باش بەت بىلوگ ھۈنەرلىرى توردا پۇل تىپىش جاھاندىكى ئىشلار خەۋەرلەر ئۇيغۇر ھەققىدە تەرمىلەر   
  • سۈنئىي قۇياش ئىنسانىيەتنى قاچان توك بىلەن تەمىنلەيدۇ؟ - [تەرمىلەر]

    ھالقىلىق سۆز :ITER

       ماي باھاسىنىڭ ئۆسۈشى، پۈتۈن يەر شارى كىلىماتىنىڭ ئىللىپ كېتىشى، يەنى ئېنېرگىيە ۋە مۇھىت مەسىلىسى ئىنسانىيەت تەرەققىياتىغا كۈچلۈك جەڭ ئېلان قىلدى. ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى ئالىملار ئېنېرگىيە مەسىلىسىنى ھەل قىلىش يولى ئۈستىدە ئۆزلۈكسىز ئىزدەندى. فرانسىيىدىكى كاداراس نۆۋەتتە كىشىلەرنىڭ ئالاھىدە دېققەت- ئېتىبارىنى قوزغىدى. خەلقئارا ئىسسىق يادرولۇق رېئاكتور تەجرىبىخانىسى بۇ يەردە رەسمىي قۇرۇلۇشقا باشلىدى. يېقىندا بىر مۇخبىر ناھايىتى قاتتىق قوغدىلىدىغان كاداراسقا بېرىپ ئەھۋال ئىگىلىدى. نۆۋەتتە بۇ جايدا تەخمىنەن 300 نەچچە ئادەم خىزمەت قىلىۋاتقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا جۇڭگودىن بارغان بىرنەچچە ئالىممۇ بار ئىدى. ئۇنداقتا ITER قانداق تۈر؟ ئۇ ئىنسانىيەتكە مەڭگۈ تۈگىمەيدىغان پاكىز ئېنېرگىيە ئېلىپ كېلەلەمدۇ؟

    ·ئېنېرگىيە مەسىلىسىنى تۈپتىن ھەل قىلىدىغان مۇمكىنچىلىك يوللىرىنىڭ بىرى خەلقئارا ئىسسىق يادرولۇق رېئاكتور تەجرىبىسىنىڭ پىرىنسىپى قۇياشنىڭ نۇر، ئىسسىقلىق تارقىتىش پىرىنسىپىغا ئوخشاش بولۇپ، يۈز مىليون سېلسىيە گرادۇستىكى پەۋقۇلئاددە يۇقىرى تېمپېراتۇرا شارائىتىدا، ھىدروگېننىڭ ئىزوتوپى دېيتېرىي ۋە ترىتىيىنىڭ يادرولۇق رېئاكتوردىن پايدىلىنىپ، يادرو ئېنېرگىيىسى قويۇپ بېرىشنى كۆرسىتىدۇ. دەل مۇشۇنداق بولغانلىقتىن، كىشىلەر ئاممىباب تىل بىلەن بۇنى "سۈنئىي قۇياش" دەپ ئاتىغان. دېيتېرىي بىلەن ترىتىي دېڭىز سۈيىدىن ئايرىۋېلىنىدۇ، شۇنداقلا مەڭگۈ تۈگىمەيدۇ. يادرولۇق رېئاكتور مۇھىتنى بۇلغايدىغان گۈڭگۈرت، نىترىدلارنى پەيدا قىلمايدۇ، پارنىك گازى قويۇپ بەرمەيدۇ.

    -20 ·ئەسىرنىڭ 40- يىللىرىنىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلاپ، ئامېرىكا، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى قاتارلىق دۆلەتلەر يادرولۇق رېئاكتور تەتقىقاتىنى باشلىغان. "كونترول قىلىنىدىغان يادرولۇق رېئاكتور رېئاكسىيىسى"نى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا ئالدى بىلەن ھەل قىلىشقا تېگىشلىك مەسىلە- گازنى قانداق ئۇسۇل بىلەن قىزىتىپ پلازما تېمپېراتۇرىسىنى مىليون، ئون مىليون ۋە يۈز مىليون گرادۇسقا يەتكۈزۈش. بۇ تەتقىقاتتا دۇچ كېلىدىغان بىرىنچى چوڭ مەسىلە- نەچچە مىليون گرادۇسلۇق يۇقىرى تېمپېراتۇرا شارائىتىدا، يۇقىرى تېمپراتۇرىلىق پلازمىنىڭ قېچىش ياكى ئۇچۇپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، ئاتوم يادروسىنىڭ تولۇق يادرولۇق رېئاكتور ھادىسىسىنى قانداق ھاسىل قىلدۇرۇش. بۇنىڭدىن باشقا، يۇقىرى تېمپېراتۇرىدا پلازمىدىكى يادرولۇق رېئاكتورنىڭ داۋاملىق ئېلىپ بېرىلىشى ھەم داۋاملىق يۈز مىليوندىن يۇقىرى تېمپېراتۇرىدا تۇرۇشى، پلازمىنىڭ ئېنېرگىيە مىقدارىنىڭ زىيانغا ئۇچراش نىسبىتىنىڭ تۆۋەنرەك بولۇشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش- ئەڭ گەۋدىلىك مەسىلە ھېسابلىنىدۇ. 500 مىڭ كىلوۋاتلىق ئىسسىقلىق قۇۋۋىتى بىر كىچىك تىپلىق تېرمو ئېلېكتر ئىستانسىسىنىڭ ئىش ئۈنۈمىگە باراۋەر بولۇپ، ئەگەر مۇۋەپپەقىيەت قازانسا، بۇ ئىنسانلارنىڭ تۇنجى قېتىم يەر شارىدا زور مىقداردا يادرولۇق رېئاكتورغا ئىگە يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق پلازمىغا ئېرىشىپ، يادرو ئېنېرگىيىسى ھاسىل قىلىشى بولۇپ قالىدۇ.

    - 1985·يىلى ئامېرىكا، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى، ياۋروپا ۋە ياپونىيە بىرلىكتە ITER پلانىنى يولغا قويدى. كېيىن جۇڭگو، كورىيە ھەم ھىندىستان قاتارلىق دۆلەتلەرمۇ كەينى- كەينىدىن قاتناشتى ۋە يەتتە ئەزا دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى 2006- يىلى كېلىشىم ئىمزالىدى. بىلىشىمىزچە، ITER پلانى ئۈچ باسقۇچقا بۆلۈنگەن. بىرىنچى باسقۇچى، ھازىردىن باشلاپ 2016- يىلغىچە بولغان، يادرولۇق رېئاكتور قۇرۇلۇش باسقۇچى. ئىككىنچى باسقۇچ، 20 يىل داۋاملاشتۇرۇلىدىغان بولۇپ، يادرولۇق رېئاكتور تەجرىبە باسقۇچى. ئۈچىنچى باسقۇچ، بەش يىل داۋاملاشتۇرۇلىدىغان بولۇپ، يادرولۇق رېئاكتورنى چۇۋۇش باسقۇچى ئىدى. بۇ ئۈچ باسقۇچقا جەمئىي 35 يىل سەرپ قىلىنىدۇ، ئىشلىتىلىدىغان خراجەت تەخمىنەن 10 مىليارد 500 مىليون ياۋروغا يېتىدۇ. ساھىبخان بولۇش سۈپىتى بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى تەخمىنەن ITER پلانى ئۈچۈن 50 پىرسەنت خامچوت بىلەن تەمىنلەشكە قوشۇلدى. جۇڭگو 10 پىرسەنتنى چىقىرىدىغان بولۇپ، بۇ 10 مىليارد خەلق پۇلىغا تەڭ. 2007- يىلى 12- ئاينىڭ ئوتتۇرىسىدا، ئامېرىكا پارلامېنتى قارار چىقىرىپ، 2008- يىلى ITER ئۈچۈن بېرىلىدىغان 149 مىليون ئامېرىكا دوللىرىلىق ياردەمنى رەت قىلدى. بۇ ئامېرىكىنىڭ ئىككىنچى قېتىم مەزكۇر پلاندىن چېكىنىشى بولۇپ، بۇ قارار ITER نىڭ ھەمكارلاشقۇچىلىرىنى قاتتىق ھەيران قالدۇردى.

    ·فرانسىيە يادرو تېخنىكىسى تەتقىقات مەركىزى كاداراس ئاخىرى ITER پلانى تەجرىبىسى ئېلىپ بېرىلىدىغان جاي قىلىندى. فرانسىيىنىڭ يادرو تېخنىكىسى تەتقىقات مەركىزى ناھايىتى كۆپ تېخنىكا ئەۋزەللىكىگە ئىگە. فرانسىيە ئېلېكتر كۈچى بىلەن تەمىنلەشنىڭ 85 پىرسەنتىنى يادرو ئېلېكتىردىن كېلىدۇ، ئەمما جۇڭگودا بۇ سان تېخى ئىككى پىرسەنتكىمۇ يەتمەيدۇ. كاراداس فرانسىيىنىڭ جەنۇبىدىكى مارسېل شەھەر ئەتراپىدىكى چەترەك جايغا جايلاشقان ITER تەتقىقات مەركىزىدە خىزمەتچى خادىملار پرويېكسىيدىن پايدىلىنىپ ITER نىڭ تەجرىبىخانىسىنى تونۇشتۇرغان، بىراق باشقا ئەسلىھەلەرنى مەخپىي تۇتقان. ئاكادېمىك خۇيۇپىڭ تونۇشتۇرۇپ ITER قۇرۇلغان تەقدىردىمۇ، يەنە 20 يىل تەجرىبە ئېلىپ بېرىلىدۇ. شۇڭا ئىنسانلارنىڭ يادرولۇق رېئاكتورنى ئىشلىتىشى ئۈچۈن يەنە ناھايىتى ئۇزۇن ۋاقىت تىرىشىشىغا توغرا كېلىدۇ، دېدى.

    分享到:

  •