ئارگېنتىنادا يەنە پويىز بىلەن ماشىنا ئۈسۈشۈپ كەتتى |
13-چېسلا ئارگېنتىنا پايتەختى بويىنىس-ئايرىس شەھىرىدە شەھەر پويىزى بىلەن ئاممىۋى ئاپتوبۇس ئۆزئارا سوقۇلۇش ۋەقەسى بولغانىدى. ساقچى تەرەپنىڭ ئېيتىشىغا قارىغاندا، ۋەقەدە ئاز دېگەندىمۇ 11 ئادەم ئۆلۈپ، 212ئادەم يارىلىنىش كېلىپ چىققانىدى. جۇڭشىن تورىنىڭ 16-چېسلادىكى تېلېگراممىسى ئامېرىكا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، شۇ جاي ۋاقتى 15-چېسلا سەھەر قاتناش يۇقىرى پەللىگە چىققاندا، ئارگېنتىنا پايتەختى بويىنىس –ئايرىستا ئاممىۋى ئاپتوبۇس، يۈك ماشىنىسى ۋە پويىز ئارقا-ئارقىدىن سوقۇلۇش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، 90ئادەمنىڭ يارىلىنىشى كېلىپ چىققان. دەل ئىككى كۈن ئىلگىرىلا(13-چېسلا) مەزكۇر شەھەردە ئىككى يولۇچىلار پويىزى بىلەن بىر ئاممىۋى ئاپتوبۇس سوقۇلۇش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، 11 ئادەمنىڭ ئۆلۈشى، 200دىن ئارتۇق ئادەمنىڭ يارىلىنىشى كېلىپ چىققانىدى. ساقچى تەرەپ ھازىر بۇ ئىككى قېتىملىق چوڭ قاتناش ۋەقەسىنىڭ سەۋەبىنى تەكشۈرمەكتە. ئارگېنتىنا فېدېراتسىيە ساقچى تەرەپنىڭ باياناتچىسى فېرناندو. سوستېر(Fernando Sostre) مۇنداق دېدى :« قارىماققا قاتناش چىرىغى نورمال. ئاممىۋى ئاپتوبۇس توختىغاندىن كېيىن، يولۇچىلار پويىزى ئارقا تەرەپتىن كېلىپ سوقۇلغان، ئارقىدىن بىر يۈك ماشىنىسى شىددەت بىلەن سوقۇلغان.» ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇلار ھازىر ئاممىۋى ئاپتوبۇسنىڭ پويىز رېلىسى ئۈستىدە خاتا توختاپ قالغان-قالمىغانلىقىنى تەكشۈرمەكتىكەن. سوستېر مۇنداق دېدى:« كۆپ قىسىم يارىلانغۇچىلارنىڭ يارىسى يېنىك دەرىجىدە بولغان، پات ئارىدا كۆپ قىسىم كىشىلەر دوختۇرخانىدىن چىقىپ، ئۆيىگە ياكى خىزمەت ئورنىغا قايتىپ بارالىشى مۇمكىن.»

[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2011/9/17 11:06:15 ئۇقۇلۇشى: 124 قېتىم] |
|