باش بەت بىلوگ ھۈنەرلىرى توردا پۇل تىپىش جاھاندىكى ئىشلار خەۋەرلەر ئۇيغۇر ھەققىدە تەرمىلەر   
  • ئادەم ئۈچۈن ئەڭ… - [تەرمىلەر]

    ھالقىلىق سۆز :[ئۇيغۇر]

    ئادەم ئۈچۈن ئەڭ زور مۇكاپات ــ  خەلىقنىڭ ئالقىشى ۋە ئىززەت- ھۆرمىتىگە ئىگە بولۇش؛

    ئادەم ئۈچۈن ئەڭ قىممەرتلىك نەرسە ــ  ئىززەت- نەپسىنى ساقلاش؛ 

    ئادەم ئۈچۈن ئەڭ چوڭ خوشاللىق ئىش ــ  باشقىلارغا ياردەم بىرىش؛

    ئادەم ئۈچۈن ئەڭ ئېسىل ئەخلاق ــ  پاكلىق، سەمىمىيەت ۋە سادىقلىق؛

    ئادەم ئۈچۈن ئەڭ زور بەخىت ــ  قىلغان ئىشىدا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش؛

    ئادەم ئۈچۈش ئەڭ زور لەززەت ــ  ئىزدىنىش ۋە ئىجاد قىلىش؛

    ئادەم ئۈچۈن ئەڭ ياخشى ئوقۇتقۇچى ــ  ئۆز قىزغىنلىقى؛

    ئادەم ئۈچۈن ئەڭ زور بايلىق ــ  سالامەتلىك بىلەن خاتىرجەملىك؛

    ئادەم ئۈچۈن ئەڭ چوڭ ھاسىلات ــ  تەجىربە- ساۋاق؛

    ئادەم ئۈچۈن قولدىن كەتسە قايتۇرۋالغىلى بولمايدىغان قىممەتلىك نەرسە ــ  ۋاقىت ۋە پۇرسەت؛

    ئادەم ئۈچۈن ئەڭ چوڭ تەسەللى ــ  ئىشەنىچ ۋە ئۈمىد؛

    ئادەم ئۈچۈن ئەڭ چوڭ ئاقىلانىلىك ــ  ئۆزىنى بىلىش؛

    ئادەم ئۈچۈن ئەڭ قاتتىق ئىش ــ  يوقسۇزلۇقتىن باشقىلارنىڭ ئالدىدا سارغىيىش؛

    ئادەم ئۈچۈن ئەڭ ئېچىنىشلىقى ــ  قولىدىكى ناننى تارىتقۇزۇپ قويۇپ ئۆزى ئاچ- زېرىنلىقتا قىلىش؛

    ئادەم ئۈچۈن ئەڭ چوڭ ئازاپ ــ  ئىرادىسىگە خىلاپ ئىشنى بىلىپ تۇرۇپ قىلىش؛

    ئادەم ئۈچۈن ئەڭ ئېغىر جازا ــ  جەمىيەتتىن ئايرىلىپ بىكار قىلىش؛

    ئادەم ئۈچۈن ئەڭ ئاسىنى ــ  باشقىلاردىن قۇسۇر تېپىپ ئەيىبلەش؛

    ئادەم ئۈچۈن ئەڭ چوڭ پۇشايمان ــ  ياخشى پۇرسەتنى قولدىن بىرىپ قويۇش؛





  •