باش بەت بىلوگ ھۈنەرلىرى توردا پۇل تىپىش جاھاندىكى ئىشلار خەۋەرلەر ئۇيغۇر ھەققىدە تەرمىلەر   
  • راستىنلا ۋاقتىڭىز يوقمۇ؟ - [تەرمىلەر]

    ھالقىلىق سۆز :ئالتۇن

        بىز دائىم كىشلەرنىڭ «چەتئەل تىلى ئۈگىنەي دىسەم ۋاقتىم يەتمەيۋاتىدۇ»،«ساياھەت قىلىپ كەلگىلى زادى ۋاقىت چىقىرالمىدىم»،«ئاتا- ئانامىنى يوقلاپ كېلىشكە چولام تەگمەيۋاتىدۇ»…..دىگەندەك خىلمۇ – خىل باھانە سەۋەپلەرنى ئاڭلاپ تۇرىمىز. ئەمما ئىنچىكىلىك بىلەن كۈزتىدىغان بولساق، ئۇلارنىڭ ئۆزلىرى ئېيىتىقاندەك ئۇ دەرىجىدە ئالدىراش ئەمەس ئىكەنلىكىنى، قەتئى ئىرادىگە كىلىدىغانلا بولسا شۇ ئىشلارنى قىلىشقا تامامەن ۋاقىت چىقىرالايدىغانلىقىنى، يوقىرىقى گەپلەرنىڭ شۇ ئىشنى قىلىشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇش، ئۆزىگە تەسەللى بىرىش، توغىرراق قىلىپ ئېيىتقاندا ئۆز- ئۆزنى ئالداشتىن باشقا نەرسە ئەمەسلىكىنى بايقايمىز.

        مەن بىر قانچە پېشقەدەم قەلەمكەشنى تونۇيمەن، ئۇلارنىڭ بەزىلىرى تېخى پىنسىيىگە چىقمىغان بولۇپ، ئىدارىسىدە يۈكنىڭ ئېغىرىنى كۆتۈرگەندىن سىرىت، يەنە پەسىلدە بىرەر پارچە دېگۈدەك توم-توم كىتاپلارنى نەشىر قىلدۇرۇپ تۇرىدۇ. ئۇلارنىڭ شۇ ياشقا كەلگەندىمۇ ئەنە شۇنداق باشقىلاردىن ئېشىپ چۈشىدىغان غەيرەت-شىجائەت، يۈكسەك مەسئولىيەتچانلىق بىلەن بېسىپ ئولتۇرۇپ قەلەم تەۋرىتىشى مىنى ھەيران قالدۇرىدۇ. تېخمۇ موھىمى، مىنى ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ ئۈگنىشكە، ئانچە-مۇنچە قەلەم تەۋرىتىپ قويۇشقا ئۈندەيدۇ. بىر قېتىم ئاشۇنداق ھۆرمەتكە سازاۋەر قەلەمكەشلىرىمىزدىن بىرى بىلەن كۆرۈشۈپ قېلىپ ئەدەپ بىلەن سورىدىم:

        ــ ئاكا، ئىدارىنىڭ ئىشلىرىمۇ خېلى بېسىق ئىكەن، كىتاپخانىدا پات- پات  ئەسەرلىزىڭىنى كۆرۈپ تۇرىمىز، بۇ ئىشقا ئۇزۇندىن بىرى ھەيران بولۇپ كېلىۋاتاتتىم. ئەدەپسىزلىك بولسىمۇ سوراپ باقاي، شۇنچە توم-توم كىتاپلارنى يېزىشقا، تەرجىمە قىلىشقا قانداق ۋاقىت چىقىرىسىز؟ چارچىمامسىز؟

    پېشقەدەم ئاكىمىز كۈلۈپ كەتتى:

        ــ چارچىمايدىغان ئىش بولامدۇ ئۇكا، ياش بۇ يەرگە كەلگەندە چارچىشىمىز ئىنىق، لىكىن ياش ۋاقتىمىزدىن باشلاپ بېسىپ ئولتۇرۇپ جاپالىق ئىشلەپ كۆنۈپ قاپتىمىز ، ياش ۋاقىتلىرىمىزدا چەككەن جاپالىرىمىزنىڭ ئالدىدا بۇ ھېچقانچە ئىش ئەمەس، ئىشتىن چۈشكەندىن كىيىن سىلەردەك چاي- پاي، ئولتۇرۇشلارغا يۈگۈرمەيمىز. «بىكار ئولتۇرغىچە، بىكار ئىشلە» دىگەندەك ھايات مۇساپىمىزدىكى تىلغا ئىلىشقا ئەرزىگىدەك ئەسلىمە، تارىخلارنى رەتلەپ، جۇڭگو چەتئەللەرنىڭ پايدىلىنىش قىممتىگە ئىگە يازمىلىرىنى تەرجىمە قىلىپ، ئەۋلاتلارغا قالدۇرۇپ قوياي دىگەن ئۈمىدتە ئەتىشى ئاخشىمى بېسىپ ئولتۇرۇپ ئىشلەۋاتىمەن، مۇنداقچە ئېيىتقاندا ئىلگىرى شارائىت ناچار چاغلاردا قىلىشقا ۋاقىت چىقىرالمىغان ئىشلارنى ئەمدى بولسىمۇ تولۇقلاشقا ئىمكانىيەت بولىۋاتىدۇ.

        ئۇنىڭ سۆزلىرى قەلبىمنى لەرزىگە سېلىپ، ۋۇجۇدۇمغا چەكسىز غەيرەت-شىجائەت ئاتا قىلدى. ئۇنىڭ بىلەن بولغان قىسقىغىنە سۆھبەتتىن قەلبىم سۆيۈنۈپ كۆڭلۈم كۆتۈرلۈپ قالدى. سىز دىن ئەمدى سوراپ باقاي، باشتا تىلغا ئالغان ئاشۇ ئىشلارنى قىلىشقا راستىنلا ۋاقتىڭىز يوقمۇ ياكى شۇ ئىشلارنى قىلغىڭىز يوقمۇ؟!

    ئاپتور: ئەنىۋەر ئابدۇللا





  •   

    评论

  • [cAva:0]ئەھمىيەتلىك تىمىلىرىڭىز ئۈزۈلۈپ قالمىغاي ...
    يازاي回复ھىكمەت说:
    رەھمەت
    2009-02-26 22:32:28