
جۇڭگولىۋىيە ئۆتكۇنچى ھوكۇمىتى بىلەن ئورتاق تىرىشىپ،جۇڭگو لىۋىيە مۇناسىۋىتىنى تىنچ تەرەققىي قىلدۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى
جۇڭگو دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتچىسى ماچاۋشۈ ئىپادە بىلدۇرۇپ جۇڭگو لىۋىيە ئوتكۇنچى ھوكۇمىتىنى ئېتىراپ قىلىشنى قارار قىلدى ،جۇڭگو تەرەپ لىۋىيە ھوكۇمىتىنىڭ تاللىشىنى ھورمەت قىلىدۇ،لىۋىيە ئوتكۇنچى ھوكۇمىتىنىڭ مۇھىم ئورنى ۋە رولىغا يۇكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ،شۇنداقلا لىۋىيە ئوتكۇنچى ھوكۇمىتى بىلەن قۇيۇق ئالاقىنى ساقلايدۇ.
جۇڭگو ئوتكۇنچى ھوكۇمەت بولسا لىۋىيە خەلقىنىڭ ۋەكىلى،جۇڭگو لىۋىيە تەرەپ بىلەن ئورتاق تىرىشىپ تىچ مۇناسىۋەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى خالايدۇ،جۇڭگو لىۋىيە بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئىمزالىغان بارلىق كېلىشىملەرنىڭ ئەستايىدىل ئىجرا قىلىنىشىنى ئۇمىد قىلىدۇ دېدى.
لىۋىيە ئوتكۇنچى ھوكۇمىتىنىڭ ئىپادە بىلدۇرۇپ لىۋىيەنىڭ بۇنىڭدىن ناھايىتى مەمنۇن بولغانلىقنى بىلدۇردى،لىۋىيە خەلقى بىلەن ئوتكۇنچى ھوكۇمەت جۇڭگونىڭ مۇھىم ئورنىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدۇ،جۇڭگو بىلەن بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئىمزالىغان بارلىق كېلىشىملەرنى ئەستايىدىل ئىجرا قىلىدۇ،بىر جۇڭگو پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرىدۇ،جۇڭگونىڭ لىۋىيەنىڭ قايتا قۇرۇش ئىشلىرىغا قاتنىشىشىنى قارشى ئالىدۇ،جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى مۇقىم تىچ تەرەققىي قىلدۇرۇشنى خالايدۇ دېدى.
ئەرەپ ئاخبارات ۋاستىلىرى بۇنىڭدىن جۇڭگو بىلەن لىۋىيە شات خۇراملىققا چومدى دەپ قارىدى
قاتار تېلىۋىزىيە ئىستانسىسى قاتارلىق بىر نەچچە ئاخبارات ۋاستىسى بۇنىڭغا باھا بەردى.ئەرەپ تېلىۋىزىيە ئىستانسىسى خەۋەر قىلىپ جۇڭگو لىۋىيە مەسىسىلىسىدە ناھايىتى مۇھىم قەدەم باستى ،بۇ جۇڭگونىڭ لىۋىيەدىكى مەنپەتىگە پايدىلىق ھەمدە بىرلەشكەن دولەتلەر تەشكىلاتىنڭ ئۇرۇشتىن كېيىكى قايتا قۇرۇش ئىشلىرىغا پايدىلىق دېدى.جۇڭگو كەلگۇسىدە لىۋىيەنىڭ قايتا قۇرۇش ئىشلىرىدا تېخىمۇ مۇھىم رول ئوينايدۇ دېدى.
ئەرەپلەر ھەرىكەتتە تورى بۇنىڭغا باھا بېرىپ ئەمەلىيەتتە لىۋىيە ئوكتىچىلىرى جۇڭگونىڭ رولىغا ناھايىتى ئەھمىيەت بېرىدۇ،ئىككى تەرەپنىڭ ناھايىتى ياخشى بولغان مۇناسىۋەت ئاساسى بار دېدى.بۇندىن ئىلگىرى جۇڭگونىڭ دىپلوماتىيە باياناتچىسى لىۋىۇە ئوتكۇنچى ھوكۇمىتىنى ئېتىراپ قىلىش شارائىت پىشىپ يېدىلىشكە مۇھتاج دىگەن. ھازىر شارائىت پىشىپ يېتىلدى،ئىككى تەرەپ بۇنىڭدىن خۇشاللىققا چومدى دېدى.
مىسىر ئەلئېھرام سىياسەت تەتقىقات ئورنىنىنىڭ مۇتەخەسسىسى ئاگرى لىۋىيە ۋەزىيىتى ھازىر بۇرۇلۇش باسقۇچىدا تۇرۇۋاتىدۇ،ھازىرقى ۋەزىيەتتىن قارىغاندا ھاكىمىيىتىنىڭ قايتىدىن باش كوتۇرۇپ چىققۇدەك ئىمكانىيىتى يوق ،ئوكتىچىلەر ھازىر پايتەخت لىۋىرپولغا ھۇجۇم قىلىش ئالدىدا،بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەتنىڭ مۇھىم نۇقتىسى لىۋىيەنىڭ ئىشلىرىنى قايتا قۇرۇشتا،جۇڭگو بولسا خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ دائىمىي ئەزاسى،ھازىر ئېتىراپ قىلسىمۇ كېچىكمەيدۇ دېدى.جۇڭگو ئىزچىل ئادىل ھەققانىيەت ئورۇندا تۇرۇپ كەلدى،لىۋىيەنىڭ كوڭلىگىمۇ ئايان لىۋىيەنىڭ قايتا قۇرۇش ئىشلىرى جۇڭگونىڭ مەبلەغ ۋە تېخنىكىسىدىن ئايرىلالمايدۇ دېدى.
لىۋىيە ئەربابلىرى مەزكۇر مۇخبىرغا جۇڭگو قولدىن بېرىپ قويۇشقا بولمايدىغان ھەمكارلاشقۇچى،دېدى
لىۋىيىنىڭ شەرقىدىكى شەھەر بىنگازدىكى ئاخبارات خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان سۇلايمان مۇخبىرغا جۇڭگو لىۋىيە مەسىلىسىدە باشتىن ئاخىر ئادىل مەيداندا تۇرۇپ كەلدى.گەرچە جۇڭگو بىرلەشكەن دولەتلەر تەشكىلاتىنىڭ لىۋىيە ھوكۇمىتىنىڭ چەتئەلدىكى مال مۇلكىنى توڭلىتىشتا قوللاش بېلىتى تاشلىمىغان بولسىمۇ ،خۇدى لىۋىيە ئوتكۇنچى ھوكۇمىتىنىڭ رەئىسى ئېيقاندەك قارشى تۇرۇش بېلىتىمۇ تاشلىمىدى،بۇمۇ يەنىلا لىۋىيە ئوتكۇنچى ھوكۇمىتىنى قوللىغان بىلەن باراۋەر دېدى.
بەنگازىدىكى تەرجىمان ئابىد مۇخبىرغا جۇڭگونىڭ لىۋىيە ئۆتكۈنچى ھۆكۈمىتىنى ئېتىراپ قىلىشى دەل ۋاقتىدا بولدى،چۈنكى لىۋىيە ئۆتكۈنچى ھۆكۈمىتى ھازىر پايتەختنى قولغا ئېلىش ئالدىدا تۇرۇۋاتىدۇ،مۇشۇنداق ئەھۋال ئاستىدا جۇڭگو قولدىن بېرىشكە بولمايدىغان ھەمكارلاشقۇچى دېدى.ھەمدە جۇڭگو ھازىر دۇنيادىكى ئىقتىسادى ئەڭ كۈچلۈك دۆلەتلەرنىڭ بىرى،بۇنىڭدىن ئىلگىرىمۇ جۇڭگو بىلەن لىۋىيە نۇرغۇنلىغان ساھەلەردە ھەمكارلاشقان،بۇندىن ئىلگىرى شىمالى ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ لىۋىيىدىكى ھەرىكىتىگە قاتناشمىدى،ئەمما لىۋىيە خەلقىنىڭ نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا جۇڭگو ئىنتايىن دوستانە دۆلەت، لىۋىيەنىڭ قايتا قۇرۇش ئىشلىرى يەنىلا جۇڭگوغا موھتاج.