توردا مۇھەببەتلەشكەن ئايالنى ئېرى بوغۇپ ئۆلتۈرۈپ جەسىدىنى پارچىلىۋەتتى |

چۇتىيەن گېزىتى خەۋىرى، ئاجرىشىشنى تەلەپ قىلغان ئايالى ئېرى بىلەن قاتتىق سوقۇشۇۋاتاتتى، بۇ چاغدا ئايالنىڭ توردىكى مۇھەببىتى تۇيۇقسىز تېلىفون ئۇرۇپ قالدى....غەزەپلەنگەن يولدىشى ئاچچىغىغا چىدىماي ئايالىنى شۇ يەردىلا بوغۇپ ئۆلتۈرىۋەتتى ھەمدە جەسىدىنى بۇزۇپ تونۇغۇسىز قىلىپ تاشلاپ قويدى. بۈگۈن، بۇ توردىكى مۇھەببەت تۈپەيلى كېلىپ چىققان پاجىئەگە ۋۇخەت ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسىدە سوت ئېچىلدى ۋە ئەر سوڭ X كە قەستەن ئادەم ئۆلتۈرۈش جىنايىتى بېكىتىلدى.
بۇ يىل 3-ئاينىڭ 21-كۈنى كەچ سائەت 9 لاردا، جىياڭشىيا رايونلۇق جىفاڭ كوچىسىدىكى مەلۇم ئىدارىنىڭ ياتىقىدا، ئايال چېنلى كارىۋاتقا يۆلىنىلىپ ئولتۇرۇپ ئېرى سوڭ X كە ئاجرىشىش ھەققىدە ئېغىز ئاچتى، ئىككى تەرەپ بۇ توغرىسىدا دېيىشىپ قىزىرىشىپ كەتتى. بۇ چاغدا چېنلى نىڭ يانفونى سايراپ قالدى، بۇ تېلىفوننى ئۇرغان دەل چېنلى نىڭ توردىكى ئاشىقى چېنچوڭ(توقۇلما) ئۇرغان بولۇپ، ئاجرىشىش ئىشلىرىنىڭ قانداقراق بولۇۋاتقانلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش ئۈچۈن ئۇرغان ئىدى، چېنلى «ھازىر مۇشۇ ئىش ئۈچۈن سوقۇشۇۋاتىمىز، سەل تۇرۇپ تېلىفون قىلاي» دەپ تېلىفوننى قويۇۋەتتى.
سوڭ X بۇ مەنزىرىنى كۆرۈپ، ئاچچىغىدا چىداپ تۇرالماي ئېتىلىپ بېرىپ چېنلىنىڭ گېلىدىن ئالدى ۋە تاكى چېنلى قايتا مىدىرلىمىغۇچە قويۇپ بەرمىدى. كەينىدىن، ئاشخانا ئۆيگە كىرىپ قايچا، چەيدو قاتارلىق نەرسىلەرنى ئەپچىقىپ ئايالىنىڭ جەسىتىنى پارچىلىدى، ھەتتا ئايالىنىڭ بېشىنى كېسىپ شورپا قىلىپ قاينىۋېتىپ ئىز قالدۇرماسلىقنىمۇ ئويلىدى. ئارقىدىن، توردىشى چېنچوڭ مەشۇقى چېنلىغا بىر ئىش بولغانلىقىدىن گۇمانلىنىپ ساقچىغا مەلۇم قىلدى.
3-ئاينىڭ 25-كۈنى سەھەردە، سوڭ X بىر دانە ئاپتوموبېل ئىجارە ئېلىپ كونا ئۆيىگە قاراپ قاچتى، شۇ كۈنى سەھەر سائەت 2 لەر ئەتراپىدا ئاندىن شۇ يەرلىك ساقچىلارغا ئۆزىنى مەلۇم قىلدى.
ئەھۋالنى بىلىدىغانلارنىڭ دېيىشىچە، سوڭ، چېن ئىككىيلەن ئىلگىرى ھېسىيات جەھەتتە بىرلىككە كېلەلمىگەچكە ئاجراشقان بولۇپ، كېيىن قايتا ياراشقان، ئەمما ھېسىيات جەھەتتىكى ئاساسى پۇختا بولمىغاچ، چېنلى توردىشى چېنچوڭغا ئاشىق بولۇپ قالغان ۋە شۇندىن باشلاپ ئىزچىل ئېرىنى ئاجرىشىش رەسمىيىتى بېجىرىشكە سۈيلىگەن. مەنبە: news.ifeng.com
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2011-9-2 10:57:29 ئۇقۇلۇشى: 237 قېتىم] |
|