برازىلىيەدە تۆت تۈمەن ئۆسمۈر 14 يېشىدىلا توي قىلىپ بولىدىكەن |

جوڭشىن تورى 14-چېسلا تېلىگراممىسى، برازىلىيە 2010-يىللىق نوپۇس تەكشۈرۈش دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 43000 يېقىن 14 ياشتىن ئۆسمۈر ھەمراھى بىلەن ئاللىقاچان بىر ئۆيدە تۇرۇشنى باشلىغان ئىكەن، بۇ بىرازىلىيەنىڭ قانۇنىغا خىلاپ ئىكەن.
بىرازىلىيە قانۇنىدا 14 ياشتىن تۆۋەن ئۆسمۈرلەر توي قىلسا بولمايدۇ، 14 ياشتىن تۆۋەن ئۆسمۈرلەر ئوتتۇرىسىدا جىنسى ئالاقە ئېلىپ بېرىلسا، ئۇنداقتا بۇ باسقۇنچىلىققا ياتىدۇ دەپ بەلگىلەنگەن.
برازىلىيە ئۆسمۈرلەر سوتىنىڭ سوتچىسى، تەپتىش مەھكىمە ۋە ئەرز مەھكىمىسى بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى خېلېن سانچېس 13-چېسلا «سان پاۋلۇ گېزىتى» مۇخبىرىغا دېيىشىچە، بەزى كىشىلەر سوتتىن ئۆزىنىڭ 14 ياشقا توشمىغان قىزىنى ئەرگە بېرىشكە يول قويۇشنى ئۆتۈنۈپ كېلىدىكەن، نۇرغۇن كىشىلەر بۇنىڭ قانۇنغا خىلاپ قىلمىش ئىكەنلىكىنى بىلمەيدىكەن.
قايتا توي قىلىش دائىم كۆرۈلىدىغان رايونلاردىكى كىشىلەرنىڭ ئوتتۇرا كىرىمى بىرازىلىيەدە ئەڭ تۆۋەن.
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2011/9/14 20:19:46 ئۇقۇلۇشى: 347 قېتىم] |
|