جاڭ مەنيۈ تۆت يىل ئارلاشقان يىگىتىدىن ئايرىلىپ كەتتى |
شىياڭگاڭ ئاخبارات ۋاستىلىرىدا يېقىندا مۇھەببىتىدىن ئايرىلغان جاڭ مەنيۈنىڭ ئۆزى تەنھا شىياڭگاڭغا قايتىپ كەلگەنلىكى توغرىسىدىكى خەۋەرلەر بەس-بەستە بېسىلدى. شۇنداقلا ئۇنىڭ شىياڭگاڭ كوچىلىرىدا مېڭىۋاتقان سۈرەتلىرى بېرىلدى. سۈرەتتە ئۇ بۇرۇنقىدىن كۆپ ياداپ كەتكەن بولۇپ، پەقەت 40.5 كېلوگىراملا كېلىدىكەن. ئۇنىڭ بۇ سۈرىتى جەمىئەتتە كۈچلۈك غۇلغۇلا قوزغىدى. 46 ياشقا كىرىپ قالغان جاڭ مەنيۈ 39 ياشلىق گېرمانىيىلىك قۇرۇلۇش ئىنژىنىرى Ole Scheeren بىلەن 4 يىلغا يېقىن ئارلاشقان. شۇنداقلا توي قىلىدىغانلىق توغرىسىدىكى خەۋەرمۇ تارقالغان. بىراق يېقىندا Ole نىڭ بېيجىڭدا يەنە باشقا ئىككى قىز بىلەن تېپىشىۋالغانلىقى ۋە جاڭ مەنيۈنى تاشۋىلەتكەنلىكى خەۋەر قىلىندى. ئەسلىدە ئۆزىنىڭ تويدىن كىيىنكى بەخىتلىك تۇرمۇشى ئۈستىدە شىرىن خىيال سۈرۈپ يۈرگەن جاڭ مەنيۈ بۇ زەربىدىن قاتتىق ئازابلانغان. ۋە مەخپى ھالدا شىياڭگاڭغا قايتىپ كەلگەن.
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2011-9-12 11:44:09 ئۇقۇلۇشى: 130 قېتىم] |
|