ئەنگلىيە باش ۋەزىرىنىڭ رۇسىيەدىكى زىيارىتى ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى ئىختىلاپنى تۈگىتەلمەيدۇ |
[فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى، موسكۋا، 12-سېنتەبىر تېلېگراممىسى] رۇسىيە زۇڭتۇڭى مېدۋېدېۋ بۈگۈن ئەنگلىيە باش ۋەزىرى كامېرونغا: ئىككى تەرەپ باشلىقلىرىنىڭ 2005-يىلىدىن بۇيانقى تۇنجى قېتىملىق ئىككى تەرەپ سۆھبىتىدە، بارلىق مەسىلىلەر مۇھاكىمە تېمىسى بولىدۇ، دېدى. مېدۋېدېۋ بىلەن كامېرون كىرېمىلدا سۆھبەتلەشتى. مېدۋېدېۋ: «مەن بۇ قېتىمقى زىيارەتنىڭ مول نەتىجىلىك بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن»، دېدى. بۇ، كىرېمىلنىڭ تەنقىدچىسى، سابىق ك گ ب جاسۇسى لىدۋىنىنكو 2006-يىلى لوندوندا زەھەرلىنىپ ئۆلگەندىن كېيىن، ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ تۇنجى قېتىملىق بىۋاسىتە سۆھبىتى ھېسابلىنىدۇ. سۆھبەتتە، كامېرون لىدۋىنىنكو دېلوسىنى مۇھاكىمە قىلغاندا كۈچلۈك ئىچكى بېسىمغا دۇچ كەلدى. كامېرون: «مېنىڭچە بىز ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى، بولۇپمۇ تەرەققىي قىلىۋاتقان سودا-سېتىق مۇناسىۋىتى توغرىسىدا چوڭقۇر كېڭىشىشىمىز كېرەك»، دېدى. ئەنگلىيە ھازىر رۇسىيەنىڭ 5-چوڭ سودا ھەمراھى.
سۈرەتتە:رۇسىيە زۇڭتۇڭى مېدۋېدېۋ كامېرون بىلەن بىللە سۆھبەت ئۆتكۈزمەكتە. فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2011/9/14 14:11:48 ئۇقۇلۇشى: 114 قېتىم] |
|