-
مەن ئۆلگەندە - [شېئىر - رۇبائىلار]
ئاپتورى: تاھىر ھامۇت
مەن ئۆلگەندە ئېسىڭدە بولسۇن،
بايرىقىڭنى چۈشۈرمە يېرىم.
جەسىتىمنى تاپساڭ كۆمۈپ قوي،
تاپالمىساڭ ئۆكۈنمە جېنىم.مەن بىلىمەن،دىمەيدۇ ھېچكىم،
ئۆلۈمىمنى«ئېغىر يوقىلىش».
مەن ئەمەسمۇ ناتونۇش ئادەم،
ماڭىلا خاس ئۈنسىز يوقىتىش.مەن ئۆلگەندە،ئېسىڭدە بولسۇن،
دە جاھانغا«كۈلۈپ ئۆلدى ئۇ».
ئىشەنگەندە سۆزۈڭگە ھەممە،
ئاندىن ئېيتقىن:«يالغان كۈلدى ئۇ».历史上的今天:
<< ئۇيغۇر ئالىمنىڭ ﺋﺎﻟﻪﻡ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﯩﺴﺪﯨﻜﻰ ﻛﻪﺷﭙﯩﻴﺎﺗﻰ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﻘﺎﺋﯧﺮﯨﺸﺘﻰ | باش بەت | چىرايى ئوباماغا ئوخشىغاچقا بىر كېچىدىلا نام چىقاردى >>