باش بەت بىلوگ ھۈنەرلىرى توردا پۇل تىپىش جاھاندىكى ئىشلار خەۋەرلەر ئۇيغۇر ھەققىدە تەرمىلەر   
  • تور بىكەتنىڭ PR قىممىتى دىگەن نىمە؟ - [كومپىيوتېر بىلىملىرى]

    ھالقىلىق سۆز :PR

    Pagerank تېخنىكىسى ھەققىدە قىسقىچە بىلىمگە ئىگە بوپ قويۇش ھەر بىر تور بېكەت ئىگىسى ئۈچۈن مۇھىم. Page Rank بولسا Google ساناش تېخنىكىسىنىڭ مۇھىم يادروسى. 2001-يىلى ئامېرىكىدا پاتنېت ھوقۇقىغا ئېرىشكەن. پاتنېت تەلەپ قىلغۇچى Google شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى لارى پەيج (Larry Page) . شۇڭلاشقا Page Rank سۆزىدىكى Page تور بەت دىگەن مەنىنى بىلدۈرمەيدۇ. ئۇ لارى پەيجنىڭ ئىسمىدىن كەلگەن. لارى پەيج بۇ تېخنىكىنىڭ ئىجادچىسى بولغاچقا ئۆزىنىڭ ئىسمىنى بۇ تېخنىكىغا قويغان.
    Google نىڭ Page Rank تېخنىكىسى توربەتنىڭ تاشقى ۋە ئىچكى ئۇلىنىشىنىڭ سانى ۋە تەڭپۇڭلۇقىغا ئاساسەن تور بېكەتنىڭ قىممىتىنى بېكىتىدۇ. Page Rank نىڭ ئارقا كۆرۈنىشى شۇنى چۈشەندۈرىدۇكى توربەتنىڭ باشقا توربەتلەردە قىلىنغان ھەر بىر ئۇلىنىشى مەزكۇر تور بەتكە تاشلانغان بىر بېلەتتۇر. دىمەك ئەگەر تور بېتىڭىز باشقا تور بەتلەر تەرىپىدىن قانچە كۆپ ئۇلىنىش قىلىنسا بېكىتىڭىزگە شۇنچە كۆپ بېلەت تاشلانغان بولىدۇ. Page Rank سانىمۇ شۇنچە يۇقىرى بولىدۇ. قانچە يۇقىرى بولسا Google ئىزدەش نەتىجىسىدە شۇنچە ئالدىغا تىزىلىدۇ.
    يەنە بىر مىسال: ئەگەر تەكلىماكان بلوگدىكى مەلۇم بىر ماقالە باشقا ئورۇنغا كۆچۈرۈلۈپ، «تەكلىماكان بلوگ» دىگەن مەنبە ئەسكەرتىلىپ، ئۇلىنىش قىلىنسا مەزكۇر ماقالىنى كۆچۈرگۈچى تەكلىماكان بلوگقا بىر بېلەت تاشلىغان بولىدۇ.
    Google نىڭ بىر قاتار تولۇق ئاپتوماتلاشقان page rank ھىسابلاش ئۇسۇلى بار. Google نىڭ Page Rank كە بېكىتكەن قىممەت دائىرسى 0 دىن 10 غىچە بولىدۇ. ئەگەر page rank قىممىتى 10 بولسا ئەڭ ياخشى، 0 بولسا ئەڭ ناچار بولىدۇ. page rank ئەلۋەتتە مەن چۈشەندۈرگەندەك ئۇنچە ئاددىلا گەپ ئەمەس، بۇ بىر خىل يۇقىرى تېخنىكا. PageRank 2 گە قارىغاندا PageRank3 ھەرگىزمۇ 1 ھەسسە ياخشى ئەمەس، بەلكى سەككىز ئون ھەسسە ياخشى بولىشى مۇمكىن.
    دىمەك Page Rank قانچە يۇقىرى بولسا تور بېتىڭىزنىڭ مۇشۇ خىل تېخنىكا ئىشلەتكەن ئىزدەش ماتورلىرىدا تىزىلىش ئورنى شۇنچە ئالدىغا بولىدۇ. ئەمما Page Rank نىڭمۇ ئۆزىگە چۇشلۇق يۇقىرى تېخنىكىلىق بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلى بار. ئەگەر سىز تور بېتىڭىزنى ناھايىتى يۇقىرى زىيارەت سانىغا ئىگە بىر تور بېكەتتە ئۇلىنىش قىلىپ قويسىڭىز، ئەمما ئۇ تور بەت ناخشا تورى بولۇپ، سىزنىڭ تور بېتىڭىز مۇنبەر بولسا، ئۇ ھالدا مەزكۇر ناخشا تورىدىكى ئۇلىنىشتىن سىزنىڭ تور بېتىڭىزگە ھىچقانداق PageRank قىممىتى قوشۇلمايدۇ. شۇڭلاشقا چوقۇم تور بېتىڭىز باشقا تور بەتلەردە ئۇلىنىش قىلىنغاندا تور بېتىڭىزدىكى مەزمۇن نەقىل قىلىنغان ياكى تور بەت مەزمۇنلىرى ئۆز-ئارا ماس كېلىدىغان بولىشى كېرەك.
    ئادەتتە Google نىڭ Page Rank سانلىق مەلۇماتى ھەر يىلى بىر قېتىم يېڭلىنىدۇ. شۇڭلاشقا يېڭى قۇرۇلغان تور بېكەتلەر تېخى بىر يىلغا توشماي تۇرۇپ Page Rank قىممىتىگە ئىگە بولالمايدۇ. ئەمما بۇ يامان ئىشمۇ ئەمەس، سەۋرىچانلىق بىلەن ساقلاپ تۇرساقلا بولىدۇ.
    Page Rank قىممىتى دىگەن سۆزنى ئادەتتە قىسقارتىپ «PR قىممىتى» دەيمىز.
    باشقا تور بېكەتلەر بىلەن ئۇلىنىش ئالماشتۇرغاندا تۆۋەندىكىلەرگە دىققەت قىلىڭ:
    Google نىڭ تور بەتلەرنى ئىزدەش نەتىجىسىدە ئالدىغا تىزىشى پۈتۈنلەي PR قىممىتىگىلا باغلىق ئەمەس. يۇقىرى PR قىممىتى توربەتنىڭ ئىزدەش نەتىجىسىدە يۇقىرى ئورۇنغا تىزىلىشىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. Page Rank نىڭ يېڭىلىنىشى بەك ئاستا، بۈگۈن كۆرگەن PageRank ئۇچۇرلىرى بەلكىم 3 ئاي بۇرۇنقى قىممەت بولىشى مۇمكىن.
    شۇڭلاشقا يالغۇز Page Rank نى قوغلىشىپلا تور بېكەت ياساش ھەم ئۇلىنىش قىلىشقا بولمايدۇ. Yahoo ۋە Accoona غا ئوخشاش ئىزدەش قوراللىرىنىڭ Google Page Rank كە ئوخشىمايدىغان باشقىچە تېخنىكىسى بار.

    ئەمما «PR»قىممىتىنى google, alimama دىگەندەك تور بىكەتلەر تور بىتىڭىزنىڭ ئېلان قىممىتىنى ئۆلچەيدىغان موھىم ئۆلچەم قىلغان. دىمەك «PR» قىممىتى يوقىرى بولسا ئېلان قىممىتى شۇنچە يوقىرى بولىدۇ. شۇنداقلا سىزنىڭ ئېلان قويشىڭىز شۇنچە ئاسان بولىدۇ.  «PR» قىممىتىنى ئۆلچەش ئادىرسى:  http://www.123cha.com/google_pagerank/





  •   

    评论

  • [cAva:0]مەنمۇ ئۆتكەندە مۇشۇ ھەقتە بىر يازما ئېلان قىلغان ئىدىم، ئەلۋەتتە سىزدىن كىيىن ، ھەم سىزنىكىدەك تەپسىلىمۇ ئەمەس . ۋاقتىڭىز بۇلسا كۆرۈپ باقارسىز !
    مەنزىل ئولنىشى : http://tugraq.blogbus.com/logs/39113413.html
    يازاي回复sitniyaz说:
    بىلوگىڭىزنى چىرايلىق لاھيەلەپسىز كۆردۈم
    2009-05-15 09:48:01
  • [cAva:0]ياخشى يازمىدىن بىرنى يوللاپسىز،رەھمەت.