- UID
- 11
- ھوقۇقى
- 255
- ھەقىقىي ئىسمى
- ئەيبۇ ياقۇپ
- يازما
- 636
- نادىر
- 3
- جۇغلانما
- 3829
- تىزىملاتقان
- 2012-3-18
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-8-9
- توردا
- 1297 سائەت
|
|
|
|
|
بايىنغولىن يازغۇچىلىرىنىڭ ئىجادىيەت سىمىنارىيەسى ئېچىلدى
شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتى بىلەن بايىنغولىن موڭغول ئاپتونوم ئوبلاستلىق يازغۇچىلار جەمئىيىتى، «كروران» ژۇرنىلى تەھرىر بۆلۈمى بىرلىكتە تەشكىللىگەن بايىنغولىن (كورلا) يازغۇچىلىرىنىڭ ئىجادىيەت سىمىنارىيەسى 2013-يىلى 7-ئاينىڭ 25-كۈنى شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئۈرۈمچى جەنۇبىي تاغدىكى «ئىجادىيەت مەركىزى»دە باشلاندى.
سىمىنارىيەنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى، يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئازات سۇلتان،شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتى ئىجادىيەت-ئالاقە بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى، «شىنجاڭ يازغۇچىلار تورى»نىڭ باش مۇھەرىرى ئەيبۇ ياقۇپ، بايىنغولىن موڭغول ئاپتونوم ئوبلاستلىق يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، «كروران» ژۇرنىلى باش مۇھەرىرى ئۆمەر مۇھەممەتئىمىن ۋە كورلىدىن كەلگەن يازغۇچىلاردىن بولۇپ 20 گە يېقىن يازغۇچى قاتناشتى.
سىمىنارىيەنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدىن كېيىن ئازات سۇلتان نۆۋەتتىكى ئەدەبىيات، ئىجادىيەت مەسىلىلىرى ھەققىدە لىكسىيە سۆزلەپ، ئۆزىنىڭ ئەدىبلەردىن كۈتىدىغان ئۈمىد ۋە تەلەپلىرىنى ئوتتۇرغا قويدى.
|
|
|
|
|
|
|