باش بەت بىلوگ ھۈنەرلىرى توردا پۇل تىپىش جاھاندىكى ئىشلار خەۋەرلەر ئۇيغۇر ھەققىدە تەرمىلەر   
  • ئامېرىكا ئارمىيىسى ئون ئاي ئىچىدە باغداتتىن چېكىنىشى مومكىن - [جاھاندىكى ئىشلار]

    ھالقىلىق سۆز :ئامېرىكا ئىراق iraq 伊拉克

         ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ ئالىي قۇماندانى پېترئۇس«پۇل مۇئامىلە گېزىتى» نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: ئىراقنىڭ پايتەختى باغداتتىكى زوراۋانلىق تۇقۇنۇش ئازىيىپ قالغاچقا، ئامېرىكا ئارمىيىسى ئون ئاي ئىچىدە باغداتتىن چېكىنىشى مۇمكىن.  «بىرلەشمە سەھەر گېزىتى»نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ب د ت نىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى مۇشۇ يىلنىڭ ئاخىرى توشىدىغان بولغاچقا، ئامېرىكا بىلەن ئىراق ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ ئىراقتا تۇرۇش مەسلىسىنى مۇزاكىرە قىلىشقا باشلىغان. ھازىر ئىراقتا يەنە 145 مىڭ ئامېرىكا ئەسكىرى بار.

       Flag ئامېرىكا ئارمىيىسى كىلەر يىل ئىيۇلدا باغداتتىن چېكىنىپ چىقامدۇ، دىگەن سۇئالغا پېترئۇس مۇنداق دېدى: يېقىندا باغداتتا زوراۋانلىق توقۇشلار ئازايدى، ھازىر زوراۋانلىق توقۇنۇش ئوتتۇرا ھېساپ بىلەن كۈنىگە بەش قېتىقمغىمۇ يەتمەيدۇ. شۇڭا ئامېرىكا ئارمىيىسى كېلەر يىل ئىيۇلدا باغداتتىن چېكىنىشى مومكىن.

        ئىراق رەھپىرى مۇنداق دېدى: ئامېرىكا بىلەن ئىراق 2011- يىلدىكى مەلۇم بىر كۈننى ئامېرىكا ئارمىيىسنىڭ ئىراقتىن چېكىنىش كۈنى قىلىپ بېكىتتى. لېكىن ئامېرىكا ئارمىيىسى مۇنداق دېدى: سۆھبەت تېخى داۋاملىشىۋاتىدۇ، ۋاشىنگىتون قوشۇن چېكىندۈرۈش ۋاقىت جەدىۋىلى تۈزۈشنى خالىمايۋاتىدۇ.Shame on you

    (شىنخۇا ئاگېنتلىقى)





  •