كۆرۈش: 1516|ئىنكاس: 52

مەھەمەتجان راشىدىن شئېىرلىرىدىكى «مەخپىيەتلىك» ئەزىز ھېيت كۈن [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 12Rank: 12Rank: 12

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  190
يازما سانى: 958
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 2028
تۆھپە : 1
توردا: 345
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-15 04:30:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇھەمەتجان راشىدىن شئېىرلىرىدىكى « مەخپىيەتلىك»              
ئەزىز ھېيت كۈن
شائىر مۇھەمەتجان راشىدىن –ئۇيغۇر يېڭى دەۋىر شئېىريىتىنىڭ ئاتاقلىق نامايەندىلىرىنىڭ بىرى.1992 -يىلى «تەڭرى تاغ » ژورنىلى ئوقۇرمەنلەر رايىنى سىناش پائالىيىتى ئېلىپ بارغاندا  ئەڭ كۆپ ئاۋازغا ئېرىشكەن 3 شائىرنىڭ تەرتىپى «مۇھەمەت جان راشىدىن،ئوسمانجان ساۋۇت،ئەخمەتجان ئوسمان »شەكلىدە تىزىلغان بولۇپ،ئەڭ كۆپ ئاۋازغا ئېرىشكەن شائىر مۇھەمە تجان راشىدىن بولغان  ۋە 90-يىللارنىڭ بېشىدىن باشلاپ مۇھەمەتجان راشىدىننىڭ ئۇيغۇر شئېىريىتىدىكى بايراقدار شائىرلىق ئورنى تىكلەنگەن.يىگەرمە يىلدىن كۆپەرەك ۋاقىتتىن بۇيان مۇھەمەتجان راشىدىن ئاكا ئۆزىنىڭ شئېرىي ئىجادىيەتتىكى ئالتۇن دەۋرىنى باشتىن كەچۇردى.جەمى 1000 پارچىدىن ئارتۇق شئېىر،20 پارچە ھىكايە،15 پارچە ئىلمىي ماقالسى ئىلان قىلنغان.«كاككۇك گۈلى»«يىللار ئىزى»«كۈنلەر ئەلبۇمى»«ئانا يەرقەسىدىسى» ئۆمۈر ئىلھاملىرى»«ئا نا تاغلار»«ھايات دىگەن مانا شۇ» قاتارلىق شئېىرلار توپلىمى،«تېنىگەن كۆڭۈل» ناملىق پوۋىست،ھىكايە،ئەسلىمە توپلىمى نەشىر قىلىنغان. «تارىم » «تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى»«تۇلپارمۇكاپىتى»«تارىم ئالتۇن توي»«ئىجادىيەت تۆھپىكارى» قاتارلىق دۆلەت ،ئاپتۇنۇم رايۇن،ئوبلاست دەرىجىلىك جەمى 7 تۈرلۈك مۇكاپاتقا نائىل بولغان.2003-يىلى 11-ئايدا ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق يازغۇچىلار جەمىيىتى شائىرنىڭ ئىجادىيەت مۇساپىسىنىڭ 45 يىللىق مۇناسىۋىتى بىلەن «مۇھەمەتجان راشىدىن ئەسەرلىرى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى» ئۇيۇشتۇرۇپ ،شائىرنىڭ ئىجادىيەت نەتىجىلىرىنى مۇئايەنلەشتۈرۈپ يۇقۇرى باھا بەرگەن ۋە شائىرغا تون كەيدۈرگەن.مەھەمەتجان راشىدىن مول نەتىجە ياراتقان خەلق شائىرىدۇر.
مۇھەمەتجان راشىدىن شئېىرلىرنىڭ ئالاھىدىلىكى ھەققىدە تەتقىقات ماقالىلىرىمۇ ئېلان قىلىندى. مۇھەمەتجان راشىدىن شئېىرلىرنىڭ ئاممىباپلىق،ئونۋېرساللىق ،چىنلىق خۇسۇسىيەتلىرىگە ئىگە ئىكەنلىكى،شئېىرىي تىلىنىڭ خەلقنىڭ ئاغزاكى تىلىغا يېقىن ھەم ئىنتايىن راۋان،قايماقتەك يېقىشلىق ئىكەنلىكىمۇ مۇئايەنلەشتۈرۈلدى.يۇقۇرقى ئالاھىدىلىكلەر مەھەمەتجان راشىدىن ئاكىنىڭ شئېىرلىرىدا ھەققىقەتەن  مەۋجۇت.ئەمما شۇ ئالاھىدىلىكلەر ئۇنىڭ شئېىرلىرىدىكى ئالاھىدىلىكنىڭ تاشقى پوستىلا –ھادىسىلىك تەرىپىلا بولالايدىكى ھەرگىزمۇ مېغىزى-ماھايەتلىك تەرىپى بولالمايدۇ.ئوچۇق ئېيتقاندا يۇقۇرقى شۇ ئالاھىدىلىك لەر مەھەمەتجان راشىدىن ئاكىنىڭ نەچچەيۈزلىگەن شئېىرلىرنىڭ ئاۋام خەلق قەلبىگە قۇمغا سۇ سىڭگەندەك سىڭىپ كېتىشى، شئېىرىي توپلاملارنىڭ تۆۋەندىكى –ناھىيە،يېزا-بازار كىتاپخانىلىرىدا تىز تۈگەپ كېتىشى،نۇرغۇن شئېىرلىرىغا ئاھاڭ ئىشلىنىپ ناخشا قىلىپ ئېيتىلىشى،ھىكمەتلىك شئېىرلىرىنىڭ دۇكان،مەرىكە زالى،سىنىپ ،مەدەنىيەت پائالىيىتى سورۇنلىرىنىڭ تۆر تاملىرى غا ھۆسنىخەت بولۇپ يېزىلىپ رامكىغا ئېلىنىشى،تۈرلۈك بەزمە سورۇنلىرىدا جامائەتنىڭ ھوزۇرلىنىشى ئۈچۈن ئوقۇلىشى.... قاتارلىق رىئال ئەھۋاللارنىڭ بارلىققا كېلىشىدىكى تاشقى سەۋەپلەردۇر.ئۇنداقتا مۇھەتجان راشىدىن ئاكا شئېىرلىرىنىڭ ئىچكى ئالاھىدىلىكى نىمە ؟ بۇ ھەرگىزمۇ يۈزەكى مەسىلە بولماستىن مۇھەمەتجان راشىدىن ئاكا شئېىرلىرىنىڭ سىر-مەخپىيەتلىكىگە چېتىلىدىغان ئاچقۇچلۇق مەسىلىدۇر.                 
  پەلسەپەۋىيلىك جەھەتتىن ئالغاندا  ئاددىلىق ئىچىدە ئۇلۇغلۇقنى يورۇتۇپ بېرىش مۇھەمەتجان راشىدىن شئېىرلىرىنىڭ مەزمۇن ئالاھىدىلىكىنىڭ يادرۇسىدۇر.

        شۆھرەت،شئېىر ۋە مەن

قەلەمنى ئالغىنىم يوق شۆھرەت ئۈچۈن                                 
يۈكسەكلىك تالاشمايمەن ھېچكىمدىنمۇ.                                
مۇرادىم-ئەلنىڭ مەندىن مەمنۇنلىقى،
ئەپسۇسلار ئاڭلىغۇم يوق ھېچكىمدىنمۇ.  
........                                                            
ياراشماس تاغلارغىمۇ تەكەبۇرلۇق،                                   
ئاسمان بار ئۇنىڭدىنمۇ چۈنكى ئىگىز.                                 
قانچىكى پەستە بولسا شائىر كۆڭلى                                    
ئەل ئۇنى كۆرىدىكەن شۇنچە ئەزىز.                                    
ئېسىلسۇن ئېسىلغانلار ئىگىز شاخقا،                                   
زەرىچە تارلىقىم يوق ئەزبىرايى.                                          
ۋەلىكىن  مەن يادىغا سېلىپ قوياي،
پەستىدۇر يۈكسەكلىكنىڭ ئەسلى جايى.
مەيدەڭنى كېرىۋالما مىسرالىرىم،                                      
بىر قۇلنىڭ ئاۋازىسەن خەلق ئۈچۈن.                                      
ئەگىپ ئۆت يولدا شۆھرەتپەرەسلەردىن،                                
دوست بولما ھەمدە شۇنداق قەلب ئۈچۈن   
..................

نەپ بىلەن ئۆلچىمەيمەن ئادەملەرنى                                      
ئۆلچەيمەن پەزىلەتنىڭ  قېلىپىدا.                                      
ياخشىلار بىزار بولغان مەلئۇنلارنىڭ                                    
ئەجىلى شئېىرىمنىڭ قىلىچىدا.                                          
مىنمەيمەن ماختىنىشنىڭ تۇلپارىغا،                                 
قۇرلارغا قىستۇرمايمەن مەنمەنلىكنى.                                 
كۇيلىرىم ئادەت قىلۇر ئابرۇي ئەمەس،                                 
خەلقىمنىڭ يۈرىكىگە ھەمدەملىكنى.

     1984-يىلى 6-ئايدا يېزىلغان يۇقۇرقى شئېىردا مۇھەمەتجان راشىدىن نىمە ئۈچۈن يېزىش ۋە كىم ئۈچۈن يېزىش مەسىلىسىدە ئۆزىدە ئوچۇق،سۈزۈك،ئېنىق بولغان كۆزقاراش،ئىدىيىنى تۇرغۇزۋالغان.بولۇپمۇ ئۇنىڭ:
      پەستىدۇر يۈكسەكلىكنىڭ ئەسلى جايى
   ناملىق مىسراسىدا ئىجادى تەپەككۇر كەڭلىكى ۋە چوڭقۇرلۇقى يۈكسەك دەرىجىدە ئىخچاملانغان.شائىر دىمەكچىكى چوققىلار ئاسماننى يۈكسەكلىك بىلىپ تەلپۈنگىنى بىلەن ئاسماننىڭ  ئۆزىگە  ئۇدۇلىدىكى (پەستىكى) زىمىن –يەر بىر يۈكسەكلىك بولۇپ كۆرىنىدۇ.بۇ خۇددى دېڭىزنىڭ  ئىككى قىرغىقى ئۆز-ئارا بىر-بىرىگە مەنزىل بولغىنىدەك بىر ئىش. مۇھەمەتجان راشىدىن ئاكا چارەك ئەسىر ئىلگىرلا شۆھرەتپەرەسلىك، مەنپەتپەرەسلىك ۋە بارلىق شەخسى غەرەزلەردىن يىراق تۇرۇپ  «خەلق  ئۈچۈن ئاۋاز ياڭراتقۇچى قۇل » بولۇش يولىنى تاللىۋالغان.دىمەك خەلق –پۇقرالار بىلەن بىر مەيداندا، نەزەردە تۇرۇش يولىنى تاللىۋال لىغان.ئۇنىڭ نەچچە يۈزلىگەن شئېىرلىرىنىڭ ھەر بىرىدەئىشلىتىلگەن سۆزلەرئەڭ ئاددى سۆزلەر بولسىمۇ باش تېمىنى ئەكس-ئەتتۈرۈشتە ھەر بىر سۆز ئەڭ ئۈنۈملۈك رولغا ئىگە قىلىنغان. ئەڭ موھىم يېرى مۇھەمەتجان راشىدىن ئاكا شائىرلىق سالاھىيىتىدە ئەمەس بەلكى ئاددى بىر ئادەم سۈپىتىدەئوتتۇرغا چىقىپ ئاددى تىل ئارقىلىق ئوقۇرمەنلەرگە ھەر بىر شئېىردا بىر ھەققىقەتنى يورۇتۇپ بەرگەن.ئوقۇرمەنلەر بىرىنچىدىن شائىرنىڭ ئۆزلىرى بىلەن ئوخشاش بىر مەيداندا تۇرغانلىقىنى، ئىككىنچىدىن ئاددى تىلدا-ئۆزلىرىگە ئەڭ تونۇش تىلدا  ھەققىقەتنى يورۇتقانلىقىنى ھېس قىلىپ شائىرنى ئۆز لىرىگە ئەڭ يېقىن سەزگەن ۋە شئېىرنىمۇ ئىنتايىن ياقتۇرغان.بۇ جەريان ئىنتايىن تەبئى بولغان بىر قېتىملىق شئېىر  ئوقۇش...ئاڭلاش جەريانى بولغان.دىمەك ئاددى تىلنى ئىشلىتىش ئىككى  ئۈنۈمگە-خەلق بىلەن قەلبتە يېقىنلىشىش ئۈنۈمىگە ،شئېىردىكى ئاددى ئەمما چوڭقۇر ،ئۇلۇغ پىكىرنى ھېس قىلدۇرۇش ئۈنۈمىگە ئېرىشكەن.ئوقۇرمەن مۇھەمەدجان راشىدىننىڭ شئېىرلىرىنى ئوقۇغاندا تەبى ھالدا ئۆزىنىڭ بىر قاياشى –يېقىن كىشىسىنىڭ شئېىرىنى كۆرىۋاتقاندەك تۇيغۇغا كېلىدۇ.ئەمىليەتتىمۇ مۇھەمەتجان راشىدىن ئاكا مىليۇنلىغان ئۇيغۇر   پۇقرالىرىنىڭ قايىشى-يېقىن كىشىسى بولۇپ ئۇلارنىڭ قەلبىدىكى ئارزۇ-ئارمانلىرى،ئوي-پىكرىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ كەلدى. ئاممىباپلىق–شائر مۇھەمەتجان راشىدىن ئاددى تىلنى ۋاستە قىلىش ئارقىلىق يەتكەن يەنە بىر ئۈنۈمدۇر.مۇھەمەتجان راشىدىننىڭ ئاددى تىل ئارقىلىق يېزىلغان شئېىرلىرى ھەر قايسى ساھە،كەسپ،ئورۇن،تارماقتىكى ئۇيغۇر پۇقرالىرىنىڭ ئىستىتىك زوقلىنىش تەلىپىگە ئۇيغۇن كېلىدۇ.بىز مۇھەمەتجان  راشىدىن شئېىرلىرىغا نەزەر ئاغدۇرغىنىمىزدا دەماللىققا ناھايىتى ئاددى دەك،ئەھمىيەتسىز تەسۋىر ۋە لىرىكىدەك بىلىنىدۇ.لىكىن چوڭقۇر سۇنىڭ ئۈستى شەپىسىز-تىنچ،ئاقمىغاندەك كۆرۈنسىمۇ ئاستى تىز،شىددەتلىك ئاققىنىدەك ئۇنىڭ شئېىرلىرى ئاددى سۆز بىلەن يېزىلغان بولسىمۇ  تۇيغۇنىڭ ۋە تۇيغۇ بىلەن بىرىكىپ كەتكەن مەنا قاتلاملىرىنىڭ ئاددى ئەمەسلىكىنى چوڭقۇرلۇق،كەڭلىك،ئۇلۇغلىققا تويۇنغانلىقىنى سېزىپ يېتىمىز. مۇھەمەتجان راشىدىن ئاكىنىڭ كۆپىنچە شئېىرلىرىدا ياشاشنىڭ  قانۇنىيىتى ۋە بەزى چوڭقۇر قاتلاملىرى ئاددى تىل،ئەپچىل قۇرۇلما، رىئاللىققا ئۇيغۇن تەسەۋۇرلار ئارقىلىق يارقىن يورۇتۇپ بېرىلگەن. بۇ خىل شئېىرىي ھىكمەتلەر ئاددى پۇقرالارنىڭ ئازۇسى،تەلىپىنىڭ جەۋھەر لەشتۈرىلىشى بولۇپ ئەكس ئەتكەن بولغاچقا ئۇلارنىڭ قەلبىگە تىزلا  ئورناپ كەتكەن. ئومۇمەن پەلسەپەۋىيلىك نوقتىسىدىن ئېيتقاندا مۇھەمەتجان راشىدىن شئېىرلىرى ئاددىلىق ئارقىلىق ئۇلۇغلۇقنى نامايەن قىلىشنىڭ ئۈلگىسىدۇر.                                             
ئۇسلۇپ جەھەتتە مۇھەمەتجان راشىدىن چوڭ يېڭىلىق ياراتقان ئۇلۇغ شائىردۇر.مەيلى ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى تارىخىدا ياكى ھازىرقى زامان ۋە يېڭى دەۋىر ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تارىخىدا ئۇيغۇر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىنىڭ كوزۇر ژانىرى بولغان ئۇيغۇر خەلق قوشاقلىرىدىن ئۆرنەك ئالغان،پايدىلانغان ئۇيغۇر شائىرلىرى ئاز ئەمەس.ئەمما ئۇيغۇر خەلق قوشاقلىرىنىڭ تۈپ ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن ئۇيغۇر شئېىريىتىنىڭ يادرۇلۇق ئالاھىدىلىكىنى ئۆز –ئارا بىرلەشتۈرۈشنى ئۆزىنىڭ ئىجادىيەت ئۇسلۇبى قىلغان شائىرلار كۆرۈلۈپ باقمىغان.لىكىن شۇ بوشلۇقنى مۇھەمەتجان راشىدىن تولدۇردى.مۇھەمەتجان راشىدىن باشقا شائىر لىرىمىز يارىتىپ باقمىغان ئۇسلۇپنى رەسمى ياراتى! بۇمۇ بىر چوڭ يېڭىلىق!               
     يېڭى جوڭگو قۇرۇلغاندىن تارتىپ 1980-يىلىغىچە ئۇيغۇر خەلق قوشاقلىرىغا ۋارىسلىق قىلغۇچىلار بەلگىلىك ساندا مەۋجۇت بولغان.شۇنىڭدىن كىيىن قوشاقچىلار مەۋجۇت بولسىمۇ ئىجادى خاراكتىرى سۇسلاپ كەتكەن.كىشىلەرنىڭ نەزرىدە قوشاق دىسە ئۆتمۈش زامان تەسەۋۇر قىلىنىدىغان ئەھۋال بارلىققا كەلگەن.ھەتتا يېقىنقى يىللارغىچە ئەمدى خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى قايتا پەيدابولماسمۇ؟ دىگەن سۇئال تۇغۇلۇپ كەلدى.دەرۋەقە خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى ئەسەرلىرى قايتا پەيدا بولمايدىغان قىممەتلىك بايلىق.شۇڭا ئۇيغۇر خەلق داستانلىرى دەسلەپكى قەدەمدە دۆلەت دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان (خەلق  ئېغىز ئەدەبىياتى ئومۇمى تۈرلىرىگە نىسبەتەن ) غەيرى ماددى مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى.    مەھەمەتجان راشىدىن شئېىرلىرىدا بىر جەھەتتىن ئۇيغۇر يېڭى دەۋىر شئېرىيتىنىڭ خۇسۇسىيەتلىرى بار،يەنە بىر جەھەتىن ئۇيغۇر خەلق قوشاقلىرىنىڭ ئالاھىدىلىكى بار.تەپەككۇر يۈرگۈزۈش ئۇسۇلى جەھەتتىن ئالغاندا  ئۇيغۇر يېڭى دەۋىر شئېىرىيتى خۇسۇسىيتى سېزىلىپ تۇرىدۇ.  چۈنكى خەلق قوشاقلىرىنىڭ تەپەككۇر يۈرگۈزۈش ئۇسۇلى ئالدىنقى ئىككى مىسرادا تەبى موھىت ھالىتىنى كىيىنكى ئىككى مىسرادا ئوي-پىكىرنى ئىپادىلەيدۇ.شئېىريەتتە بولسا ئۇنداق تەپەككۇر يۈرگۈزۈش ئۇسۇلى قوللىنىلمايدۇ.مەسلەن.

ئاي بىلەن كۈن ئاشىق ئىكەن.
  چولپانغا ھەمراھ يوق ئىكەن.
  ئاخۇنۇمدىن سورىسام
  ئاشىققا نىكاھ يوق ئىكەن.

شئېىردا ئوخشىمايدۇ.مەسىلەن؛

ئالدىدا ئايالىڭنىڭ
مەندەك تىك تۇرالامسەن؟  
كۈندۈزى تاماق ئېتىپ
ئاخشىمى كىر يۇيالامسەن؟

  مۇھەمەتجان راشىدىننىڭ «مەندەك بولالامسەن؟»ناملىق ساتىرىك شئېرىدىن
                     
مەيلى خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى بولسۇن ياكى يازما ئەدەبىيات بولسۇن ھەر ئىككىسى ئوخشاشلا تىلنى ئىپادىلەش ۋاستىسى قىلىدۇ.ئەمما ھەر ئىككىسى تىلنى ئىپادىلەش ۋاستىسى قىلغان بىلەن ئىككىسىنىڭ ئىپادىلەش ۋاستىسى ئوتتۇرسىدا ئىنچىكە پەرقلەر مەۋجۇت.مۇھەمەتجان راشىدىن شئېىرلىرىنىڭ تىلى خەلقنىڭ ئاغزاكى تىلى بىلەن 90 پىرسەن ئوخشاشلىققا ئىگە.تىل ئىپادىلەشتە جۈملە،مىسرا،دىيالوگدىن ئىبارەت ئۈچ خىل بىرلىكتىن ھالقىپ كەتمەيدۇ.ئادەتتە بىز قانداق ئويلىغان بولساق شۇنداق سۆزلەيمىز.سۆزىمىز ئېھتىياجغا قاراپ يا جۈملە،يا مىسرا ۋە ياكى دىيالوگ شەكلىدە ئايان بولىدۇ.تىلنىڭ شۇ ئەمىلىيىتىگە ئاساسەن فونىتىكا،لىكسىكا،گىراماتكادىن ئىبارەت ئۆز-ئارا باغلىنىشلىق ئۈچ بۆلەكنىڭ يۇغرۇلمىسى بولغان تىلشۇناسلىق بارلىققا كەلگەن.ئۇيغۇر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىدا ئۇيغۇر تىلىنىڭ نەچچە مىڭ يىلدىن بۇيانقى ئىخچاملىق، يەڭگىللىك، ئېنىقلىق،ئوبرازچانلىق،دەللىك،سۈزۈكلۈك،ئۆتكۈرلۈك،ئاھاڭدارلىق،شەكىلداشلىق...قاتارلىق ئېسىل خۇسۇسىيەتلىرى ساقلىنىپ قالغان.ئۇيغۇر خەلق قوشاقلىرى،چۆچەكلىرى،مەسەللىرى،ماقال-تەمسىللىرى،ئىديۇملىرى،لەتىپىلىرى،تېپىشماقلىرى ئاساسەن ئاھاڭدار، راۋان،يارقىن،ئىخچام،ئۆتكۈر سۆزلەردىن تۈزۈلگەن بولۇپ،ئۇزاق تارىخى جەرياندا ئەستە تۇتۇشقا ئوڭاي بولۇش ۋە ئاممىباپ،ئونۋېرسال بولۇشنى شەرت قىلغان بولغاچقا زامان ،ئەسىرلەر چەكلىمىسىدىن ئۆتۈپ دەۋرىمىزگە  يېتىپ كەلگەن.  
     ئۇيغۇر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىنىڭ يەنە بىر موھىم ئالاھىدىلىكى ھەرقانداق مەزمۇننى ئەڭ ئاددى ،ئەڭ راۋان ئۇسۇلدا بايان قىلىپ بېرىشتىن ئىبارەت.بۇ ئۇسۇل قەدىمكى دەۋىرلەردىن بۇيان ئۇيغۇرلارنىڭ تەپەككۇر ئۇسۇلى ۋە ئادىتى بولۇپ كەلگەنلىكتىن كىلاسسىك ئەدەبىياتتىمۇ بۇ ئالاھىدىلىك يارقىن گەۋدىلەنگەن.مىللەتنىڭ مەدەنىيتىنىڭ ۋە ئەدەبىياتىنىڭ مىللى ئالاھىدىلىكى شۇ مىللەتنىڭ تارىختىن بۇيانقى ماددى مەدەنىيەت ۋە مەنىۋى مەدەنىيەت تىندۇرمىسىنىڭ كەڭ ۋە چوڭقۇر قاتلاملىرىغا سىڭىپ كەتكەن بولىدۇ.مەزكۇر يادرۇلۇق خۇسۇسىيەت خۇددى ئېرسىيەت گېنىغا ئوخشاش مىللەتنىڭ مەدەنىيىتى ۋە ئەدەبىياتى  ئۆزگەرتىۋېتىلىش ياكى يۇتۇلۇپ كېتىش خەۋپىگە دۈچ كەلگەندە مۇداپىئە  يىلتىزى بولۇش رولىنى ئۆتەپ مەڭگۈ يۇلۇنماس قوزۇق بولۇپ قالىدۇ. دۇنيادا رايۇنلار،مىللەتلەرنىڭ ئالاھىدىلىكى ئوخشىمىغانلىقتىن ھەرقايسى  مىللەتلەرنىڭ تىلىدا تەپەككۇر يۈرگۈزۈش ئۇسۇلى، ئادىتى، جۇملە تۈزۈلۈش شەكلىللىرىدىمۇ پەرق بولىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ ئوي -پىكىرنى ئەڭ ئاددى ۋە ئەڭ راۋان بايان قىلىپ بېرىدىغان ئىپادىلەش ئۇسۇلى « ئوغۇزنامە» ياكى ئۇنىڭدىنمۇ بۇرۇن بارلىققا كەلگەن ئەسەرلەردە كۆرۈلۈشكە باشلىغان دىسەك خاتا كەتمەيدۇ.ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى زاماندىكى كۆچمەن تۇرمۇش ئادىتى يازما ئەدەبىياتنى ،تارىخنى ئەمەس بەلكى ئېغىز ئەدەبىياتىنى يۈكسەك دەرىجىدە تەرەقى قىلدۇرغان.بۇ جەھەتتە كۆچمەن تۇرمۇش ئادىتى تارىخىنى باشتىن كەچۈرگەن ئازسانلىق مىللەتلەر ئېغىز ئەدەبىياتى ئوخشاشلىققا ئىگە.موڭغوللار،قىرغىزلار،زاڭزۇلار،قازاقلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئوخشاش ئىپوس،داستانلىرى بار.بۇ ،خەنزۇ خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىدىن پەرقلىنىپ تۇرىدىغان ئەھۋالدۇر. ئۇيغۇر لارنىڭ ئوي-پىكىرنى ئەڭ ئاددى،ئەڭ راۋان قىلىپ ئىپادىلەش ئۇسۇلى «قۇتاتقۇ قۇ بىلىك»تىمۇ ئۆز ئىپادىسىنى يارقىن تاپ قان.يۈسۈپ خاس ھاجىپ بىر قامۇس ئارقىلىق يورۇتۇلىدىغان مەزمۇننى بىر داستان ئارقىلىققا يارقىن ئەكس ئەتتۈرگەن.دىمەك ئەڭ ئاددى ،ئەڭ راۋان ئىپادىلەش ئۇيغۇرلارنىڭ  ئەڭ قەدىمكى زامانلاردىن بۇيانقى تەپەككۇر ئەنئەنىسى بولۇپ بۇ ئەنئەنە ئۇيغۇر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىدا ئەينەن ساقلىنىپ كەلگەن.مۇھەمەتجان راشىدىن ئەشۇ گۆھەرنى ئەينەن ئۆزلەشتۈرگەن.
              بىر كۈنى
بالاڭ ئازسا،«ئاھ»ئۇرما،يول تاپىدۇ بىر كۈنى.                        
ئامان بولسا ئۇلارمۇ پۇل تاپىدۇ بىر كۈنى.
خاتا باسقان قەدەملەر قالدۇرغاندا قاتاردىن ،
ئۆزى ماڭغان چاتقالغا ئوت ياققىدۇ بىر كۈنى.                           
گەدەنكەشلىك ھېچكىمدىن ئۇدۇم ئەمەس ئۇلارغا،
ئۆزى كېلىپ ئالدىڭغا گەپ ئاچىدۇ بىر كۈنى.                           
ئات بولغىچە ئاساۋتاي ھەريان چاپسا چاپمامدۇ،
ئۇلارغىمۇ بۇ دۇنيا يۈك ئارتىدۇ بىر كۈنى.
«ئاق» نى چەككەن ئاغزىدا ئوقۇپ ئەپسۇس،پۇشايمان،
قاراپ ئۇلار كەينىگە«ئۇھ» تارتىدۇ بىر كۈنى.
بۈگۈن پاتماي يۈرگەنلەر كوچىلارغا تۈن بويى،
چىللىسىمۇ كوچىلار ،جىم ياتىدۇ بىر كۈنى.
تەييار توغاچ قولۇڭدىن يەۋەرمەيدۇ ئۇلارمۇ،
ئۆزلىرىمۇ ئۇن تارتىپ نان ياققىدۇ بىر كۈنى.
بۇ ئالەمدە ھەر ئىشنىڭ سائىتى بار،ۋاقتى بار،
خۇددى سەندەك ئۆي تۇتۇپ،ئۆي باقىدۇ بىر كۈنى.
كۆندۈرىدۇ بۇ جاھان تالاي ئىشقا ئۇلارنى،
شۇلار چاپقان ئۆستەڭدە سۇ ئاققىدۇ بىر كۈنى.
بىز ئوينىغان نورۇزنى بىزدەك ئويناپ ئۇلارمۇ،
ئىزىمىزدا ئىگەرلەپ ئات چاپىدۇ بىر كۈنى.
پىشانەڭگە ئاسماندىن ئىللىق قۇياش نۇر چاچسا،
يۈرىكىڭگە بالاڭمۇ نۇر چاچىدۇ بىر كۈنى
سەنمۇ ئاتا-ئاناڭنى ئۆتكەن بولساڭ ئەزىزلەپ،
ئوغۇل-قىزىڭ ساڭىمۇ تون ياپىدۇ بىر كۈنى.
شۇ ئىشلارنى كۆرەلمەي ئۆلۈپ كەتسەڭ ئامال يوق،
ھايات بولساڭ مەيدەڭگە گۈل تاقايدۇ بىر كۈنى.
يامان دىسەڭ بالاڭنى،كىم بېرىدۇ ياخشىنى،
ھازىر يامان بولسىمۇ ،ئەسقاتىدۇ بىر كۈنى.

  كۆرۈلۈپ تۇرۇپتۇكى يۇقۇرقى شئېىردا بىر ئادەم ھايات مۇساپىسىدا بېسىپ ئۆتىدىغان ياشاش قانۇنىيىتى ئەڭ ئاددى ،ئەڭ راۋان ئۇسۇلدا سۈرەتلەپ بېرىلگەن.بۇ شئېىرنى شئېىرمىكىن دىسىڭىز قوشاقتەك ئاددى ھەم يەڭگىل.قوشاقمىكىن دىسىڭىز شئېىرنىڭ ئىزچىللىق قانۇنىيتى ساقلاپ قېلىنغان.پەلسەپەۋىيلىك جەھەتتە ئاددى تىل ئارقىلىق «ئادەم ئىسسىق –سوغۇقنى باشتىن كەچۇرۇپ ئاندىن رەسمى ئادەم »بولىدىغانلىقى  يورىتىلغان.ھايات ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان مەزمۇننىڭ كەڭلىكى نوقتىسىدىن ئالغاندا بىر رومان ئارقىلىق ياراتىلىدىغان مەزمۇن ئاددى بىر شئېردا ئەكس-ئەتتۈرۈپ بېرىلگەن.تېخىمۇ موھىمى بۇ شئېىرنىڭ نەچچە مىڭلىغان  ياش ئوغۇللارنىڭ چىن كۆڭلىدىن ياقتۇرىشىغا ئېرىشكەنلىكىدە.ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ گۆدەك ئىكەنلىكىنى بىلسىمۇ كۆڭلىدىكىنى تولۇق ئىپادىلەپ بېرىشكە تىلى ئاجزلىق قىلغان.دەل شۇنداق چاغدا مەزكۇر شئېىرنى كۆرۈپ بېلىق دەرياغا ئېرىشكەندەك خوشال بولغان.مۇھەمەتجان راشىدىننىڭ كۆپۈنچە شئېىرلىرى ئاددى پۇقرالار، جاپاكەشلەرنىڭ ھېسسىياتىغا ئۇيغۇنلاشتۇرۇلۇپ ئۇلارنىڭ تەپەككۇرى،تەسسەۋۇرى،تۇرمۇشى ئەكس ئەتتۈرۈلۈشۈش بىلەن بىرگە ھەم ئاددى،ھەم راۋان،چۈشىنىشلىك قىلىپ يېزىلغان.شۇڭا ئۇنىڭ شئېىرلىرىدىن ساۋاتسىز كىشىلەرمۇ ياخشى زوق ئالالىغان.
   يېڭى ئەسىرگە قەدەم قويغان بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇر خەلق قوشاقلىرى بىلەن ئۇيغۇر يېڭى دەۋر شئېىريىتىنىڭ ئالاھىدىلى كلىرىنىڭ بىرلەشتۈرىلىشى بولغان مۇھەمەتجان راشىدىن شئېىرلىرىنىڭ خەلق ئىچىدە كەڭ تارقىلىشى ۋە نۇرغۇن شئېىرلىرىنىڭ خەلق ناخشىسىغا ئايلىنىپ كېتىشى ئۇنىڭ ئەكسىچە زامانىۋىلىق قەدىمىگە ماس ھالدا بارلىققا كەلگەن يۇقۇرى بەدئى سەۋىيىدە يېزىلغان شئېىر توپلاملىرىنىڭ ئاددى پۇقرالار قەلبىدىن  ئورۇن ئالالماسلىقى روشەن سېلىشتۇرما ھالەتتۇر.تەرەققى قىلماي بولمايدۇ.لىكىن شئېىر بىلەن ئاددى،جاپاكەش پۇقرالارنىڭ ئارلىقىنى يىراقلاشتۇرۋېتىش...ئۇلارنىڭ بەھىر ئېلىش ئارزۇسىغا ئىمكان قالدۇرماسلىق...نى تازا ياخشى ئەھۋال دەپ كەتكىلى بولمايدۇ.لىكىن مۇھەمەتجان راشىدىننىڭ ئۇيغۇر خەلق قوشاقلىرى بىلەن ئۇيغۇر شئېىريىتىنىڭ ئەڭ يارقىن ئالاھىدىلىكىنى بىرلەشتۈرۈشگەن ئۇسلۇبى جەزمەن نەزەرگە ئېلىنىشى ۋە  شئېىريەت بىلەن خەلق قوشاقلىرىدىن ئىبارەت ئىككى ئىلمنىڭ كېسىشمە نوقتىسىدىن تەتقىق قىلىنىشى كېرەك. مۇھەمەتجان راشىدىن باشتا پەقەت «شۆھرەت تاما قىلماسلىق،خەلق ئۈچۈن ئاۋاز ياڭراتقۇچى قۇل» بولۇش يولىنىلا تاللىۋالغان.لىكىن« خەلق قوشاقلىرى بىلەن ئۇيغۇر شئېىريىتىنىڭ يارقىن ئالاھىدىلىكلىرىنى بىرلەشتۈرۈشنى ئۇسلۇپ قىلىمەن» دەپ ئالدىن بەلگىلىۋالمىغان.ئىجادىيەت ئەمىلىيىتى داۋامىدا ئىختىيارسىز شۇ ئۇسلۇبنى شەكىللەن دۈرگەن.خەلقنى ئۇلۇغ بىلىش مۇھەمەتجان راشىدىننىڭ شۇ كاتتا ئۇسلۇپنى يارىتىشىغا تۈرتكە بولغان.مۇھەمەتجان راشى دىننىڭ شۇ ئۇسلۇبى پەقەت ئۆزىگىلا خاس.ناۋادا مۇھەمەتجان راشىدىننىڭ ئىسمى يېزىلماي شئېىرلىرىنى تاراتقان ھالەتىمۇ ئەقىللىق ئوقۇر مەنلەر بىر قاراپلا مۇھەمەتجان راشىدىننىڭ شئېىرلىرى ئىكەنلىكىنى بايقىۋالالايدۇ.يەنە بىر جەھەتتىن ئالغاندا مۇھەمەتجان راشىدىننىڭ شۇ ئۇسلۇبى قارىماققا ناھايىتى ئاددى تۇيۇلسىمۇ شۇ ئۇسلۇبتا شئېىر يېزىش ئەسلا ئوڭاي ئىش ئەمەس.سىناق قىلىپ بېقىشنى نىيەت قىلغۇچىلار دوراش ۋە تەقلىد قىلىش چەمبىرىدىن ھالقىپ ئۆتەلمەيدۇ.چۈنكى مۇھەمەتجان راشىدىنىڭ شۇ ئۇسلۇبى شئېىرغا بولغان ئوتلۇق تەلپۈنىشى بىلەن ئەل-ئاۋامغا بولغان سۆيگۈسىنىڭ يۇغۇرۇلىشىدىن بارلىققا كەلگەن.تەبى،ئەڭ چوڭقۇر ھېسسىياتى سىڭگەن.
     مىللى ئالاھىدىلىك ۋە يەرلىك پۇراق نوقتىسىدىن ئالغاندا مۇھەمەتجان راشىدىننىڭ ئۆزىدىمۇ ھەم شئېىرلىرىدىمۇ ئاق كۆڭۈل،سەمىمى،ئەقىللىق،ھالال ياشاشنى ئۇلۇغ بىلىدىغان ئۇيغۇر پۇقرالىرىنىڭ روھى بار.بىز ئۇنىڭ شئېىرلىرىنى ئوقۇغىنىمىزدا ئاددى ئۇيغۇر كىشىلىرىنىڭ روھى دۇنياسىدىكى ھاياتقا،تۇرمۇشقا،رىئاللىققا بولغان تۇيغۇ ،تەسىراتلىرىنىڭ يارقىن ئەكس-ئەتكەنلىكىنى بايقايمىز.ئۇيغۇرلارنىڭ ھايات كارتىنىسىدىكى ئەينەنلىكنىڭ چىن يورۇتۇپ بېرىلگەنلىكىنى بايقايمىز. مۇھە مەتجان  راشىدىن شئېىرلىرىنى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللى خاسلىقىغا پۈتۈن نەزەردە قويۇلغان دىئاگنۇز دىيىشكىمۇ بولىدۇ.ئۇنىڭ كۆپىنچە شئېىرلىرىدا ئۇيغۇرلارنىڭ خاراكتىر،ئالاھىدىلىكلىرىدىكى ئېسىل،نەمۇنىلىك تەرەپلەر يورۇتۇلسىمۇ،بىر قىسىم ھەجۋى-ساتىرىك شئېىرلىرىدا ئۇيغۇرلارنىڭ خاراكتىر،ئالاھىدىلىكىدىكى چىرىك،سەلبى،ئالاھىدىلىكلەر قامچىلانغان.قىسقىچە ئېيتقاندا ئۇنىڭ شئېىرلىرىدا مىللى ئالاھىدىلىك ئاددى ئاۋام پۇقرالارنىڭ روھى دۇنياسىنى يورۇتۇپ بېرىش ئارقىلىق نامايەن قىلىنغان.يەرلىك  پۇراق دىگەندە غۇلجىنى يادرۇ،پۈتكۈل دىيارىمىزنى دائىرە قىلغان تەڭرى تېغىنىڭ شىمالى ئېتىكىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ پۇرىقى كېلىدۇ.يەنە ئىلى ئۇيغۇرلىرىنىڭ چاخچاققا ئۇستا بولۇش ئالاھىدىلىكىمۇ بەلگىلىك دەرىجىدە ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان.مەسىلەن «سەن مەندەك بولالامسەن»«ئوقۇپ تۇرىمىز» قاتارلىق بىر قىسىم ساتىرىك شئېىرلىرىدا بۇ خىل ئالاھىدىلىك ئىپادىلەنگەن.
    ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋام-پۇقرالىرىنىڭ زوقلىنىش ئادىتىگە ئۇيغۇن بولۇش- مۇھەمەتجان راشىدىن شئېىرلىرىنىڭ كىشىلەر قەلبىگە ھاۋادەك يېقىپ كېتىشىدىكى يەنە بىر سەۋەپتۇر.ئۇيغۇرلارنىڭ بولۇپمۇ ئەڭ كەڭ ئاددى ئۇيغۇر پۇقرالىرىنىڭ زوقلىنىش ئادىتى بىرى ئەنەنە بىلەن يەنە بىرى زوقلىنىشتا بەدئى تەربىيلىنىش ئىمكانىيىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.ئادەت كۈچى دىيىلدىغان ئۆرپ-ئادەت بىلەن ئەخلاقنىڭ ئارلىقىدا مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغان بىر مەنىۋى كۈچ بار.ئادەت كۈچى –بىر مەھەللە ياكى بىر ئورۇندىكى ئادەملەر تەرپىدىن مۇتلەق بېكىتىۋېتىلگەن قاراشلارنى كۆرسىتىدۇ.بىر جاي بىلەن يەنە بىر جاينىڭ ئوخشىمايدىغان ئالاھىدىلىكى بولىدۇ.مەسىلەن بىر  جايدىن يەنە بىر جايغا بارغان ئادەم چوقۇم شۇ جايدىكى ئادەملەرنىڭ مۇققەدەس بىلگەن نەرسىسىگە ھۆرمەت بىلدۈرىشى،ھېچ بولمىغاندا ھۆرمەت بىلدۈرگۈچىلەرگە يول بېرىشى كېرەك... ۋاھكازالار.گەپنىڭ مېغىزىنى دىگەندە ئۇيغۇرلارنىڭ زوقلىنىش ئادىتى ئۇزاق تارىختىن بۇيانقى ماددى  مەدەنيەت ۋە مەنىۋى مەدەنيەت جەھەتتىكى ئىستىتىك قارىشىنى ئەنئەنە جەھەتتىن مەنبە قىلغان.يالغۇز ئۇيغۇرلارلا ئەمەس باشقا مىللەتلەرمۇ زوقلىنىش ئادىتى ئەنئە نىسىگە ئىگە.خەنزۇلارنىڭ مىللى تىياتىرىدىن ئۇيغۇر ۋە قازاقلار زوق ئالالمىغاندەك ئۇيغۇرلارنىڭ مەدداھلىقىدىن،قازاقلارنىڭ ئاقىنلار ئېيتىشىشدىن خەنزۇلارمۇ زوق ئالالمايدۇ.چەتئەلنىڭ ئىلغار شئېىريەت ئېقىملىرى ئۇيغۇرلارغا تونۇشتۇرۇلۇپ ھەتتا ئۇيغۇر تىلىدا شۇ ئىلغار ئېقىملار ئۇسلۇبىدا شئېىر يېزىش نەچچە ئون يىل مودا بولغان  تەقدىردىمۇ يەنىلا ئۇيغۇرلارنىڭ پۈتكۈل مەنى ۋى زىمىنىدا يىلتىز تارتالمايدۇ.چۈنكى ئۇ ئۇيغۇرنىڭ ئۆزىنىڭ ئەمەس بەلكى چەتئەلنىڭكى.ئۇيغۇرلارنىڭ ئىدلوگىيسى ۋە زوقلىنىش ئادىتى بىر ياكى بىرقانچە ئەسىردە شەكىللەنگەن بولماستىن 2000 يىلدىن ئۇزۇن تارىخى جەرياندا شەكىللەنگەن ئىلاستىكىلىق خۇسۇسىيەتكە ئىگە خەزىنىدۇر.ئۇنى ئۆزگەرتىۋېتىش ياكى يوقىتىۋېتىش ئانچە ئاسان ئىش ئەمەس.ھەتتا ئالىمادىس ئۇيغۇر تىلى بىرەر ئەسىر يوقىتىۋېتىلگەن تەقدىردىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئىدلوگىيسى،مىللى خاراكتىرى، ئالاھىدىلىكى، زوقلىنىش ئادىتى يوقاپ كەتمەيدۇ.بەلكى بېسىمغا دۇچكەلگەنسىرى كۈچىدۇ.بۇ پەقەت قىياسەن دىيىلگەن گەپ.زوقلانغۇچلارنىڭ تەربىيلىنىش ئىمكانىيىتى نوقتىسىدىن ئېيتقاندا ئەدەبىي زوقلىنىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەنلەر قانچىلىك؟ رەسمى تەربىيلەنگەنلەر قانچىلىك؟ بۇمۇ ئويلاپ كۆرۈشكە تېگىشلىك مەسىلە.بۇ يەردە مەدەنىيەت سەۋىيىسى ئەمەس ئەدەبىي زوقلىنىش جەھەتتە تەربىيلىنىش مەسىلىسى ھەققىدە گەپ بولىۋاتىدۇ.شۈھبىسىزكى خىلمۇ-خىل سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن ئەدەبىي زوقلىنىش تەربىيىسى پۇرسىتىگە ئېرىشىدىغانلارنىڭ سانى چەكلىك بولىدۇ.ئۇلار ئۈچۈن ناھايىتى يۇقۇرى بەدئى سەۋىيەدىكى ئەسەرلەر ئىجات قىلىنسىمۇ بولىدۇ.ئەمما ئۇلار پۈتكۈل جەمىيەتتىكى پۇقرالارنىڭ ئاران 5 پىرسەنتىنىلا تەشكىل قىلىدۇ.ئەگەر ھەممە شائىر ئەشۇ 5 پىرسەن ئادەم ئۈچۈنلا شئېىر يازسا جەمىيەتتە شائىرلار ئۆز-ئارا بىر-بىرىنىڭ كىتاۋىنى سېتىۋېلىپ،بىر-بىرىنىنىڭ شئېىرىنى ئوقۇپ ئۆتۈپ كەتسىمۇ بولىدۇ.شۇنداق بولغاندا شئېىر بىلەن  پۇقرالارنىڭ –ئاددى خەلقنىڭ مۇناسىۋىتى قالمايدۇ.بۇ خىل تاللاش شئېىريەت ساھەسىدە قۇبۇل قىلىنىش ئەمەلگە ئېشىپ قالسا،ئۇنداقتا ناخشا سەنئىتى ساھەسىدە قانداق بولىدۇ؟ لىكىن ناخشا سەنئىتى ساھەسى 95 پىرسەن زوقلانغۇچىنى قولدىن بېرىپ قويىدىغان ئىشنى ھەرگىز قىلمايدۇ! توغرا ئۇلار يېقىنقى 20 يىلدىن بۇيان 95 پىرسەن زوقلانغۇچىنى تاللاپ ناخشىنى ئاددى خەلققە ئەڭ يېقىنلاشتۇردى.شئېىريەتنىڭ يېقىنقى 20 يىلدىن بۇيان ئاددى خەلقتىن يىراقلىشىپ كېتىۋاتقانلىقىنى... يېڭى ئېقىم شائىرلىرىنى ئەڭ كەڭ ئاددى خەلقنىڭ بىلمەيدىغانلىقىنى ...دېمەي قويايلى.ئەمما مۇھەمەتجان راشىدىن ئوخشىمايدۇ.بەلكى 95 پىرسەن زوقلانغۇچىنى باشتىن ئاخىر تاللاپ كەلگەنلىكى، ئەشۇلارنىڭ يۈرىكى،ئاۋازى ،تىلى بولۇپ كەلگەنلىكى بىلەن ئوخشىمايدۇ! 95 پىرسەن تۆۋەن بەدئى سەۋىيەدىكى زوقلانغۇچىلار ئۈچۈن شئېىر يېزىش كېرەكمۇ؟ ياكى 5 پىرسەن يۇقۇرى بەدئى سەۋىيىدىكى زوقلانغۇچىلار ئۈچۈن شئېىر يېزىش كېرەكمۇ؟ ئىككىسىدىن قايسى زۈرۈر؟ بۇ شئېىريەت ساھەسىدە تۇلپىرىنى چاپتۇرۇش ئالىدىدا تۇرغانلار ئويلاپ كۆرۈشكە تېگىشلىك مەسىلە.ھەيران قالارلىق يېرى چۈشىنىكسىز شئېىرلار ئاددى پۇقرالار ئىچىدە ئىشىك چېكەلمىگەن بىلەن مەھەمەتجان راشىدىننىڭ شئېىرلىرى يېتىشمەيدۇ. ھەتتا مىڭ پارچىلاپ بولغان تەقدىردىمۇ ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئۇسۇزلىقى يەنىلا قانمايدۇ....بۇمۇ شئېىر يېزىش مەپتۇنكارلىرى ئويلاپ كۆرۈشكە ئەرزىيدىغان مەسىلە.
   ھازىر جاۋاپلىق خۇسۇسىيەت –مۇھەمەتجان راشىدىن شئېىرلىرىدىكى يەنە بىر ئالاھىدىلىك ھېساپلىنىدۇ.شئېىرنىڭ ئەسلى مەنبەسى- خەلق قوشاقلىرى،خەلق قوشاقلىرىنىڭ مەنبەسى بولسا قەدىمكى دەۋىرلىرىدىكى جامائەت سورۇنلىرىدا ئىككى تەرەپنىڭ سۆز-قوشاق ئېيتىشىشتىكى بەسلىشىش پائالىيىتىدۇر.ھازىرجاۋاپلىق –خەلق قوشاقچىلىرىنىڭ شۇنداقلا ھازىر جاۋاپلىق ئىقتىدارىنى شەكىللەندۈرگەن شائىرلارنىڭ بىر ئالاھىدىلىكى.خەلق قوشاقلچىلىرى بۈگۈنكى كۈندىمۇ ھازىر جاۋاپلىق ئالاھىدىلىكىنى ساقلاپ قالغان.مەلۇم بىر جامائەت سورۇنىدا ئالدىن تېما بەلگىلىۋالماي تۇيۇقسىز ئېيتىشىش ئېلىپ بېرىپ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئورۇن،موھىت،ئادەم،پائالىيەتنىڭ ئەھۋالىغا قارىتا تىز ئىنكاس شەكلىدە قوشاقلار ئېيتىللىدۇ. ۋاقىتنىڭ قىسقىلىقى،تېمىنىڭ تۇيۇقسىزلىقى،قوشاقچىلارنىڭ جاۋاپىنىڭ تىزلىقى،مەزمۇنىنىڭ دەللىكى،تىلىنىڭ ئۆتكۈرلىكى جامائەتنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشىدۇ. قوشاقچىلىق-ھازىرمۇ خەلق ئىچىدە ئالاھىدە بىر ماھارەت ھېساپلىنىدۇ.تۈرلۈك سورۇنلاردا خەلق قوشاقچىلىرى تىز ئىنكاس شەكلىدە قوشاق ئېيتىپ بولمىغۇر ئىللەتلەتنى قامچىلاپ،ياخشى تەرەپكە بۇرۇلۇش ھاسىل قىلىشقا چاقىرىق قىلىدۇ.تەربىيۋى ئۈنۈمىمۇ ياخشى بولىدۇ.رەسساملىقنىڭ « تىز سىزما » دەيدىغان بىر تۈرى بولغىنىدەك شئېىريەتنىڭمۇ «ساتىرا، ھەجۋى، قەسىدە، مەرسىيە، مۇشائىرە» قاتارلىق تىز ئىنكاس خاراكتىرىدىكى تۈرلىرى بار.رىئاللىقتىكى ئەھۋاللارنى تىز ئىنكاس شەكلىدە يورۇتۇشنى مەخسەت قىلغان شئېىر تۈرلىرىمۇ بار.گەرچە بۇ گەپ ئاڭلىماققا خەۋەردەك تۇيۇلۇپ كەتسىمۇ ئۇنى تۇيغۇ چىنلىقى،مەنا چوڭقۇرلىقى،تىل ئۆتكۈرلىكى خۇسۇسىيىتىگە ئىگە قىلىپ يورۇتۇپ بەرگەندە ئىجتىمائى شئېىرلارنىڭمۇ تەسىرلەندۈرۈش ئۈنۈمىمۇ يۇقۇرى بولىدۇ. مۇھەمەتجان راشىدىننىڭ «پۇلنىڭ گېپى»«سەن يوق»«ياتلاشتۇق» قاتارلىق شئېىرلىرى ئەنە شۇنداق ھازىر جاۋاپ خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.ئىجتىمائى مەزمۇندىكى شئېىرلار مۇھەمەتجان راشىدىن شئېىرلىرىنىڭ كۆپ قىسمىنى تەشكىل قىلىدۇ.بۇمۇ پۇقرالار كۆڭۈل بۆلگەن مەسىلىلەرنى مۇھەمەتجان راشىدىننىڭ پۇقرالار مەيدانىدا،نەزرىدە تۇرۇپ يورۇتۇپ بەرگەنلىكىنىڭ مەھسۇلىدۇر.
      ئەل ئىچىگە تىز تاراپ كېتىش-مۇھەمەتجان راشىدىن شئېىرلىرىدىكى يەنە بىر ئالاھىدىلىكتۇر.مۇھەمەتجان راشىدىننىڭ 90 پىرسەن شئېىرى ئوبكىت نوقتىسىدىن كۆپچىلىك –جامائەت ئالدىدا دىكلىماتسىيە قىلىشقا مۇۋاپىق بولۇش ئالاھىدىلىك ىگە ئىگە.شئېىريەت –تىل سەنئىتى بولۇپلا قالماستىن يەنە نوتۇق سەنئىتىدۇر.شئېىرنىڭ پۈتۈشى بىر سەنئەت.ئۇنىڭ نوتۇق ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن دىكلىماتسىيە قىلىنىشى يەنە بىر سەنئەتتۇر.تاكى 90-يىللارغىچە شئېىر دىكلىماتسىيە قىلىش بىزدە مەدەن يەت-سەنئەت پائالىيىتىنىڭ كەڭ ئومۇملاشقان بىر تۈرى سۈپىتىدە مەۋجۇت بولغان ئىدى.يېقىنقى يىللاردىن بۇيان شئېىر دىكلىماتسىيە قىلىش تىلۋىزىيە ئېكرانىدا غىل-پال كۆرۈنىدىغان بىر كۆرۈنۈشكە قىسقاردى.شئېىرنى يېزىش ۋە دىكلىماتسىيە قىلىشتىن باشقا ئۇنىڭ قارىتىلدىغان ئوبىكتىنى تاللاشمۇ ناھايىتى موھىم نوقتا.شۇھبىسىزكى بىر ئوقۇرمەن يەككە ئوقۇيدىغان شئېىر بىلەن نەچچە يۈزلىگەن ھەتتا مىڭلىغان جامائەت ئالدىدا ئوقۇلدىغان شئېىرنىڭ تۈپ پەرقى بولىدۇ.بۇ يەردىكى پەرق بىر ئاڭلاش بىلەنلا تىز ئاڭقىرغىلى بولىدىغان،تىلى پاساھەتلىك، مەنىلىك،ئوچۇق،راۋان ،پۈتكۈل جامائەت زوق ئالالايدىغان بولۇش،شۇ سورۇنغا، ئۆتكۈزۈلگەن مەرىكىنىڭ باش تېمىسىغا، سورۇندىكىلەرنىڭ تەلپىگە ئۇيغۇن بولىشى كېرەك.يەككە ئادەم ئوقۇيدىغان شئېىر نىسبەتەن غۇۋا،قايتا-قايتا ئوقۇش ۋە ئويلىنىش ئارقىلىق ئاڭقىرغىلى بولىدىغان قىلىپ يېزىلسىمۇ،ياكى يەككە ئادەمنىڭ خاس-ئۆزگىچە تەسىراتى قىلىپ يېزىلسىمۇ بولىدۇ.لىكىن كۆپ ئادەمنى ئوبكىت قىلىپ يېزىلىدىغان شئېىر ۋاقىت جەھەتىمۇ چەكلىمىگە ئىگە.چۈنكى ئۇنى ھەر بىر ئاڭلىغۇچىغا ئايرىم ئوقۇپ بەرگىلى بولمايدۇ.ھەم ئايرىم-ئايرىم چۈشەندۈرگىلى بولمايدۇ.شۇڭا ئاممبىاپ، چۈشىشلىك، مېغىزلىق،تەسىرلىك،مىڭلىغان ئاڭلىغۇچى قايىل بولغۇدەك ئەڭ ئومۇمىيلىققا تويۇنغان تۇيغۇغا ئىگە قىلىنىپ يېزىلىشى كېرەك. مۇھەمەتجان راشىدىننىڭ ناھايىتى نۇرغۇن شئېىرلىرى ئەل-جامائەت ئالدىدا دىكلىماتسىيە قىلىشقا ئۇيغۇن كېلىدىغان خۇسۇسىيەتكە ئىگە.شۇڭا مەيلى يەككە ئوقۇرمەنلەر ئوقۇسۇن ياكى چوڭ مەرىكىلەردە مىڭلىغان ئادەم ئالدىدا ئوقۇلسۇن ئوخشاشلا ياقتۇرۇشقا ئېرىشكەن.ماقالىنىڭ ئالدىنقى قىسمىدا سۆزلەنگەن ئالاھىدىلىكلەر ۋە كۆپچىلىك ئالدىدا دىكلىماتسىيە قىلىشقا مۇۋاپىق بولغانلىقتىن مۇھەمەتجان راشىدىنىڭ نۇرغۇن شئېىرلىرى ھازىر خەلق ناخشىسىغا ئايلىنىپ كەتتى. «گۈلدەستە» ،«سەن يوق»«يۆلەكسىزنى يۆلىگەنلەر ياشىسۇن»«بۇ دۇنيا»«ئۆز يارىڭ » قاتارلىق شئېىرلار مەشھۇر ناخشىلارغا ئايلاندى.قىسقىسى مۇھەمەتجان راشىدىننىڭ  شئېىرلىرى كۆپچىللىككە –كەڭ پۇقرالارغا قارىتىلىشنى ئوبكىت قىلغانلىقى ئۈچۈن ئەڭ تىز ۋە ئەڭ كەڭ تارقىلىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە قىلىنغان.
  يىغىپ ئېيتقاندا پەلسەپۋىيلىك نوقتىسىدىن ئەڭ كەڭ،چوڭقۇر،ئۇلۇغ مەنالارنى ئاددى تىل ئارقىلىق ئىپادىلەش،خەلق قوشاقلىرى بىلەن شئېىريەتنىڭ يارقىن ئالاھىدىلىكلىرىنى بىرلەشتۈرۈشنى ئۆز ئۇسلۇبى قىلىش،مىللى ئالاھىدىلىك ۋە يەرلىك پۇراقنى گەۋدىلەندۇرۇش،كەڭ ئاۋام-پۇقرالارنىڭ زوقلىنىش ئادىتىگە ئىزچىل ئۇيغۇنلىشىشنى تاللاش،ھازىر جاۋاپلىق خۇسۇسىيىتىگە ئىگە بولۇش،ئەڭ تىز ۋە ئەڭ كەڭ تارقىلىش ئالاھىدىلىكىگە ئىگە بولۇش،ئەڭ كۆپ ئادەم ئالدىدا ئوقۇشقا مۇۋاپىق كېلىدىغان قىلىپ يېزىلىش قاتارلىق 7 خىل ئالاھىدىلىك-مۇھەمەتجان راشىدىن شئېىرلىرىدىكى«مەخپىيەتلىك»تۇر. «چۈمۈچكە قازاندا بارى چىققىدۇ »دىگەندەك مەن مۇھەمەتجان راشىدىن ئاكا شئېىرلىدىكى بار ئالاھىدىلىكلەرنى بايقاپ،شۇ ئاساستا تەھلىل يۈرگۈزۈپ يېڭى دەۋىر ئۇيغۇر شئېىريىتىمىزدە ئۆزگىچە ئورۇنغا ئىگە ئۇستاز شائىرىمىزنىڭ ئىجادىيەتتە مۇۋا پىقىيەت قازىنىشتىكى ئاچقۇچلۇق سىرلىرىنى بايان قىلىپ ئۆتتۈم.بۇنىڭدىكى مەخسەت مۆھتىرەم شائىرىمىزنىڭ ئىجادىيەت تىكى ئېسىل تەرەپلىرىنى ئېنىق كۆرسىتىپ ئۆرنەك ئالغۇچىلارنىڭ پايدىلىنىشىغا سۇنۇشتىن ئىبارەت.بىز ئەدەبىياتىمىزنىڭ كەل گۈسى پارلاقلىقىنى يارىتىش ئۈچۈن چەتئەل ئەدەبىياتىنىڭ ئىلغار ئېقىملىرى بىلەن تونۇشۇش،ئۆرنەك قىلىش بىلەن بىرگە كىلا سسىك ئەدەبىياتىمىزدىكى،خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىمىزدىكى،يېڭى دەۋىر ئەدەبىياتىمىزدىكى ئۈلگە بولالايدىغان ئېسىل تەر كىپلەرنى قېزىشىمىز ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشىمىز كېرەك.يۇقۇرقى «مۇھەمەتجان راشىدىن شئېىرلىرىدىكى مەخپىيەتلىك» ناملىق ماقالەم مۇشۇ جەھەتتە بىر ئىزدىنىش قەدەملىرىنىڭ بىرى، ئەلۋەتتە.

    2012-يىل 12-13-14-ئاپرىل كۈنلىرى يېزىلدى ۋە تۈزىتىلدى.


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەزىز ھېيت كۈن تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-15 17:56  


ئۇلۇغ غايە،قەيسەر روھ،خوشال-خورام كەيپىيات-كىشىلىك ھاياتتىكى ئېسىل ئۈچ ئەڭگۈشتەردۇر.
mukam.cn

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  82
يازما سانى: 108
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 507
تۆھپە : 2
توردا: 122
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-6-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-15 11:44:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەھەمەتجان راشىدىن بىلەن ئوسمانجان ساۋۇت – ھازىرقى ئۇيغۇر شائىرلىرى ئىچىدە مەن ئەڭ يارىتىدىغان ھەم ھۆرمەتلەيدىغان شائىرلار . ئۇلارغا ئىسەنلىك يار بولسۇن.

مۇساپە مىڭنى شاللايدۇ،مەنزىل مەردنى تاللايدۇ.

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  36
يازما سانى: 382
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 991
تۆھپە : 6
توردا: 355
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-15 11:50:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇھەممتجان راشىدىننىڭ شېئىرلىرىدىكى ئاممىباپلىق ،خەلىقنىڭ قەلبىنى مايىل قىلغان ئەڭ ئاسالىق تەرەپلىرىنىڭ بىرى  دەپ قارايمەن .ئۇستازنىڭ ھايات مەنزىلىگە گۈزەل يارقىنلار ھەمراھ بولسۇن!

يىغلىغىن يىغلىغىن بۇ گۇناھ ئەمەس،
ئازاپلار چىرمىسا نەپەس ئالماق تەس.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  114
يازما سانى: 228
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 532
تۆھپە : 22
توردا: 122
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-15 15:54:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يەنە بىر ئالاھىدىلىك خەلىقچىلىقمۇ بار؟

كىملىك سالاھىيتىمىز ئۈستىدە ئىزدىنەيلى

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  17
يازما سانى: 237
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1023
تۆھپە : 0
توردا: 170
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-15 16:08:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇھەممەتجان راشىدىنكامنىڭ شېئىرلىرى ھەققىقەتەن خەلىق ئارىسىغا چۆككەن ئامىباپ شېئىرلار،مەن ئۆتكەن ئەسىردە ياشاپ ئۆتكەن خەلقىمىز ئىچىدىن چىققان بىر قاتار ئەدىپ شائىرلارنىڭ شېئىرىلىرىدىن قالسا مۇھەممەتجان راشىدىنكامنىڭ شېئىرلىرىنى ياقتۇرۇپ ئوقۇيمەن. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ماھىرە تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-20 19:32  


گۈلنىڭ گۈزەللىگى ھۆسنىدە ، ئادەمنىڭ گۈزەللىگى قەلبىدە.....

Rank: 18Rank: 18Rank: 18Rank: 18Rank: 18

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  28
يازما سانى: 171
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 567
تۆھپە : 3
توردا: 92
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-15 17:06:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«مۇھەممەتجان راشىدىن» دەپ توغرا ئالساق دېگەن پىكىرنى قوشۇمچە قىلغۇم كەلدى. بەلكىم غۇلجا تەرەپلەردە مەھەممەتجان راشىدىن دەمدىكىن، مەن بۇنى بىلمىدىم.
مۇھەممەتجان راشىدىن مېنىڭچە تەتقىقاتنى كۆتۈرەلىگۈدەك شائىرلىرىمىزنىڭ بىرى. ماقالە ئاپتۇرنىڭ بۇ ھەقتىكى ئىزدىنىشلىرىگە يەنىمۇ چوڭقۇرلۇق تىلەيمەن.

ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس، بەلكى بىر شېرىن مەسئۇلىيەت. _ رەشىد

Rank: 12Rank: 12Rank: 12

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  190
يازما سانى: 958
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 2028
تۆھپە : 1
توردا: 345
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-15 17:17:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېمىنى تەستىقلىغۇچى قەھرىمان روزى ئېرچىنگە  سەمىمى رەخمەت ئېيتىمەن.شۇنداقلا بارلىق ئىشلىرىنىڭ ئوڭۇشلۇق بولىشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈرمەن.

ئۇلۇغ غايە،قەيسەر روھ،خوشال-خورام كەيپىيات-كىشىلىك ھاياتتىكى ئېسىل ئۈچ ئەڭگۈشتەردۇر.

Rank: 12Rank: 12Rank: 12

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  190
يازما سانى: 958
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 2028
تۆھپە : 1
توردا: 345
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-15 17:25:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   ئەمەتجانغا:
   
       ماقالىنىڭ بېشىدىكى 1-ئابزاسنىڭ ئاخىرىدا « مەھەمەتجان راشىدىن مول نەتىجە ياراتقان خەلق شائىرى» دەپ
ئېيتقانلىقىم شۇنداقلا  ماقالىدا بايان قىلىنغان 7 خىل ئاساسى ئالاھىدىلىكنىڭ مەھەمەتجان راشىدىننىڭ خەلق شائىرى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بېرىدىغان خۇسۇسىيەت بولغانلىقى ئۈچۈن «خەلقچىلىق» نى ئايرىم ئالاھىدىلىك سۈپىتىدە بايان قىلمىدىم.

ئۇلۇغ غايە،قەيسەر روھ،خوشال-خورام كەيپىيات-كىشىلىك ھاياتتىكى ئېسىل ئۈچ ئەڭگۈشتەردۇر.

Rank: 12Rank: 12Rank: 12

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  190
يازما سانى: 958
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 2028
تۆھپە : 1
توردا: 345
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-15 17:28:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىدىل ئاكىمىز ،ماھىرە سىڭلىمىزنىڭ مەزكۇر تېمىغا كۆڭۈل بۆلگىنىگە،مەھەمەت راشىدىن ئاكىمىزغا ياخشى تىلەك بىلدۈرگەنلىكىگە تەشەكۈر.

ئۇلۇغ غايە،قەيسەر روھ،خوشال-خورام كەيپىيات-كىشىلىك ھاياتتىكى ئېسىل ئۈچ ئەڭگۈشتەردۇر.

Rank: 12Rank: 12Rank: 12

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  190
يازما سانى: 958
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 2028
تۆھپە : 1
توردا: 345
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-15 17:33:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
rasheed  قا:

    ئەسكەرتىش بەرگىنىڭىزگە  ۋە تېمىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا  كۆڭۈل بۆلگىنىڭىزگە رەخمەت.نۇسرەت سىزگە كۆپ نىسىپ بولغاي.

ئۇلۇغ غايە،قەيسەر روھ،خوشال-خورام كەيپىيات-كىشىلىك ھاياتتىكى ئېسىل ئۈچ ئەڭگۈشتەردۇر.

Rank: 12Rank: 12Rank: 12

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  190
يازما سانى: 958
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 2028
تۆھپە : 1
توردا: 345
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-15 18:00:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەشىدنىڭ ئەسكەرتمىسى بويىچە ماقالىنىڭ پۈتۈن سەھىپىسىدىكى  «مەھەمەتجان راشىدىن» دەپ خاتا ئېلىنىپ قالغان سۆزنى «مۇھەمەتجان راشىدىن» دەپ توغرا تەلەپۇز قىلىش،يېزىلىشقا ئۆزگەرتىۋەتتىم.

ئۇلۇغ غايە،قەيسەر روھ،خوشال-خورام كەيپىيات-كىشىلىك ھاياتتىكى ئېسىل ئۈچ ئەڭگۈشتەردۇر.

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  99
يازما سانى: 626
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1451
تۆھپە : 5
توردا: 332
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-16 23:58:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پىكىرلىرىڭىزىدىن سۈيۈندۈم. ئىزدىنىشلىرىڭىزگە يەنىمۇ چوڭقۇرلۇق تىلەيمەن. تىنىڭىز سالامەت بولغاي

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  99
يازما سانى: 626
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1451
تۆھپە : 5
توردا: 332
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-16 23:58:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پىكىرلىرىڭىزىدىن سۈيۈندۈم. ئىزدىنىشلىرىڭىزگە يەنىمۇ چوڭقۇرلۇق تىلەيمەن. تىنىڭىز سالامەت بولغاي

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  228
يازما سانى: 627
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1377
تۆھپە : 10
توردا: 157
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-17 11:12:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىمىدا بولمىسۇن ، ئىنكاسلاردا بولمىسۇن ھەممىسىدە ئىملا خاتالىقى كۆپ ئىكەنغۇ؟ ئىكاسنى خۇددى ئىت قوغلىغاندەك يېزىپ كىشى ئىسىملىرىنىمۇ توغرا يازماپتۇ.
مۇھەممتجان راشىدىننىڭ ، «مەھەمەتجان راشىدىن»،مەھەمەتجان راشىدىن ،مەھەمەتجان راشىدىننىڭ ،مەھەمەت راشىدىن، ھەر بىر ئىنكاستا مۇھەممەتجان راشىدىن ئاكىغا بىر ئىسىم قۇيۇلۇپ مېڭىپتۇ ؟

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ablipiz idiris تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-17 11:13  


يامان كۆرمەڭ مېنى دوستلار ،ئىگەمنىڭ بىر قۇلىدۇرمەن ،
كىشى قەدرىمنى بىلمەيدۇ،ۋەتەننىڭ گۆھىرىدۇرمەن.

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  228
يازما سانى: 627
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1377
تۆھپە : 10
توردا: 157
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-17 11:17:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇھەممەتجان راشىدىن ئاكىنڭ شېئىرلىرىنىڭ تىلى يىنىك ، ئوقۇلىشى راۋان ، چۈشۈنۈشلۈك ھەرقانداق كىشى ئوقۇپلا چۈشۈنەلەيدىغان شېئىر، مەن تۇنجى بولۇپ شېئىرلىرى بىلەن ئۇچراشقان ئادەممۇ مۇھەممەتجان راشىدىن ئاكا ، باشلانغۇچ مەكتەپتىكى ۋاقىتتىلا مۇھەممەتجان راشىدىن ئاكىنىڭ «بالىلار ناملىق» شېئىرى بىلەن يۈز كۆرۈشتىمغۇ دەيمەن.
بەك ياقتۇرۇپ ئوقۇيمەن شېئىرلىرىنى .

يامان كۆرمەڭ مېنى دوستلار ،ئىگەمنىڭ بىر قۇلىدۇرمەن ،
كىشى قەدرىمنى بىلمەيدۇ،ۋەتەننىڭ گۆھىرىدۇرمەن.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


يازغۇچىلار تورىمىزنىڭ يېڭى بېتى ئېچىۋىتىلگىنىگە:
ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش