
كافكاز ئىتى ، دۇنيا بۇيىچە تىنى ئەڭ چوڭ ئىت ھېسابلىنىدۇ . ئۇ يەنە ياۋۇزلۇقى بىلەن داڭلىق چىقارغان ،ئۇ سوۋېت ئىتتىپاقىدا دۆلەت گۆھىرى ئاتىلىپ سىرتقا چىقىشى چەكلەنگەن ، ئۇ يەنە بىرلىندىمۇ ئىزلىرىنى قالدۇرغان ، شۇنداق قىلىپ ئۇ كىشىلەر تەرىپىدىن «ئىتلار پادىشاھى» دېگەن نامغا مۇيەسسەر بولغان .

1969-يىلى ،كافكاز ئىتى ئاخىرى شەرقنى گېرمانىيىگە ئىلىپ كېلىنگەن ، شۇنداقلا بېرلىننىڭ تېمىنى قوغداشتەك ئېغىر ۋەزىپە بېرىلگەن . كافكاز ئىتى ئادەتتە 9 يىلدىن 11 يىلغىچە ئۆمۈر كۆرىدىغان بولۇپ ، بۇينىڭ ئېگىزلىكى 64 سانتىمېتىردىن 72 سانتىمېتىرغىچە ، بەدەن ئېغىرلىقى 45 تىن 70 كىلوگرامغىچە بولىدۇ .

كافكاز ئىتىنىڭ پايدا بولغان ئەسلى ماكانى بولسا چېچىن قاتارلىق بۇرۇنقى سوۋېت ئىتتىپاقى ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونىدىكى قەدىمكى چوڭ تەنلىك ھايۋانلارغا قارايدىغان ئىتلار بولۇپ ، سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى ئاخىرلىشىشتىن بۇرۇن ئۇنى ھېچكىم بىلمەيتتى . قويۇق ئورمانلار ئارىسىدا ياشىغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭغا ھېچكىممۇ دىققەت قىلمايتتى . شۇڭلاشقا ئۇلار توغرىسىدا قالدۇرۇلغان خاتىرىلەرمۇ كۆپ ئەمەس ، سوۋېت ئىتتىپاقى مەزگىللىرىدە ، ئۇلار دۆلەت دەرىجىلىك ئەتىۋارلىنىدىغان ھايۋانلار قاتارىغا كىرگەن ، شۇنداقلا «سىرت» قا چىقىشى چەكلەنگەن .

كافكاز ئىتىنىڭ ئەجدادلىرى ، رۇسىيە سوۋېت چېگرىسى ، ياۋروپا بىلەن ئاسىيانى ئايرىپ تۇرىدىغان كافكاز تاغ تىزمىلىرى ، دېڭىز يۈزىدىن 4 مىڭ مېتىر ئېگىزلىكتىكى سوغۇق تاغلاردا ، شۇنداقلا ئىنتايىن ناچار بولغان تۇرمۇش شارائىتلىرىدا قورقماستىن قەيسەرلىك بىلەن ياشىغان . ئۇلارنىڭ ھەممىسى يايلاقنىڭ باتۇر مۇھاپىزەتچىلىرى بولۇپ قوي توپلىرىغا قاراش ئۇلارنىڭ ۋەزىپىسى بولغان ، ئۇلار بۇ خىزمەتنى 600 يىل داۋاملاشتۇرغان .

كافكازلىقلارنىڭ بۇ ئىتقا بولغان قارىشى ، ئۇلار ئىتلارنى ئۆينىڭ سىرتىدا باققان ھەمدە ئۇلارنى قويلارغا قارايدىغان ، قوغدايدىغان ۋە سوقۇشتۇرىدىغان دەپ ئۈچ تۈرگە ئايرىغان . قويغا قارايدىغان ئىت چوقۇم ئېغىر بېسىق ئىشەنچلىك ، قاۋۇل ، ئادەمگە ۋە ئۆي ھايۋانلىرىغا زىيان يەتكۈزمەيدىغان ئەمما ، قويلارنى يېنىك چىشلەپ قويۇپ ئۇلارنى قوي توپىغا يېتىشتۈرەلەيدىغان بولۇشى كېرەك . بۇنداق ئىتلار قوي توپىنى بۆرىلەرنىڭ ھۇجۇمىدىن قوغداپ قالالايدۇ .

باقمىچىلار دائىم ئۇلارغا ئېشىپ قالغان تاماقلارنى بېرىدۇ ، ئۇ بۇلارنى ئانچە ياقتۇرۇپ يەپ كەتمەيدۇ . شۇڭا ئۇلار يايلاقتا چاشقان ۋە توشقان قاتارلىق ھايۋانلارنى تۇتۇپ يېيىشكە ئادەتلەنگەن .

كافكاز ئەتراپىدىكى كىشىلەرنىڭ ئەزەلدىن ئىتىنى سېتىۋالىدىغان ئادىتى يوق ، شۇڭلاشقا ئۇلار دائىم ئىتنى سوۋغا ئورنىدا دوستلىرىغا سوۋغا قىلىدۇ . ئۇ يەردىكى كىشىلەر بۇ ئىتنىڭ يىڭى تۇغۇلغان بالىسىنى ئۆزلىرى ئىلىپ قالىدۇ ، چۈنكى ئىتلار ئۇزاق ياشىيالمايدۇ . مۇشۇنداق قىلىپ ئۇلارنى كۆپەيتىپ ماڭىدۇ .

قوغدىغۇچى ئىت بولسا ئۆينى قوغداشقا ئىشلىتىلىدۇ ، قويچى ئىتقا سېلىشتۇرغاندا ، بۇ ئىت ناتونۇش ئادەملەرگە نىسبەتەن كۈچلۈك قارىشى تۇرۇش ئالاھىدىلىكىگە ئىگە بولىدۇ ، لېكىن ئۇ چوقۇم خوجايىنىنى ھۆرمەتلىشى ۋە گېپىنى ئاڭلىشى كېرەك .
