| پايچېكى ئۇستىسى باففىت ئامېرىكىلىق بايلارنى كۆپلەپ باج تاپشۇرۇشقا چاقىردى | 
 
 
 
  
15-ئاۋغۇست   ئامېرىكىدىكى مەشھۇر مەبلەغ سالغۇچى باففىت  ئامېرىكىدىكى بايلارنى كۆپلەپ باج تاپشۇرۇپ ،دۆلەتنىڭ مالىيە ئەھۋالىنى ياخشىلاشقا چاقىردى. پايچېكى پىرى دەپ نام ئالغان باففىت «نيۇ-يورك ۋاقىت گېزىتى»دا "بايلارنى ئارزۇلاشنى توختىتايلى "دېگەن تېمىدا ماقالە ئېلان قىلىپ ،نامراتلار ،ئوتتۇرا قاتلامدىكى پۇقرالار ئافغانىستاندا دۆلەت ئۈچۈن جەڭ قىلىۋاتىدۇ ،ئەمما ماڭا ئوخشاش بايلار يەنىلا باجنى ئازايتىش ئېتىبارىدىن بەھرىمەن بولماقتا . پارلامېنت بايلارغا ئېتىبار قىلىشنى توختىتىدىغان ۋاقىت يىتىپ كەلدى دەپ كۆرسەتتى. ئۇ يەنە ئوبامانى  ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ ،بايلارنى ۋەتەن ئۈچۈن قۇربان بېرىشكە ،دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقىنى بىرلىكتە ئۆز-ئۇستىگە ئېلىشقا يېتەكلەشنى تەلەپ قىلدى. 
| [ئاپتورى:   مەنبەسى:   ۋاقتى: 2011/8/27 13:17:56  ئۇقۇلۇشى: 202 قېتىم] |  
 
 |