باش بەت بىلوگ ھۈنەرلىرى توردا پۇل تىپىش جاھاندىكى ئىشلار خەۋەرلەر ئۇيغۇر ھەققىدە تەرمىلەر   
  • "8-مارت" خەلقئارا ئاياللار بايرىمى قانداق كېلىپ چىققان ؟ - [تەرمىلەر]

    ھالقىلىق سۆز :ئاياللار

    1903-يىلى 3 - ئاينىڭ 8 - كۈنى ئامېرىكىنىڭ چىكاگۇ شەھىرىدىكى ئايال ئىشچىلار كاپتالىستلارنىڭ ئېكىسپىلاتاتسىيە قىلىشى ، ئېزىشى ۋە كەمسىتىشىگە قارشى تۇرۇپ ، ئەركىنلىك ۋە باراۋەرلىككە ئېرىشىش ئۈچۈن، كەڭ كۆلەمدە ئىش تاشلىغان ۋە نامايىش قىلغان.

    ئۇلارنىڭ بۇ كۈرۈشى ئامېرىكىدىكى ئەمگەكچى ئاياللارنىڭ قوللىشىغا ۋە قىزغىن ئاۋاز قوشىشىغا ئېرىشكەن. 1910- يىلى بىر قىسىم دۆلەتلەردىكى ئىلغار ئاياللار دانىيەنىڭ پايتەختى كوپىنھاگىندا 2- قېتىملىق سوتسىيالىمچى ئاياللار ۋەكىللىرى قۇرۇلتىيىنى چاقىرغان.

    قۇرۇلتايدا قۇرۇلتايغا رىياسەتچىلىك قىلغان گىرمانىيەلىك سوتسىيالىستىك ئىنقىلابچى زېتكىننىڭ پىكىرىگە ئاساسەن، دۇنيادىكى ئەمگەكچى ئاياللارنىڭ ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش ۋە ئاياللارنىڭ باراۋەرلىك، ئەركىنلىك ئۈچۈن ئېلىپ بارغان كۈرەشلىرىنى قوللاش يۈزىسىدىن، ھەريىلى 3- ئاينىڭ 8- كۈنى " خەلقئارا ئەمگەكچى ئاياللار بايرىمى" قىلىپ بەلگىلەنگەن. ب د ت 1975- يىلدىكى خەلقئارا ئاياللار بايرىمىدىن باشلاپ، خەلقئارا ئاياللار بايرىمىنى تەبرىكلەشكە باشلىغان. شۇنىڭدىن تارتىپ " 8- مارت" خەلىقئارا ئاياللار بايرىمى پۈتۈن دۇنيادىكى ئەمگەكچى ئاياللارنىڭ تىنىچلىقىنى، ئاياللار ۋە بالىلارنىڭ ھوقۇقىنى، ئاياللارنىڭ ئازادلىقىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن كۈرەش قىلىدىغان ئۇلۇغ بايرىمى بولۇپ قالدى.

    دۆلىتىمىزدە خەلقئارا ئاياللار بايرىمى تۇنجى قېتىم 1924- يىلى خاتىرلەنگەن. يەنى، 1924- يىلى دۆلىتىمىزدىكى ئايال ئەمگەكچىلەر جۇڭگو كومۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ رەھبەرلىكىدە گۇاڭجۇدا " 8- مارت" خەلقئارا ئاياللار بايرىمىنى خاتىرلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزگەن.

    جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، مەركىزىي ھۆكۈمىتى، گوۋۇيۈەن 1949 يىلى 12- ئايدا ئومۇمىي بۇيرۇق ئېلان قىلىپ، 3- ئاينىڭ 8- كۈنى ئاياللار بايرىمى قىلىپ بېكىتكەن.





  •   

    评论

  • [cAva:0]ئەسلى ئاياللار بايرىمى مۇنداق كىلىپ چىققان ئىكەندە
    رەخمەت سىزگە مەن بىلىۋالدىم