باش بەت بىلوگ ھۈنەرلىرى توردا پۇل تىپىش جاھاندىكى ئىشلار خەۋەرلەر ئۇيغۇر ھەققىدە تەرمىلەر   
  • بالىڭىزغا سۇغۇرتا سىېتۋالغاندا«تۆت»كە دىققەت قىلىڭ - [تەرمىلەر]

    ھالقىلىق سۆز :سۇغۇرتا

        يېڭى يىل كىردى نۇرغۇن ئاتا- ئانىلار باللىرىغا سۇغۇرتا سېتۋىلىشنى ئويلىشىۋاتقان بولىشى مومكىن. مۇتەخخەسسىلەر ئاتا- ئانىلارنىڭ سەمىگە شۇنى سالدۇكى، ھازىر سۇغۇرتا بازىرىدا باللىلار سۇغۇرتىسىنىڭ تۈرى كۆپ، سۇغۇرتا سېتۋالغاندا تۆۋەندىكى بىر قانچە نوقتىغا دىققەت قىلىشى كىرەك:

    1. تەكرار سۇغۇرتىلاتماسلىق كىرەك. سۇغۇرتا نازارەتچىلىك كومىتىتى بالىلار سۇغۇرتىسىنى تەكرار سېتىۋىلىشقا بولمايدۇ، دەپ بەلگىلىگەن.

    2. سۇغۇرتا تۈرلىرىنىڭ ھەممىنى سېۋىلىشنىڭ ھاجىتى يوق. بالىلار سۇغۇرتا مەھسۇلاتلىرنىڭ تۈرى ناھايىتى كۆپ بولۇپ، ئاتا- ئانىلار ھەممىنى سېتۋالىمەن دىمەي، كۈتۈلمىگەن زەخىم سۇغۇرتىسى، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى، مائارىپ زاپاس فونىدى سۇغۇرتىسى قاتارلىق مۇھىم سۇغۇرتا تۈرلىرىنى تاللىسلا  بولىدۇ.

    3. سۇغۇرتا مۇددىتى بەك ئۇزۇن بولماسلىقى كىرەك. ئادەتتە سۇغۇرتا مۇددىتى 25~30 ياش ئەتىراپىغىچە بولسا بولىدۇ.

    4. كەچۈرۈم قىلىنغان ماددىلارغا دىققەت قىلىش كېرەك. ئەڭ ياخشىسى كەچۈرۈم قىلىنغان ماددىلىرى بار سۇغۇرتا تۈرلىرىنى تاللاش كىرەك. چۈنكى سۇغۇرتا كەچۈرۈم ماددىلىرىدا بىكىتىلىشىچە، توختام مەزگىلىدە ئەگەر سۇغۇرتىلاتقۇچى كېلىشمەسلىككە يولۇقۇپ ياكى ئۆلۈپ كېتىپ، سۇغۇرتا ھەققىنى تاپشۇرۇش ئىقتىدارىدىن قالسا، تېخى تاپشۇرۇلمىغان سۇغۇرتا ھەققىنى كەچۈرۈم قىلىشقا بولىدىكەن.                مەنبە: شىنخۇا تورى





  •