«ئىناۋەتلىك كارتا ئالدامچىلىقى جىنايىتىنى باشقۇرۇشقا دائىر مەسىلىلەر توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش» چىقىرىلدى |

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 25-ئاۋغۇست بېيجىڭ خەۋىرى:
ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى يېقىندا «ئىناۋەتلىك كارتا ئالدامچىلىقى جىنايىتىنى باشقۇرۇشقا دائىر مەسىلىلەر توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش» چىقاردى. ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: ئوغرىلاش، سېتىۋېلىش قاتارلىق ۋاسىتىلەر ئارقىلىق باشقىلارنىڭ ئىناۋەت كارتىسى ئۇچۇرى ماتېرىيالىغا ئېرىشكەندىن كېيىن باشقا يەردە ئىشلەتكەن ئىناۋەت كارتىسى ئالدامچىلىقى دېلولىرىغا ئىناۋەت كارتىسىنى ئىلتىماس قىلغان ئورۇندىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى، خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، خەلق سوت مەھكىمىلىرى قانۇن بويىچە دېلو تۇرغۇزسا، ئەرز سۇنسا، سوت قىلسا بولىدۇ.
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2011/8/26 18:26:00 ئۇقۇلۇشى: 153 قېتىم] |
|