڭنى ھەر نۆرە ئېشىكىڭنى توپا يول تامان يېتەكلەپ دۆۋلەپ كەلگەن ئوتۇنلىرىڭ بىلەن تەڭ قالاپ بولغانسەن. ھەمراھىڭ يوق. جاھاننىڭ قىيا-قىساڭلىرى بىردىنبىر ھەمراھىڭدۇر، بەلكىم.
قاقشىمايسەن. يولۇڭغا تەلمۈرۈپ ئولتۇرىدىغان غېرىپ مومىيىڭنىڭ ئۇھلىرىنى ناخشا قىلىپ ئاڭلايدىغانسەن. كۈلكىسىگە ئارمانلىرىڭنى قېتىپ كۈلىدىغانسەن...مەئىشەت سېنى تاشلاپ كەتكەندەك، يېپيىڭى سەھەرلەر ساڭا قۇچاق ئاچقاندەك... قاغجىراق سەھرا بازىرى سېنى توپىلارغا كۆمۈۋەتكەندەك...
قولۇڭنى تۇتتۇم. تۇرۇپ قالدىم. قوللىرىڭ ئوتۇن، يۈرىكىڭ بىر مەش. يۈرىكىڭنى سىيلاشقا قۇربىڭ يوق، شىۋىرغان كۆكسىدىن قىلچىمۇ ھارارەت تاپالمايسەن... يۈرىكىڭدىكى لاۋالاردا ئەللەرنى ئىسسىتتىڭ-يۇ، ئۆزۈڭ قوياشنىڭ زەررىچە ئاپتىپىنى كۆرمىدىڭ. بۇلاقلارغا سۈزۈك سۇ بولدۇڭ، گېلىڭ تەشنالىقتىن پۇچىلاندى. يوللاردا ئاۋايلاپ دەسسىدىڭ... ئاقىۋەت زېمىن ساڭا ئاچ بۆرىدەك تاشلاندى...