
رەسىمدىكى بۇ ئايال 76 ياشقا كىرگەن بولۇپ، سىرتقى كۆرۈنۈشى ، بەدەن قىياپىتىدىن قارىماققا خۇددى ياش ئاياللارغىلا ئوخشايدۇ . ئاڭلاشلارغا قارىغاندا بۇ موماي فىلىپىننىڭ داڭلىق مودىلى ئىكەن. ئۇ لاتىن ناخشا شاھزادىسى جۇلىئوۋغا تېگىپ ئىسپانىيە ناخشا شاھزادىسى Enrique نى تۇغقان .

بۇ گۈزەل بەدەنلىك موماينىڭ ئىسمى IsabelPreysler بولۇپ ، لاتىن ناخشا شاھزادىسى جۇلىئوۋنىڭ ئايالى ، Enrique نىڭ ئاپىسى .

بۇ ئايال فىلىپىننىڭ پايتەختى بولغان مانىلادا تۇغۇلغان بولۇپ ، ئۇ ئائىلىسىدىكى ئالتە بالىنىڭ ئىچىدىكى ئۈچىنچىسى .

1970-يىلى IsabelPreysler بىر قېتىملىق ئۇسۇل كېچىلىكىدە جۇلىئوۋ بىلەن تونۇشۇپ قېلىپ توي قىلىدۇ . ئۇ چاغدا جۇلىئوۋ تېخى نامى چىقمىغان ناخشىچى ئىدى.

كىيىن جۇلىئوۋنىڭ نامى چىقىپ ئىشلىرى روناق تېپىپ كەتكەندىن كىيىن ئۇلارنىڭ ئائىلىسىدە يىغىلىش كەم بولۇپ ئايرىلىدىغان ئىشلار كۆپەيگىلى تۇردى ، ئۇنىڭغا قوشۇلۇپ چىققان ھەرخىل گەپ -سۆز 1978-يىلى ئۇلارنى رەسمىي تۈردە بىر-بىرىدىن ئايرىدى. شۇ يىلى Enrique تېخى ئۈچ ياشقا كىرگەنىدى .

ئۇلار ئاجراشقاندىن كىيىنIsabelPreysler يەنە داۋاملىق ئىسپانىيە ئاقسۆڭىكى CarlosFalco ۋە ئىسپانىيەنىڭ سابىق مالىيە مىنىستىرى MiguelBoyer بىلەن ئايرىم -ئايرىم يەتتە يىل ، 10 يىل ئۆي تۇتۇپ ۋە ھەر بىرىدىن بىر قىزى بولغان.