قەھۋە باھاسىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشنىڭ سەۋەبى نېمە |

دۇنيا ئاشلىق باھاسى ھازىر بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى 1996-يىلى ئېلان قىلىپ خاتىرىلىگەندىن كېيىنكى ئەڭ يۇقىرى باھا ئورۇندا تۇرماقتا.ئاشلىق باھاسى ئۆرلەپ كېتىشنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى بولسا ھاۋا رايى ۋە كىلىماتىنىڭ ياخشى بولماسلىقى ۋە ئاشلىققا بولغان ئېھتىياجنىڭ ئۈزلۈكسىز ئېشىشى ئىكەن.بىر قىسىم مۇتەخەسسىسلەر ئاشلىقنى بىئو-يېقىلغۇ قىلىشقا قاتتىق قارىشى تۇرىدىكەن.ئەمما،ئاشلىق باھاسىنىڭ ئۆرلىشى ھەرگىز تەمىنلەش مەنبەسىنىڭ كەمچىل بۇلىشىدىن ئەمەسكەن. قەھۋە باھاسى يېقىنقى ئالتە ئىچىدە %50 ئۆرلەپ ،13 يىل ئىچىدىكى ئەڭ يۇقىرى نۇقتىغا يېتىپتۇ.قەھۋە تېرىغۇچىلارنىڭ پەرىزىچە بۇ يىل تېرىلغان قەھۋە كۆلىمى ئۆتكەن يىلدىكىدىن %10 ئېشىپتۇ. JM Smucker بولسا ئامېرىكىدىكى مېۋە ئۇيۇتمىسى ۋە مېۋە شەربىتى بىلەن داڭ چىقارغان شىركەت.ئەمما،JM Smucker شىركىتىنىڭ ئامېرىكىدا (Folgers) ماركىلىق نەپىس ئورالغان قەھۋەسى بار ئىكەن،بۇ قەھۋە رېستورانلارغا كىرگەندىن كېيىن ئۇنىڭ باھاسى خېلىلا ئۆرلەپتۇ.JM Smucker شىركىتىنىڭ ئۆتكەن ھەپتىنىڭ ئىككىنچى كۈنى كۆرسىتىشىچە،قەھۋەنىڭ ئوتتۇرىچە باھاسى كەلگۈسىدە يەنە %10 ئۆرلەيدىكەن.قەھۋە باھاسىنى تەڭشەش ئۈچۈن ئەڭ ئاۋۋال قەھۋە پۇرچىقىنىڭ باھاسىنى تەڭشەش زۆرۈر ئىكەن. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ دېيىشىچە،قەھۋە باھاسىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئۆرلىشى ئاساسلىقى ،كىشىلەرنىڭ قەھۋەگە بولغان ئىشتىياقى، شۇنداقلا قەھۋە ئىچىشتىن ۋاز كېچەلمەي يۇقىرى باھادا سېتىۋېلىشىدىن بولغان ئىكەن. Mark warmut شۇ يەرلىك داڭلىق قەھۋە سودىگىرى ،ئۇ ھاياجانلانغان ھالدا “قەھۋە تەمىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ،نۇرغۇن كىشىلەر بىر ئىستاكان ئېسىل قەھۋە ئىچىشنى تولىمۇ ئارزۇ قىلىدۇ ” دېدى.ئۇ يەنە “ئەڭ ئېسىل قەھۋە زادى قايسى ؟بۇنىڭ ھېچ قانداق ئۆلچەملىك جاۋابى يوق.مېنىڭچە بۇ كىشىلەرنىڭ ياخشى كۆرۈشى ۋە تەم ئۆزگىرىشىگە مۇناسىۋەتلىك بۇلىشى مۇمكىن” دەپ كۆرسەتتى. Mark warmut نىڭ M.E.Swing ماركىلىق ئېسىل قەھۋە ماركىسى بولۇپ،ئۇ قەھۋە ۋاشىنگتونغا يېقىن يالىشەندا دېگەن جايدا ئۆستۈرۈلىدىكەن.ئۇ“بىر قىسىم قەھۋە سودىگەرلىرى بىرلىشىپ مېنىڭ بۇ قەھۋەيىمگە قىزىقىدىغان بىر تۈركۈم خېرىدارلارنى جەلپ قىلدى ۋە مېنىڭ سودامنى جانلاندۇردى” دەپ چۈشەندۈردى. Mark warmut يەنە :“كىشىلەرنىڭ قوغلىشىدىغىنى بولسا مېنىڭ قەھۋەيىمدىنمۇ ئېسىل قەھۋەنى تېپىش.ئۇلارنىڭ ئىزدەيدىغىنى بىر قىسىم كىچىك ،نەپىس، تېخنىكىسى ئىلغارراق بولغان قەھۋە دۇكانلىرى.مەن ئىشىنىمەنكى ،مېنىڭ شىركىتىمنىڭ دۇكانلىرى دەل كىشىلەر ئارزۇ قىلىدىغان كىچىك نەپىس دۇكانلار.بىزنىڭ شىركەت ئىشلىتىدىغىنى ئەڭ ئېسىل قەھۋە پۇرچىقى،شۇڭا كىشىلەرنى ئېسىل قەھۋە مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەيمىز.گەرچە بىزنىڭ كۆلىمىمىز كىچىك لېكىن بىز چوڭ گۇرۇھلارنىڭ بىز بىلەن رىقابەتلىشىشىنى قارىشى ئالىمىز.ئەمما Mark warmut چوڭ گۇرۇھلارنىڭ قەھۋە ئىشلەشنىڭ ناھايىتى مۈشكۈل ۋەزىپە ئىكەنلىكىنى كىشىلەرگە بىلدۈرگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.شۇڭا كىشىلەر ئىقتىسادى قېيىن ئەھۋاللاردا ساياھەتكە چىقماسلىققا رازىكى ،قەھۋە ئىچىشتىن ۋاز كېچەلمەيدىكەن. Mark warmut نىڭ كۆلىمى گەرچە كىچىك بولسىمۇ ،ئۇ باشقا شىركەتلەرنى ۋە رېستورانلارنى قەھۋە بىلەن تەمىنلەيدىكەن،Mark warmutنىڭ ئەڭ خۇشال بولىدىغىنى ئونىڭ بىر قەھۋە دۇكىنى ۋاشىنگتوندىكى ئاق ساراينىڭ يېنىدا ئىكەن.بۇ جايدا قەھۋە باھاسى گەرچە بەك قىممەت بولسىمۇ ،قەھۋە سېتىۋالغۇچىلارنىڭ ئايىغى يەنىلا ئۈزۈلمەيدىكەن. كىشىلەرنىڭ قەھۋەگە بولغان يۇقىرى تەلىپى قەھۋە باھاسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈۋېتىپتۇ،بۇنىڭ ئىچىدە برازىلىيە كىشىلىرىنىڭ قەھۋەگە بولغان تەلىپى يۇقىرى بولغاچقا،برازىلىيە دۇنيادىكى ئەڭ كۆپ قەھۋە ئىمپورت-ئېكسپورت قىلىدىغان دۆلەتكە ئايلىنىپتۇ.
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2011/8/26 18:47:31 ئۇقۇلۇشى: 168 قېتىم] |
|