ئالاقە باشقۇرۇش ئىدارىسى: تور توختايدۇ دېگەنلەر پۈتۈنلەي ئۆسەك سۆز |
تەڭرىتاغ تورى مۇخبىرى ۋاڭ تاۋ ۋە ئاسىيا كىندىكى تورى مۇخبىرى جاۋمىينىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يىقىندىن بۇيان تورداشلار ئارىسىدا تارقالغان «تور يەنە توختايدىكەن» دىگەندەك سۆزلەرگە قارىتا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەۋەرلىشىشنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئەلى ھەسەن ئېنىق ئىپادە بىلدۈرۈپ، «تور توختايدۇ دىگەن سۆزلەر پۈتۈنلەي ئۆسەك سۆز!» دىگەن.
8-ئاينىڭ 24-كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەۋەرلىشىشنى باشقۇرۇش ئىدارىسى، شىنجاڭ تىلگىراف شىركىتى، شىنجاڭ كۆچمە خەۋەرلىشىش شىركىتى، شىنجاڭ بىرلەشمەخەۋەرلىشىش شىركىتى قاتارلىق شىركەتلەر بىلەن بىرلىكتە، تۇنجى نۆۋەتلىك جوڭگۇ ئاسىيا- ياۋرۇپا يەرمەنكىسى مەزگىلىدىكى خەۋەرلىشىشكە كاپالەتلىك قىلىش تەييارلىق ئەھۋالى ھەققىدە ئاخبارەت ۋاستىلىرىگە خەۋەر قىلغان. ئەلى ھەسەننىڭ دىيىشىچە، جوڭگۇ ئاسىيا- ياۋرۇپا يەرمەنكىسى مەزگىلىدە خەۋەرلىشىشكە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، شىنجاڭدىكى ئۈچ چوڭ خەۋەرلىشىش شىركىتى بىرلىكتە رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى قۇرغان ۋە تەييارلىق خىزمەتلەرنى تاماملىغان، ئۇ يەنە سۆزىدە، «شىنجاڭ خەۋەرلىشىش كەسپىنىڭ جوڭگۇ ئاسىيا- ياۋرۇپا يەرمەنكىسىنى بىخەتەر، راۋان، قولايلىق خەۋەرلىشىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ دىگەن.
مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى ئەلى ھەسەننىڭ چۈشەندۈرىشىچە: «تور قامال قىلىش» پەقەت خەۋەرلىشىش كەسپىنىڭ ئىچكى ئاتالغۇسى بولۇپ، ئەسلىدە خەۋەرلىشىش تورى قۇرۇلۇشى قىلىش، سېستىما ئايرىش ۋە يېڭىلاش قاتارلىق قۇرۇلۇشلارنى توختىتىشنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ، تورداشلار دىگەندەك «تورنى ئۈزۈش» ئەمەس، «تور قامال قىلىش» پەقەت يەرمەنكە مەزگىلىدە خەۋەرلىشىش تورىنىڭ تېخىمۇ ياخشى خىزمەت قىلىشى ئۈچۈندۇر. مەنبە: www.kokkaptar.com
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2011/8/26 17:59:06 ئۇقۇلۇشى: 145 قېتىم] |
|