ھەبىبە.ت.دىدار يوللىغان ۋاقتى 2013-7-31 21:21
بۇ قېتىمقى پائالىيىتىمىز ھەقىقەتەن ناھايىتى ئەھ ...
چۆجىنى ئەلۋەتتە كۈزدە سانايمىز.ئەمما،كېيىنكى قىلىدىغان ۋە قىلماقچى بولغان ئىشلىرىڭلاردا يېڭلىق بولۇشۇنى،ئېھتىيات سىزىقىدىن بۆسۈپ ئۆتۈپ،بۇرۇنقى باشقىلار ماڭمىغان يولدا مېڭىپ جەمىيەتتىكى بىز ئۇچراۋاتقان كىرزس ھەققىدە باش قاتۇرۇشۇڭلارنى ،بىللە سەپەرگە چىققان قەلەمكەشلەر ئۆز رايۇنىڭلاردا ساقلىنۋاتقان ئىجتىماھىي مەسىللەر،مەدەنىيەت،مائارىپ،ئانا تىل،دېھقانلارنىڭ ئاڭ-ساپاسىدا ساقلىنۋاتقان يېتەرسىزلىكلەر توغرىسىدا ئەتراپلىق ئىزدىنىش ،ئەمەلىي تەكشۈرەش ئېلىپ بېرىشىڭلارنى،مۇھىت،شەھەرلىشىش قاتارلىق تەرەقىيات ئامىللىرىدا ساقلىنۋاتقان ئۆز رايۇنىمىزدىكى بۇلغۇنۇش،ئىسراپچىلىق،ھەشەمەتچىلىك....قاتارلىق بىر قاتار ئەنئەنەمىزگە زىت بولۇۋاتقان ئىشلارغا سەگەكلىك بىلەن قارىشىڭلارنى،بايىنغولىن مۇڭغۇل ئاپتۇنۇم ئوبلاستىدا كىشىلەر نەزىرىدىن چەتتە قالغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى بايقاش ھەمدە ئاۋام ئارىسىدىن پىشقەدەم تارىخچىلارنى ئىزلەپ خاتىرە قالدۇرۇپ ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ دىققىتىنى تارتىپ ،ئاسراش،قوغداش ئىشلىرىغا دەۋەت قىلىش ...كىشىنى يېتەكلەپ ماڭىدىغان قاراتمىلىقى كۈچلۈك، ئويغىتىش كۈچىگە ئىگە ياخشى يازمىلارنى روياپقا چىقىرىپ بايىنغولىن ئوبلاستىدىكى ئاممىغا يېتەكچى بولۇشۇڭلارنى سەمىمىي ئۈمىد قىلىمەن.